نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

يۈكسەلنىڭ ‹‹ قېرىندىشى ›› ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر

يۈكسەلنىڭ ‹‹ قېرىندىشى ›› ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر

2009 – يىلى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، پېقىر دەسلەپ ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە يۈكسەل بلوگىدا ‹‹ يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار ›› ماۋزۇلۇق مۇراجەتنامە ئېلان قىلغان ئىدىم. مەزكۇر تېمىدا يەركەندىن كەلگەن تۇرسۇنجاننىڭ 1.5 ياشلىق قىزى مۇكەررەمنىڭ قان – تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپدار بولغانلىقى ۋە بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 40 مىڭ يۈەن داۋالاش خىراجىتى كېتىدىغانلىقى، تۇرسۇنجان ئائىلىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مۇكەررەمنى داۋالىتىش جەريانىدا ئاللىقاچان داۋاملىق داۋالىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلىقى، مۇكەررەمگۈلدىكى ئۆسمىنىڭ جىددىي تېزگىنلەنمىسە ئاقىۋېتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جىددىي ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇھتاجلىقى ، ئەل – جامائەتنىڭ بۇ قىزىمىز ( سىڭلىمىز ) غا قېرىنداشلىق قولىنى سۇنۇشى  ھەققىدە ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكىگە مۇراجەت قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر مۇراجەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكىنىڭ بىردەك قىزغىن قوللىشىغا، كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇشەررەپ بولدى.
ئالدى بىلەن ئۇزچى ، مىسرانىم ، بۆشۈك، ئۇيغۇر ، بىرزات ( ۋە مەن ئىسمىنى ئاتاشقا ئۈلگۈرمىگەن، ئېسىمدە تۇتۇپ بولالمىغان بىر تالاي تورداشلار ) قاتارلىق تورداشلار مەزكۇر تېمىلارنى ھەرقايسى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى، تور بېكەتلىرىدا ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ھەرقايسى مۇنبەر – تور بېكەتلەر بۇ ئىشقا ئالاھىدە قىزغىن مۇئامىلە قىلدى.
مەسىلەن، ئىزدىنىش مۇنبىرى باشتىن ئاخىرى ئاساسىي تەشۋىقات سورۇنى ۋە پائالىيەت مەركىزى بولۇپ بەردى. مەزكۇر مۇراجەتنامە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە جەۋھەرلەندى ۋە مۇنبەرنىڭ كۆزگە چېلىقارلىق جايىدا تاكى پائالىيەت ئاخىرلاشقۇچە تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىندى. ئىزدىنىش تورداشلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيسى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ جانلىق ، ئەمەلىي بولدى.
بۇندىن باشقا يەنە شەبنەم ، دىيارىم تورلىرىمۇ مەزكۇر تېمىنى جەۋھەرلەپ ياكى نادىرلاپ، باش بەتتە ئۇزاقراق تۇرۇشىغا، تورداشلارنىڭ كۆپرەك كۆرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. بىرزات ئەپەندى سەلكىن تورىدىكى تەشۋىقاتقا كۈچىدى. خانتەڭرى تورى بېكەت مەسئۇلى توردىشىمىز – مۇنبەردىشىمىز ئۇيغۇرنىڭ باشچىلىقىدا بېكەت ئىچىدە تەشۋىق قىلدى ۋە بېكەت نامىدىن مۇكەررەمگۈلنى يوقلىدى ۋە مېھرىبانلىق قوللىرىنى سۇنۇشتى. بلىك تورى ۋە سىتۇدېنتلار كۇلۇبىمۇ مەزكۇر تېمىنى باش بەتتە ھازىرغىچە تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىپ بەردى.
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ھاجەت بىلدىمكى، ئۇيغۇرلاردىكى بالىلارغا بېغىشلانغان بىرقەدەر مۇكەممەلرەك بولغان تور بېكەت ‹‹ بۆشۈك تورى ›› بۇ ئىشقا باشتىن – ئاخىرى ئالاھىدە قىزغىن ئىشتراك ئەتتى. بۆشۈك تورىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولغان نىجاد ۋە ئەكبەر قاتارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى ئۆز تور بېكىتىدە تەشۋىق قىلىپ، تور ئەزالىرىنى مۇكەررەمگۈلگە ياردەم قىلىشقا تەشكىللىدى. ئاندىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەشكىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا ئىنكاس قىلىپ، نىجاد نىياز  خوجا ئاكىمىزنىڭ تەشكىلگە ۋاكالىتەن كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشى ۋە بىمارغا ئىگە بولۇپ دوختۇرخانا بىلەن سۆزلىشىشى نەتىجىسىدە ، سىڭلىمىز مۇكەررەمگۈلنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرى زور قولايلىق ۋە ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى. ئارقىدىن يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەشكىلىدىن  زىڭ جيەن، نىجاد نىياز خوجا  باشچىلىقىدىكى يولداشلار دوختۇرخانىغا كېلىپ، تەشكىل ۋە خىزمەتداشلار نامىدىن مۇكەررەمگۈلنى يوقلىدى ۋە 1000 يۈەن ياردەم قىلدى ھەمدە داۋالاشنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بىزگە زور ئىلھام بولدى.
بۇندىن باشقا ئۈرۈمچىك كەچلىك گېزىتىدىكى نىجات نىياز ئەپەندى ۋە جۇڭغارىيە مېھرىبانلىرىنىڭ ۋەكىلى ئازارىيە ھەدىمىز قاتارلىق بىر قاتار كىشىلەر تورغا كىرمەيدىغان كىشىلىرىمىز ئارىسىدا تەشۋىقات ۋە ئەمەلىي ياردەم پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى، بىر قانچە قېتىم دوختۇرخانىغا كېلىپ مۇكەررەمگۈلنى يوقلىدى.
ئۇيغۇر بلوگگىرلار ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن توپ بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇشتى. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى دەل بوھران بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ، قىزىل كىرست جەمئىيىتىدىن ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى ئىدى. ئەگەر تەڭرى تۇرسۇنجاننى ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتۇرمىغان بولسا ، بۇنداق بىر پائالىيەتمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى باشتىن – ئاخىرى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ھەر كۈنى دېگۈدەك تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ تۇردى ۋە يېڭى ئەھۋاللارنى پېقىر ۋە تورداشلارغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تۇردى.
بۇندىن باشقا، بىر زات ئەپەندىنىڭ 80 خالتا تورى ، بوغلان بلوگى ، ئىلقۇت تورى، تارىم بلوگى ، ئۆگىنىش بلوگى، تىزناپ بلوگى ، ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگى ، قىسمەت بلوگى قاتارلىق بلوگلار يۈكسەل بلوگىدا چىقىرىلغان چاقىرىققا تۇشمۇ – تۇشتىن ئاۋاز قېتىشتى.

بۇ پائالىيەت جەريانىدا، مەن ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى، خانتەڭرىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ، ئىلى – تارىم بويلىرى ، تەكلىماكان – جۇڭغار باغرىدىكى نۇرغۇنلىغان ساپنىيەتلىك ، ساخاۋەتپەرۋەر دىلكەشلەرنىڭ ئەھۋال سوراپ قىلغان تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بولمىش سىڭلىمىز مۇكەررەمگە بولغان غەمخورلۇقى ، كۆڭۈل بۆلۈشى ، ئۇنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، دۇئا  – ئىلتىجالىرى ماڭا ئاجايىپ تەسىر قىلدى. نۇرغۇنلىغان ئايال ھەمشىرىلىرىمىز يىغلاپ تۇرۇپ تېلېفون قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن چىرىدىن تېلېفۇن قىلغان ياشقا چوڭ ئانام دىمەتلىك ئايالمۇ بار. مېنى ئەڭ ھەيرەتتە قويغىنى شۇ بولدىكى ، بازار ئوينايدىغان بالىلارمۇ تېلېفون قىلىپ ، سىلەر ھەممىڭلار بىزنى تىللايسىلەر ، ئەمما بىز بۇ سىڭلىمىزغا ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرمىسەك بولمايدۇ. كىمنىڭمۇ كۇچا – كوتاڭادا يانچۇققا تەلمۈرۈپ يۈرگىسى بار ، بىزنىڭمۇ  چىقىش يولىمىز بولغان بولسا بىزمۇ بۇ يولغا ماڭمايتتۇق …. دېدى.

كىشىلەر شۇنچىلىك بىر خىل تەسىرلىك كەيپىيات ئىچىدە ياردەم قۇلىنى سۇنۇشتىكى، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز ؟ دېگەن سۇئالىم كۆپ ھاللاردا جاۋابسىز قالدى. تونۇيدىغانلىرىم ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا، نامەلۇم بىرى كىشى ئاز ئەمەس ساپمۇ – ساق 5000 يۈەن پۇلنى دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇرسۇنجاننىڭ قولىغا نەق تۇتقۇزۇپ، ئاللاھدىن مۇكەررەمگۈلنىڭ بالدۇرراق شىپا تېپىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپلا قايتقان. تۇرسۇنجان ۋە ئايالىنىڭ ئاللاھ سىزدىن ئۇ دۇنيا – بۇ دۇنيا رازى بولسۇن ، كىملىكىڭىزنى بىر بىلىپ قالايلى دېگەن سۇئاللىرى جاۋابسىز قالغان.  ئۇلارنىڭچە ئوڭ قولدا قىلىنغان ياخشىلىقنى سول بىلمەسلىكى كېرەك ئىدى. قاراڭ ، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئېسىل ئادەملەر ، مۇشۇنداقمۇ مېھنەتسىز ياخشىلىق بولامدۇ ؟ ئەدىناسى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بېرىشنىمۇ خالىمايدىغان. بۇلارغا قارىغاندا يېتىم – يېسىرلارغا ، يوقسۇللارغا ئازغىنە ياردەم قىلىپ قويۇپ، تېلېۋۇزۇر، گېزىت -ژۇرناللاردا سازايى قىلىپ، يېتىم بولغانغا، يۇقسۇل بولۇپ قالغانغا ئاغزى – بۇرنىغىچە تويدۇرۇپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان ياخشىلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ نېمە دەيسىز ؟ ….

مانا بۇ جەرياندا ئەڭ كۆپ ئويلىغانلىرىم شۇ بولدىكى ، ئۇيغۇر دېگەن قانداق ئېسىل قەۋىم ھە ، بىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە يەنە بىرى ئولتۇرالمايدىغان ؟!  جەمئىيتىمىزدە ساپنىيەتلىك ، ئاقكۆڭۈل ، ساخاۋەتلىك كىشىلەر نېمە دېگەن كۆپ ؟ بىزدە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ، بىر يەڭدىن قول چىقارسا خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەنغۇ ؟ ئىنساننىڭ ئەسلى تەكتى ياخشىلىق ئىكەندە ؟! …  ھېلىقى ھە دېسە ئۇيغۇر مانداق ، ئۇيغۇر بۇنداق دەپ تېل – دەشنام قىلغۇچىلارغا شۇنداق ئۆچلىكىم كەلدىكى ، مۇشۇنچىلىك ئېسىل بىر قەۋمگە تىل تەگكۈزۈشكە پېتىنغان قانداق تىلدۇ ؟  شۇ مىللەتنىڭ پۇشتى تۇرۇپ ئۆز ئانىسىنى تىللايدىغان  ئۇلاردىكى قانداق يۈزدۇ ؟ …

بۇ جەريانىدىكى كۆرگەن – ئاڭلىغان تەسىرلىك ئىشلىرىم چېچىمدىن كۆپ ئىكەن. ھەممىسىنى بىرمۇ – بىر سۆزلەپ كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىش مۇمكىن بولمايدىكەن. شۇڭا، پائالىيەت ھەققىدىكى گەپنى مۇشۇ جايدا تۈگەللەپ، ئەمدى مۇكەررەمگۈلنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە كۆپچىلىككە ئۇچۇر بېرىشنى توغرا تاپتىم.

ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى مۇكەررەمگۈل ۋە ئاتىسى تۇرسۇنجان

مۇكەررەمگۈل دەسلەپتە، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ غەملىنىپ بولالماسلىقى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل ( 15 ) كۈنگىچە بالنىتسىغا كىرەلمىدى. بۇ جەرياندا تۇرسۇنجان ئائىلىسى داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن پۇلنى ئىسراپ قىلمايمىز دەپ 2 – دوختۇرخانىنىڭ پەشتاقخانىسىدا ئورۇن – كۆرپە سېلىپ 2 ھەپتىنى ئۆتكۈزدى. غەملەنگەن پۇل 35 مىڭدىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا بالنىتسىغا ئېلىش مۇمكىن بولمىدى. ئاقىۋەت بۆشۈك تورىدىكى تورداش نىجادتنىڭ كۈچىشى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى نىجاد نىياز ئاكا تەشكىلگە ۋەكىل بولۇپ كېلىپ دوختۇرخانا بىلەن سۆزلىشىپ، بالىنى كېچىكتۈرمەي بالنىتسىغا ئېلىش تەكلىۋىنى بەرگەندىن كېيىن ، مۇكەررەمگۈل بالنىتىسغا ئېلىنىپ داۋالاش باشلاندى. داۋالاش جەريانىدا ئوپېراتسىيىنىڭ مۇرەككەپ، بالىنىڭ يېشى كىچىك بولۇشى سەۋەبىدىن تۇرسۇنجان ئائىلىسى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن قورقۇپ، ئوپېراتسىيىدىن ئاۋۋالقى قوشۇلۇش كېلىشمنامىسىگە ئىمزا قويۇشتىن باش تارتىپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئوپېراتسىيە يەنە بىر ھەپتە ئارقىغا كېچىكتۈرۈلدى. دوختۇرلارنىڭ ۋە ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى ھەمدە مېنىڭ خىزمەت ئىشلىشىم نەتىجىسىدە تۇرسۇنجان ئائىلىسى ئاخىرى ئوپېراتسىيە ئىشلەشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھەپتىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى مۇكەررەمگۈل ئوپېراتسيە قىلىندى. بۇ ئوپېراتسىيە دەسلەپكى باسقۇچلۇق ئوپېراتسىيە بولۇپ، كۆلۈمى كىچىكرەك ئىكەن. مەقسەت بۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆسمىنىڭ داۋاملىق يوغىنىشىنى تېزگىنلەش ئىكەن. ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلسە بالىنىڭ ئەھۋالى ۋە يېشغا قاراپ داۋاملىق ئوپېراتسىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان ئىشكەن. ئوپېراتسىيىدىن 1 ھەپتە كېيىن دوختۇرلار ئوپېراتسىيە ئۈنۈمىنىڭ ئۆزلىرى كۆزلىگەن ئۈنۈمدىنمۇ ياخشى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە داۋاملىق 3 ئاي كۆزىتىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا ، مۇكەررەمگۈلنىڭ ۋاقتىنچە بالنىتسىدىن چىقسا بولدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇكەررەمگۈل بالنىتسىدىن چىقتى. بالىنىسىدىن چىققاندىن كېيىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى يۇرتى يەركەنگە قايتىشى كېرەكمۇ ياكى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ كۆزىتىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلە ئالدىمىزغا قويۇلدى. مۇكەررەمگۈلنىڭ داۋالىنىش ئىشىغا باشتىن – ئاخىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلچىگۈل خانىم ئۇلارنىڭ  بالىنىڭ كېسەللىكىنى كۆزىتىش ئىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۇرتقا قايتىپ كۈتمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈرۈمچىدىن كەتمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ۋە كېرەكلىك تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، تۇرۇسجان ئائىلىسىنىڭ يۇرتتىن چىققانلىقىغا ئاللىقاچان بىر قانچە ئايلار بولۇپ قالغانلىقى، يۇرتتىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى تېزرەك قايتىپ كەلسىكەن، دېگەن ئارزۇيىنىڭ بارلىقى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن تۇرسۇنجان ئائىلىسى 3 ئاي توشقىچە يۇرتىغا قايتىپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتى. تۇرسۇنجان قىزى مۇكەررەمگۈلنى ئېلىپ 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى كەچتە ئاپتۇبۇس ئارقىلىق يۇرتى يەركەنگە قايتىقان بولۇپ، بىر كۈن ئۆتۈپ ئەتىسى تۇرسۇنجان ماڭا ۋە ياسىن ئابدۇللا ئەپەندىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ سالامەت يۇرتقا كېلىۋېلىشقانلىرىنى ئېيتتى.

تۇرسۇنجانلار يولغا چىقىش ئالدىدا ، مەن ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تۇرسۇنجان ۋە مۇكەررەمگۈل بىلەن كۆرۈشتۇق. تۇرسۇنجان داۋالاش رەسمىيەتلىرى ۋە تۆلىگەن داۋالىنىش خىراجەت تالونلىرىنى بىزگە بىرمۇ – بىر كۆرسەتتى. بىز بۇ رەسمىيەت – تالونلارنى بىر نۇسخا نۇسىخىلىۋالدۇق. مەن ، تۇرسۇنجان ، ياسىن ئابدۇللا ئۈچەيلەن كېڭىشىش ئارقىلىق داۋالىنىش خراجىتى ئۈچۈن يىغىلغان پۇلنىڭ داۋالىنىشتىن ئاشقان قىسىمىنى ( 24924 يۈەن ، يەنى يىگىرمە تۆت مىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە تۆت يۈەن  ) بىز ئېلىپ قېلىپ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرى مۇكەررەمگۈلنى قايتا تەكشۈرۈتىش ۋە داۋالاش ئىشىدا ئىشلەتمەكچى بولدۇق. بۇ پۇل ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى ۋە تۇرسۇنجاننىڭ گۇۋاھلىقىدا مېنىڭ كارتامغا قويۇلدى . بانكىدىن چىقىرىلغان ئىسپات بىر نۇسخا كۆپەيتىلىپ تۇرسۇنجاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلدى.
تۇرسۇنجان ئائىلىسى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن 10 مىڭ 400 يۈەن پۇل داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلمىدى ( ئۆزلىرىدە قالدۇرۇلدى ).
ئومۇمى ھېسابات:
بۇ پائالىيەت جەريانىدا تۇرسۇنجان ۋە مېنىڭ  ئەلقەم ئىلھام نامىدىكى كارتىغا يىغىلغان ئومۇمى ياردەم پۇلى  38699.66 يۈەن ( يەنى ئوتتۇز سەككىز مىڭ ئالتە يۈز توقسان توققۇز  يۈەن ئاتمىش ئالتە پۇڭ ) .
ئومۇمىي كەتكەن داۋالىنىش خىراجىتى 12938.84 يۈەن ( ئون ئىككى مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز سەككىز يۈەن سەكسەن تۆت پۇڭ ).
يەركەنگە قايتىش خىراجىتى: 300 يۈەن.
ئومۇمىي ئاشقان پۇل 25460.82 يۈەن ( يىگىرمە بەش مىڭ تۆت يۈز ئاتمىش يۈەن سەكسەن ئىككى پۇڭ ) . بۇ پۇلنىڭ ئىچىدىكى  24924 يۈەن( يىگىرمە تۆت مىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە تۆت يۈەن ) تۇرسۇنجاندىن تاپشۇرۇۋېلىنغان پۇل. قالغان 536.82 يۈەن پۇل بولسا مېنىڭ كارتامغا شۇ كەمگىچە باشقىلار تەرىپىدىن يوللانغان پۇل بولۇپ، بارلىق ئاشقان پۇل 8 -ئاينىڭ ئاخىرلىرى مۇكەررەمگۈلنى قايتا تەكشۈرتىش ۋە داۋاملىق داۋالىتىش جەريانىدا تۇرسۇنجاننىڭ قولىغا تۇتقۇزىلىدۇ.

دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇلغان داۋالاش چىقىمى تالونى

بۇندىن باشقا، توردىشىمىز گۈلنار خانىم چەتئەلدىن يوللىغان 1000 يۈەن پۇل ، پېقىرنىڭ كىملىكى يۈتۈپ كەتكەنلىكى ، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنىڭ ئاقماسلىقى سەۋەبلىك پوچتىخانىدىن ھازىرغىچە ئېلىنمدى( ئېلىشقا ئىمكان بولمىدى. كىملىكىم چىقسا ئېلىشقا ئىمكان بولۇرمۇ بىر نېمە دېيەلمىدىم. ). بۇ پۇل يۇقىرىقى ھېسابقا كىرگۈزۈلمىدى.

شۇنىڭ بىلەن ، مۇكەررەمگۈلنىڭ داۋالىنىش ئىشى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان خەيرى – ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇشۇ يەردە تاماملىنىدۇ. ۋاقتىنچە ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەمدى مەزكۇر تېمىنى تەشۋىق قىلىشىپ بەرگەن تور بېكەتلەرنىڭ مەزكۇر تېمىنى تاقاپ قويۇشىنى ، ئېلان – تەۋسىيدىن بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋالاش ئەھۋالىغا قاراپ داۋاملىق مۇراجەتنامە چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق قارار قىلىنىدۇ. ئەھلى جامائەت ۋاقىپ بولۇپ قالغاي. ئى ئاللاھ كۆپچىلىك ئالدىدا ھېساب بەردىم گۇۋاھ بولغىن.

كامالىي ئېھترام بىلەن

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن      يۈكسەل

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: يۈكسەلنىڭ ‹‹ قېرىندىشى ›› ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. bohran مۇنداق يازغان:

    بۇ ساخاۋەتلىك ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى يېزىپ خۇلاسىلەپسىز،دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەر ئاساسەن تىلغا ئېلىنىپتۇ. بىرلا دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشتىن كېيىنكى چىقىم ئەھۋالى ۋە داۋالاش نەتىجىسىگە ئائىت ماتېرىياللار ( رەسىملەر)كەم قاپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارنى بلوگىمغا يوللاپ قوياي، يۇقارقى يازمىغا قوشۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كەتسۇن.
    [reply=Yuksel,2009-06-01 02:36 PM]سىز ئېيتقان مەزمۇن تولۇقلاپ قويۇلدى. رەھمەت بۇرادەر![/reply]

  2. est مۇنداق يازغان:

    مەن بىلمەيلا قاپتىمەن ئەمەسمۇ

    ھازىر ئىئانە قۇبۇل قىلامدۇ؟
    [reply=Yuksel,2009-06-02 12:27 AM]بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالاش ئاخىرلاشتى. شۇڭا، ۋاقتىنچە ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ. رەھمەت![/reply]

est 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟