نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

م . ئا . يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

شائىر، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل 1953‏-يىلى يانۋاردا مارالبېشى ناھىيە بازىرىدا بىر ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،1977‏-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1975 ‏-يىلى« شىنجاڭ ئەدەبىيات‏-سەنئىتى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان « سۇمرۇغقا مەدھىيە » ماۋزۇلۇق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر ۋە ئەدەبىي ماقالە‏-ئوبزورلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت‏-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. « تارىمدىن سادا » ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2000‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن ‹‹تارىمدىن سادا›› ، «مۇشەققەت گۆزەللىكى»، «كەپتەرگە سۆز»، « مەندىن چاقنىغان ئۇچقۇنلار»، «شېئىرىيىتىمىزدە ئالەم تۇيغۇسى»، « شېئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ، ‹‹ شېئردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ›› قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە، دىيارىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت ماقالىلىرىدىن «تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا»، «چىڭ سولالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۈتۈك» ، ‹‹ دىيارىمىزدا ئۆتكەن سەككىزئۇيغۇر تارخانبەگ›› ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش» … قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ « شېىئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق پوبلېستىك ماقالىسى 2004‏-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 13‏-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2005 ‏-يىلى 10‏-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر شەھرىدە ئۆتكۈزگەن ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش كاتتا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ «مەرھابا كاتتا مەرىكە» ماۋزۇلۇق بالىلار شېئىرى 200 نەپەر ھەرمىللەت ئۆسمۈر‏-بالىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا جاراڭلىق دېكلىماتسىيە قىلىنىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ 1993‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ئىككى توملۇق « ئۇقۇتقۇچىلار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخى قىسمىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. يەنە ، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ئۇ خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان « ئائىلە مال-مۈلۈك دەۋاسى » ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان. ئۇ 2001 ‏-يىلىدىن 2005‏-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات‏-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ( قۇشۇمچە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىلىك ) ۋەزىپىسىنى ئۇتىگەن. ھازىر ئۇ ‹‹ قەشقەر ››ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئىجرائى مۇئاۋىن مۇدىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئۇ ‹‹ ئالقىش ۋە قارغىش ›› ماۋزۇلۇق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىدى . يەنە، ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇقلاردا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلار توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇقلارنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «دۇنياۋىي دىنلار توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق كىتاۋى ئۇستىدە ئىشلىمەكتە.

م . ئا . يۈكسەل ئەپەندى

 

م . ئا . يۈكسەل ئەپەندى مەشھۇر ئەدىب ئەخەت تۇردى، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەت قاتارلىقلار بىلەن  يۈسۈپ خاس ھاجىب مەقبەرىسى ئالىدىدا

م . ئا . يۈكسەل ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇلىنىش مەنزىلى قالدۇرۇلغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى يۈكسەل بلوگىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، م . ئا . يۈكسەل ( باش يۈكسەل ) ئەپەندىنىڭ يۈكسەل بلوگىدا بۇلاردىن باشقا يەنە ‹‹ قەشقەر مەدھىيسىدىن تامچە ›› ، ‹‹ م . ئا . يۈكسەل رۇبائىلىرىدىن تاللانما ›› ، ‹‹ بۈيۈك << دىۋان >> – نۇرلۇق دەستۇر ›› قاتارلىق نەزمىي ئەسەرلىرى ۋە يەنە پېقىر يۈكسەل ( ياش يۈكسەل ) شۇنداقلا يۈكسەل بلوگىغا بېغىشلاپ يېزىپ بەرگەن ‹‹ نەزمىي پارچىلار ›› ، مەن قاتارلىق ياش تورچىلارغا يازغان خېتى ‹‹ ئىنتېرنېت ۋە ياشلار ›› قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  م . ئا . يۈكسەل ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەمما ئۇلىنىش مەنزىلى قالدۇرۇلمىغان ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىنى يۈكسەل بلوگىدا ئارقىمۇ – ئارقا ئېلان قىلىپ كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچىمىز.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: م . ئا . يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!9 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    باش يۈكسەل ئاكىمىز بىلەن ياش يۈكسەل بلوگىدا تونۇشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشھالمەن ،ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن .

  2. جەۋلان مۇنداق يازغان:

    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يۈكسەل،يۈكسەل بلوگىنىڭ مەسئۇلى ھەم بلوگ يازغۇچىسى ئەمەسما؟

  3. ئاق كەپتەر مۇنداق يازغان:

    ياش يۈكسەل كىم بۇلىدىكىن؟

  4. روھلان مۇنداق يازغان:

    سالام ، يۈكسەل ئاكا ! ئەسلىدە سىز بىر كاتتا ، پەخىرلىك يۈكسەلگۈچى ئىكەنسىز . سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن بەك خۇرسەنمەن .

  5. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئوقۇشماسلىق بولمىسۇن. تېمىدا تەرجىمىھالى بېرىلگەن مۇھەممەدتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل ئەپەندى ‹‹ يۈكسەل جەمەتى ›› نىڭ چوڭى ‹‹ باش يۈكسەل ›› بولىدۇ. يۈكسەل بلوگىنىڭ يازارى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل ‹‹ يۈكسەل جەمەتى ›› نىڭ ياش بوغۇنلىرىدىن بىرى يەنى ‹‹ ياش يۈكسەل ›› بولىدۇ.

  6. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟ مانا بۇ بىزدىكى بىر ياخشى باشلىنىش، مەنمۇ تەگئات قوللىنىشنى لايىق تاپتىم، بۇ ئىش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇنى سىناپ بېقىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر ئىكەن. باش يۈكسەل ۋە ياش يۈكسەللەرگە سالام بولسۇن!

  7. بىلىم-كۈچ مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ ئادەمنى تۇنۇدۇم…بۇرۇن بىزنىڭ پەيزاۋات ناھىيىمىزگە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان…

  8. ئەنئەنەبلوگى مۇنداق يازغان:

    ئەسلى مۇنداقكەن دەڭ! يۈكسەل ئاكىنىڭ بارىلىق ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن!

  9. بورەبەگ مۇنداق يازغان:

    سىزنىڭ مۇشەققەت گۇزەللىكى دېگەن ئەسىرىڭىزنى كۆردۇم،سىز ”كوڭزى“دېگەن كىنودىكى كوڭزى بېلەن نەنزىنىڭ كۆرشىشى دېگەن ۋەقەلىكىنى كۆرۇڭ،سۆھبىتى ئاجايىپ!!!

بورەبەگ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟