نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۆلۈپتۇ …

شىنخۇا تورى نىڭ بۈگۈن ( 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ) ئافغانىستان تاراتقۇلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بازا تەشكىلاتى (Al Qaeda) نىڭ كاتتاباشى بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۇزۇن يىل كېسەللىكنىڭ دەردىنى تارتقان بولۇپ، ئاللىقاچان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىكەن …
لوندۇندا نەشىر قىلىنىدىغان (伊拉夫报) گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋرىگە كۆرە، ئافغانىستاندىكى بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىن لادىن ئۇزۇن يىل بۆرەك كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقان بولۇپ، 2004 – يىلىدىن باشلاپ بىر بۆرىكىگە تايىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئىكەن.نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىن لادىننىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلاپ، 2007 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرىدا بۆرەك زەئىپلىشىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن. بۇ ئەربابلار يەنە، ئامېرىكا بىن لادىننىڭ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنىدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقان، بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان لادىنغا مۇناسىۋەتلىك سىن فىلىم ۋە ئۈن فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئويدۇرۇپ ياساپ چىقىشقان، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەقسىتىگە يەتمەك بولغان، دەپ بىلدۈرۈشكەن.
نۆۋەتتە، ئافغانىستان ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. 6- ئاينىڭ 30 – كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ( ش ئا ئە ت ، NATO ) نىڭ 1 ئەسكىرى ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئەسكەر يالغۇز مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان NATO نىڭ 102 – ئەسكىرىدۇر.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۆلۈپتۇ …

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە بىن لادىن دىگەن ئامىرىكا ھۆكۇمىتى ئويدۇرۇپ چىقارغان شەخىىس ،شۇڭا ئامرىكا ئۇنىڭ ئۆلۇشىنى خالىسا ئۇنى ئۆلدى دەيدۇ ،تىرىكى لازىم بولسا تىرىككەن دەيدۇ .ئۇلار سىياسى مەقسەت ئۇچۇن نېمە قىلىشنتىن يانمايدۇ دەيسىز ؟! ئسىمدە قىلىشچە ماركىس ھىلىقى كاپىتال دىگەن كىتابىدا :كاپىتالىسىت %500 پايدا ئۇچۇن ھەرقانداق ئشنى قىلىشتىن باش تارىتمايدۇ دېگەن .
    [reply=Yuksel,2010-07-03 06:06 PM]دۇنياغا مەشھۇر بۇ مۈشۈك – چاشقان ئويىنى ( America – bin Laden ) نىڭ تېگىگە يېتىپ بولغىلى بولمىدىغۇ؟! مۇشۇ 10 يىلدىن بېرى بىن لادىنمۇ نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلدى. زادى قايسىسى راست ئوقۇپ بولغىلى بولمىدى ….[/reply]

  2. ziltar مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ سادام ۋە بېن لادىننىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك بولىشىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقمىكىن دەيمەن
    [reply=Yuksel,2010-07-07 04:20 PM]ئەھمىيىتى بولمىسا ئامېرىكا تىرىك دەپ قوغلاپ يۈرەرمىدى ؟! …[/reply]

  3. hakan مۇنداق يازغان:

    ئامىرىكىلىق دىگەن قورسىقىدىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان خەقكەن، خۇددى ئامرىكىنىڭ كوپ قىسىملىق تېلۋىزىيە فىلىملىرىدىكىدەك
    [reply=Yuksel,2010-07-08 09:54 PM]ئامېرىكا دۆلەت ستراتىگىيىسىنى 70 – 50 يىل بۇرۇن تۈزۈپ بولىدىكەن. كېيىنكىلەر ھەم شۇ ستراتىگىيە بويىچە ئىش كۆرىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئەڭ كۆپ بولغاندا ستراتىگىيىنى 20 يىل ئالدىن تۈزەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن پەرقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى، باشقىلار تاش ساناپ ئولتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئاللىبۇرۇن قۇم ساناپ بولغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن.[/reply]

ziltar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟