نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ۋاپادارىم ( ئەيساجان ) غا بېلەت تاشلايلى!

تور ئەھلىگە يۈكسەلدىن يېتىپ مەلۇم بولغايكى، تور دۇنياسىدىكى مېھىر – شەپقەت ئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپ داڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر  ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن ) شەرەپ بىلەن 10 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ،  ھەر ساھەدىن خىللانغان دەۋر روھىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر باھالاش بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ۋاپادارىم بىلەن بىرگە جەمئىي 30 نەپەر ياش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. شۇ تاپتا، بېلەت تاشلاش ناھايىتى كەسكىن داۋام قىلماقتا. يۈكسەل بلوگى كەڭ تورداشلارنى تور دۇنيايىمىزدىن بالقىغان بۇ چولپان توردىشىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

بېلەت تاشلاش مەنزىلى:

 بۇ جاينى بېسىپ بېلەت تاشلايسىز، بېسىڭ!

تاشلاش ئوبيېكتى: 21 – نومۇرلۇق ئەيساجان نىزامىدىن ۋە ئۆزىڭىز خالىغان باشقا ياشلار.

تەپسىلات: تەڭرىتاغ تورىدا

تورداشلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى باشقا مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ۋاپادارىم ( ئەيساجان ) غا بېلەت تاشلايلى!

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!28 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    بۈگۈن تۆر ماڭا قاپتۇدە…
    ئەيساجاننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ باشقىلارغا خەيىر-ئېھسانلىق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك ئىش . بىز ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەيساجاننىڭ خەۋىرىنى كۆرۈپ، ساخاۋەتچى ئاكىمىز كاۋاپچى ئالىم خالىق ئېسىمدىن كەچتى.
    ئالىي مەكتەپتە قيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بەزى ئوقۇغۇچىلار تېخى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماي يۈرىكى سۇ بولىدىغان ئىشلار جىق. مەن تونۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي شۇ قەدەر ناچار ئىدىكى، مەزكۇر ئوقۇغۇچىغا يىللاپ 1 پۇڭچەن ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىكەن، ئەمما بۇ ئۇقۇغۇچى كۈندۈزى دەرس ئوقۇسا، چۈشلۈكى ئاشخانىدا ئىشلەپ، كەچلىكى بازاردا ئۇششاق سودا قىلىپ، ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ، ئۇنى-بۇنى قىلىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
    مەن بىر قېتىم ياز كۈنىنىڭ بىر كۈنى كەچلىكى ئۇ ئىنىمزنىڭ تور خالتىغا ئىككى يوغان تاۋۇزنى سېلىپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ، مەكتەپ ئالدىدىكى بازارغا ئەچىقىپ، تىلىمچىلىق قىلىپ سېتىپ، ئازغىنە بولسىمۇ پۇل غەملەش ئۈچۈن ئالدىراش قەدەملىرى بىلەن كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ياتىقىدىكى كونا ئۈستەلنى يايما قىلىپ، ھەر كۈنى شۇ تەرىقىدە سودا قىلىپ، تۇرمۇش پۇلىنى تېپىپ كېلىۋېتىپتۇ.
    ئەمما، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن، كۆپىنچە ۋاقتىدا ياخشى تاماق يېيەلمىگەچكە، ئاشقازان ياللۇغى بۇلۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق كۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، يۈرىكىم سېرىلدى.

    ئۆز ھاجىتىدىن چىقىپ باشقىلارنى ئويلاش- ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەيساجان كەبىي ئوغلانلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا ھەممىزدە بۇ خىل روھ بۇلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم. باشقىلارغا ياردەم قىلغۇدەك چېقىڭىز بولمىسا مەيلى، ھال-ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا قاراپ تۇرسىڭىز بۇ سىز ئىنساندارچىلىقتىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەن بۇلىسىز.
    يەنە بىر گەپ – باشقىلارغا ياردەم قىلىش غەرەزسىز يۇسۇنىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بەزىلەر ئۆزىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، نامرات ئوقۇغۇچىلار پۇل ئىئانە قىلدىم دەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يوغان قىزىل تاختايغا يېزىلغان مۇنچە يۈز يۈەن دېگەن سۇلياۋ تاختاينى كۆتەرتىپ قۇيۇپ، مەغرور ھالدا پۇل ئىئانە قىلىدۇ. بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇل ئىئانە قىلىش ئەمەس، ئۆزىنى نامايان قىلىش. شۇڭا، ئاشۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، مەنىۋىيىتىمىزنى پاكلاپ، ئىنسانىي تاكاممۇلۇقنىڭ يۈكسەك پەللىرىگە ئۆرلىسەك نېمە دىگەن ياخشى……
    ئەيساجانغا قايتا-قايتا بىلەت تاشلىۋەتتىم…

  2. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىۋەتتىم.

  3. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ۋاپادارىمنىڭ ھامىنى بۇنداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. بولسا مۇشۇ بانادا فوند قۇرۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ئىدى.

  4. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئەزاسى، مۇنبەردىشىمىز ۋاپادارىمغا بىر بېلەت كەتتى.
    ۋاپادارىمنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن!
    ئۇنىڭغا بەخىت ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولسۇن!

  5. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    مەنغۇ بۇنداق بىلەتلەرنى قوغلاپ يۇرۇپ تاشلايتىم ! بۈگۈن نۆۋەت ئەيساجانغا كەپتۇدە ! مەنمۇ بۇ يازمىنى بلوگۇمدا تەشۋىق قىلىپ قوياي !

  6. 2020520 مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ بېتىم ئارتۇقچە بولسىمۇ تەشۋىق قىلاي …..www.2020520.com تەۋسىيە قىلىپ تەشۋىق قىلاي ، ماقالىڭىزنى كۆچۈرۋالدىم خاپا بولماڭ ئەمىسە….ۋۋ

  7. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ئەينى ۋاقىتىتا ۋاپادارىم «بىر سوم پىلانى» بىلەن ساۋاقدىشىمنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كۆپ ياردەم قىلغان ئىدى، قىسقىسى ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغان دوستۇم قايتىدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئوقۇشقا ئاتلانغان. ئەيساجانغا بىر بېلەت كەتتى ئەمسە!

  8. ۋاپادارىم912 مۇنداق يازغان:

    ئىككى كۈندىن بۇيان تۆۋەندە ئىشلەپ تورغا چىققۇدەكمۇ بولمىغان ،بايام ئىدارىغا كەلسەم توردا بېلەت تاشلاش توغرىسىدا ماقالە يېزىپتۇ .تاشقى تورغا چىقىپ كۆرەي دەپ قارىسام يۈكسەل بۇرادىرىم تورغا چىقىرىپتۇ .بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،يۈكسەل بۇرادەرگە ۋە بارلىق قەدىردان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن .

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      تۈزۈت قىلمىغايلا ئەيساجون، سىلىنىڭ شەرەپ قۇچۇشلىرىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! سىلى ئېرىشكەن شەرەپ ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭمۇ شەرىپىمىزدۇر، بىز سىلى بىلەن پەخىرلىنىمىز ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق يار بولغاي!

    • تەدبىركار مۇنداق يازغان:

      ئەيساجانغا مۇبارەك! قولۇمدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلەر بىلەن بېلەت تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمەن.

  9. ئايچىۋەر مۇنداق يازغان:

    ئەيساجاننىڭ ‹ بىر يۈەن پىلانى › نى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ –تىرىشچان ، پەزىلەتلىكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .ئىشىنىمەن ، ئەيساجان چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىدۇ !

  10. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    ئەيساجانغا يەنە بىر بېلەت كەتتى، بۇ ئىككىنچىسى ……

  11. گۈزەل3.8 مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىدىم، سىزنى قوللايمىز، ۋاپادارىم(ئەيساجان)

  12. دوست مۇنداق يازغان:

    نېمىشقا ھەممە ئۇيغۇرغا تاشلىمايمىز ، تاشلىغىلى بولىدىكەنغۇ ؟ ھەممىسىگە تاشلايلى ، ئۇنداق ئايرىمچىلىق قىلمايلى ، ئاران نەچچىسىلا باركەن ، تاشلىغىلى بولغاندىكىن تاشلاپ قويۇڭلار .
    مۇشۇ يۈكسەلمۇ بەكلا ئايرىمىچى ، نەدە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى بولسا شۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ . قالغىنى بىلەن كارى يوق . تەرەققىي قىلغانسىرى ، سىن غا ئوپمۇ ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ دىسە ! مارالبېشىلىق ئۇنداق ئەمەس جۇمۇ !

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەمما، مەنمۇ ‹‹ تاشلاش ئوبيېكتى: 21 – نومۇرلۇق ئەيساجان نىزامىدىن ۋە ئۆزىڭىز خالىغان باشقا ياشلار. ›› دېگەندەك قىلىۋېدىم، كۆرمەي قالغان ئوخشايمىز.
      شۇنداقتىمۇ، ‹‹ دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›› دېگەندەك، تورداش دوستنىڭ تەنبىھلىرىگە ھەشقاللا !

  13. webfan مۇنداق يازغان:

    توردا بىلەت تاشلاش تۈرىدە جەمئىي نەچچە بىلەت تاشلىيالايمىز؟ مەن ئۇدا 5بىلەت تاشلىسام، ھەممىسى مۇۋەپىققىيەتلىك بولدى، دەيدىغۇ؟

  14. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    مەن مايەدىكىلەرني سەپەرۋەر قىلاي، كېمىدە نەچچە ئون IP قولۇمدىن كېلىدۇ ;-)

  15. قارىقات مۇنداق يازغان:

    بېلەتنىڭ نەتىجىسىنى نەدىن كۆرىدۇ؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ۋاپادارىمنىڭ شامىلى ئۇچۇرۇپ كەلدىمۇ نېمە سىزنى قارىقات؟! …
      تاشلانغان بېلەت نەتىجىسىنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان ئوخشايدۇ، كۆرگىلى بولمايدىكەن. بەلكىم نەتىجە ئىچكى قىسىمدا بېكىتىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، تاشلانغان بېلەتنىڭ نەزەردىن ساقىت بولۇپ كېتىشى مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىز داۋاملىق تاشلىشىمىز، باشقىلارنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىشىمىز لازىم. ۋاپادارىمغا ئۇتۇقلار تىلەيمىز!

  16. تۈركىيان مۇنداق يازغان:

    دادامغا ئۇتۇقلار تىلەيلى ….

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      دادىڭىزغا تىلىگەن تىلەكلىرىڭىز ئىجابەت بولغاي ، ئوغلۇم تۈركيان! دادىڭىز ئەيساجاندەك ئەلگە ياراملىك ئوغلان بولۇپ يېتىلگەيسىز!

  17. تۈركىيان مۇنداق يازغان:

    بۇ يەردە ئۇيغۇرچىسى بار ئىكەن .

  18. قارىقات مۇنداق يازغان:

    تۈركىيان ئەيساجاننىڭ ئوغلىما؟ قېيىپ كەتتىمغۇ. ھاھاھا . . .
    نەتىجىنىڭ راستلىقىنى بىلگىلى بولمىسا قانداق بولۇپ كەتتى بۇ؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      شۇنداق، تۈركيان ۋاپادارىمنىڭ ئوغلى. شۇ تاپتا 2 ياشقا يېتەي دېدىغۇ لېكىن، ئىنكاسنى بەلكىم ئانىسى يوللىشىپ بەردى بولغاي … ھا ھا ھا
      ھەممەيلەننىڭ ئائىلىسىگە بەرىكەت يار بولغاي، پەرزەنتلىرىمىز ساغلام يېتىلگەي!

  19. كارۋان مۇنداق يازغان:

    قوللايمىز بىر بىلەت كەتتى

  20. تۈركىيان مۇنداق يازغان:

    10 بېلەت كېتەتتى دېسە ،ئاپلا …………

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى بېلەت تاشلاش كۈنى، كۆپچىلىك غەيرەت قىلايلى، ئۆز – ئارا دوست – يارانلارغا تەۋسىيە قىلايلى، كيۇ كيۇ توپلىرىدا ھەرىكەتكە كېلەيلى! ۋاپادارىم قاتارلىق مۇنەۋۋەر ياشلىرىمىزغا ھەقىقىي مەدەت بېرەيلى!

يۈكسەل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟