نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىر پۇڭنىڭ كۈچى

سىزگە ئەگەر مۇنداق ئىككى خىل خىزمەتتىن بىرنى تاللاش پۇرسىتى كەلسە، سىز قايسسىنى تاللايسىز؟

بىرىنچى  خىزمەتتە سىزگە بېرىلىدىغان مائاش مۇنداق، بىرىنچى كۈنلۈك مائاشىڭىز بىر پۇڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر كۈنلۈك مائاشىڭىز ئالدىنقى كۈنلۈك مائاشىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھېساپلىنىدۇ.

ئىككىنچى خىزمەتتە كۈنلۈك مائاشىڭىز 10،000 يۈەن

ھەر ئىككى خىزمەتنىڭ مۇددىتى پەقەت بىر ئاي.

ياخشى ئويلىنىپ بىرنى تاللاڭ، تاللىشىڭىز توغرىمۇ ئەمەسمۇ، تۆۋەندىكى ھېساباتنى كۆرۈپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز.

قارىماققا كۈنلۈكى بىر تۈمەن سوم بېرىلىدىغان خىزمەتنى تاللاش ئىنتايىن ئاقىلانىلىكتەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا بىر ئاينى 30 كۈن دېسەك، بىر ئايلىق مائاش 30 تۈمەن سوم دىگەن گەپ!

ئەمما بىز ئىككىنچى خىزمەتنىڭ  مائاشىنى تەپسىلى ھېساپلاپ باقايلى. بىرىنچى كۈنى 1 پۇڭ، ئىككىنچى كۈنى 2 پۇڭ، ئاندىن كېيىن 4 پۇڭ، 8 پۇڭ، 16 پۇڭ……مۇشۇنداق ھېساپلىساق، 10-كۈنىگە كەلگەندە كۈنلۈك مائاشىڭىز ئاران 5 سوم 12 پۇڭ بولىدۇ. ئەمما داۋاملىق ھېساپلاپ كۆرۈڭ، 25-كۈنىگە بارغاندا كۈنلۈك مائاشىڭىز 16 تۈمەن بولىدۇ، 30-كۈنىگە كەلگەندە بولسا 5 مىليوندىن ئاشىدۇ! شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايدا  جەمئىي تاپىدىغىنىڭىز 10 مىليون 700مىڭ يۅەن بولىدۇ.

بۇنى تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا تەدبىقلىساق، ھازىرقى ئىستىمال سەۋىيە ۋە مال باھاسى بويىچە بولغاندا بىر پۇڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، ھەتتا يولدا ئۇچراپ قالسا دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن، ئەمما مۇشۇنداق بىر پۇڭ بىر پۇڭدىن ئايلاپ يىللاپ يىغىپ باقساق، ئاشۇ بىر پۇڭ ئارقىلىق بەلكىم ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلالىشىمىز، بىرەرسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلىشىمىز، كېسەل داۋالىتىشىغا ياردەم قىلالىشىمىز، ھەتتا ھاياتىنى ساقلاپ قالالىشىمىزمۇ مۇمكىن. يەنە مىسال سىز بۇ ھەپتە 2 ئادەمگە ياردەم قىلسىڭىز، ئۇ ئىككى ئادەم كېيىنكى ھەپتە يەنە ئىككىدىن ئادەمگە ياردەم قىلسا، بۇ 4 ئادەم يەنە داۋاملىق 8 ئادەمگە ياردەم قىلسا….. مۇشۇنداق روھ ۋە كەيپىيات داۋاملاشسا،نەچچە يىلدىن كېيىن مۇشۇ دەسلەپكى ئىككەيلەنگە ياردەم بەرگەن كىشىنىڭ تەسىرى بىلەن مىليونلىغان ئادەم ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، تۇرمۇشىدا، ھاياتىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ياسىيالايدۇ.

مانا بۇ بىر پۇڭنىڭ كۈچى، مانا بۇ تامچە سۇ تاشنى تېشەر دىگەن ماقال-تەمسىلنىڭ ئىسپاتى.

«بىر پۇڭنىڭ كۈچى» ناملىق كىتاپتىن نەقىل ئېلىندى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بىر پۇڭنىڭ كۈچى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بىرزات مۇنداق يازغان:

    راس، كۆزگە كۆرۈنمىگەندەك تۇرغان بىلەن بىر پۇڭ -بىرپۇڭدىن يېغىلىپ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بايلىق يېغىلىدۇ. بۇ بىر پۇڭنىڭ كۈچىنى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى سودا ئېڭىدىن زامانىۋى سودىغا يۈرۈش قىلىشتىكى ماياك قىلىشقىمۇ بولغۇدەك.

  2. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    مېنىڭ نەزىرىمدە يەككە شەخس ( يالغۇز ئادەم ) مۇ گوياكى مەزكۇر يازمىدا بايان قىلىنغان بىر پۇڭدۇر ۋە ياكى ھېكمەتلىرىمزىدىكى بىر تامچە سۇدۇر.
    ئەمما ئەپسۇسكى، كۆپىنچىمىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ قىممىتى ۋە رولىغا سەل قارايىمىز. ‹‹ مەن بىر ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلمەكچى ئىدى ، مەن كۈچىگەنگە نېمە نەتىجە چىقماقچى ئىدى … ؟ ›› غا ئوخشاش زەيپانە قاراش ۋۇجۇدلىرىمىزنى چىرماپ،ھېس – تۇيغۇمىزنى گال، كىشىلىكىمىزنى ماز قىلماقتا… شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن دىگۈدەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن قاچىمىز. جەمئىيەتنىڭ تۇرقى ۋە كېتىۋاتقان يولى بىلەن ھېچبىرىمىزنىڭ كارى يوق…
    يۇقىرىقى باش يازمىدا ئېيتىلغاندەك ئايرىم ھالدىكى بىر پۇڭنىڭ قىممىتى تولىمۇ چەكلىك بولغان بىلەن، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا ۋە ياكى يىغىلغاندا ئۇنىڭ قىممىتى مىسلىسىزدۇر. جۈملىدىن، بىز يەككە شەخسلەرمۇ ھەم شۇنداق، بىز ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتىمىز ۋە رولىمىزنى توغرا تونۇپ، چامىمىزنىڭ يېتىشچە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىمىمىزگە ئېلىپ، توغرىنى قوللاپ، ئەگرىنى تۈزلەپ، ئاجىزنى يۆلەپ تۇرساق، بىزگە ئوخشاش ئاددىي ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئۇششاق ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمى جۇغلىنىپ غايەت زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بوھران ئەپەندى ئېيتقاندەك، بىز ئۈچۈن قەدرىسىز قارالغان بىر پۇڭ، بىز ئۈچۈن كىچىك تۇيۇلغان ئىشلار ئايرىم كىشىلەر ئۈچۈن ئاسمانغا چىقماقتىن قىيىن ھېسابلانغان ئىش بولۇشى ياكى مەلۇم كىشىلەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك بەخت ۋە يېڭى ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن…
    سۆزۈمنى يىغسام، بىز ئۆزىمىزنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن قاچماسلىقىمىز كېرەك.

بىرزات 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟