نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

خۇدا خالىسا …

خۇدا خالىسا

ئادەم يەر يۈزىدىكى بارچە مەخلۇقلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ شەيتان ( ئىبلىس ) بىلەن تىل تېپىشقان، دەپ يازغان ئىكەن چىڭگىز ئايتىماتوۋ. شۇندىن بۇيان ئادەمزات خۇدانى سەل يادىدىن چىقىرىپ قويسا، ئىمانى سۇسلىشىپ، ئىچىدىكى شەيتان قىملداپ قالاركەن.

خوجا نەسىردىن بىر كۈنى خاتۇنىغا پولۇ ئەتكۈزۈپ،- بۈگۈن بىر ئاش يەيلى ، دەپ ئىشتىھاسىنى چاغلاپ تۇرسا، << خۇدا خالىسا دېسىلە >> ، دەپتۇ ئايالى. بۇنىڭغا جاۋابەن خوجا نەسىردىن << ئاش كەلدىغۇ مانا، خۇدا خالىسا دېسەم دېمىسەم يەيمەنغۇ ھامان >> دەپ ، قولىنى تاۋاققا ئۇزاتقان پەيتتە، دەرۋازا تاقىلداپتۇ.
-بىمەھەلدە كەلگەن كىم بولغۇيتتى بۇ كۈتۈلمىگەن مېھمان، دەپ ئەپەندى دەرۋازىنى ئاچسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ كېيىم كېيىۋېلىشىغىمۇ قويماي، چاپان – پاپانلىرى بىلەن قوشۇپلا ئېلىپ كېتىپدۇ. ئاش – ئاشلىقتا، چاي – چايلىقتا قاپتۇ. تۈن يېرىمدىن ئاشقاندا، خوجا نەسىردىن ئۆيگە قايتىپ، دەرۋازا زەنجىرىنى قېقىپتۇ. – كىم ؟، دەپتۇ ئايالى ئۇيقۇ ئارىلاش. – << مەن ، خۇدا خالىسا ، ئېرىڭمەن >>، دەيمىش خۇجا نەسىردىن.

خۇدا ئادەمنى ياراتقاندا، بارچە پەرىشتە- يۇ مالائىكىلارنى ئۇنىڭغا ئېھترام سەجدىسى قىلدۇرغان ئىكەن. شۇ چاغدا، شەيتان ئىبلىس ياراتقاننىڭ ئىرادىسىگە شىرىك كەلتۈرۈپ:<< مەن نۇردىن پەيدا بولغانمەن، ئادەم لايدىن يارالغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغۇدەكمەن؟ >> – دەپ بويۇن ئەگمىگەن ئىكەن. شۇندىن كېيىن ئۇ جەننەتتىن يەرگە قوغلاندى قىلىنىپ، شەيتانى لەنەتكە لايىق بولغان ئىكەن. لېكىن شەيتان شەيتاندە ! بىر بالا قىلىپ ھىيلە بىلەن ئادەمدىن ئۆچ ئېلىپ، جەننەتتىن قوغلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەپتۇ. تۈرلى شەكىل ۋە تۈرلى ھىيلە بىلەن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنى دۇرۇس يولدىن ئازدۇرۇش قەستىدە بوپتۇ. ئادەم قايتا – قايتا ئۇنىڭ جورۇشلىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، يەنە كانىدەك چاپلىشىپتۇ. ئاقىۋەتتە دەرغەزەپ بولغان ئادەم سىياقى ئۆزگەرگەن شەيتاننى ئىككى پارچە قىلىپ يۇتۇپ تاشلاپتۇ. شەيتان بولسا : << ھە، ئەمدى ئىچىڭىگە كىرىپ ئورناشتىم، سېنى قانداق ئوينىتىشنى ئۆزۈم بىلىمەن >> دەپ ھېجايغان ئىكەن.شۇنداق قىلىپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدە قالغان ئادەم خۇدا يولىدىن ئادىشىپ، جەننەتتىن يەر تامانىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىكەن.

ھە، دوستلار، ئاتىلىرىمىز ئادەمنىڭ ئوڭ يەلكىسىدە رەھمان، چەپ يەلكىسىدە شەيتان ئولتۇرىدۇ، دەپ بىكارغا ئېيتماس ئىكەن. تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن رەھمان نەدە ئولتۇرۇشنى بىلمىدىمۇ ، لېكىن شەيتاننىڭ بەندىنىڭ ئىچىدىلىكى ئېنىق. ئادەم قايسى ئىشقا كىرىشمىسۇن، ئاۋۋال شەيتانى قىلىقلارنى نامايىش قىلىپ، شەيتانلىق يوللىرىنى ئويلىشىدۇ. قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەسلىكىگە كۆزى يەتكەندە بولسا، ئاندىن رەھماننى ئېىسىگە ئېلىشقا باشلايدۇ. تۆۋە – ئىستىغپار ئوقۇشىدۇ. پىشانىسى << توق >> قىلىپ بىرەر دوقا – توساققا ئۈسسىمىگىچە، شەيتان بىلەن ئاشنا – ئاداش بولۇپ يۈرىۋېرىدۇ. خۇدانى ئۇنتۇپ، كۆزدىن قېلىشىدۇ( ئاق – قارا، ياخشى – ياماننى ئايرىمايدۇ ). بار قىلغۇلۇقنى بەندە ئۆزى قىلىپ، << شەيتان ئازدۇرۇپتۇ >> دەپ ئەيىپنى شەيتانغا دۆڭگەپ، شەيتانغا لەنەت ئوقۇشىدۇ. شەيتان بولسا ئادەمنىڭ شەيتانلىقىغا قاھ – قاھلاپ كۈلىدۇ. ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن << ناھەق >> يەرگە قوغلاندى قىلىنغانلىقىغا ئەلەمەلەنگەن شەيتان دەيدۇكى : << ئەسلىدە مەن ئەمەس، ئادەم شەيتان! >>.

دۇنيا يارالغاندىن بېرى ئادەم بالىسى ھېچقاچان تېنىچ ئولتۇرۇپ قالمىغان. ئادەم ئايغا يەتتى، مارسنى ھەم زەبىت ئېتىشى مۇمكىن. ئەمدى توققۇز قەۋەت يەر ئاستىنى ئىگەللىسە، ئۇ يەردە ئاران جان ساقلاپ يۈرگەن شەيتاننى ھەم ھەيدەپ چىقىرىدۇ – دە، شەيتان بىر چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئادەمنى جەننەتتىن قوغلاتقۇزغۇنىغا مىڭ – مىڭ پۇشايمان يەپ قالىدۇ. ئەمما، ئورنىغا كەلمەيدۇ.
ھازىرچە خۇدا خالىسا، يەر يۈزىدە شەيتان قىلىدىغانغا ھېچ ئىش قالمىدى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: خۇدا خالىسا …

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    ئىنسانلار مۇشۇنداق شەيتانلىقنى قىلىۋەرسە ، ئۇ چاغدا شەيتاننىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ -دە ، شەيتاننىڭ ئىنسانلار بىلەن نە جەننەت ياكى دوزاقنى تالىشىپ ئولتۇرشىنىڭ زۈرۈرىيىتى قالمايدۇ. بىر كۈنلەردە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارى شەيتاندىن ئېشىپ كەتسە شەيتان ئىشسىز قالىدۇ ، خۇدا خالىسا ئادەم بىلەن شەيتاننىڭ تەقسىماتىنى باشقىدىن ئويلىشىدۇ .

  2. yolqi مۇنداق يازغان:

    خۇدا خالىسا ، بۇ تېما ئادەمنى ئويلىنىشقا، ئۆزى ھەققىدە پىكىر قىىشقا ئۈندەيدىغان تېما ئىكەن…

  3. iskender مۇنداق يازغان:

    ئادەمنىڭ ئوڭ يەلكسىدە رەھمان، سول يەلكىسىدە شەيتان ئورلتۇرىدۇ..
    ————————-
    ئەنگىلىيلىك ئالىملار تەتقىق قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سولغاي ئادەملەر ئوڭغايلارغا قارىغاندا ئاسان ھەمجىنىس بولۇپ قالارمىش!

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟