نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

تارىمدىن سادا – Voice of Tarim

aaتارىمدىن سادا – Voice of Tarim

م ئا يۈكسەل

ئالدىمدا زەرەپشان، خوتەن دەرياسى،
قوشۇلار غورۇچۆل بوستانلىقىدا.
تارىمغا ئايلىنار شاۋقۇنلاپ كەڭرىپ ،
قەدىمىي ئەردەۋىل ئويمانلىقىدا.

كۆكتىكى غازلاردەك تۆمۈر كوڭكىلار،
تارىمنىڭ بويىدا ئۇچار سەپ تارتىپ،
سەپەرگە چىققاندا ئەگەشكەن شامال،
نەگىدۇر جۆنىدى سەپتىن تەپ تارتىپ.

ئېكىنزار قوينىدا ھەيۋەتلىك دەريا،
ھەيرانلىق ئىلكىدە يۈرۈۋاتىمەن.
ئۈچ دەريا قوشۇلغان تۈگۈندە تۇرۇپ،
سەيلىنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتىمەن.

تارىخنىڭ پايانسىز كەڭلىكلىرىدە،
ئەيلىدى تەپەككۇر قۇشلىرىم پەرۋاز.
ۋاھ دەرىخ، بۇ دەريا شاۋقۇنلاپ كەتتى،
ئاڭلىدىم بىر سادا – تارىمدىن ئاۋاز:

<< ئەي ئوغلان، قۇلاق سال چۇقانلىرىمغا،
شاۋقۇنۇم ئەكسىدە تارىخىم ئايان.
ھەر دولقۇن، ھەر بۇژغۇن، ھەر تامچە سۈيۈم
قىلىدۇ قىسمەتلىك كەچمىشىم بايان.

كېلىمەن پامىرنىڭ ئېتەكلىرىدىن،
گۈل قىسىپ زەرەپشان چېچەكلىرىدىن.
قارا قۇرۇم تاغلىرى سۇنسا كەۋسەر سۇ،
مۆلجەر تاغ ئېۋەتەر بېزەكلىرىدىن.

توسالماس يولۇمنى تاغ داۋانلىرى،
پايانسىز، ھەيۋەتلىك قۇم بارخانلىرى،
توسالماس يولۇمنى سۈرەن سېلىپمۇ،
گۈركىرەپ شەپقەتسىز چۆل بورانلىرى.

ئەسىرلەپ تىزگىنسىز شاۋقۇنلاپ ئاقتىم،
گاھىدا خالىغان قىرغاقنى چاقتىم.
سۇ ئامبار، ئىستانسا تارتتى مەيلىمنى،
شادلىنىپ جەسۇرلەر رايىغا باقتىم.

قىسمەت شۇ كۈچ كېلەر ئۆملۈك، بىرلىكتىن،
مەن ئاشۇ قىسمەتنىڭ جانلىق تىمسالى.
ئۆملۈك يوق، بىرلىك يوق ئەلنىڭ ئەزەلدىن
خارابتۇر ئەھۋالى ھەم ئىستىقبالى.

ياشارتتى نەۋقىران ئەۋلادلار مېنى،
پايانسىز كۆكلەمدە قەترىلەر چاچتىم.
سەلتەنەت دەۋرانىم كۈلدى، ياشنىدى،
يۈكسىلىش نۇرىغا كەڭ قۇچاق ئاچتىم.

دېمەككى، ئەي ئوغلان، ئۆملۈك، بىرلىكتىن
ياشنايدۇ ھەرقاچان ۋەتەن دەرياسى.
بىرلىككە كىم ئەگەر شۇم ئوقيا ئاتسا،
زاۋاللىق، خارابلىق بولۇر جازاسى ! >>

ئويلاندىم، ئويلاندىم، يەنە ئويلاندىم،
قەلبىمدە جاراڭلار تارىم ساداسى.
ئۆزگەرمەس قوياشتەك ھەقىقەت شۇكى،
ئىتتىپاق، ئىناقلىق – ھۆرلۈك ئاساسى!

1989- 1997 – يىللىرى ئاقسۇ ، قەشقەرلەردە يېزىلغان.

تارىمدىن سادا ( Voice of Tarim ) ناملىق بۇ شېئىر شائىر مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇلكەرىم يۈكسەلنىڭ 1998 – يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان << تارىمدىن سادا >> ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: تارىمدىن سادا – Voice of Tarim

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. gheyret مۇنداق يازغان:

    تىلى ئاددىي ھەم چۈشۈنۈشلۈك ئىكەن ، ئىدىيەمۇ خېلى ئېنىق ئىپادىلىنىپتۇ .
    « قىسمەت شۇ كۈچ كېلەر ئۆملۈك، بىرلىكتىن،
    مەن ئاشۇ قىسمەتنىڭ جانلىق تىمسالى.
    ئۆملۈك يوق، بىرلىك يوق ئەلنىڭ ئەزەلدىن
    خارابتۇر ئەھۋالى ھەم ئىستىقبالى. » دېگەن بۇ كۇبلىت ماڭا بەك يارىدى . قولىڭىزغا ئاللاھ ئىگەم دەرت بەرمىگەي . يۈكسەل بىلوگى تېخىمۇ يۈكسەلگەي .
    _______________________________________________
    شېئىردىكى «ئەردەۋىل» ئاقسۇنىڭ بۇرۇنقى نامىمۇ ؟ ياكى «ئاقسۇ كوناشەھەر» ( يەنى ھازىرقى ئونسۇ ) نىڭمۇ ؟
    [reply=Nursel,2009-06-28 03:57 AM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەردەۋىل – ئاقسۇنىڭ قەدىمكى نامى.[/reply]

  2. yimit مۇنداق يازغان:

    ياخشى يىزىلىپتۇ!

yimit 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟