ھەممەيلەننىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە، ھۆرمەتلىشىگە، چۈشىنىشىگە ئېرىشكەن چاغلىرىمىز بولىشى مۇمكىن. بەلكىم كۆڭلىمىز ئۆسكەن شۇ مىنۇتلاردىكى بىزنى پەپىلىگەن بەخت تۇيغۇسى ئۇنتۇلغۇسىزدۇر. قەلبىمىزگە سىغماي «مەۋج» ئۇرغان ئىشەنچ، غەيرەت-جاسارەت دولقۇنلىرى توسۇنسىزدۇر. بەلكىم سىز بىراۋنىڭ شۇ دەقىقىلەردە سىزگە بەرگەن ئىشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە قاراڭغۇ يوللار قاينىمىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، پارلاق ئىستىقبالنىڭ ئۆتەڭلىرىگە يېتىپ بارالىغان ۋە بەلكىم شۇ قىممەتلىك چاغلاردا ئاتا قىلغان غەيرەت-جاسارەت تۇيغۇسى سىزنى داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىشكە، ھاياتتىكى ئاسايىشلىققا پۈركەنگەن داغدام يوللارغا قەدەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، بۇ چەكلىك ھايات قاينىمىدا ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھۆرمەتلىنىشكە، چۈشىنىشكە مۇھتاجمىز، شۇنداقكەن، بىزمۇ پۇرسەت تۇتۇپ باشقىلارغا كۆيۈنەيلى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيلى، چۈشىنەيلى!
ھېچكىممۇ بۇ ھاياتىدا خالاپ تۇيۇق يولغا قەدەم باسمىغان، خاتالىققا شېرىك بولمىغان. دەل شۇنداق بولغاچقا خاتالاشقانلارنى يىقىلغاننى دەسسىگەندەك دەسسىمەيلى. تۇيدۇرۇپ-تۇيدۇرماي ئالدىمىزغا كېلىپ قالغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنى قوينىمىزغا ئالايلى. مېھرىمىز بىلەن ئۇلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، قەدىرلىنىشنىڭ، ئەزىزلىنىشنىڭ شېرىن تەمىنى ھېس قىلدۇرايلى. شۇندىلا بىلىپ-بىلمەي تۇيۇق يولدا ئازغانلار، بۇ قاينامغا پېتىپ كېتىۋاتقانلار ھاياتنىڭ بىز بەھرىلىنىۋاتقان، قىيىش تەس بولغان دەقىقىلىرىدىكى ئۈلۈشىگە قايتىدىن نائىل بولالىشى مۇمكىن.
مەلۇمكى، «مەغلۇبىيەت غالىبىيەتنىڭ ئانىسى»،«خاتالىق ئۆتكۈزۈش قورقۇنچلۇق ئەمەس، خاتالىقنى تونۇماسلىق ھەممىدىن قورقۇنۇچلۇق». ئەلۋەتتە گاھىدا كىشى ئۈچۈن ئۆز خاتالىقىنى چوڭقۇر تونۇش، ھېس قىلىش تەسكە توختايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەت بىلەن داۋام ئېتىۋاتقان بۇ ھاياتتا ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، چۈشىنىش ھۆرمەتلەشلا ئېچىش تەس بولىدىغان بۇ كۆڭۈل دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان سېھىرلىك «ئاچقۇچ» تۇر. بۇ «ئاچقۇچ» ھەممىمىزدىلا بار.شۇڭا دېمەكچىمىز، بۇ «ئاچقۇچ» نىڭ سېھرىدىن پايدىنىلايلى، ئۇنى دات بېسىپ قالمىسۇن!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : كۆڭۈل قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچى داتلاشمىسۇن
ناھايىتى توغرا ئېيتىىسز، سۆزلىرىڭىز ئورۇنلۇق
ھۆرمەتلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مۇنۇ مىسرالار بىلەن باشلىنىدىغان ناخشىسى ئېسىمگە كەچتى:
« يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە،
سەپىرىگە ئاقيول تىلەپ.
… »
«ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، چۈشىنىش ھۆرمەتلەش»
كۆپىنچە ھاللاردا بۇخىل دىيانەتلىك قەلىبلەرگەبىرىلىدىغان جاۋاب- سوغاق مۇئامىلە ،ۋاپاغا -جاپا، ئالدىنىش ، بىھۇدە بەدەل تۆلەش … لېكىن شۇنداق ئېغىر سىناقلاردىن ئۈتەلىگەن ۋاقىتتا ئاندىن غەلبە چېچەكلىرى پورەكلەيدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ خالاش خالىماسلىغىڭزغا باغلىق …
ئىنسانىيلىق شەرىپىمىز بىلەن ئۆز ئار كۆڭۈل بۆلۈش، ھالىغا يېتىش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر. شەپقەتسىزلىك، رەھىمسىزلىك، باغرى تاشلىق شەرەپسىزلىكتۇر.