ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )
ھازىر جۇڭگودا توشقان كالپۇك (兔唇 ،Cleft lip ) بالىدىن تەخمىنەن 2 مىليۇن 400 مىڭى بولۇپ، بۇلارنىڭ نۇرغۇنى يېزىلاردىكى دېھقان باللىرى ئىكەن، گەرچە توشقان كالپۇك (兔唇 ،Cleft lip ) نى ئوڭشاش ئوپراتسىيىسىنىڭ پۇلى ئانچە قىممەت بولسىمۇ، نۇرغۇن بالىلار ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىنماي، چوڭ بولغاندا چىرايىدىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا نۇرغۇن يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.
2007-يىلى شىنجاڭدىن چىققان داڭلىق ئارتىس لى ياپېڭ ( 李亚鹏 ) ۋە ئايالى ۋاڭ فېي( 王菲 ، شىياڭگاڭ ناخشا چولپىنى ) بىر مىليون پۇل چىقىرىپ ، مەخسۇس نامرات ئائىلىلەرنىڭ كالپۇك ۋە تاڭلىيى يېرىق ( توشقان كالپۇك) بالىلارنى داۋالاش ئۈچۈن بىر فوند قۇردى ۋە قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن يەنرەن پەرىشتە فوندى ( 嫣然天使基金 ) دەپ ئاتىدى. بۇ فوند نامرات ئائىلىلەرنىڭ كالپۇك ۋە تامغىقى يېرىق ( توشقان كالپۇك) بالىلىرىنىڭ كالپۇك ئوڭشاش ئوپراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلار كۆپ قېتىم سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق چولپانلاردىن نۇرغۇن ئىئانە يىغىپ، بۇ فوندنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسىنى پۈتۈن جۇڭگوغا كېڭەيتتى. لى ياپېڭ ئانا يۇرتىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ فوندنىڭ تۇنجى ياردەم بېرىش پائالىيىتى ۋەئىش باشلاش مۇراسىمىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزدى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ۋە تاراتقۇلار ئالدىدا شىنجاڭدىكى بارلىق توشقان كالپۇك (兔唇 ،Cleft lip ) بالىنى داۋالاپ ساقايتىشقا ۋەدە بەردى.
http://player.youku.com/player.php/sid/XMTQzNDYwMzU2/v.swf
2009-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭدىكى 80 دىن ئارتۇق توشقان كالپۇك بالا مۇشۇ فوندنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئوپراتسىيە قىلىندى.
بۇ فوند كالپۇك ياكى تاڭلاي ئوڭشاش ئوپراتسىيىسىنىڭ بارلىق چىقىمى ۋە يىراق جايلاردىن كەلگەن نامرات دېھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ يول كىراسى، ئوپراتسىيە جەريانىدىكى ياتاق،تاماق قاتارلىق بىر قىسىم چىقىملىرىنى كۆتۈرىدۇ.
بۇ فوندنى جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى ( 中国红十字基金会 ) ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.شۇڭلاشقا توشقان كالپۇك بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھامىيسى( ئاتا-ئانىسى) شۇ جايدىكى قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا، قىزىل كرېست جەمئىيىتى بۇ فوند بىلەن ئالاقىلىشىپ، شەرتكە چۈشكەن بالىلارنى شىنجاڭدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا- ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى(2-دوختۇرخانا)غا ئاپىرىپ ئوپراتسىيە قىلىدۇ.
ئەگەر سىز قىزىل كرېستنى تاپالمىسىڭىز ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوڭۇشلۇق بولمىسا، خەنزوچىنى ئوبدان بىلىدىغان بىرەرسىنى تېپىپ، http://www.crcf.org.cn/sys/so.asp?lm2=11، مۇنۇ تور بەتكە چىقىپ تەپسىلى كۆرۈپ، شۇنىڭدىكى ئالاقىلىشىش ئادرېسى بويىچە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىن بىۋاستە ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز 0991-2570705 غا ئۇرۇپ مەنسۇرنى ياكى 0991-2575208دىن مېڭ لىجۈننى ئىزدەڭ.
بۇ ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماتېرياللارنى تەييارلايسىز.
1. بالىنىڭ كىملىك ياكى نوپۇسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى
2. قانۇنلۇق ھامىيسى(ئاتا-ئانىسى)نىڭ بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسپات(نۇپۇس دەپتەر)
3. يەنرەن پەرىشتە فوندى ياردەم تەلەپ قىلىش گىرافىسى( توردىن چۈشۈرۈڭ ياكى قىزىل كرېستتىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ)
4. ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن چىقىرىپ بەرگەن بالىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى
5. بالىنىڭ يېشى ئىككى ياشتىن كىچىك، شەھەر نۇپۇسىدىكى نامرات ئائىلە بولسا يەنە تۇرۇشلۇق تەۋەلىكتىكى ئاھالىلار كومتېتىدىن چىقىرىپ بەرگەن تۇرمۇش قىيىنچىلىق ئىسپاتى.
ياردەم تەلەپ قىلغۇچى بۇ فوندنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تولۇق چۈشەنگەن ئاساستا،ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كالپۇك ياكى تاڭلاي ئوڭشاش ئوپراتسىيىسى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تەكشۈرتىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
كالپۇك ئوڭشاش ئوپراتسىيىسى قىلىش چەكلەنگەن ئەھۋاللار ياكى كېسەللەر
1.بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 5 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا؛
2. قان قىزىل ئاقسىلى(ھەر يۈز مىللىلېتىردا)10 گىرامدىن تۆۋەن بولسا؛
3. ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى( ھەر كۇپ مىللىلېتىردا) 104تىن يۇقىرى بولسا ياكى قاننىڭ قېتىشىش ئىقتىدارى بىنورمال بولسا؛
4. بالىنىڭ يېشى 10 ھەپتە(2يېرىم ياش)تىن ئاشمىغان بولسا؛
5. بالىدا يۇقۇملىنىش، زۇكام ياكى نەپەس يولى ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەندە؛
6. ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە؛
7. يۈز قىسىمى، ئېغىز بوشلۇقى ياكى ئېغىز، قۇلاق، بۇرۇننىڭ ھەر قاندىقىدا يۇقۇملنىش كۆرۈلگەندە؛
8. بادامبەز ئىششىپ قالغان بولسا ئوپراتسىيەدىن كېيىن نەپەس قىيىنلىشىش مۇمكىن؛
9. ئوپراتسىيەدە پۈتۈن بەدەن مەست قىلىنىشى مۇمكىن.