نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى

ئامېرىكا تور ئاممىسى 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن Internet Explorer 6 نىڭ دەپىنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن بۇ تور كۆرگۈ بىلەن خوشلاشتى. Internet Explorer 6 بولسا تور كۆرگۈلەر ئىچىدىكى جاھانگىر بولۇپ، خەلقئارادىكى تور ئاممىسىنىڭ تور كۆرگۈ ئىشلىتىش بازىرىنىڭ %95 نى يالغۇز ئىگىلەپ كەلگەن. ئەمما، نۆۋەتتە Internet Explorer 6 ئىقتىدارى بەكمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، نۇرغۇن بىخەتەرلىك يۇچۇقلىرى ساقلانغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، Internet Explorer 6 نۆۋەتتىكى تور تېخنىكا تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان زور توساقتۇر.

IE6  نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم ؟

IE6 بولسا تور بەت لايىھىلىگۈچى ۋە ياسىغۇچىلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز تور بېتىنى IE6  غا ياخشى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپ قىلىشى، نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە كودلار ئارقىلىق ئۇنىڭغا خەيرىخاھلىق قىلىشى كېرەك. PNG بولسا بىر خىل يېرىم ئۆتۈشمە كۆرۈنۈشنى قوللايدىغان رەسىم. تور بەت لايىھەلەشكە ، كۆپ قەۋەتلىك رەسىملەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بىرىكمە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا قوللىنىلىدۇ. ئەمما، بۇنى IE6  قوللىمايدۇ – دە، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.  IE6  نىڭ ئۆزىگە خاس بولغان CSS قېلىپى بار بولۇپ، چوقۇم نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە كودلار ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بولمىسا تور بەتنى  IE6  دا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ.  IE6  نىڭ بەت يۈزىنى كونترول قىلىش قىسىمىمۇ باشنى ئاغرىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا،  IE6   بىخەتەرلىكى، ئىقتىدارى ئاللىقاچان نۆۋەتتىكى تور تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرۇلمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈشى مۇقەررەر ئىدى.

دىيارىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق Internet Explorer 6 نىڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئىچىدە ئومۇملىشىش نىسبىتى %99 گە يېتىشى مۇمكىن. شۇ تاپتا خەلقئارا تور ساھەسىدە Internet Explorer 6 نىڭ ئۆلگەنلىكى جاكار ئەيلىنىپ، ھەتتا ئۇنىڭ دەپىنە مۇراسىمىمۇ بۇندىن بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلۈپ بولۇنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۆلگەن Internet Explorer 6 نىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن يۈكسەل بلوگىنىڭ سـتاتىستىكىلىق ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈكسەل بلوگىنىڭ %98.3 زىيارەتچىسى يەنىلا Internet Explorer 6 نى ئىشلىتىپ تور كۆرۈدىكەن. بۇ بىر تەرەپتىن دىيارىمىز كىشىلىرىدە تور ساھەسىدىكى يېڭىلىققا دىققەت قىلماسلىق، تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىسى يۇقىرى يېڭى دېتاللارنى ئىشلىتىشكە قىزىقماسلىق، ئەسكى بولسىمۇ كونىسىغا قىيالىماسلىق خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن Internet Explorer 6 ئوخشاش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى كۆپ دېتاللارنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ توردىن ئېلىۋاتقان ھوزۇرىنىڭ چەكلىك، تور پائالىيىتىنىڭ ھەرقاچان خەۋپ ئاستىدا بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خۇسۇسەن، يۈكسەل بلوگ  ( www.yuksel.me ) زىيارەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنىڭ يەنىلا  IE6 تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىشى سەۋەبلىك زىيارەتچىلىرىمىز يۈكسەل بلوگىنى زىيارەت قىلغان كۆزلىگەن ئۈنۈم ۋە ھوزۇرغا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. مەسىلەن بەت ئۈستىدىكى تۇغ رەسىم ۋە بەت ئۈستىدىكى توغرا تىزىملىك دېگەنلەر IE6 دا كۆرۈنمەيدۇ ياكى ئۆلچەملىك كۆرۈنمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرماقتا.

شۇڭا، يۈكسەل بلوگى ( www.yuksel.me ) بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا IE6 نىڭ ئاللىقچان ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاپ، تور زىيارىتىمىزنىڭ ھوزۇرلۇق ۋە بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن IE6 دىن بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىدارى كۆپ يۇقىرى بولغان IE8 ياكى Firefox، Opera، Google chrome ، Safari غا ئوخشاش ئۆلچەملىك تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە مۇۋاپىق ئورۇندا يۇقىرىقى تور كۆرگۈلەرنى توردىن چۈشۈرۈش مەنزىلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇندىن باشقا بارلىق ئۇيغۇر بلوگگىر دوستلارنى بۇ چاقىرىققا يېقىندىن ئاۋاز قېتىشىنى ، مەزكۇر تېمىنى ئۆز بلوگلىرىدا ئۇلانمىلىق تەۋسىيە قىلىپ ياكى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئۆلچەمسىز تور كۆرگۈ بىلەن بالدۇرراق خوشلىشىپ، ئۆلچەملىك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق تور كۆرگۈلەرنى بالدۇرراق ئىشلىتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى چاقىرىق قىلىمەن.

ھۆرمەتلىك تورداش! تور زىيارىتىم ھوزۇرلۇق ۋە بىخەتەر بولسۇن دېسىڭىز Internet Explorer 6 بىلەن تېزرەك خوشلىشىڭ !

ئۆلچەملىك تور كۆرگۈنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

Skycn ( 天空软件 ) دىن چۈشۈرۈش

pconline ( 太平洋电脑网  ) دىن چۈشۈرۈش

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. dolkun731 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،
    ھازىر كۆپۈنچە كىشىلەر (ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز) تورخانىدا تورغا چىقىدۇ ، مېنىڭچە IE6نى ئالماشتۇرۇشنى ئاۋال تورخانىلار باشلىسا بۇلاتتى .
    يەنە بىر پىكرىم بلوگىمنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ، بلوگ*سپوت تاقالغانلىق سەۋەبلىك ئىلگىركى ئىسىمدا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ . يېڭى ئادىرسى :
    http://www.orkax.net
    ئۆركەش تورى دەپ ئالماشتۇرىۋەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
    [reply=Yuksel,2010-05-31 09:59 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    ئېيتقىنىڭىز ئورۇنلۇق، تورخانىلار ئاۋۋال IE6 نى ئالماشتۇرسا ياخشى بولاتتى.
    پىكرىڭىز بويىچە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشىدىكى بلوگىڭىزنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلىنىش مەنزىلىنى ئۆزگەرتىپ قوياي! داۋاملىق ئەسرارلىشىپ تۇرغايمىز … [/reply]

  2. FinalFantasy مۇنداق يازغان:

    بۇ تور بېكەت سىستېمىسىدا مەسىلە بارمۇ ياكى مېنىڭ Google Chrome نى يەكلەۋاتامدۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ خالىغان يەرنى چەكسىلا "مەزمۇنلارنى كۆچۈرمەكچىمۇ؟" دەپ بىر دىئالوگ چىقىۋالىدىكەن. بىر قاراپ باقسڭىز. رەھمەت.

    "ئىنكاس يوللاش" دېگەننى باسسىمۇ چىقىۋېلىپ بارغان…
    [reply=Yuksel,2010-06-01 00:51 AM]ما ئىشنى كۆرسىلە ، بۇ ئەسلى يازمىلارنى قالايمىقان كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش كودى ئىدى. ئوقۇرمەنلەرنى بۇنچە مالال قىلغان بولسا، بۇ كودنى ئېلىۋەتسەم بولغۇدەك …
    ئەمما، مۇشۇ يازما ئوغرىلىرى يا ئىنسابقا كېلىشمىدى …[/reply]

  3. [...] Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى | FireFox بىلەن تونۇشۇش ۋە [...]

  4. [...] بلوگى باش بولۇپ(مەن كۆرگەن بېكەتلەر ئىچىدە ئەمدى) ‹‹Internet Explorer 6 ئاللىقاچان ئۆلدى››دىگەن سەرلەۋھەلىك يازما ئېلان قېلىپ،IE6نى يوقىتىش [...]