نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

م . ئا . يۈكسەل رۇبائىلىرىدىن

[align=center]
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل رۇبائىلىرىدىن

[color=Blue]
شىلدىرلاپ تۇرسىلا بۇلاق دېمىگىن،

پىلدىرلاپ تۇرسىلا چىراغ دېمىگىن.

لەھەتكە كىرسىمۇ ئۆلمەس كىشى بار،

غايىسىز ئادەمنى ئويغاق دېمىگىن.

مېنىڭ قەدرىم ئەمەس باغلىق ھۆكۈمدار ياكى زەردارغا،

ئاتالغان بەلكى ۋۇجۇدۇم بۈيۈك خەلقىم-مەدەتكارغا.

نە ھاجەت يار-مۇرەببىم دەپ بىراۋغا ئىلتىجا قىلماق،

قۇچاق ئاچقاي زەپەر قىزى شىجائەتلىك ئىجادكارغا.

بىلىم دېڭىزىدا ئۈزسەم، ئارال كۆرۈندى، قىرغاق يوق،

چىقسام ئارالغا مىڭ تەستە، شەپەق كۆرۈندى،چىراغ يوق.

ئەقىل نۇرۇمنى شام قىلىپ كەزسەم كۆپ ئاراللارنى،

بەخت گۆھەرلىرى كۆپكەن، زىنھار بىرمۇ راۋاق يوق.

كۆمۈڭلەر مېنى ئەجەل تۇمانى تولسا قارچۇققا،

ئەجدادىم ئارماندا كەتكەن قەدىم شەھەر بارچۇققا؛

نە ھاجەت كۆز قىيالماي غەم شارابىن ئوتلىماق،

روھىم كېزەر ئەرىشتە جىسمىم كىرسىمۇ تارچۇققا؛

بىلىپ-بىلمەي يار ساڭا باغلىنىپ كەتتىم نىتەي،

يالقۇنىڭنىڭ ئوتىدا داغلىنىپ كەتتىم نىتەي

جامالىڭنىڭ يالقۇنى بولدى سىرلىق تىلسىمات

لەببەيچى بىر مالايدەك چاغلىنىپ كەتتىم نىتەي.

قۇتلۇق ئىشى كۆپ بولغاچ «ئالىم ئەستە تۇرىدۇ››،

زورلۇق ئىشى كۆپ بولغاچ «زالىم پەستە تۇرىدۇ››.

بۇ سۆزگە شاھىت شۇكى: چىقسام مەھمۇد قەبرىگە،

دائىم لالە-چېچەكتىن جىق گۈلدەستە تۇرىدۇ.

ئەي جاناب ھۇۋلاپ يۈرۈپسەن، ئەلنى بىر يايلاق بىلىپ،

ھەم ئۆزۈڭنى ئەل ئىچىدە تەۋرىمەس بايراق بىلىپ.

قىل ھەزەر، بولساڭ رىياكار رەيئەتنىڭ رىزقىغا،

تۇترۇق قىلاركى ئەل سېنى گوياكى بىر قامغاق بىلىپ.

ئېيتىپ كەلدۇق ئۇزاقتىن لاي-لاي خامان ناخشسى،

بولدۇق ئىشچان-پىداكار، ئۇدا زامان ياخشىسى.

بىلەلمىدۇق بىر ئىزدا چۆرگىلىدۇق قانچىلىك

ئەمدى ئۇدۇل ماڭمىساق تېگەر دەۋران قامچىسى.

ئالقىش ياغار ئىللىق چىراي، قىزغىن سالامغا

يارىغاچقا بۇ خىل سۈپەت بارچە ئاۋامغا.

سەمىمىيلىك، تەمكىنلىك يار كەمتەر كىشىنى،

ئوخشىتىمەن دەريا ھاسىل قىلغان تارامغا.

پارنىكتىكى گۈل-گىياھلار ئاجىز كېلىدۇ،

ئەمما ھۆسنى چاڭ قونمىغاچ پاكىز كېلىدۇ.

چۆلدە ئۆسكەن يۇلغۇنغا باق شۇنچىلىك مەزمۇت،

مەدھىيىگە كۆمۈپ ئۇنى ھاپىز  كېلىدۇ.

مەنلىكىڭ كۆپەيسە كۆپىيەر رەقىب،

قىلىدۇ بىراۋلار ھەم خالىس تەقىپ.

كەمتەرلىك ئاۋۇتار دوستلۇق سېپىنى،

دىللارغا سۆيۈنۈش يالقۇنى يېقىپ.

بىپايان بولسىمۇ كائىنات-ئالەم،

سىغماسكەن ھېچقاچان مەنمەنچى ئادەم.

بولاركەن ئاخىرى خەس-چاۋارغا تەڭ،

شۆھرەت ۋە نام ئېلىپ بولسىمۇ ھاتەم.

مەنىۋى تۈۋرۈكتۇر ئىخلاس-ئېتىقاد،

تەكتىگە يەتمەك تەس، سىرلىرى قات-قات.

ئادالەت ئېتىغا مىنسەك ھاياتتا،

ئۆتىمىز بولسىمۇ تىغدەك پىلسىرات.

پاراسەت ئالدىدا يۈز ئاچتى مارىس،

ئالىملار بىمىننەت ئىزدەنگەچ خالىس.

ئالەمدە قانداقمۇ ياشىدۇق دەيمىز،

تۆھپىكار ئەجدادقا بولمىساق ۋارىس.

نەلىكسەن؟ دېدى بىر مەزھەپچى جاھىل،

دېدىمكى: ئۇيغۇرمەن ئومۇمغا مايىل.

بۇ دۇنيا ئادەمنىڭ يۇرتىغا ئەمەس،

ياراتقان تۆھپىسى-ئىلمىگە قايىل.

يۇلتۇزلار بولسىمۇ تارقاق ھەم يىراق،

بىپايان ئاسمانغا بېرەر نۇرسىياق.

ياخشى نام ئوخشايدۇ نۇرلۇق يۇلتۇزغا،

ئەجرىسىز ئۆتكەنلەر خۇددىن جىن چىراغ.

كىمىكى ئەخلاقسىز-شەرمى ھاياسىز،

ئۇ ئەينى ھايۋاندىن بەتتەر ۋاپاسىز.

كۆر ئەنە ھەممىمىز چىۋىندىن بىزار،

بال ھەرە ئاز ئەمما، قىممەت-باھاسىز.

ئۆلچەنمەس ئادەملەر ئەمىلى بىلەن،

توۋلىغان شوئارى-غەزىلى بىلەن.

سانىلار ئەل سۆيەر پىداكار ئوغلان،

دىللارغا تىكلەنگەن ھەيكىلى بىلەن.

توختاۋسىز چاپىدۇ ئۆمۈر كارۋانى،

قالىدۇ ئەۋلادقا ئەجداد ئارمانى.

ئات ئارمان قۇشىنى جۈرئەت ئوقىدا،

يېقىنلاپ كەلمەكتە ئەجەل داۋانى.

زوقلۇنۇپ باقتىم قۇياشنىڭ بالقىشىغا،

تاغمۇ-تاغلاردىن ئېگىزلەپ ھالقىشىغا.

نېمە ئارمان دىلدا يەنە خورسىنغۇدەك،

بىركۇن ئېرىشسەم خەلقنىڭ ئالقىشىغا.

يەتكۈزەر تىلەككە مەنلىكتىن ھالقىش،

ھاياتقا نۇر چاچار يۇلتۇزدەك بالقىش.

ئەجرىڭدىن زەررىچە تۆھپە-ئىز قالسا،

ياڭرىتار ئەل-خەلقىڭ ئاپىرىن-ئالقىش.

تاڭ قۇياشى چاچتى نۇرلار بالقىش بىلەن،

چىقتۇق يۈكسەك چوققىلارغا ھالقىش بىلەن.

قانائەتنى چېكىندۈرۈپ، يۈرسەك دادىل،

زەپەر قىزى كۈتەر چوقۇم ئالقىش بىلەن.

لاچىن بىلەن بورانقۇش ھاۋادا ياخشى،

تونۇش بىلەن دوستلىرىڭ تالادا ياخشى.

كۈندە بايرام، مەرىكە بولمايدۇ ئەسلا،

ناغرا-سۇناي ساداسى سامادا ياخشى.

ھەر كۈنى توي-ئايەمدەك يۈرگىلى بولماس،

ھاياتتنىڭ ھۆر پەيزىنى سۈرگىلى بولماس.

ئۆز قولىدا ھەر كىمنىڭ تەقدىر يۈگۈنى،

ھەممە ئىشنى بىراۋدىن كۆرگىلى بولماس.

خۇشاللىقنى بەزىلەر ئايەم دەيدىكەن،

ھەممە ئىشقا قادىردۇر ئادەم دەيدىكەن…

نىگارچەندە تەلىيىى ئوڭدىن كەلمىسە،

ئۆز رايىمغا باقمىدى ئالەم دەيدىكەن.

ھەممە بىلىم ئۇقۇلدا، كىتابتا دېمە،

ھەممە سانغا ئاساس بار ھېسابتا دېمە.

كائىناتنىڭ تەكتىگە يېتەلمەي زىنھار،

ھەممە شەيئى ئوخشاشلا نىقاپتا دېمە.

ئوخشىماس ھەر كىمنىڭ ياشاش غايىسى،

ئۆگىنىش-خىزمەتتە ئۆرلەش پايىسى.

گەر بولساڭ ئوت يۈرەك، تىرىشچان ئوغلان،

نەھاجەت باشقىنىڭ ھىمات-سايىسى.[/color]
[/align]

ئاپتۇرنىڭ « تارىمدىن سادا » ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: م . ئا . يۈكسەل رۇبائىلىرىدىن

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    نىمە دىگەن پاساھەتلىك تىللار-ھە !
    جىمغور ھالىتىڭىزدىن شېئر يازىدىغاندەك قىلمايسىز ، قايىلمەن …

  2. yolqi مۇنداق يازغان:

    infitar ئەپەندى يۇقۇرقى شائىرنى خېلى يېقىندىن تونۇيدىكەندە ؟!
    شائىرىمىزنىڭ قەلىمىگە كۈچ – قۇۋۋەتلەر نىسىپ بولغاي…

yolqi 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟