تۆۋەندىكىلەرئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشكە ئائىت كۆپ سورايدىغان سۇئاللار
بۇ دورىلار ئادەتتە كۈندە قانچە ۋاق ئىچىلىدۇ؟
ئەگەر بىر ۋاقلىق دورىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالسام ،قانداق قىلىمەن ؟
ئەگەر دورا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ياندۇرۋەتسەم قانداق قىلىمەن ؟
تاماق ۋاقتىغا قارىتا چەكلىمە بارمۇ يوق؟
بۇ دورىلار ئادەتتە كۈندە قانچە ۋاق ئىچىلىدۇ؟
كۆپ قىسىم ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىر كۈندە ئىككى ۋاق ئىچىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، يەنى ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ،ھەر 12سائەتتە بىر قېتىم ئىچىش لازىم .
يەنە بىر قىسىم دورىلارنى بىر كۈندە بىرلا ۋاق ئىچىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، بۇ خىل دورىلارنىمۇ ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىچىش كىرەك .
ئەگەر بىر ۋاقلىق دورىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالسام ،قانداق قىلىمەن ؟
ئەگەر سىز بىر ۋاقلىق دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تۆت سائەتنىڭ ئىچىدە تولۇقلاپ ئىچىۋالسڭىز بولىدۇ .
لېكىن، دورا ئىچىش تۆت سائەتتىن كېيىن ئېسىڭىزگە كەلگەن بولسا ،شۇ ۋاقلىق دورىنى تولۇقلاپ ئىچىشكە بولمايدۇ. كېلەر قېتىملىق دورا ئىچىش ۋاقتى كەلمىگىچە دورا ئىچمەسلىكىڭىز لازىم .
ئىككى ۋاقلىق دورىنى بىرلا قېتىمدا ئىچىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ .
ئەگەر دورا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ياندۇرۋەتسەم قانداق قىلىمەن ؟
ئەگەر دورا ئىچىپ بولغاندىن كېيىنكى بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ياندۇرغان بولسىڭىز ،شۇ ۋاقلىق دورىنى قايتا تولۇقلاپ ئىچىسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەر ۋاقىت بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ،دورىنى قايتا ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ چاغدا دورا ئاللىقاچان بەدىنىڭىزگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ .
دورىلارنى تاماق ۋاقتىغا قاراپ ئىچىش كېرەك .
بىر قىسىم ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىچىش تاماق ۋاقتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ .
ئەگەر دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدە “ توق قورساق ئىچىلسۇن“ دېيىلگەن بولسا :
بۇ خىلدىكى دورىلارنى چوقۇم تاماق يىيىش جەريانىدا ياكى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككى سائەتنىڭ ئىچىدە ئىچىش لازىم .
ئەگەر ” ئاچ قورساق ئىچىلسۇن“ دېيىلگەن بولسا :
بۇ خىل دورىنى چوقۇم تاماق يىيىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ياكى تاماق يەپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىچىش كېرەك .
ئەگەر قورساقنىڭ ئاچ-توقلۇقىغا نىسبەتەن ھىچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغان بولسا ، دورىنى تاماق يىيىش جەريانىدا،تاماقتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىچىۋەرسىڭىز بولىدۇ .
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ۋىرۇسقا قارشى دورا توغىرلىق سۇئال-جاۋاپلار