نەزمىي پارچىلار
م ئا يۈكسەل
بۇ پارچىلار جەمەتىمىزنىڭ مۆتىۋىرى ( تاغام ) م ئا يۈكسەل ئەپەندى پېقىرغا ئاتاپ يېزىپ بەرگەن نەزمىي پارچىلار ئىدى. بۈگۈن بلوگىمغا يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. قېنى كۆپچىلىك بىرلىكتە بەھرى ئالغان بولساق.
قۇتلۇق بولسۇن << يۈكسەل بلوگى >> قۇتاتسۇن،
بىلگە ئىچرە، يۇلتۇز كەبى يۈز ئاچسۇن.
دەرھەقىقەت << ئېيتقان سۆزكى ئاتقان ئوق>>،
ئويلاپ، دەڭسەپ ئەلگە نەپلىك سۆز ئاچسۇن،
*** *** ***
ئۈمىد چوڭ ، تىلەك ھەم ئەلقەم يۈكسەلدىن،
ياش چاغدا ئۆتكەي دەپ نى – نى ئۆتكەلدىن.
شىجائەت ئېتىغا مىنگىن ئەي ئوغلان،
ئەجىرسىز تەييار ئاش يوقتۇر ئەزەلدىن.
*** *** ***
ئوخشىماس ھەركىمنىڭ ياشاش غايىسى،
ئۆگىنىش ، خىزمەتتە ئۆرلەش پايىسى.
گەر بولساڭ ئوت يۈرەك تىرىشچان ئوغلان،
نەھاجەت باشقىنىڭ ھىممەت سايىسى.
*** *** ***
بىلىمنىڭ كاتتىسى شىپائىي تېببىي.
ھاياتنى ياشنىتار ئىللىق نۇر كەبىي.
بولاقتەك قەدىرلىك تېبابەت ئىلىمى،
نەپ ئالار ئۇنىڭدىن قېرى، ياش ، سەبىي.
( بۇ نەزمىنى بۇندىن 5 يىللار بۇرۇن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېببىي ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان چېغىمدا يېزىپ بەرگەن ئىدى. )
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: نەزمىي پارچىلار ( م ئا يۈكسەل )
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! يۈكسەل ئەپەندى! يۈكسەل بىلوگىنى دىلكەش613بلوگى دا ئۇلىنىش قىلغىلى يېرىم يىل بولدى ، سىز دىلكەش613بلوگىنى تېخىچە ئۇلىنىش قلماپسىز غۇ؟
ئادرىس:
http//dilax613.blogbus.com
[reply=Yuksel,2009-03-09 11:26 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ، توردىشىم. دىلكەش بلوگى خېلى بۇرۇنلا يۈكسەل بلوگىنىڭ خاس ئۇلىنىش بېتى بولغان < < يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> دە كۆرۈنەرلىك جايدا ئۇلىنىش قىلىنغان ئىدى.
كۆرۈپ باققايسىز!
http://www.yukselblog.cn/bloglar//reply