توردا ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتشۇناسلىقىغا ئائىت يازما – ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ يۈرگەن بۇ بەش – ئالتە يىلدىن بېرى، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنە، خىزمەتداش – ساۋاقداشلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىچىلا << ئىسىمشۇناس >> بولۇپ قالدىم. يېقىن – يورۇقلار پەرزەنت يۈزى كۆرگەن ھامان  مېنىڭدىن بالىلىرى ئۈچۈن ئىسىم سورىشاتتى. شۇنداق قىلىپ << يۈكسەل تەۋسىيە قىلغان ئۇز ئىسىملار >> قويۇلغان بالىلارنىڭ سانىمۇ خېلى ئاۋۇپ قاپتۇ. ئۇشبۇ يازمىدا شۇ ئىسىملارنى رەتلەپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ قالدىم. يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان جىگەر – پارىلىرى ئۈچۈن ئىسىم ئىزدەپ يۈرگەن دوستلارغا ئەسقېتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.                 

بالىلار ئۈچۈن يۈكسەل تەۋسىيە قىلغان ئۇز ئىسىملار

 

ئوغۇللار ئۈچۈن

قىزلار ئۈچۈن

ئىسىم

مەنىسى

ئىسىم

مەنىسى

ئوغۇز

مۇبارەك، ساپ ۋە كامىل يارىتىلغان ئادەم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا خاقانىنىڭ ئىسمى؛ تۇنجى ئانا سۈتىنىڭ ئىسمى. 

ئەركىيە

ھۆر قىز، ئەركىن قىز ،

ئەرك سۆيەر قىز

ئاتىللا

بۈيۈك، داڭلىق، ئاتاقلىق، ئۇرۇشچى، بويسۇندۇرغۇچى. ياۋروپا ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىمپېراتورى.

ئايقۇت

چىرايلىق، بەخىتلىك قىز، قۇت كەلتۈرگۈچى قىز

بىلىگيار

بىلىگزات

بىلىم يار بولغۇچى

بىلىملىك كىشى

بىلىگنۇر

بىلىگىيە

بلىملىك نۇردەك يورۇق قىز.   بىلىملىك قىز

ئەركزات

كۈچ قۇدرەت ئىگىسى، ئەركىن كىشى

ئىلتەبەر

قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى، قوماندان، ۋالىي دېگەن مەتىۋە نامى

نۇرزات

نۇر ئوغلى

 يولى ئوچۇق، نۇرلۇق كىشى

نۇرتەن

ۋۇجۇدى نۇردەك يورۇق ، گۈزەل قىز

نىھات

روياپقا چىقارغۇچى، ئىشقا ئاشۇرغۇچى دېگەن مەنىلەردە بولۇشى، ئورخۇن پادىشاھلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن ؟

كۈنقىز

ئايقىز

كۈندەك نۇرلۇق قىز

ئايدەك چىرايلىق قىز

ئىلكەر

تۇنجى ئەر

 تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل بالا

ئىلبەر

مۇئەييەن بىر تۇپراق بېرىلگەن، شۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى

ئەرقۇت

بەختلىك ئەر

 بەخت كەلتۈرگۈچى ئەر.

ئەردەمئاي

ئەخلاقلىق ئايدەك چىرايلىق قىز.

ئەزەل

ئەزەل، باشلانغۇچى بولمىغان ئۆتمۈش

ئەردەنئاي

يېڭى تۇغۇلغان ئاي

يۈكسەل

ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئىلگىرىلەش، توسالغۇلاردىن ئېشىش

ئايتۇغ

ئايدەك نۇرلۇق تۇغ

 

يۇقىرىقى ئىسىملار  << بالىلار ئۈچۈن يۈكسەل تەۋسىيە قىلغان ئۇز ئىسىملار >> دۇر. ئەگەر سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ قويغان ياكى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغان << ئۇز ئىسىملار >> ىڭىز بولسا، مۇشۇ تېما ئېتىبارىدا بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىز، ئۇز ئىسىملاردىن بارچە ئۇماق بالىلار تەڭ بەھرىلەنگەي !

يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىل 01-ئاينىڭ 13-كۈنى am 2:58
كۆرۈلۈشى: 12,729 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=1307  [كۆچۈرۈش]