نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەل قوينى ئالتۇن بۆشۈك (ئىلھامجان ھەققىدە زىيارەت خاتىرىسى)

ئەر يىقىلسا ئەل يۆلەر !
شۇ تاپتا، قېرىندىشىمىز  ئىلھامجان دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ياتقىلى 4 ئايدىن ئاشتى . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن جەمئىي 260 مىڭ يۈەندىن كۆپراق داۋالىنىش خىراجىتى كەتتى. بۇ زور ئىقتىسادىي چىقىمنى ئىلھامجان ئائىلىسى ھەرگىز ئۈستىگە ئالالمايتتى . بۇنچە چوڭ بالا- قازانىڭ كېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ؟؟!!
ئىلھامجان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلى ئىدى، ئەمما تۇيۇقسىز كەلگەن تەقدىرنىڭ چاقچىقىدىن ئەمدىلا مېۋە بېرەي دېگەن كۈچەت يىقىلدى …

ئىلھامجاننىڭ دادىسى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا

ئىلھامجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى

بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى كەچ  ، ئىلھامجان ياتىقىدا تەكرار قىلىپ  بولۇپ ، تازلىق ئۆيگە چىقتى ، كىم بىلسۇن ئۇ تازلىق ئۆيدە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ سول مېڭىسى ئېغىر يارىلاندى ، ئۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ ئوپېراتسىيىدىن كىيىن  42كۈن بىھوش ھالەتتە ياتتى ، زەخىملىنىش بەكلا ئېغىر بولغاچقا ئىلھامجاننىڭ سول مېڭە سۆڭىكى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلگەن ئىدى ، بىچارە مەريەم ئانا باغرىنى يېرىپ چۈشكەن، كۆز ئالدىدىن بېجرىم ئۇچۇپ كەتكەن پەرزەنتىنىڭ بو ھالەتتە يېتىشىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن ! ئۇ ئوغلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بارلىق بىساتنى ساتتى ، تاپقان – تەرگىنىدىن ئايرىلدى . ئەمما، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر يىغىپ – تۆشىگىنى يۈرەك پارسىنىڭ  داۋالىنىش ھەققىگە دالدا بولالمىدى . ئۇ قەرز ئالدى ، يەنە يەتمىدى ، قانداق قىلىش كېرەك؟! … پۇل تاپشۇرمىسا داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ، داۋالاش توختىدى دېمەك ئىلھامجاننىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ دېگەن سۆز !…
مەريەم ئانا ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئىلھامجان ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى تەشكىلىگە باغلىدى. دېمىسىمۇ مەكتەپ گوياكى باغ – گۈلستان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇندىكى يۇمران نوتا ئىدى، نەدىمۇ يىقىلغان كۆچىتى بىلەن كارى بولماس باغۋەن بولسۇن ؟! … دەرۋەقە، ئانىنىڭ تەكرار ئەھۋال ئىنكاس قىلىشى، ئىلتىماس قىلىشى ئارقىلىق مەكتەپ تەشكىلى ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئالدى – كەينى بولۇپ 65 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل ئاجراتقان. ئەمما،  كۈنگە 7000 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىۋاتقان ئىلھامجاننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بۇ پۇل تۆت كۈن بولا بولماي تۈگەپ قالدى.
<<ئەمدى قانداق قىلمىز  ؟ ! يەنە كىملەردىن ئۈمىد كۈتىمىز ؟!  ئاھ خۇدا، بەندەڭنى مۇھتاجلىقتا قىينىمىساڭ ! … >> مەريەم ئانا بىلەن ئەلى ئاكىنىڭ يۈرىكى پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشىتاتتى، باغرى كاۋاب بولۇپ ئۆرتىنەتتى، ئىچى چاشقان غاجىلغاندەك تىتىلدايتتى، مىسكىن كۆزلەردە ياش لىغىرلاپ، تىللاردا ياراتقۇچىنىڭ مۇبارەك نامى زېكىر قىلىناتتى ….
چىن كۆڭۈلدىن  ئىلتىجاغا كۆتۈرۈلگەن جۈپ قولنى ھېچقاچان قۇرۇق ياندۇرمىغان ئۇلۇغ تەڭرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەم قۇرۇق ياندۇرمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مېھرى – شەپقىتىنى بەندىلىرىنىڭ ساخاۋەتلىك ياردەملىرى بىلەن كۆرسەتتى. ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان  ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قېرىنداشلىق قوللىرىنى سۇنۇشتى ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولدى. تور ۋاسىتە قىلىنغان بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدى، ‹‹ ساخاۋەتلىك دىللارغا ئىلتىجا ›› قىلىندى. ئىلھامجاننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈندىن خەۋەر تاپقان ھەر ساھە كىشىلىرى تۇشمۇ – تۇشتىن ساخاۋەتلىك قەلبلىرىنى ئىزھار ئېتىشتى. ھازىرغىچە ئىلھامجاننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن جەمئىيەتتىن يىغىلغان ئىئانە سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، ئالىي – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ ، ئىشچى – دېھقان، ھۆنەرۋەن – كاسىپ، سودىگەر – تىجارەتچى ، دۆلەت مەمۇرىغىچە ، دىيارمىزدىكى كىشىلەردىن تارتىپ ئىچكىرى ئۆلكە، دۈبەيدە ئوقەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگىچە، ئۇيغۇردىن تارتىپ،  ئۆزبېك، قازاق، تۇڭگان، خەنزۇغىچە ھەر مىللەت كىشلىرى بار ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئارىلىقنى يىراق دىمەي دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ، بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئىلھامجاننى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن ھاردۇق سورىدى.
ئىلھامجاننىڭ بۇرۇنقى كېسەللىك ئەھۋالىدىن دوختۇرلار ئۇنى ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ،  لېكىن ئىلھامجاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خېلى ياخشى بولۇپ ، بىر بەچچە خىل ھېسسياتنى ئىپادىلەشنى بىلىدۇ ، ئاتا – ئانىسىنى تونۇيدۇ ، ئىلگىرىكى بۇرنىدىن نەيچە ئارقىلىق غىزالاندۇرۇش بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۆزگەرىتىلىپ، ئەمدىلىكتە ئېغىزدىن ئوزۇقلاندۇرۇش باشلاندى . دوختۇرلارمۇ ئىلھامجاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئۇنىڭ ساقىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە . ئەمما ئەپسۇسلۇق يېرى، ئىلھامجاننىڭ مېڭە زەخمىسنىڭ تەسىردىن تۆۋەنكى مۈچە (پۇت – پاچىقى) ئېغىر دەرىجىدە يىگلەپ كەتكەن بولۇپ، پالەچ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارىكەن . دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئىلھامجاننىڭ بەدەن ھالىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئادەتىكىدىن تېز  بولغان بولۇپ ، ئەمدىكى ئاساسلىق داۋالاش پىلانى زەخىملەنگەن مېڭە ھۈجەيرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىمارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باسقۇچلارغا بۆلۈپ بىر قىسىم فىزىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئىكەن .
ئانا – ئانىنىڭ بارلىقى بالا، بالا ئۈچۈن ئۇلار بارلىقىنى ھەتتا ئۆز ھاياتلىرىنىمۇ تەسەددۇق ئەيلەشكە ھەرقاچان تەييار. ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ھېلىمۇ زور بەدەللەرنى تۆلىدى، نۇرغۇن جاپالارنى تارتتى ، ھېلىھەم شۇنداق بولماقتا . ئەمما، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ،  ئىمكانسىزلىق ، ئېغىر بولغان داۋالىنىش چىقىمى ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى يەنىلا بېسىپ تۇرماقتا، ئۇلار تېخى ‹‹ ئۇھ ! ›› دېيىشتىن يىراق …!

ئاخىرىدا ئىلھامجان ۋە ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ئورنىدا ھەرقايسى تورداشلار شۇنداقلا مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !…
Ilhamjan Eli
كارتا ئىسمى : 依拉木江.艾力
كارتا بېجىرگەن ئورۇن : جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى

كارتا نومۇرى : 6222023002008298922
Bank Kartisi
ئادرېس : شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىنى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم 16 – كارىۋات

新疆煤矿医院综合科16床

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى :

ئاتا ئانىسىنىڭ : 13659934741

دوختۇرخانىنىڭ :

زىيارەت ئۇيۇشتۇرغۇچى : يۈكسەل بلوگ
زىيارەت قىلغۇچىلار : ئادىلجان ئابدۇرۇسۇل  ، ئابدۇخەبەر ،
ئەلفىرە ، ئەلى ئىمىن  ، تۇرسۇنگۈل ئوسمان .
2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەل قوينى ئالتۇن بۆشۈك (ئىلھامجان ھەققىدە زىيارەت خاتىرىسى)

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!22 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    قېرىندىشىمىزغا ياراتقان ئىگەم ئاسانلىق بەرگەي…

  2. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    داۋاملىق ياردەم قولىمىزنى سونايلى ،، ھەر ئايدا ئازراقتىن پۇل ئاجرىتىپ بۇ ئۇكىمىزنىڭ بالدۇرۇاق ئەسلىگە كىلىشىگە ئىقتىسادى ياردەم قىلايلى ،، قالغىنىنى ئاللادىن تىلەيمىز …….
    ئۇكىمىزدىكى ياخشىلىنىشنى كورۇپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم ، تىخى ئەتىگەنلا بۇ ئوكىمىزغا ئاتاپ پۇل سىلۋەتكەن ئېدىم …….بەك ياخشى بوپتۇ …..

  3. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجاننىڭ خەۋىرىنى توردا تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ئۇنىڭ بىچارە قىياپىتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سۇدەك ئېرىپلا كەتكەنىدى. مانا ئەمدى يۈكسەل ئەپەندىنىڭ پىداكىرانە ھالدا توردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىىپ، نۇرغۇن ساخاۋەتلىك قەلىبلەرنى ئىئانە قىلىشقا تەرەددۇت قىلىشى بىلەن نۇرغۇن پۇل يىغىلىپتۇ. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئىئانە قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇردىن باشقا، ئۆزبىك، خۇيزۇ، خەنزۇ مىللەتلىك كىشلەرنىڭمۇ ياردەم قۇلىنى سۇنغانلىقى بولدى. شۇنداق، ئەتراپىمىزدا ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز يەنىلا شۇنچە نۇرغۇن ئىكەن. بۇ پائالىيەتتىن كىشلەرنىڭ كۆڭۈلدىن كۈڭۈلگە ئېقىۋاتقان مېھىر-مۇھەببەت دەرياسىنىڭ ھەر زامان ئۆركەشلەپ تۇرىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ يەتتىم.
    ئەمما ئىلھامجاننىڭ داۋالىنىش چىقىمىغا بۇ پۇللار يەنىلا ئازلىق قىلىدىكەن. قېنى، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنىڭ يەتكىنىچە ياردەم قىلايلى! 10 يۈەن، 20 يۈەن، 50 يۈەندىن يىغىلسىمۇ،ئىلھامجاننىڭ بىر كۈنلۈك داۋالىنىش چىقىمىنىڭ بىر بۇرجىكى بولسىمۇ تۇلۇقلانسا بۇمۇ بىر زور ئىش.
    قېنى، دوستلار، ياخشى ئادەم يادلىنار، ياخشى ئىش كۈڭۈلدە ساقلىنار، ياردەم قۇلىمىزنى سۇنۇپ، ئىلھامجاننى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرايلى!

  4. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ئۇكام تۇيۇقسىز قىزىپ يېتىپ قېلىپ ناھيلىك دوختۇرخانىدىن مانا ھازىر بالنىستا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان شىنجاڭ تىبىي ئۇنۋېرسىتىنىڭ دوختۇرخانىسىغىچە بولغىنىغا بۈگۈن ساق 19كۈن بولدى ، تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە «ساق »دىگەن نەتىجىلا چىقىدۇ ، ئەمما قىزىتمىسى يانمىدى ……………….
    ما كۈندە نامازدا :
    ئېي ئۇلۇغ ئاللا «لائىلاھە ئىللەلۇھ ،مۇھەمەدىن رەسۇلىھۇ»دەپ ئىمان ئېتقان بەندەڭگە سالامەتچىلىك بەرگەيسەن ، تىنىگىلا ئەمەس روھىغىمۇ سالامەتچىلىك بەرگەيسەن .
    دەپ تىلەيدىغان بولدۇم . ئىلھامجانغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزغا مادىي نەرسە بېرەلمىسەممۇ ……………

  5. مۇسلىم مۇنداق يازغان:

    زاكاتتىن 1000 سومنى ئىلھامجانغا ئاتاپ كارتىسىغا ئۇرۇپ قويدۇم. ئاللاھ شىپاھ بەرگەي.

  6. جېلىليۈز مۇنداق يازغان:

    تورداشلار ياخشىمۇسلەر؟
    ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىنى يېقىندا توردا كۇرۈپ شۇنداق ئېچىندىم، شۇ زامان تېلىفون قىلدىم ئاپىسى ئېلىپ بىر تال بالىدى دەپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى، كوزۈمدىن توكۈلىۋاتقان يېشىمنى بىر كۈن كەچكىچە ئېرتىپ يۈردۈم 2006-يىلى ئالى مەكتەپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالماي كېسەل سەۋەۋىدىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان بىر تال ئىنىم (23ياش) كوز ئالدىمغا كېلىپ بۇ بالىغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى ،شۇ ھامان بانكىغا يۈگۈردۈم.قېرىنداشلار ياردەم قىلايلى ياخشى ئاي ياخشى كۈنلەردە ئالقانلىرىمىزنى كەڭ ئاچايلى،ئاللا ھەممىمىزگە ئامانچىلىق بېرەر.
    ئېلھامجانغا شىپالىق تىلەيمەن.

  7. تۈمەنتال ئوغلى ئۆز يار مۇنداق يازغان:

    ياردەم قىلغانلارغا ئاللاھ ياردەم قىلسۇن .يۆلىسۇن!

  8. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    يۇكسەل ئەپەندىم سالامەت تۇرىۋاتامسىز؟ سىزنىڭ يول باشلىشىڭىز بىلەن ئىلھامجانغا ياردەم قىلىدىغانلار بارغانچە كوپىيىۋاتىدۇ لېكىن بۇ ئىشنى بىلمەيدىغانلارمۇ نۇرغۇنكەن مەن دوسۇتلۇرۇم ۋە خىزمەتداشلىرىمغا دىسەم بۇ ئىشنى بىلمىگەنلىگىنى دىدى شۇڭا بۇ خەۋەرنى ھەرقايسى ئۇلىنىش بەتلىرىدە ئېلان قىلىپ قويسىڭىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرەتتىمىكىن …….
    ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغاي.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
      ئىلھامجان ئېنىمىزنىڭ داۋالىنىش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ۋە ئەھمىيەتلىك تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەزكۇر مۇراجەتنامە سەل ئاۋۋال بارلىق ئۇيغۇر تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئىلھامجاننىڭ ئەھۋالىدىنمۇ تورداشلارمۇ مەلۇم دەرىجىدە خەۋەر تاپقان ۋە ساخاۋەتكار تورداشلار ئۆز قېرىنداشلىق كۆڭۈللىرىنى سۇنۇشقان ئىدى…
      ئاللاھنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يەنىمۇ تىرىشىپ كۆرگەيمىز . تېلەكلىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز!

  9. ئەلفىرە مۇنداق يازغان:

    خۇدا ئاسانلىقنى بەرسۇن تۇنجى قېتىم كۆرگىلى بارغاندا مەنمۇ كۆز ياشلىرىمنى توختالمىغانىدىم قولىمىزدىن ككېلىشىچە ياردەم قىلايلى

  10. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    ئ يۈكسەل ئەپەندىگە ئىلتىجا.
    ئىمكانىيەت بولسا ئھەرقايسى تور بەتلەرگە مۇراجىئەتنامىنى چوققىلىتىپ قويسا
    ەسسالامۇئەلەيكۇم ساخاۋەت ئىگىلىرى.مەن يىغىنغا قاتنىشىش سەۋەپلىك ئۈرۈمچىگە بېرىپ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈمۈركان دۇختۇرخانىسىغا باردىم .ئىلھامجان 1-قەۋەت جۇڭيى بۈلۈمى 25-26 ياتاقتا يېتىپتۇ.كىرسەم ئىلھامجاننىڭ ئاغزىغا شىلان شىلانكا بىلەن تىلىنىڭ قىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھور بېرىۋىتىپتۇ.مەريەمخان ھەدىنىڭ دىيىشىچە ئىلھامجانىىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋىتىپتۇ.نەپەس ئىلىشى نورماللىشىپتۇ.تاماقى ئاغزىغا سىلىپ بەرسە چاينىيالايدىكەن.توردىن كۆرگەندىن كىيىن ئامرىكىدىكى،دۇبەيدىكى ھەمدە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ پۇل ئىۋەتىۋىتىپتۇ.قايتىش ئالدىدا ئاپىسى-بالام ئاچىڭىز سىزنى يۇقلاپ كەپتۇ،كۆزىڭىزنى قىسىپ ئاچىڭىزغا مىننتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ دىگەندە ئىلھامجان ماڭا قاراپ ئوڭ كۆزىنى قىسىپ ئىنكاس قايتۇردى،شۇۋاقىتتا كۆزۈم ئمەس يۈرىگىم يىغلىدى.يۈكسەل تورىدىكى قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرى ۋە ساخاۋەتلىك كۈڭۈللىرنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈ كۆرۈلۈپتۇ.ئىلتىجايىم-قېرىندىشىمىز ئۈچۈن زەمزەم كەبى تامچىلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىسا،

  11. ئەلفىرە مۇنداق يازغان:

    مەن بۈگۈن ئىلھامجاننىڭ يېنىـغا باردىم ئەھۋالى خېلىلا ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ خۇدا شىپالىق بەرسۇن ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى

  12. قەيسەر ئوسكار. مۇنداق يازغان:

    ئئىلھامجان تۇغۇرلۇق خەۋەرنى كۆرۇپ بەك ئازاپلاندىم ،ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى يوقلاپ كىلىمەن ………مىھرىبان ئۇيغۇرۇم ئىلھامجانغا ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنۇشنى ئۇنۇتماڭ!!!!!!

  13. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    مەن مۇنداق ئويلاپ قالدىم يۈكسەل ئەپەندىم:پەخىرلىك ئوغلانىمىز خالمۇرات غۇپۇر ئامىرىكىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى
    بىلەن ئالاقىسى بولغاچقا ئىلھامجاننىڭ كىسەللىك ئارخىپىنى ئامىرىكىدىكى مىڭە كىسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلىرىگە
    كۆرسىتىپ مەسلىھەت ئىلىش مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ؟ئاخشام مەريەم ھەدەمگە تىلىفۇن قىلغانىدىم.يىغلاپ تۇرۇپ
    ئەگەر ئىلھامجان ساقايمىسا بىزنىڭ بۇدۇنيادىكى ئۇرۇق-ئەۋلادىمىز تۈگەيدۇ،بىرلا بالا ئىدى دەپ قاتتىق يىغلاپ
    كەتتى.شۇڭا خالمۇرات دوكتور بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.چۈنكى بۇ
    سەۋەپنىڭ ئالىمى ئەمەسمۇ؟

  14. ئەلفىرە مۇنداق يازغان:

    مانا بايرام كېلىۋاتىدۇ ھەممىمىز خۇشال ھالدا ئۆيگە قايتىمىز لېكىن مەريەم ھەدىچۇ ؟ ئەلى ئاكىچۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن ھازىرقى بايرام ئوغلىنىڭ تېزراق ساقىيىشى………… ئاللادىن ئىلھامجاننىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن…………. قېرىنداشلار!!!!! !!!!!! قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى!!!!!!!!!

  15. ئەلفىرە مۇنداق يازغان:

    مانا بايرام كېلىۋاتىدۇ ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە كېتىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىدۇ بىراق ئىلھامجان يەنىلا كېسەل كارۋىتىدا…………… ئاللادىن ئىلھامجاننىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن……….. قېرىنداشلار!!!!!! ياردىمىمىىز توختاپ قالمىسۇن…………

  16. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجاندىن ئەڭ يىڭى ئۇچۇر
    ئىلھامجان بۈگۈن ياتاقتىن چىقتى.ئەتە يۇرتىغا قايتماقچى،مەريەم ھەدەمنىڭ ئېيتىشىچە:ئىلھامجاننىڭ كىسەللىك
    ئارخىپىنى بېيجىڭدىكى ئۇتتۇرا ئاسىيا دۇختۇرخانىسىغا يوللاپ بېرىپتۇ،كىسەللىك ئارخىپىنى كۆرگەندىن كىيىن داۋالاش لاھىيىسىنى بايرامدىن كىيىن
    ب بىكىتىدىكەن.ئىنىقكى غايەت زور ئىقتىساد كېرەك بۇلىدۇ ئەلۋەتتە.ئاپىسىنىڭ دىيىشىچە ئىلھامجان ھازىر
    كۈلگەندەك ئاۋاز چىقىرىدىكەن .خىلمۇخىل ئىنكاسلارنى قايتۇرىدىغان بۇپتۇ،خۇددى كىچىك بالىدەك كۈندە
    بىرخىل ياخشىلىنىش بار ئىكەن.ئىلتىجايىم:دۇنيادىكى مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ياشاش ئىمكانىيىتى
    بولسىلا ياشاپ قالسۇن.

  17. قارلىغاچ مۇنداق يازغان:

    نېمىدىگەن ياخشى خوش خەۋەر ! رەخمەت،ئاللا تېخىمۇ ئاسانلىق بەرسۇن…

  18. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    داۋاملىق ياردەم قىلايلى تا بۇ ئىنىمىز ساقايغىچە توختاپ قالمايلى ئەتراپىمىزدىكى تونۇشلىرىمىزغا ئۇختۇرايلى،قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە شۇنچىلىك ياردەم قىلايلى، ئۇ تېخى ياش ، قېرىندىشىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق ئازاۋىنى بېشىغا كەلگەنلەرلا تارتىپ ئۆتۈپ كەتسۇن………

  19. ئەلفىرە مۇنداق يازغان:

    بۇ نېمىدىگەن ياخشى خەۋەر تولىمۇ خۇشال بولدۇم لېكىن بۇ خەۋەرنى كېچىكىپ ئاڭلاپتىمەن مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە يوقلاپ كېلەرمەن دېگەنىدىم ھەممىز داۋاملىق ياردەم قىلايلى توختاپ قالمايلى

  20. مەھمۇتجان مۇنداق يازغان:

    بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بەكلا خوش بولدۇم.ئاللاھغا مىڭ ھەسسە شۈكرى،
    ئۆزۈم ناھايىتى يىراق،يوقلاپ بارالمىغان بولساممۇ، نامىزىمدا تىلەپ تۇرغان ئىدىم،
    ئاللاھدىن ئېلھامجاننىڭ ئىتتىكرەك ، پۈتۈنلەي ساقىيىشىنى تىلەيمەن.

    دوستۇم يۈكسەل: بوسا ئېلھامجانغا پۇل ئۇرىدىغان بانكا ھىساباتىنىڭ، IBAN ۋە BIC نۇمۇرلىرىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز، چەتئەلدىن پۇل ئۇرۇش تىخىمۇ ئاسان ۋە قولاي بولاتتى، بۇنداق بولغاندا چەتئەلدىن پۇل ئۇرىدىغانلار تىخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، بىۋاستە كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا تور ئارقىلىق يوللىغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىزگە ئاللاھ رىزقىڭىزنى بەرسۇن.
    مەھمۇتجان

  21. kumlukguli مۇنداق يازغان:

    ئىلھامجان ھەققىدە ئەڭ يىڭى ئۇچۇر
    مەريەم ھەدەمنىڭ دىيىشىچە ئىلھامجان ھازىر كۇچا ناھىيىسى36230 -دۇختۇرخانىدا داۋالىنىۋىتىپتۇ.
    بېيجىڭدىكى ئۇتتۇرا ئاسايا دۇختۇرخانىسىدىن خەۋەر كەپتۇ.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئىلھامجاننىڭ ئىنكاس ئەھۋالىغا قارىتا
    داۋالاش لاھىيىسىنىتۈزىدىكەن.10-ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭغا ئىلىپ ماڭىدىكەن.ھۈجەيرە كۈچۈرۈش ئۇپراتسىيىسى قىلىدىكەن.

ئارزۇ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟