نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

تەڭرىدىن كەلگەن ئۇچۇر

تەڭرىدىن كەلگەن ئۇچۇر

تەڭرى: ساڭا مېنىڭ رەھمەتلىرىم بولسۇن! مېنى چاقىرغانمىدىڭ؟
مەن: سېنى چاقىرىپتىمەنما؟ ياقەي، سەن كىم ئۆزى؟
تەڭرى: مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ! سېنىڭ زارلىنىپ قىلغان ئىلتىجايىڭىنى ئىشتىپ، قېشىڭغا كەلدىم، سەن بىلەن سىرداشقۇم بار.
مەن: شۇنداق، مەن ھەقىقەتەنمۇ دۇئا قىلغان ئىدىم، شۇنداق قىلسام كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن. ئەمما، مەن ھازىر بەكلا ئالدىراش ، نۇرغۇن ئىشلار مېنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ…
تەڭرى: سەن زادى نېمە ئىشلارغا ئالدراپ يۈرۈيسەن، چۆمۈلە جېنىدىمۇ سەندەك ئالدراشقۇ ؟
مەن: مەنمۇ ئۆزەمنىڭ زادى نېمە ئىشلارغا ئالدراپ يۈرگىنىمنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن، مەن ئازراق بولسىمۇ ئازادىچىلىككە مۇھتاج، ھايات نېمە ئانچىلا جىددىيچىلىككە تولۇپ كېتىدىغاندۇ؟
تەڭرى: شۇنداق، ئىشلار سىنى ئالدىغا سېلىۋالسا ، شۇنداق ئالدىرىتىپ قويىدۇ. ساڭا ھەقىقىي ۋاقىت تېجەپ بېرىدىغىنى ئۈنۈم ، ئىش ئۈنۈمىڭ قانچە يۇقىرى بولسا ئېرىشىدىغان نەتىجەڭمۇ، ساڭا بوش قالىدىغان ۋاقىتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
مەن: بۇلارنى مەنمۇ بىلىمەن. ئەمما، شۇ تۇرمۇشنىڭ باش – ئايىقىنى تەڭشەپ بولالمايۋاتىمەن. شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ توختىماستىن ئۇچۇر قىلىپ، ماڭا دەخلى قىلىشىڭنى ئانچە خالاپ كەتمەيمەن.
تەڭرى: مەن شۇنداق بىر نۇقتىنى شەرھىيلەپ قويمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ، مەن پەقەت سىنىڭ ھازىرقى زىددىيەتلىك بۇرۇقتۇرۇم ھالىتىڭىدىن قۇتۇلىۋېلىشىڭغا ياردەم قىلىپ قويماقچى، بۈگۈنكىدەك تورلاشقان دەۋردە شۈبھىسىزكى ئۇچۇرلىشىش ساڭىمۇ خۇش ياقىدىغان ئەڭ ياخشى ئالاقە ئۇسۇلىدۇر.
مەن: مەيلى ئەمسە، بىردەم گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭلاشساق پاراڭلاشتۇق. ئۇنداقتا سەندىن سورايدىغان سۇئالىم شۇكى، كۈنىمىزدىكى ھايات نېمانچە مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ؟
تەڭرى: ھاياتنى مۇھاكىمە قىلىشنى بولدى قىل. ياشىساڭلا بولغىنى، ھاياتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقىنى دەل سېنىڭ ئايىقى چىقماس تالاش – تارتىشىڭ، تىڭرىقىشىڭدۇر.
مەن: ئۇنداقتا بىز دائىم خاپىغان ( خۇشھال ئەمەس ) يۈرۈيمىز؟
تەڭرى: سېنىڭ بۈگۈنىڭ تۈنۈگۈن ئەندىشە قىلغا ئەتىدۇر. تەشۋىشلىنىش، قايغۇ – ئەلەم سېنىڭ قەلبىڭىنى چۇلغىۋالغان، چۈنكى سەن ھاياتنى مۇھاكىمە قىلىشنى توختىتالمايسەن، قورقۇش – ئەنسىرەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەنسەن. شۇڭا، شادلىقنى ھېس قىلالمايسەن.
مەن: ئۇنداقتا ، قانداق قىلسام تەشۋىشلىنىشتىن قۇتۇلالايمەن. تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئېنىقىسىز تۇرسا …
تەڭرى: ئېنىقسىزلىقتىن ئەلۋەتتە ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمما ، سەن ئۇنىڭدىن تەشۋىشلىنىش ياكى تەشۋىشلەنمەسلىكنى تاللىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
مەن: شۇنداق بولسىمۇ، دەل شۇ ئېنىقسىزلىقلار بىزگە ئازاپ – ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟
تەڭرى: دۇنيادىن ئازاپ – ئوقۇبەتسىز ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس، گەپ ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقتا. ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقماس دەيدىغان گەپ بار. پەقەت مۇنەۋۋەر كىشىلەرلا ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتەلەيدۇ. بۇنداق دېگەنلىكىم ھەرگىزمۇ سەن چوقۇم ئازاب تارتىشىڭ كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئەنە شۇنداق ئېغىر كەچمىشلەر ئۇلارنى تاۋلاپ مۇنەۋۋەر ئادەم قىلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى بارغانسېرى ئازابقا ئەمەس بەلكى شادلىق ۋە نەتىجىگە تولىدۇ.
مەن: ئۇنداقتا بۇنداق كەچمىشلەرگە مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئىكەندە؟
تەڭرى: شۇنداق ، كەچمىش كىشىلىك ھاياتتىكى قاتتىق قول ئۇستاز، ئۇ ھەمىشە ئاۋال سىناپ، ئاندىن ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
مەن: ئەمما بىز نېمە ئۈچۈن بۇ خىل سىناقنى چوقۇم قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز بۇنداق ياكى ئۇنداق مەسىلىلەردىن نېرى بولالمايمىز؟
تەڭرى: دەل ئاشۇنداق سىناق ياكى مەسىلىلەر سىنى پايدىلىق تەجرىبە – ساۋاق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ سىنىڭ روھىڭىنى تاۋلاپ، كۆرىشىش ئىرادەڭ ۋە بەرداشلىقىڭنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى قۇۋۋەت بەخش ئېتىدۇ. ھالبۇكى ، بۇلارغا مەسىلىلەردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇش يولى بىلەن مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.
مەن: كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، مەن دائىم ئۆزەمنىڭ زادىي قاياققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقمنى بىلمەيمەن.
تەڭرى: كۆز ئالدىڭىدىكى يولغا قاراپ قاياققا كېتىۋاتقانلقىڭىنى بىلەلمىسەڭ، قەلبىڭگە قارىغىن. كۆزۈڭنىڭ كۆرۈدىغىنى پەقەت بىر سۈرەت، قەلب كۆزۈڭ ساڭا ھەقىقىي پىكرى يورۇقلۇقنى ئاتا قىلىدۇ.
مەن: مەن دائىم ئۆزۈمنىڭ كىملىكى ۋە نېمشقا بۇ جايدىلىقىم ھەققىدە خىيال سۈرىمەن.
تەڭرى: سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭ ھەققىدىلا خىيالغا پاتماي، كۆپرەك كىم بولماقچى ئىكەنلىكىڭنى ئويلا. ئۆزۈڭنىڭ نېمىشقا بۇ جايدا ئىكەنلىكىڭ ھەققىدە خىيال پاتىقىقىغا پاتماي، يەتمەكچى بولغان مەنزىلىڭنى ئويلا. ھايات ھەرگىزمۇ ئىزدەش جەريانى ئەمەس بەلكى يارىتىش جەريانىدۇر.
مەن: قانداق قىلسام ھاياتىمنى شادىلققا چۈمۈلدۈرەلەيمەن؟
تەڭرى: پۇشايماندىن خالىي نەزەر بىلەن ئۆتمۈشڭگە نەزەر سېلىپ، ئۆزۈڭگە بولغان تولۇق ئىشەنچ بىلەن بۈگۈنۈڭنى چىڭ تۇتۇپ، قىلچە تەشۋىشلەنمەستىن ئەتەڭنى كۈتۈۋالساڭ.
مەن: ئەڭ ئاخىرقى سۇئالىم، مەن گاھىدا ئۆزۈمنىڭ ساڭا سېغىنىپ قىلغان ئىلتىجالىرىمنىڭ نەتىجىسى بولمايۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن ( ئەدەبسىزلىكمنى ئەپۇ قىلغىن ).
تەڭرى: ئەمەلىيەتتە، بارلىق ئىلتىجالارنىڭ ئېنىق جاۋابى بولىدۇ. پەقەت شۇ بەزى ئىلتىجالارنىڭ جاۋابى << ياق >> تىن ئىبارەت.
مەن: رەھمەت ساڭا، سەن بىلەن بۇنچە ھوزۇرلۇق سۆھبەتلەشكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
تەڭرى: تۈزۈت قىلما، ئېسىڭدە شۇ نۇقتا مەھكەم تۇرسۇنكى، ئېتىقادىڭدا مۇستەھكەم تۇرغىن، بارچە قورقىنچ – تەشۋىشلەرنى چۆرۈپ تاشلىۋەت.گۇمان قىلغانلىرىڭغا ئىشەنمە ، ئىشەنگەنلىرىڭىدىن گۇمان قىلغىن. شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، ھايات ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى گۈزەلدۇر. گەپ سېنىڭ قانداق ياشىشىڭدا. مەن بىلەن كۈندە بەش نۆۋەت ئۇچۇرلىشىپ تۇرۇشنى تەرك ئەتمە!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: تەڭرىدىن كەلگەن ئۇچۇر

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. infitar مۇنداق يازغان:

    ھاياتتىكى تۈرلۈك سىرلىق نىزالارنى ئاڭلايمىز ، كۆرىمىز ، سۆزلەيمىز … ھەتتا گاس -گاچا ، قارىغۇلارمۇ بۇخىل ئەندىشەلەردىن خالىي بۇلالىغان ئەمەس ، ھايات مۇساپىمىزدىكى روھىي ئۇزۇق-تۈلۈكلىرىمىزدىن غەم-ئەندىشە ياكى كۆڭۈل ئازادىلىكىنىڭ قايسىسى كۆپ بۇلۇشى بىزنىڭ بۇ ھاياتتا تاللىغان يولىمىزغا باغلىق بولىدىكەن !
    يۈكسەل قېرىندىشىم ! تەڭرى بىلەن يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلىشىپ تۇر ، لېكىن سورايدىغان سۇئالىڭ ناھايىتى نۇرغۇن-نۇرغۇن بولسۇن ، ھايات پەقەت بىرلا قېتىم بولغاچقا كېيىن سوراشقىمۇ ئۈلگۇرەلمەي قالىمىز كەن تەڭرى ھەممىمىزگە مەدەت بەرسۇن !

  2. naziya مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلار ، ھەممىمىز بىردەك ئەيدىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىغا يەنىمۇ ئاۋاز قۇشۇپ، بۇ نىجىسنىڭ دىيارىمىزدا يەنىمۇ كېڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى !!!

naziya 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟