نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئانام ئايشەمخاننى ئەسلەپ

ئانا! سىز 2008 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنىگىچە، بىزنى ئالەمچە مېھرىبانلىق بىلەن تەربىيلىدىڭىز. 7 ئوغۇل 1 قىز 8 پەرزەنتنى بېقىپ – تەربىيىلەپ، قاتارغا قوشقۇچە قاپقارا چاچلىرىڭىز تاغلارنىڭ چوقىسىدىكى ئاپئاق قارلاردەك ئاقاردى، پاكلىققا تولدى. ھاياتنىڭ ئەگرى – توقايلىرىدا، بالا بېقىش، ئائىلە چۆرۈشنىڭ جاپا – مۇشاقەتلىرىدە بىر قېتىممۇ ۋايساپ قاقشىغىنىڭىزنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاتەش تونۇرلارغا باش تىقىپ نان ياقاتتىڭىز، يوغان تەڭنىلەردە لىق قىلىپ خېمىر يۇغۇراتتىڭىز، تۈن كېچىلەردە بولسا يىڭنە ئىشلىرىنى قىلاتتىڭىز … ئىشقىلىپ مىنۇت تىنىم تاپماي ، ئۆي ئۈچۈن، بىز پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن تىپىرلايتتىڭىز . ئۆزىڭىز مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بولسىڭىزمۇ پەرزەنتلىرىڭىزنى ئاخىرغىچە ئوقۇتتىڭىز، ھەممىسىنى پەزىلەتلىك، جىگەرلىك، بىر – بىرىدىن ياراملىق، جەمئىيەتتىكى تۆتنىڭ بىرى قىلىپ قاتارغا قوشتىڭىز. ئۆيلۈك – ئوچاقلىق قىلدىڭىز. نەۋرىلەرنى باقتىڭىز.
مەن پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئەڭ كەنجىسى ھېسابىدا باققان نەۋرە ئوغلىڭىز بولغاچقىمۇ ، مېنى ئالەمچە مېھرى – مۇھەببەت بىلەن باققان ئىدىڭىز، گۈدەكلىكىمىدە مەيلى نەگە بارماڭ مېنى قېشىڭىزدىن ئايرىمايتىڭىز ، سىزنىڭ باغرىڭىز مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەڭ ئىللىق ماكان ئىدى. قوياش نۇرىغا چۈمكەلگەن يايلاق كەبى چەكسىز ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن تويۇنغان مۇھىتتا تايچاقتەك تاقىلاپ يۈرۈپ ھەش-پەش دېگۈچە ئوقۇش يېشىغا يەتتىم . 7 ياشقا تولغان يىلىم 9 – ئايدا ئۆز قولىڭىز بىلەن يېتىلەپ مەھەللىمىزدىكى مەريەم خانىمنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ، مېنى مەكتەپكە بەردىڭىز .مەن مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن تارتىپ مېنىڭ ئوقۇشۇمغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدىڭىز، دائىما ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ مېنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىمنى ئىگىلەپ تۇردىڭىز ، ئوقۇشتىن سۇۋۇپ قالغان ياكى چېكىنگەن چاغلىرىمىدا گاھىدا ئاچچىق ، گاھىدا تاتلىق تەربىيىلەر بىلەن مېنىڭ ئۆگىنىشمنى چىڭ تۇتتىڭىز. دائىما ، ماڭا ئوخشاش << قارا قورساق >> بولۇپ قالما ، ياخشى ئوقۇپ ئۆزۈڭنى خار قىلمايدىغان پۈتۈن ئادەم بول بالام ، دەپ جېكىلەيتتىڭىز. ماڭا سىڭدۈرگەن تەربىيەت – مۇھەببەتلىرىڭىز ، كېچىلەردە بىدار تۇرۇپ پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قىلغان دۇئايىڭىزنىڭ بەركاتىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۈتۈپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم.باشلىرىمىنى سىيلاپ ، پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ مېنى ئوقۇشقا يولغا سالدىڭىز، خوشلاشقاندا كۆزلرىڭىزدىن مۇنچاقتەك ياشلار تۆكۈلدى، بۇ ياشلارنىڭ ئارىسىدا ئىپتىخارلىق ياشلىرىمۇ ، ئوغلىغا قىيماسلىقتىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلارمۇ بار ئىدى … ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېغىر ئايرىلىش ئازابىنىڭ تەمىنى تېتىشقا توغرا كەلدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاپتوبۇس قوزغالغان شۇ مىنۇتتا خۇددىي يۈرەكىم سۇغۇرلۇپ ئېغىزىمدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ، ئىچ – ئىچىم قۇرۇپ بوشلۇققا ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندەك بىر خىل سېزىم ۋۇجۇدۇمنى قاپلاپ، ئۆز – ئۆزۈمنى تۇتالماي سىزگە خوش دەپ قول پۇلاڭشىتقاچ يىغلاپ تاشلىغان ئىدىم …
تۇنجى تەتىلدە قايتىپ كېلىپ ئۆيمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايىغا چىرايلىق قىلىپ ئېسىپ قويۇلغان سۈنئىي گۈلنى كۆردۈم. سىز ھەقىقەتەنمۇ گۈلخۇمار ئىدىڭىز ، شۇڭىمۇ ھويلىمىز بانكاگۈل ، بوستانگۈل، ئانارگۈل ، پىياز گۈل يەنە قانداقتۇر گۈللەر بىلەن ناھايىتىمۇ كۆركەم تۇراتتى. سىزنىڭ گۈلخۇمارلىقىڭىزدىنمىكىن داداممۇ ھەريىلى باغلىق ئېتىزىمىزنىڭ قاشلىرىغا تۈرلۈك تۈمەن گۈللەرنى تېرىيتى… ئەمما، مەن ئەقلىمگە كېلىپ سىزنىڭ بىرەر قېتىم سۈنئىي گۈلنى تۇتۇپ باققىنىڭىزنى كۆرمىگەن ئىدىم. شۇڭا، ئۆينىڭ تولىمۇ كۆزگە چېلىقارلىق جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ بىر تۇتام سۈنئىي گۈل مەندە ھەيرانلىق قوزغىدى. بۇنىڭ سىرىنى ئەتىسى مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەن قۇلۇم – قوشىنىلار يېشىپ بەردى: << ئاللا، ئەلقەمجان ئايشەمخان ئاچام سىلىگە بۆلەكچە كۆيىدىكەن جۇما ، قاچانلا بۇ ئۆيگە كىرمەيلى سىلىنىڭ گەپلىرى ، ئايشەمخان ئاچام سىلىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ، ئاۋۇ گۈللەرنى بىزگە ھەر نۆۋەت كۆرسىتىپ، ئوغلۇم ئەلقەم داشۆگە ئۆتكەندە، مۇئەللىمەسى چاقىرىق قەغىزى بىلەن بىللە ئەكىرىپ بەرگەن ئىدى، دەپ سىزدىن بەكمۇ ئىپتىخارلىنىپ گېپىڭىزنى قىلىپ بېرىدۇ… >>. شۇندىن كېيىن ئۇ بىر تۇتام گۈلنى مەن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ھەر تەتىل ئۆز جايىدا كۆرۈپ كەلدىم ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ئۇ گۈللەرنىڭ بەرگىنى چاڭ باسماستىن ، گوياكى ھېلى سۇغىرىپ قويغان تاشتەكتىكى گۈلدەك ياشىرىپ – چاقناپ تۇراتتى… ھەر تەتىلدە قايتقىنىمدا ئۆزىڭىزنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلقىڭىزغا قارىماستىن ئۆز قولىڭىز بىلەن مەن ئەڭ ئامراق تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتىڭىز، تاماق يېيىشلىرىمگە قاراپ ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭىز.
ئوقۇش پۈتتۈردۇم ، ئۆز مەكتىپىمدە قېلىپ خىزمەتكە چىقتىم . ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن توي قىلىپ ئۆيلۈك بولۇش كويىغا چۈشتۈم، سىز يەنە يېشىڭىز ۋە ساقلىق ئەھۋالىڭىز يار بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپمۇ ، ئۆزۈم باققان بالامنىڭ توي ئىشىنى ئۆزۈم باش بولۇپ قىلىمەن دەپ ، نەچچە يۈز كېلومىترلاپ يولنى ماشىنا بىلەن بېسىپ ، بولغۇسى قۇدىلارنىڭ ئۆيىگە قىز سوراپ باردىڭىز. ھالبۇكى كاج پەلەكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن توينى ئۈرۈمچىدە قىلىدىغان بولۇپ قالدىم – دە ، سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز يار بەرمەي تويۇمغا كېلەلمىدىڭىز ،ئۆز تويىدا بارچە يىگىتلەر شادلىق ئىلكىدە كۈلگەن بولسا، مەن سىز يوق غېرىبلىق ئىلكىدە تويۇمدا يىغلاپ تاشلىدىم…
توي قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن قېيىنئاتام ياش تۇرۇپ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتۇپ كەتتى. قېيىنئاتامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن يۇرتقا قايتتۇق ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى تاماملاپ قېشىڭىزغا كەلدۇق ۋە سىزنى ئۆز ئۈيۈمدە تۇرغۇزۇپ ، بىر كۈن بولسىمۇ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم ، سەپەرگە ساقلىقىم يار بەرمەيدۇ بالام ، دەپ رەت قىلىپ تۇرۇۋالدىڭىز، مېنىڭمۇ كۆڭلۈمگە بىرنەرسىلەر كەچكەندەك جايىللىق بىلەن ئۇنمىغىنىڭىزغا قويماي ئۈرۈمچىگە ، ئۆيۈمىزگە ئېلىپ كەلدۇق. سىز بىسمىللا دەپ ئۆيۈمنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىپ ، ئۆيگە بىر قۇر كۆز يۈگىرىتىۋەتكەندىن كېيىن << بالام سەنمۇ چوڭ بولۇپ ، مۇشۇنچىلىك ئۆي تۇتقۇدەك بولۇپسەن، ئىگەمگە مىڭلاپ شۈكۈرى … >> دەپ باشلىرىمنى سۆيۈپ كەتتىڭىز . شۇ چاغدا قانچىلىك ھاياجانلىق تۇيغۇغا چۈمۈلگەنلىكىمنى تەسۋىرلەشكە بۇ تىلىم ناقىسلىق قىلىدۇ…
ھەر كۈنى ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە شۇنداق مېھىرلىك كۈلۈپ تەبەسسۇم قىلاتتىڭىز، چېھرىڭىزدىن گوياكى قوياش نۇرى تۆكۈلەتتى. ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاش قانداق ھوزۇرلۇق ئىش ھە ؟! … ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە ئالدىرايتتىم. سىز بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغىچە مۇڭدىشىپ كېتەتتىم.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، سىز ئەزەلدىن بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىلا بولمسىڭىز، دادام (چوڭدادام ) غا ئۆز قولىڭىز بىلەن چاي – تاماق راسلاپ بېرەتتىڭىز، ساقسىز بولۇپ قالغان چاغلىرىڭىزدىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ ئاياللىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلاتتىڭىز. ئالدىنقى كۈنى بىز ئىشتىن چۈشكىچە سىز 7 – قەۋەتتىكى ئۆيۈمدىن پەسكە چۈشۈپ، يولنىڭ ئۇيىقىدىكى ناۋاي ئۇستامدىن ئىككى نان ئېلىپ ئۆيگە چىقىپسىز. بۇنى كۆرۈپ داداممۇ ، بىزمۇ ھەيران قالدۇق. چۈنكى بىزنىڭچە سىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىڭىز بۇنداق قىلىشقا يار بەرمەيتتى. دادام ماڭا ، بالام ئاناڭنىڭ پەسكە چۈشۈپ نان كۆتۈرۈپ چىقىشىدا بىر گەپ باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن … دېگەن ئىدى. مەن ئارتۇق ئويلىما دادا ، ئانامنىڭ سالامەتلىكى بەلكىم ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ ، دېگەن ئىدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە بىز سىز ئەكىرگەن ئەشۇ ئىككى ناندا ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلدۇق. كىم بىلسۇن بۇ سىزنىڭ بىزگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىشڭىز بولۇپ قېلىشىنى. سىز ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىگەمنىڭ ھوزۇرىغا يول ئېلىشتىن سەللا ئىلگىرى، باشلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ كۆزلىرىڭىزگە ياش ئالغان ھالدا << بالام سېنى گۈدەكلىكىڭىدىن بېقىپ مۇشۇنچىلىك قاتارغا قوشۇپتىمەن. مانا ئەمدى ھېچكىشىنىڭ ئالدىدا خار بولماستىن ئۆز ئالدىڭىغا مۇستەقىل كۈن ئالغۇدەك خىزمەتكە ئورۇنلاشتىڭ ، لايقىڭىدا خىزمىتىڭنى قىلغۇدەك خوتۇنمۇ ئالدىڭ، ئۆيۈڭنىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق تۇتۇپسەن ، ئەر – ئايال ئىككىڭىلارغا ، تۇتقان ئۆيۈڭلارغا قاراپ ھاردۇقۇممۇ چىققاندەك بولۇپ كەتتىم ، سېنىڭ داداڭ بىلەن ئاپاڭ مەندىن بالىمىزنى مۇشۇنچىلىك بېقىپ قاتارغا قېتىپ بەردى ، دەپ مەمنۇن بولامدىغاندۇ ؟…>> ئاھ ، خۇدا ! بۇلار سىزنىڭ ماڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېيتقان سۆزلىرىڭىز ئىدى…
مۇڭ … مۇڭ ! …
يۈرەكتىن چىقىۋاتقان مۇڭ ! تام – تورۇسلاردىن تۆكۈلىۋاتقان مۇڭ ! يۈرەكلەرگە قونىۋاتقان مۇڭ ! يۈرەكتىن ئېتىلىپ – ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۇڭ ! يۈرەكلەرگە سىرغىپ – سىرغىپ كىرىۋاتقان مۇڭ ! …
شۇ تاپتا تۈن يېرىم بولدى. نېمىشقىدۇر كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ ئىلىنمايتى. نەچچە كۈندىن بېرى روھىم چۈشۈپ، بۆلەكچە ئادەم بولۇپ قالدىم. ئىچ – ئىچىمدىن ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان سېغىنىچ كۆزلىرىمدىن ياش بولۇپ قۇيۇلاتتى. مىھرىسىراپ كەتكەن قەلبىم غەليان قىلىپ، يېتىملىكتىن خۇنۈكسىرىگەن كۆزلىرىم سىز ئىلگىرى ئولتۇرۇپ – قوپقان جايلاردىن نۇرانە سىمايىڭىزنى ئىزدەيتتى …
ئاھ ، ئانا ! … جېنىم ئانا ! شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزۈمگە شۇنچىلىك بەرداش بېرىپ كەلگەن بولساممۇ، بۈگۈن يەنە داۋاملىق ئۆزۈمگە ھاي بېرەلمىدىم. سىزگە بولغان سېغنىچلىرىم كۈۋەجەپ ، يۈرەك -باغرىم ئېيتقۇسىز ئۆرتەنمەكتە. ئىچ – ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ‹‹ ئانا ›› دېگەن بۇ سېھىرلىك نىدا مېنى بۆرىلەردەك ھۇۋلاشقا، ئۈن سېلىپ بوزلاشقا قىستىماقتا …

ئانا كەتتىڭسەن، ئاخىرەت تامان،

ھەممە كېتەركەن قالماستىن ئامان،

لېكىن ئالدىمدا سىمايىڭ ھامان،

قەلبىمنى باستى تاغ بۇلۇپ ھىجران،

مۇرەببىم ئانام، مەڭگۈ ئەلۋىدا

كۆيۈمچان ئوغۇل – قىزلىرىڭ قالدى،

پانىي ئالەمدە ئىزلىرىڭ قالدى،

ئۆچمەس يالداما – سۆزلىرىڭ قالدى،

دىللاردا گويا كۆزلىرىڭ قالدى،

مۇرەببىم ئانام، مەڭگۈ ئەلۋىدا!

يەكتا ئىدىڭسەن مېھرىبانلىقتا،

بىر ئۆمۈر ئۆتتۈڭ تىرىشچانلىقتا،

روھىڭ ياشنىغاي نەۋقىرانلىقتا،

جەننەتۇل مەئۋا گۈلبوستانلىقتا،

مۇرەببىم ئانام، مەڭگۈ ئەلۋىدا!

ئاللاھىم ، سۆيۈملۈك ئانامنىڭ روھىناتىنى خۇرسەند ئېتىپ، ياتقان يېرىنى جەننەتۇل مەئۋادا قىلغايلا ! – ئامىن!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئانام ئايشەمخاننى ئەسلەپ

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. xahla مۇنداق يازغان:

    سەۋىر قىلىڭ ئانىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسون
    [reply=Yuksel,2010-07-05 04:25 PM]رەھمەت، ئېيتقانلىرى كەلگەي ئىلاھىم![/reply]

xahla 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟