نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

قاتناش ھەققىدە ئازنا كۈنلۈك پاراڭلار

ئابدۇكېرىم رەھمان ئالىپ

( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئاۋۋال ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇرەسسە قىلىدۇ ،كېلىشەلمىسە ئەنزە مەلۇم قىلىپ، قاتناش ساقچىللىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلشىغا تاپشۇرىدۇ ، لېكىن قاتناش ساقچىلىرىمۇ ئەنزە مەلۇم قىلامسىلەر ياكى ئۆزئارا كېلىشىۋالامسىلەر دەپ سورايدۇ . مەيلى ئۆزئارا كېلشىۋالسۇن ياكى ساقچىلارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بولسۇن ، كۆپىنچە ۋەقەلەر ئاسانلا ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇيەردە ئىقتىسادى ئەمىلىي كۈچ ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ھۇقۇق ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .

مەن بىر قېتىملىق نەق مەيداندا: « ئەنزىنىمۇ مەلۇم قىلىپ بولدى ، ئۆزۈڭمۇ كىلىپ كۆردۈڭ ، يەنە كېلشىۋالامسىلەر ، دەپ سوراپ يۈرمەي قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلساڭلار بولمىدىمۇ ؟» دەپ ، قاتناش ساقچىلىرىدىن سورىۋىدىم . ئۇ: « سەن بىلمەيسەن ، ئۆزئارا كىلىشىۋالسا ھەممە ئىش ئاسان بولمامدۇ … » دەپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.

ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك ئالدى ئادەم كۆپ بازار . بۇ يەردىكى چوڭ يولدىن بىر ئون ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزچاق كېسىپ ئۆتمەكچى بولىۋىدى ، بىر پىكاپ كېلىپ ئۇنى سوقۇپ ئۇچۇرىۋەتتى ، ئەتراپتىكى كىشلەر قىزچاقنى يۆلەپ ، ماشىنىنى توسۇپ ئۈلگۈردى ، چۈنكى شوپۇر ھىچ ئىش بولمىغاندەك كىتىپ قالماقچى ئىدى . قىزچاق قورققىنىدىن « ھىچ نېمە بولمىدىم » دەپ ئەندىكىپ تۇراتتى ، ماشىنا ئىچىدىكى ئىككى ياش يىگىت ھېچ نېمە بولمىدىم ، دىگەندىكىن يولنى بوشىتمامسەن ، دەپ ۋاقىراپ ماشىنىسنىڭ سېگنالىنى توختاتماي سايرىتاتتى ، ئارقا ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىككى قىزمۇ « كارى نېمىكىن ،ماۋۇ بىر نىمىلەرنىڭ … ھەيدەۋېرىڭە ماشىنىڭىزنى …» دەپ ئاۋۇ ياشلارنى ئالدىرتاتتى. بۇ يەرنىڭ يولى تار ، ماشىنا كۆپ بولغاچقا كىشلەرمۇ ئامالسىز يول بىرىشتى . نامرات كېيىنگەن كىچىككىنە بالا يولنى كېسىپ ئۆتۈپ خاتا قىلغىنىدىن قورقۇپ ھىچنىمە بولمىدىم ، دىيىشنى بىلدى -يۇ ، ئاۋۇ پوزۇر كىيىنگەن مەدەنىيەتلىك شەھەرلىك ياشلار ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ « بىرەر يېرىڭىز زەخمىلەندىمۇ سىڭلىم ، دوختۇرغا ئاپىرايمۇ ؟ » دىيەلمىدى -ھە ، خەير…گەرچە شۇ ۋاقىتتا ساقچىغا مەلۇم قىلىنىپ خېلى بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ، بۇ «ئاۋات» بازاردا ئۇلارنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمىدى ، بەلكىم بۇ شەھەردە ئۇلار قارا ماشىنا شۇپۇرلىرىنى تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولسا كېرەك . قىزچاق يولنىڭ دوقىسىدا قوسىقىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ قېلىۋەردى . كىشلەر بىردە ئاۋۇ ۋەقەنى سادىر قىلىپ كىتىپ قالغان ياشلارغا لەنەت ئۇقىسا ، بىردە قىزغا ئوبدان ئىگە بولمىغان ئاتا-ئانىسىنى تىللاپ قېلىشتى.

بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ قاتناش ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ، بىر كىشىنىڭ ئۆلىشى بىر كىشىنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، لېكىن ئۇنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، خىزمەت ئورنىدا ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەردى. « ئۆزئارا كېلىشىۋالدى ئەمەسمۇ!».

يەنە بىرەيلەن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىنى سوقۇپ يارىلاندۇردى ، ئۇمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرىۋەردى، پۇل ۋە كىشلىك مۇناسىۋەت ياخشى بولغانلىقتىن ئۇنىڭغىمۇ ھىچقانداق چارە كۈرۈلمىدى.

قاتناش ساقچىللىرىغىمۇ ئاسان ئەمەس ، بىر ئەتىگەندە كاتتا شېركەتنىڭ باشلىقى ئېسىل ماشىنىسىنى ھەيدەپ ،تۆت كوچىدىن قىزىل چىراغقا ساقلىماي يولنى كىسىپ ئۆتىۋىدى ، قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭ ئالدىدىن توسىۋالدى . چاس بىرىپ ئۇنى ماشىنىسىدىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىۋىدى ، بۇ باشلىق ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ مېنى تۇنىدىڭمۇ دىگەندەك قىلىپ چەكچىيىپ قارىۋىدى ، قاتناش ساقچىسى مىت قىلماي قاراپ تۇردى . باشلىق يانفوندا ئاللا كىملەرنىدۇ تىللاپ ، يانفونىنى بۇ يېڭى كەلدى ساقچىغا تۇتقۇزۇپ قويدى -دە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يانفونىنى ئېلىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قالدى. ساقچى يولداشمۇ مەيۈسلىك ئىلكىدە تۇرۇپلا قالدى ، ئۇنىڭ بۇ مەيۈسلىكىدىن نە نىمىشقۇدۇر بۇخىزمەتنى تاللاپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلغىنىنى ، نە ئەتىگەندە باشلىقىدىن دەشنام ئىشىتۋالغىنىغا ئۆكۈنگنىنى، نە نىمە ئۈچۈن بۇ ماشىنىنى خاتا توسۇپ قويغىنىغا ئۆزىگە ئاچچىقى كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئەمىلىيەتتە بۇ باشلىقنىڭ تىللىغىنى قاتناش چوڭ ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى ئىدى ، چۈنكى ئادەتتە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بەك ياخشى بولغاندىكىن، ھىچ كىشى بۇ ئالدىراش ،كاتتا شەخىسنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىغا دەخلى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى ، ھەتتا قىزىل چىراغلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .

لېكىن ، قاتناش قانۇنى بەزى ۋاقىتلاردا ئالاھىدە كۈچ كۆرسىتدۇ ، بۇلۇپمۇ پۇل ، ھۇقۇق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋىتى يوق، رايۇن تەۋەلىكىدىن ھالقىغان « ئەخمەق» تىن بىرەرى ۋەقە سادىر قىلىپ قالدىما – بولدى ، ئۇنى بۇ ئۆمىرىدە ئىككىنجىلەپ قاتناش ۋاستىلىرىغا يېقىن يۇلىماس قىلىۋىتىدۇ .

قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك كىلىپ چىقىدىغان ئېغىر ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى زىيانلارنى ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى بۇ يەردە سانلىق رەقەملەر بىلەن مىسال ئېلىپ ئولتۇرمىساقمۇ بۇلىدۇ . مۇشۇنداق يۇقىرى ساپالىق مۇرەسسە قىلىش ، پۇل ،ھۇقۇق ، كىشىلىك مۇناسىۋەت -بۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋەرسە ، قاتناش ۋەقەلىرىنى ئازايتىشتىن ، قاتناش قانۇنىنىڭ رۇلىدىن ئېغىز ئاچقىلى بۇلامدۇ -يوق؟ ھەي ، جوڭگولۇقلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن پۇل، ھوقۇق، مۇناسىۋەتنى ئىش بىجىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلغان ناچار مىجەزى قاچانمۇ تۈگەر-ھە؟! ئەگەر ھۈكۈمىتىمىز ياكى قاتناش ساقچىللىرىمىزنىڭ ئۆز فورمىسىغا قىلغان قەسىمى ئۇلارغا شىر -يولۋاسلارنىڭ يۈرىكىنى بەرگەن بولسا ، ھەرقانداق شارائىتتا قانۇننىڭ كۈچىنى نامايەن قىلالىسا ، كۆپىنچە قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋالغىلى بۇلاتتى.

بەزى ئۈنۈملىك جازا، چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس . مەسلەن : ئېغىرلىتىپ ، ھەسسىلەپ جەرىمەنە قۇيۇش، مۇنتىزىم تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىغا ئەۋەتىش، ئۆمۈرلىك ياكى مۇددەتلىك ماشىنا ھەيدەش ھۇقۇقىنى بىكار قىلىش ، مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش…ۋەھاكازالار. ئۇلارنىڭ چارە -ئاماللىرىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى – دەل ئۇلارنىڭ قاتناش ھادىسىسنى سادىر قىلغۇچى مەيلى زۇڭتۇڭ، مەيلى كاتتا شەخىس، مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بۇلىشىدىن قەتئينەزەر قانۇن بۇيىچە جازا بىرەلىگەنلىكلىدە ، ئىنساننىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى مۇقەددەس بىلگەنلىكىدە، ئۇنىڭغا ھەرقانداق بىر شەخىس مەسئۇل بۇلىشى كىرەك دەپ قارىغانلقىدا.

ھەرقانداق قانۇن ئاساسى قانۇن تەركىبىدە بۇلىدۇ ، ئاساسى قانۇن دۆلەتنىڭ غورورى ، دۆلەت باشلىقى بولسۇن ياكى پۇقرا بولسۇن ، قانۇننى ھىمايە قىلمىغانلىق، قانۇنغا بوي سۇنمىغانلىق ۋە ئۇنى ئجرا قىلمىغانلىق دۆلەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلغان بىلەن باراۋەر.

شۇڭا كۆپچىلىك ئۆزىمىزنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئۆزىمىز قاتتىق مەسئۇل بۇلايلى . بولغۇلۇق بولدى ، ئەمدى نىمىلا قىلغان بىلەن ئورنىغا كېلەمتى ، دەپ سالا قىلمايلى . ھەرگىز ھۇقۇق ياكى پۇلغا تاينىپ ۋە ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلىۋەتمەيلى . ئويلاپ بېقىڭلار ، ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ مىيىپ بولغۇچى سىز بۇلۇپ قالسىڭىز ، ئاتا-ئانىسنى ياكى پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاشۇ ھازىدار سىز بۇلۇپ قالسىڭىز قانداق ھىسياتتا بۇلىسىز؟پۇل ياكى ھوقۇق مىيىپنى بىجىرىم ، ئۆلۈكنى تىرىك قىلىپ بىرەلمەيدۇ -ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا ھەرقانداق ئىش يۈزبىرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتەيلى ، ھەرگىزمۇ ۋەقە سادىر بۇلۇپ بولغاندىن كىيىن قاتناش ساقچىللىرىنىڭ كېلىپ « ئۆزئاركېلىشىۋالامسىلەر ياكى ئەنزە مەلۇم قىلامسىلەر؟» دىگەندىن ئىبارەت ئېغىر تاللاشقا يۈزلىنىپ قالمايلى.

كىمنىڭ ۋەقە سادىر قىلىشىدىن قەتئينەزەر ، ئۆزئارا كېلىشىۋالسۇن ياكى ساقچىلار كېلىشتۈرۈپ قويسۇن ، زىيانلانغۇچىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى زىينىنى ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە پىرسەنتلەشتۈرۈپ تۆلەپ بىرىشى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت . لېكىن ۋەقە سادىر بولغان ئىكەن چۇقۇم بۇنىڭغا قارىتا قاتناش قانۇنىنىڭ تىگىشلىك بەلگىملىرى بۇلىشى كېرەك ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى كىم بۇلىشىدىن قەتئينەزەر شۇ بەلگىلىمە بويىچە بۇشاڭلىق قىلماستىن كەسكىن بىر تەرەپ قىلىنشى كېرەك . ماددى زىياننى تۆلەپ بەردىغۇ دەپ بولدى قىلىۋەتسەك ، بۇنداق خاتالىقلارنىڭ داۋاملىق سادىر بۇلىشىغا يول قويغانلىق بىلەن باراۋەر بۇلۇپ قالمامدۇ ؟ شۇڭلاشقا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار زىياننى تۆلىگەندىن باشقا قانۇى بەلگىمىلەر بىلەن تىگىشلىك جازالانسا، بۇنىڭ بىلەن باشقا قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىبرەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ سەزگۈرلىكىنى يۇقىرى كۈتۈرگىلى بۇلىدۇ . شۇنداق بولغاندىلا بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق يۈزبىرش ئېھتىماللىقى بولغان قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى ئازايىتقىلى ، نۇرغۇنلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ،مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن . قاتناش ساقچىللىرىمىزنىڭ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارغا چارە كۆرگىنى ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن ئۆچلىشىپ قالغىنى ، ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىنى ياكى ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغىنى بولماستىن ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ۋە باشقا خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشتەك خزمەت مەسئۇلىيىتىنى ،بۇرچىنى ئادا قىلغىنىدۇر.

يوللارداقاتناش ۋاستىللىرىنى كەلسە – كەلمەس توختىتىۋېلىش ،كىنشكىسىز ماشىنا ھەيدەش، مۇنتىزىم ئۈگەنمەي پۇلغا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى سېتىۋېلىش، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ، ئەگىلىشكە بولمايدىغان يوللاردا قالايمىقان ئەگىلش، تاق لىنيىلىك يوللاردا قالايمىقان يۈرۈش … قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى،ئەگەر مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالالىسا نۇرغۇنلىغان قاتناش ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بۇلىدۇ – ئەلۋەتتە .

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ئىملاغا ئانچە مۇنچە دىققەت قىلىپ قويسىلا بولغۇدەك، يۈكسەلباي، ھاھا

  2. ئۆچمەس مۇنداق يازغان:

    بۈگۈن تېخى كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىر ئاغىينىمىز ئۆزى ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا ئورمان ساقچىخانىسىنىڭ ماشىنىسى تەرىپىدىن سوقۇلۇپ قازا قىلدى،ئۇ ئاران تېخى 27ياشتا ئىدى،تېخى ئۆيلەنمىگەن ئىدى.بۈگۈن بىز ئاغىينىمىزنى كۆمۈپ قويۇپ،چەكسىز ھەسىرەت ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،تورخۇمارىم تۇتۇپ يۈكسەل بلوگىنى ئاچسام قاتناش ھادىسىسى توغرىلىق بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ھەمىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز. ھالبۇكى دوستىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ بىئەجەل كېتىپ قاپتۇ. يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى پەقەت شۇ خىل تەمنى تېتىپ باققۇچىلارلا ھېس قىلىپ يېتەلىشى مۇمكىن. ئۇشبۇ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ مېنىڭ كۆڭلۈممۇ قەۋەتلا يېرىم بولدى. ئۇلۇغ ئاللاھدىن دوستىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى، دۇنيادا قالغان ئاتا – ئانا ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – ئاداشلىرىغا چەكسىز سەبرى – تاقەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز!

  3. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    لېكىن قارىماققا بۇ قاتناش قائىدىسى دىگەن بەك قاتتىق جۇمۇ، يول-يولدا قويىۋالغان كامېرا، تېزلىكىڭ ئېشىپ كەتتى دەپ ئالغان جەرىمانە،
    ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا گېزىتتە مۇنداق ئوقۇغانتىم: گېرمانىيەدە يىراق چەت يېزا يوللىرىدا، گەرچە يولدا ئۆزىدىن باشقا ھىچقانداق ئادەم ياكى ماشىنا بولمىسىمۇ، قىزىل چىراغقا يولۇقسا شوپۇر توختايدۇ. قىزىل چىراغ تاساددىپى بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئالماشماي قالسىمۇ بىرە سائەت تۇرۇپ بېقىپ، ياكى ئالدىراش ئىشى بولسا ماشىنىسىنى جايىغا تاشلاپ قويۇپ، ساقچىغا تېلىفون قىلىدۇ.

  4. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ھوقۇقدارلار چەتئەلنىڭ ياخشى تەرپىنى تاشلاپ قويۇپ ، ناچار تەرىپىنى بىزگە ئشلىتەمدىكىن دەيمەن .
    پۇل ھوقوق سودىسى قىلىدىغانلار ، ماركىسنىڭ كاپىتال دېگەن ئەسىرىنى ياخشى ئۇگەنگەن چوقۇم ، %300 پايدا بىرىدىغان بولسا ئاتا-ئانىسنى قوشۇپ سېتىشتىنمۇ يانمايدۇ .

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟