torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

Tramadol ياشلارنىڭ باھارىغا سايە تاشلىماقتا

Tramadol ياشلارنىڭ باھارىغا سايە تاشلىماقتا

بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا  Tramadol نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.

خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش – ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟

ئالدى بىلەن بىز  Tramadol ئاتلىق بۇ دورا بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:

Tramadol Hydrochloride ( يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ) نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئاغرىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دور ھېسابلىنىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگىرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بو دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا تاينىشچانلىق ( 药物依赖 ، Drug Dependence ) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300 – 400 مىللىگىرام ( 6 – 8 تال ) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېىغر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكىسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزىمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى ( كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى ) باشقا زەھەرلىك بويۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.
盐酸曲马多) Tramadol ) غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رىتسىپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇ جايدىكى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا مەلۇم دەرىجىدە روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان – تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش – ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن كۈنبۇيى چىقالمايدىغان ياش – ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت – قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق << روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدىكەن >> دەپ قاراپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلغان. بىر قسىم گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىزلار << قورساقنى ئاچۇرمىسا ، ئۇرۇقلايدىكەنمىز >> دەپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ھەتتا ، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست – ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان. خۇسۇسەن پېقىرمۇ بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ) بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم ( ئۇ چاغلاردا بۇ مەسىلىگە ئاددىي قاراپ، بەلكىم بىرەر جايلىرى ئاغرىق بولسا كېرەك، دەپ قارىغان ئىكەنمەن. ). يېقىندا ، ئۇزۇندىن بېرى كشىلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن مننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان يېقىن بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ بلوگى ( 80 خالتا تور بېتى ، www.80halta.com ) دا ەدەل مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلغاندەك يېنىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نەزىرىمىزنى جىددىي ئاغدۇرمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇرادىرىم بىر زاتنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققەت – نەزىرىنى ئۇشبۇ مەسىلىگە بۇراش، قېرىنداشلىرىمىزنى 盐酸曲马多) Tramadol ) نى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرىش ، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

盐酸曲马多) Tramadol ) نڭ ناچار تەسىرلىرى :

1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرىستىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.

盐酸曲马多) Tramadol ) غا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى :

بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت – تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك – بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە – دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 盐酸曲马多) Tramadol ) نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.
يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ – چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش – ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر 盐酸曲马多) Tramadol ) ئاللىقچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رىتسىپىسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرسىمۇ، ياش – ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز بۇ دورىنى نەدىن تېپىپ ئىستېمال قىلىدىغاندۇ ؟! … شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ( دورىخانا خۇجايىنلىرى، دورا ساتقۇچى ) كۆڭلى زەھەردىن قارا ، مانا بۇ كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن زەھەردىنمۇ ئېغىر ئاپەت !

بولدى بەس ! قېرىندىشىم، ئېنىم ، سىڭلىم ، ئەمدى بۇ 盐酸曲马多)Tramadol ) نى قالايمىقان يېمەڭ ! خۇمار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ زەھەرسىمان دورىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كېلىڭ ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى نابۇد قىلماڭ ! كەلگۈسىڭىزنى ھە دېگەندە قاراڭغۇ – زۇلمەت ئىچىگە ئىتتىرمەڭ ! ….

盐酸曲马多) Tramadol )  ھەققىدىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار :

1.ئۇيغۇر ياشلىرىغا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش

2.چۇمادو يېگەن ئىنىمىزدىن يەنە خەت كەلدى

3.<<چۇمادو>> نىڭ زىيانكەشلىكىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: Tramadol ياشلارنىڭ باھارىغا سايە تاشلىماقتا

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. tarim722 مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ خىل ئەھۋاللارنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باققان . بۇ خىلدىكى دورىلارنى دورا دۇكىنىدا سېتىپلا قالماستىن بەلكى، ھازىر رىستۇران ، قاۋاقلار، دىبالارغا ياشلار كۆپ كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ يەردە مەخسۇس دورا دوكىنىدىن توپ سېتىۋېلىپ كىشلەرنى تەمىنلەيدىغان ئايرىم ساندىكى كىشلەر بار . خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن كىشى كىچىسى دورىخانىنى تاقىۋەتكەندە نەگە بېرىپ دورا ئىزدەيدۇ ، شۇڭا بۇلارنى چوقۇم 24 سائەت تەمىنلەپ تۇرۇش كېرەك .شۇنداق بولغاچقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىدەك خىروئىن ساتىدىغان ، قەرز يىغىپ جەزىغورلۇق قىلىدىغان ، توپلىشىپ گوروھلىشىۋالغان مەلۇم قارا جەمئىيەت خاراكتىرىدىكى كىشلەر توپى بار. ئادەتتە دورا ساتقۇچى بۇ دورىنى بىر قانچە قېتىم يىگەن كىشىنىڭ سىرتقى بەدەن چىراي ئىپادىسىگە قاراپلا پەرەز قىلالايدۇ ۋە دائىملىق خېرىدار ھالەتتە تەمىنلەپ تۇرىدۇ. دورا دۇكانلىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرى خىزمەت ۋاقتى كۈندۈزى بولغاچقا ، ئۇلار بالدۇرلار ئشىتىن چۈشۈپ بولىدۇ، مەيلى مەكتەپ بالىلىرى بولسۇن ، ياكى باشقا ساھەدىكى ئىشچى خىزمەتچى بولسۇن ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ كۈندۈزى دورا دۇكانلىرىغا بېرىپ سېتىۋېلىشقا ۋاقتى چىقىشى ناتايىن ھەم تانساخانا، قاۋاقخانا ، دىبا قاتارلىق كىشلەر كۆپ كىرىدىغان كەيىپ سۈرىدىغان سورۇنلار كىچىسى ئېچىلىدۇ ، شۇ خىل ئەۋزەللىكتىن بۇ يەردە قاراڭغۇ بازار شەكىللەنگەن . مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشە چىكىۋاتقان سورۇنلىرىغا كىرىپ بۇ خىلدىكى كىشلەرنىڭ قانداق كۆپىيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . يەنى تۈنجى يىلى بىر ئوقۇغۇچى ئۇنۋېرسىتىتقا كەلگەندە ، ئۇلار ھەرخىل سورۇن پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، كونا يېڭى يۇرتداش ، ساۋاقداشلار ئۆزئارا تونۇشۇپ بولدۇ ۋە كونا بالىلار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بىر يۇرتلۇق بولغاندىكىن ، ياتىقىمغا كىرىپ تۇرغىن ، ئىشىڭ بولسا ياردەم قىلىمەن ، يا پاراڭلىشىپ چىقارسەن ، ئىشقىلىپ يۇرداشلار بولغاندىكىن مانا مۇشۇنداق مۇناسىۋەت بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى بەك سىرتقى مۇھىتقا ۋە كۆپ كىشلەرگە ئارلىشىپ كەتمەيدىغان بولسا بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بەرمەيدۇ، ئۇنداق بولمىغان ، ئەكىسچە تولۇقتا ۋە تولۇقسىزدا دەرسلەردە ياخشى بولسۇن ناچار بولسۇن ، كۆپ كىشلەر بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىدىغان ، سىرتقى مۇھىتقا كۆپرەك ئارىلىشىدىغان بالىلار تەبىي ھالدا ئۇ يۇرتلۇقلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولىدۇ ،پۈتۈن بىر ياتاق بىناسى ياكى پۈتۈن بىر مەكتەپتىكى مۇشۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئۆزلىرى قارا ياتاققا ئايلاندۇرىۋالغان ياتاقلىرى بار ، ھەممە ئۇنۋېرسىتىتلاردا دىگىدەك بىر ياتاق بىناسىدا بىر دىن ئىككىگىچە مۇشۇ خىلدىكى قارا ياتاقلار بار. تولۇقتا ۋە تولۇقسىزلاردا تاماكا چىكىدىغانلارمۇ قىزىقىپ بولسۇن ياكى باشقا سەۋەب بولسۇن دەسلەپ ئىستىمال قىلىپ باقىدۇ ، دەسلەپ نىشە چەكسە ۋە چومادۇ ۋە باشقا خىلدىكى باش چايقاش كومىلىچىنى ئىستىمال قىلسا ، ئاسان خۇمار بولۇپ قالمايدۇ ، بولۇپمۇ بەدەن قۇۋىتى كۈچلۈك بولسا ۋە دائىم كۈندە دىگىدەك داۋاملاشتۇرۇپ تۇرمىسىلا ، شۇڭا ئۇنۋېرسىتتىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇ دەرىجىدە دۆت بولمىغاچقا ، كۈندە دىگىدەك ئىستىمال قىلىپ تۇرمايدۇ ، پەقەت شۇنداق خوشى تۇتۇپ قېلىپ تۆت بەش دوستى يىغىلىپ قالسىلا بىردەمدىلا تېپىپ كىلىدۇ ، مەكتەپلەرنىڭ يېنىدىكى دورا دۇكانلىرىدىن سېتىۋالمىسىمۇ بۇلار ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى ھەر شەنبە يەكشەنبە ياكى دەرس يوق كۈنلىرى دىگىدەك ئۆزلىرى بىلىدىغان يەرلەردىن توپ ئەكىلىپ ساقلاپ قويۇپ ، بۆلۈپ بۆلۈپ ئىستىمال قىلىدۇ ، ئۈرمچىدىكى ئوقۇغۇچىلار بالىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئات بەيگە مەيدانى ياكى يامالىق تاغلىق رايونىدىن سېتىۋالىدۇ ياكى ئۇ يەردە شۇ مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان كىشلەرنىڭ ئۆيى تاقاق بولۇپ قالسا ، يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتىغا بېرىپ ، شۇ ئۇنۋېرسىتىتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق بىناسىدىن ئىزدەپ سوراپ تېپىپ كىلىدۇ . بۇخىل مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىدىغان ئۇنۋېرسىتىت بالىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك مەكتەپلەر ئارا قارا ياتاقلار تورىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ، بۇ خىل ياتاقلارنى مەكتەپلەر تاقىۋەتسىمۇ ، بۇ ئوقۇغۇچىلار يەنىلا مەكتەپتە بار ، كونىسى كەتسە يېڭىسى ئۇلارغا مەكتەپكە كىلىپلا ئارلىشىپ بولغاچقا ، ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلاپ قالىدۇ .

    ھازىر جەمئىيەتتە بۇنى چىكىدىغان ۋە قارا بازاردا ساتىدىغان كىشلەر كۆپ بولسىمۇ ، بۇنىڭ ئىقتىسادىي پايدا مەنپەئەتىنى ئويلاپ خەنزۇلارنىڭكىدەك مېنمانسارايلارنى ئېچىشنى ئويلىغانلار بولسىمۇ ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەسىرىنى ئويلاپ ئاچمىغان بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما خەنزۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئېچىلغان تانسىخانا ، قاۋاقخانا ،دىبالار ناھايىتى كۆپ، مەن باشقا رايونلاردىكى قارا رايونلارغا بېرىپ كۆرۈپ باقمىدىم ، ئەمما ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى بولسۇن ، ئوغۇل ئەرلىرى بولسۇن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاچقان ktv ، مېھمانسارايلىرى بولمىغاچقا ۋە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭكىگە كىرىپ شىر كەيىپ قىلىشتىن خىجىلمۇ بىلمىدىم ، ئەمما تەڭدىن تولىسى خەنزۇلارنىڭ ktv ۋە 20–30 قەۋەتلىك مېھمانسارايلىرىغا كىرىدۇ . ئوقۇغۇچىلار سەل نامىراتراق ، يېنىدا كۆپ پۇل بولمىغاچقا ، مەكتەپلەر ئەتىراپىدىكى ھەرخىل ئىسىمدىكى ئارامگاھلارغا كىرسە ، چوڭلار ، پۇلى بارلار ktv ، مېھمانسارايلارغا كىرىدۇ، مېھمانسارايلار ئۈرۈمچى ۋاقتى 12لەردىن كىيىن ئېچىلىدۇ ، ئەتىگىنى 5لەردە تاقىلىدۇ ، كىشلەر تارقايدۇ، ئەمدى مۇشۇ ۋاقىتقىچە بولغان كەيىپ قىلىشقا كىتىدىغان ھەرخىل باش چايقاش كومىلىچى ، چومادو ، نىشە ،خىرويىنلارنى دەل بۇ خىل مېھمانسارايلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزى تەمىنلەيدۇ ياكى شۇ مېھمانسارايلارنىڭ ئىچىدە يۈرۈيدىغان جەمئىيەت ئوينايدىغانلار تەمىنلەپ بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى 20–30 قەۋەتلىك بىنالارنى سېلىشقا ، ئ.از كەم 10–15 مىليون كەتسە ، بۇ پۇللارنى قانداق تېپىپ بولىدۇغاندۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، شۇ سەۋەب ۋە جەمئىيەتنىڭ قارا تەرەپلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بىۋاستە ئىستىمال قىلىدىغان يەرلەرگىچە كىرىپ كۆرۈپ چىقتىم ، كۈنلىكى ئاز كەم 1000-3000 ئادەم قېتىم كىرىپ چىقىش ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن ، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 100 مىڭدىن كەم ئەمەسكەن . مېھمانسارايغا كىردىڭىز بىر سائەت 200 سومدىن مېڭىپ تۇرىدىكەن ، ھەرخىل باش چايقاش كومىلىچى كىچىككىنە بىر بولاق 50 سوم ، بىر بولاق بىر ئادەمگە يەتمەيدىكەن ، شۇنداق بولغاندا ،ھەربىر توپلىشىپ كىرگۈچىلەر ئاز كەم 10–20 بولاق سېتىۋالىدىكەن ، بۇ يەردە ھەرخىل دورىلار ، نىشە ۋە باش چايقاش كومىلاچلىرى تەمىنلىنىپ تۇرىدۇ ، ئەمما ئاشۇ باش چايقاش كومىلىچى بولسۇن ياكى چومادو بولسۇن دەسلەپ ئىستمال قىلغۇچىنىڭ بەدەن قۇۋىتى كۈچلۈك بولسا ۋە تۈنجى قېتىمدىلا كۆپ ئىستىمال قىلىۋالمىسىلا ،خۇمار بولۇپ قالمايدىكەن ، ئادەتلىنىپ قالمايدىكەن ،شۇ سەۋەب كۆپ ئىستىمال قىلىۋالمىسىلا خۇمار بولۇپ قالمىغاچ ئۇلار ئىستىمال قىلىدىكەن ۋە باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدىكەن ، ھەرگىزمۇ بىلىپ بىلمەي ئىستىمال قىلىپ قالسا دەيدىغان گەپمۇ بولماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما شۇ ئىستىمال قىلغۇچى باشقىلارغا ئاز ئىستىمال قىلساڭ ھېچنىمە بولمايدۇ ، خۇمار بولمايسەن دەپ دەيدەيگە سالغاندەك باشقىلارنىڭمۇ ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرىدىكەن. دەرۋەقە راستىنلا دەسلەپ ئىستىمال قىلغاندا خۇمار بولۇپ قالمىسىمۇ ، تۈنجى قېتىم ئىستىمال قىلغاندىكىن ، ئۇنىڭ كەيپ تەمى ئېسىدە قېلىپ قالغاچقا ، كىلەر قېتىم مۇشۇ ئىسىملارنى ئاڭلىسا ياكى كۆرسە شەرتلىك رېفلىكىس پەيدا بولغاندەك ئۆزلىكىدىنلا باشقىلار تەۋسىيە قىلمىسىمۇ ئىستىمال قىلىۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بارا بارا ئاز ئازدىن يىسىمۇ خۇمار بولۇش پەيدا بولىدىكەن ، ئەنە ئاشۇ ئۆلۈپ كىتىۋاتقان ياشلىرىمىزدەك جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ قارا يەرلىرىدە ئوينايدىغان خۇمارنىڭ يوغىنىنى قىلىپ باققۇسى ،تەمىنى تېتىپ باققۇچىلىرى ، بىراقلا ئاز ئازدىن ئىستىمال قىلىشتىن كۆپەيتىۋېلىپ ئاخىرىدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەمما بۇ يەرگە كىرىدىغانلار بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى ، دوپپا كىيىۋالغان ئوغۇل ئەرلەر بولسۇن ھەرخىل كىشلەر بار، ئەمما سىز ئۇلارنى كۈندۈزى سىرتلاردا كۆرسىڭىز ھېچ ئۇنداق ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلمەيسىز ، ئاساسەن 18 تىن ئاشقان ، مۇنداقلا قاراشقا ئىقتىسادى تۇرمۇشى ياخشى دەپ قارالغان كىشلەرنىڭ كۆپى باركەن ، ئۇلار ktvلاردا ناخشا ئېيتقىلى كىرگەندۇ ياكى باشقا ، ئەمما مەن كۆرگەن كۈنۈمدە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ 2-3 يۈزدىن كەم ئەمەس ، بۇ پەقەت ئۆزئارا قوشنا بولغان ئىككى ئۈچ مېھمانساراي بىنادىكىسى ، ئۇنداقتا باشقا مۇشۇ شەھەردىكى باشقا رايونلارغا تارقالغانلىرىغا قانچىلىك كىشى كىرىدۇ ، ئۇلارنى ھېسابلىسا قانچىلىك بولۇپ كىتىدۇ.

    شۇنداق بولغاندا ھازىر ئۇنۋېرسىتىتلاردىكى ئىستىمال قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرالاردىكى ئىستىمال قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپلەردىن ئايرىلغان ئەمما تانسىخانا، قاۋاقخانا ، دىبالاردا يۈرۈيدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ھېسابلىسا ، ئالدىنقى قېتىم خەۋەرلەردە ئىچكىرىدە يۈرۈيدىغانلارنىڭ 45% ئاقسۇدىن ئىكەن دەپ سىتاتىستىكا قىلىپتىكەن . بۇلارنىمۇ ھەرقايسى يۇرت بويىچە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشاش سىتاتىستىكا قىلسا، ئۈرۈمچىدە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە تولۇقتىكى تولۇقسىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا–ئانىسى ھەپتىلىك تۇرمۇش خىراجەت پۇلى تەمىنلەپ بېرىدىغان بولغانلىقتىن ، بۇ شەھەردە ئەڭ كۆپ ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىنىڭ سانىنى 200 مىڭ دىسەك ، ئۈرۈمچىدىكى ياشلارنىڭ ، ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت بولغان ياشلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ھالغان ياشلارنىڭ ئىستىمال قىلىدىغىنى 10—20 مىڭدىن ئاز چىقماسلىقى مۇمكىن . ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار بولغان مەكتەپلەردىن 100 مەكتەپ بار بولىشى مۇمكىن (مەن مەكتەپلەرنى ئېنىق ، ئۇقمايمەن) ئىشقىلىپ ھەربىر تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بۇلارنى ئىستىمال قىلىدىغانلار30–50 ئەتىراپىدا چىقىدۇ ، چوڭراق ، ئوقۇغۇچى سانى كۆپرەك ئۇنۋېرسىتىتلاردا بولسا ، ھەربىر فاكۇلتىتتىنلا 40–50 بالا چىقىدۇ ، شۇنداق بولغاندا چوڭراق ئۇنۋېرسىتىتلاردا ، بىر مەكتەپتىلا بىرەر مىڭغا يېقىن بالا بار ، كىچىكرەك ئالىي تېخنىكوملاردا بولسا 100–300 گىچە ئەتىراپىدا، پۈتۈن ئومۇمىي ھېسابلىغاندا 10—20 مىڭ ئەتىراپىدا ياشلار نشە ، چومادۇ ،ۋە باشقا ھەرخىل باش چايقاش كومىلىچى ئىستىمال قىلىدۇ،

    ئۈرۈمچىدىن قالسا ، قارىماي ، قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ ، غۇلجا ، قەشقەر ، خوتەن ئىشقىلىپ باشقا يۇرتلار (بۇلار ئاز كۆپلۈك دەرىجە رەت تەرتىپى ئەمەس) .پوسكام نېفىتلىك ، دۇڭجىياڭ نېفىتلىك ، بۇلارنىڭ نوپۇسى ئاز بولسىمۇ ، ئەمما تۇمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى يۇقىرى ، ئاتا–ئانىلار بالىلارنى ئۈزلۈكسىز ھەپتىلىك تۇرمۇش پۇلىسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان يۇقىرى ئىستىماللىق پەرزەنتلەر توپلانغان رايون بولغاچقا ، شۇ ئاز نوپۇسىغا نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندىكى كۆپ تارقالغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. (ئاندىن يەنە بىرسى بۇرۇن جەمئىيەتتە تاماكا چەكمىگەن ، ھاراق ئىچمىگەن ئوغۇل بالا ئەمەس دەيدىغان بىرگەپلەر باركەنتۇق ، ئەمما قاراماي ، مايتاغلىق بالىلار ئارىسىدا نىشە چەكمىگەن ئوغۇل بالا ئەمەس دەيدىغان گەپ باركەن، شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تەرەپلەردىكى بالىلار تېخىمۇ كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ دىگەن گەپ)… …..ئومۇمىي جەمئىيەت خاراكتىرلىك ئىستىمال قىلغۇچىلارنى ھېسابلىسا،ئۈستىدە جەۋلان ئەپەندىم دىگەندەك 60 % ياش ئىستىمال قىلمىسىمۇ ، 200—300مىڭدىن ئارتۇق ياش بۇ خىلدىكى چومادۇ ، نىشە ، ھەرخىل باش چايقاش كومىلىچىنى ئىستىمال قىلىدۇ.

    ئومۇمەن جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى رايونلار ۋە ئاتا ئانىسى ھەپتىلىك ۋە ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان ، يۇقىرى ئىستىمال تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن شەھەرلەردە كۆپ تارقالغان …….

    يەنە بىرسى ئالدىنقى قېتىم سالام دۇنيا خوتەنلىك تاشچىلارنىڭ سادامغا پۇل يىققانلىقىمۇ ، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق بىر تېما يازدى ، ئەمما مەن بۇنىڭغا ئانچە ھەيران قالمىدىم ، ھازىر تىلۋىزىيەدە شەرقنىڭ قىمار پادىشاھى كىنوسىنى كۆپ كۆرىۋەتكەن كىشلىرىمىز ،بولۇپمۇ ئاشۇ تاشچىلار ئاۋمىنغا بېرىپ قىمار ئويناپ بىر كىچە ياكى بىر ھەپتىدىلا بىرەر مىليوننى ئۇتتۇرۋېتىپ ھېچنىمە بولمىغاندەك قايتىپ كەلگەن تاشچىلار كۆپكەن ۋە بۇ خىل رايون ئاتلاپ كۆپ تىكىپ قىمار ئويناش تاشچىلار ئارىسىدا كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ…..

  2. Azariye مۇنداق يازغان:

    بالا تەربىيىسى قورساقتىكى چاغدىن باشلىنىدۇ،دەپ دانالار بىكار ئېيتمىغانكەن،نىيەتكە بېقىپ ئەمەل بارلىققا كېلىدۇ، ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانىسىمۇ پەرزەنت تەلەپ قىلغاندا:"ئەگەر ياراتقۇچۇم بىر پەرزەنت ئاتا قىلساڭ،ئۇنى بىر ئۆمۈر سېنىڭ خىزمىتىگە ئاتىسام"دەپ چىن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ،ئاللاھ ۋەزنى بىلەن ھەزرىتى مەريەم مەۋلۇت بولغان ئىكەن.ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئۆمرىنى نىمىگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزگىنى بەلكىم ئەقىدىلىك ئوقۇرمەنلەرگە ئايان..

    ئەلىشىر ناۋايى ئېيتىپتىكەن:"ئەلنىڭ غېمىنى يىمىگەنلەرنى ئەر ياكى ئىنسان ھېساپلىما"دەپ..ئەلنىڭ ئۇھلىرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە،ئەمدى بۇ نىجىس چۇمادۇ قوشۇلۇپتۇ!مېنىڭمۇ مۇشۇ تېما ئارقىلىقلا بىلىشىمكەن بۇ نەرسىنى!خىيال غەم ئەندىشىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ،بۇ يامراۋاتقان زەھەرنىڭ ئەمىلىيەت ئىكەنلىكىكە تەن بېرىشتىن باشقا،يەنە نىمىلەرنى ئويلاۋاتىمىز،پىلانلاۋاتىمىز،ھەركەتلەنمەكچى بولىۋاتىمىز.بىر زات ئەپەندىنىڭ ئەلكۆيەرلىكى بىلەن بىر ئىككىسى بولسىمۇ ئويغۇنۇۋېتىپتۇ.ئەمما مەسىلە بەكمۇ بەكمۇ ئېغىر! بىرتورداش يېزىپتۇ:تېزىنى باسسا مېزى،دەپ.شۇنداق،ئاشۇ بىر تۈركۈم ئەقىلسىزلار،ئومۇمى مۇھىتقا ئېنىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.كۆپەيسە كۆپىيىدىكى،ھەرگىز ئازلىمايدۇ.زامان ئاخىرىنىڭ سۈپەتلىرىدە:"ۋابا كۆپلەپ تارقىلىدۇ"دەپ بار.دەل شۇ زەھەرنىڭ نەتىنجىسى ۋابا يەنى ساقايماس كېسەل بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.مۇشۇنداق چۈشكۈنلۈشۈش،ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىشلارغا زادى نىمىلەر سەۋەپ بولىۋاتىدۇ؟!

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن جەۋلان قاتارلىق قېرىنداشلارغا،ئېتىقاد،ئىمان قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقان تەن ۋە روھتا چوقۇم يىمىرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ ئاخىر!يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك،ئاۋال ئاتا ئانا بولغۇچى ئائىلىدە چوقۇملا ئېتىقاد تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئېتىقاد كۈچەيگەنسېرى،ئەخلاق گۈزەللىشىدۇ."تەربىيىلەش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزى تەربىيىلەنگەن بولىشى كېرەك"مانا بۇ ئەقىدىلىك پەرزەنت تەربىيلەشنىڭ ئاۋالقى شەرتى.ئەقىدىسىز ئادەم ئىت ئىشەككە ئوخشايدۇ،ئۇنۇڭدىن ھەزەر ئەيلە،دەپ بىكار ئېيتىلمىغان.ئادەم بۇ قىممەتلىك مەنىۋىيەتتىن يىراقلاشسا ھايۋانلىققا يېقىنلىشىدۇ.چوقۇم ئىككىنىڭ بىرى بولىدۇ…مۇنبەرنى خاپا قىپ بۇ توغرۇدا جىق سۆزلىمىسەممۇ ئەفىفى..قاتارلىق قېرىنداشلار تېخىمۇ ياخشى تەپسىرلەرنى يازالايدۇ.

    ئەمدىكى چارە،يۈكسەل ئىنىم ئوتتۇرىغا قويغاندەك،پىدايى بولۇش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەھۋال مەلۇم قىلىش.ھەممىمىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكى شەخسى دورىخانىلارغا كىرىپ مۇشۇ دورىنى سېتىۋېلىشقا ئاشۇ مەسۇل كىشىلەرنىمۇ ئاپىرالىساق ياخشى بولاتتى ياكى يەنە بىر تورداش يازغاندەك ئاۋازغا ياكى يانفونغا ئېلىۋالساقمۇ بولاتتى.ياكى ئارىمىزدا پىدايى مۇخبىرلار بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،.دەرھال ئالدىنى ئالمىساق يامان ئاقىۋەت ھەممىمىزنى قاپلاپ ئاخىرى ھەممىمىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ،چۈنكى بىزمۇئۆز پەرزەنتلىرىمىزمۇ مۇشۇ جەمىيەت ئىچىدە.

    ئويلاپ قالدىم:پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشىنىڭ نەتىنجىسى زادى نىمە بولىۋاتىدۇ؟قىزلىرىمىز ئىچكىرىلەرگە ھەپتە ئاخىرىدا "خېنىم"لىققا ئۇچۇۋاتسا؛نەۋقىران يىگىتلىرىمىز بەچچىۋاز بولىۋاتسا؛ ھوكۈمىتىمىزنىڭ ياڭراق يېڭى قانۇنى ئاستىدا،ئالى مەكتەپتىكىلەرگە تۇرمۇشلۇق بولۇش يولغا قويىلىشى بىلەن بىگۇنا بوۋاقلار ئەجەلسىز تاشلىنىۋاتسا..ئەمدى ئاز كەپ قالغاندەك ماۋۇ چۇمادو دىگەن مەرەز يەجۇج مەجۈجەك يامراۋاتسا…بەزى ئاز ساندىكى ئىنساپسىز ئوقۇتقۇچىلار،قىز ئوقۇغىچىلارنىڭ ئىپپىتى بەدىلىگە نۇمۇر قوشۇپ بېرىۋاتسا…

    پىكىرلىرىم بەك قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،خۇددى قاراڭغۇ چىراقسىز كۆلبىدە قەلەم تۇتۇۋالغاندەك.كۆپلىگەن ئاتا ئانىلار بۇ چۇمادونى ئۇيۇخماسلىقى ئېنىق.مۇشۇ توغرىسىدا يۇقۇرىدىكى ئىلتىجا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنى كۆپەيتىپ بېسىپ،كوچىلاردا تەشۋىق قىپ تارقاتساق بولارمىكىن؟مەركەز ۋە مەركەزگە يېقىنلار بۇ ئىشنى ئۈستىمىزگە ئالساق ئاللاھ نېسىپ قىلسا؟

  3. Jewlan مۇنداق يازغان:

    (نەشەچەككەن گۇنامۇ؟) دىگەن تېمىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ كەيىپ قىلدىغىنى 60 پېرسەنتكە يىتەرمىكىن دىسەم بەزىلەر ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس دەپ ئىشەنمىگەنىدى ، مەنغۇ سىتاتىسكا مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانمىغان ، پەقەت ئەتراپىمدىكىلەر ۋە سىرتلاردا ئۆزەم كۆرگەن ھىس قىلغانلاردىن شۇنداق ئويلىغان ئىدىم ، ماۋۇ چۇمادو دىگەننى يەۋاتقانلارنىغۇ تېخى كۆرمىدىم ، بىراق ئەھۋالدىن قارىغاندا مېنىڭ باشتىكى ئويۇم توغرىدەك قىلىدۇ …بىراق ئويلاپ باقايلى ، شۇنچىلىك كۆپ ياشلىرىمىز زەھەر ئىستىمال قىلىش بىلەن شوغۇللىنىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز ئەخلەتلەرمۇ ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۆت ، ساراڭلارمۇ؟ بەزىلەرنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ئالى مەكتەپكە ئۆتەلىگەنكىن بۇلار ھېچبولمىغاندا زىيالىغا تەۋە كىشىلەر … ئەمىسە ، ئۇلار نىمىشقا بىلىپ تۇرۇپ بۇ خەتەرلىك ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭىدۇ؟ مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تاپساق ھەل قىلىشنىڭ يولى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .

    مېنىڭچە ، بۇ ئىش تۈنۈگۈن بۈگۈن پەيدا بولىۋاتقان ئىش ئەمەس ، زەھەر بىلەن قىمارنىڭ تارىخى يىلتىزى چوڭقۇر ، توغرا ، قەتئى ئىرادە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ، بىراق ئاشۇ ئىرادە بولغان بولسا ياشلىرىمىز ھەرگىزمۇ بۇ يولغا ماڭمىغان بۇلاتتى … ھەممە كىشىنىڭ زەھەرنى ئىستىمال قىلىشتىكى مۇددىئاسى ئوخشىمايدۇ ، بەزىلەر خۇمار بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنى تارتىمەن دىگەن ئاساستا ئىستىمال قىلىدۇ ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ خۇمار بولۇپ قېلىش قالماسلىغى بىلەن كارى يوق ئىستىمال قىلىدۇ ، بەزىلەرنىڭ پۇلى كۆپ ، زەھەر دەماللىققا ئۇنىڭ بەدىنى ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ، بەزىلەرنىڭ پۇلى ئاز ، شۇڭا بىر دەمدىلا ۋەيران بولىدۇ ، بەزىلەرنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلىقتىن خۇمارنى بېسىش ئۈچۈن تۇرمۇشىغا نۇرغۇن ياخشى بولمىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار ، سىتودىنتلارنىڭ بۇ يولغا مېڭىشىدىكى كۆپىنچە سەۋەب سورۇندارچىلىق ، ئوغۇلبالدارچىلىق ، دورامچىلىق بولغان بولسا ، قورامىغا يەتكەن ، تۇرمۇش قۇرغان ، ئوتتۇرا ياشلارنىڭ بۇ يولغا مېڭىشى پۈتۈنلەي تۇرمۇش ، خىزمەت ۋە ياكى خوتۇننىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە بولىدۇ ، كۆپىنچە ئوتتۇرا ياشلار ھاراق ئىچمىسە نەشە چېكىدۇ ، نەشە چەكمىسە ھاراق ئىچىدۇ ، ئىككىلىسىنى قىلمايدىغانلىرى خەقنىڭ خوتۇنىنىڭ پېيىدا ، ئىشقىلىپ نۇرغۇن كىشىلەر مەلۇم "ھەددىدىن ئاشقان" ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى رېئاللىقتىن ئېلىپ قاچماقچى بولىدۇ ، ئۆزىنى توختاتقان ، بىر ئائىلىنىڭ باشلىقى بولغان كىشىلەر بۇنچىلىك ئېزىپ يۈرگەن يەردە ئوقۇغۇچى – سىتودېنتلارنىڭ كەيىپ – ساپاغا بېرىلىشى تۇرغانلا گەپ ، جۈملىدىن ئوخشىمىغان شارائىت جەمىئەتنىڭ زەھەر تاشلاش ئىشلىرىغا زور توسالغۇ بولىۋاتقان چوڭ بىر ئامىل ، يەنە بىر ئامىل پىسخىكا ئۆزگىرىشى ، بۇ يولدا ماڭغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلۋاتقىنىنى بارلىق باھانە – سەۋەبلەر بىلەن توغرا دەپ چۈشىنىشكە ئۇرۇنىدۇ ، ھەتتا خاتا بولسا بولمامدۇ ، ھالاك بولۇشتىن بۇرۇن تاشلايمەنغۇ دەپمۇ ئويلىشىدۇ ، شۇڭا ھەرقانچىلىك تەسىرلىك تەشۋىقات ، ئاچچىق گەپ ، ئۇرۇپ -دۇمبالاشلار ئۇلارغا تەسىر قىلمايدۇ ، بۇنداق كىشىلەردە ۋىجدان تۇيغۇسى كامچىل بولغانلىقتىن ئۆزىنىڭ قانچىلىك نەپرەتكە ئۇچرىشى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ ، ئەتراپدىكىلەرنىڭ سېسىق تەنە گەپلىرىمۇ ھېچقانچىلىك تەسىر قىلمايدۇ .

    ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك ؟

    ئەمەلىيەتتە مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەندە " ئېتقاد" دىگەن بىرلا سۆز ھەممىگە كۇپايە بولسا بولاتتى ، بىراق ھازىرقى ياشاش ئىقتىدارىمىز ، مۇھىتىمىز ، دەۋر – ئارقا كۆرىنىشىمىز بىزنىڭ تېخى پەقەت ئېتقاد بىلەنلا ئۆزىمىزنى تونۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەپ تۇرىۋاتىدۇ…

    ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟!

    ھەر كىم ئۆز ئەتراپىدىكىلەر ، ئۆز ئائىلىسىدىكلەر ، دوست – بۇرادەرلىرىگە پىششىق بولسۇن ، ۋاقتىڭىز يەتسە مەتبۇئات – تورلاردا زەھەر تاشلاش ھەققىدە ئىجابى – ئىجادى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىڭ ، پايدىلىنالىغۇدەك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ زەھەر ھەققىدە كەڭ ، ئومۇميۈزلۈك ، پىداكارانە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك ، ھەقىقى ئىش قىلاي دىسىڭىز مەھەللە – تۇرۇشلۇق جايلىرىڭىزدىكى ئاقچى ، بولاقچى ، قانۇنسىز دورا ساتىدىغان دورىخانلارنى ۋاقتى ۋاقتىدا پاش قىلىپ تۇرۇڭ ، قولىڭىزدىن كەلسە ئاشۇنداقلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاشۇ زەھەر بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۋېتىڭ ، كەلمىسە ئاممىۋى تېلفۇنخانلاردىن 110 غا تېلفۇن قىلىپ پاش قىلىپ قويۇشقۇ كېلىدۇ ، گەرچە بەزى قانۇنسىز سودا قىلۋاتقانلارنىڭ يەرلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن تىلى بىر بولسىمۇ ، ھەممىسى ئۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاتا -ئانا بولغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقى كۈچلۈك ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات نۇرغۇن يەرلەردا قارشى ئېلىنىدۇ .

    مېنىڭچە ، زەھەرگە قارشى تەشۋىقاتتا ھۇجۇمنىڭ فوكۇس نۇقتىسى زەھەر چېكىۋاتقانلاردا ئەمەس بەلكى چەكتۈرۋاتقانلاردا بولۇش كېرەك ! مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ نىمە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق يۈرگەن بولاقچى ، ئاقكەش سودىگەرلەر ئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش كېرەك ، جەمىئەت ئۇلارنى چەكلىشى ، ئۇلارغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ قويىشى كېرەك ، ئاشۇ بولاقچى ، ئاقكەش ، قانۇنسىز دورىخانىلار يوقالمىسا چېكىدىغانلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ !

  4. infitar مۇنداق يازغان:

    ئاتا -ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قورساقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا ياخشى تەربىيەلىسەك ياخشى بۇلاتتى . ئىقىسادى تۇرمۇشى ياخشىلار يامان يولغا مېڭىپ كەتتى ، دەپ يەكۈن چىقارغانلارمۇ باردەك قىلىدۇ ، ئەمىلىيەتتە تۈپ نىگىزىدىن ئالساق ئىقتىسادى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ناچارلىقى جەمىئيەت رېتىمىنىڭ بۇزۇلىشىنى ، ئەخلاقنىڭ قاششاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ، ئويلاپ باقساق بۇلىدۇ ، ئاتا -ئانىلار پۇل تاپمىسا پەرزەنتنى قانداق باقىدۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن بالىلىرى بىلەن كارى بۇلۇپ بۇلالمايدۇ ، مەكتەپ ، يەسلىلەر ئەڭ ئىشەنچىلىك ، بىخەتەر بالا باققۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسالا بولدى ، پۇل ، ھۇقۇق بارلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كىلەچىكىدىن ئەنسىرىشىنڭ ھاجىتى يوق ، باشقىلارغا ئەسلا ئامال يوق ! يوقىرىدىكى ئەھۋاللارغا دۇچار بولغانلارنىڭ كۆپچىلگى مۇشۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ قۇربانلىرى بولماي نىمە ؟

  5. blicfan مۇنداق يازغان:

    .<> نىڭ زىيانكەشلىكىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟

    دىگەن 80 خالتا تورىغا ئۇلىنىش قىلىنغان بۇ تېما نىمە ئۈچۈن ئىچىلمايدۇ ؟ بۇنى ئىچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز ،رەخمەت !

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟