نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بۇ بىلسەڭ بىقىياس بەختىڭ

گەر ئۆز ئېلىڭ – خەلقىڭ قەدىرلەپ سېنى،
‹‹ ئوغلۇم ›› دېسە سۆيۈپ، بېشىڭنى سىيلاپ.
ئۆيۈڭ مورىسىدىن چىقسا تۈتۈنى،
ھويلاڭدا بالىلار چاپسا دومىلاپ -
بۇ سېنىڭ بەختىڭدۇر، بىقىياس بەختىڭ.

جان ئاتاڭ دۇئاغا قول ئاچسا ھەرچاغ،
جاپاكەش ئاناڭمۇ ياپسا ئىسسىق نان.
تازىم ئەتسە كېلىن، ئۇل قۇتلۇق قەدەم،
قايناپ تۇرسا روزىغاردا قازان،
بۇ سېنىڭ بەختىڭدۇر، بىقىياس بەختىڭ.

[align=center]باغىڭ چىرايىدىن ياشنىسا يۈرەك،
ئارقىدا تىنىق سۇ ئاقسا شارقىراپ،
ھەربىر كۈن خۇشلۇقتىن بولسا بىر ۋاراق،
شادلىقتىن كۆزلەردىن ياش چىقسا چاچراپ،
بۇ سېنىڭ بەختىڭدۇر، بىقىياس بەختىڭ.

شۈكرانە ئەيلىگىن ئالىي تەقدىرگە،
ئەزىزلە ھەر باسقان قەدىمىڭ دۇر دەپ،
بىھۇدە ئاتىڭنى بۇرما ئوي – قىرغا،
ئۆمۈر ئات يۈگەنى كەتمىسۇن ئۈزۈلۈپ،
بۇ بىلسەڭ بەختىڭدۇر، بىقىياس بەختىڭ.[/align]

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بۇ بىلسەڭ بىقىياس بەختىڭ

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟