[align=center]
قەشقەر مەدھىيسىدىن تامچە
م . ئا . يۈكسەل
[color=Blue]
جاھانغا مەشھۇردۇر قەشقەرنىڭ نامى،
قەشقەردۇر تەڭرىنىڭ كاتتا ئىنئامى.
فونتاندەك ئېتىلار قەشقەر دىگەندە،
يازغۇچى ، شائىرنىڭ ئوتلۇق ئىلھامى.
پۈتمەس سېھرى مەنا بار قەشقەر سۆزىدە،
بىرلا قەشقەر نامى بار ئالەم يۈزىدە .
جەننەتۇلمەئۋا خىجىل ئۇنىڭ ئالدىدا،
قىبلەھگاھتەك ئالىپتە ئەۋلاد كۆزىدە.
پارلاپ بۈيۈك مەھمۇد،يۈسۈپ سىماسى،
گۈزەل قەشقەر بولدى ئېرپان سەيناسى.
گۇمنام،مەشرەپ،نورۇز،تەۋپىق،زىيائې…
بولدى ئۆتكۇر،ئابدۇشۇكۈر،ۋارىس،شەيداسى.
بولغاچ "بىلىك" ،"دىۋان "،"مۇقام"ئەڭگۈشتەر،
جۇلالىنىپ قايتىدىن نۇرلاندىڭ قەشقەر .
ئۇرۇن ئالدىڭ گۈلزار شەھەرلەر تۆرىدىن،
بولۇپ گۇيا ئاسماندىكى نۇرلۇق ئەختەر.
پامىر،قۇرۇم ئىككى قورغان تاغ سەندە،
قىزىل،تۈمەن كۆمۈشرەڭ بەلباغ سەندە.
ئوغلانلىرىڭ قەلبىدە پاتماس قۇياشتەك،
مىسلى جەننەت نۇرلىنار ھۆر چاغ سەندە.
[/color]
2003 – يىل ، 2 – فىۋرال ، شەھرى كاشىغەر[/align]
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: قەشقەر مەدھىيسىدىن تامچە
سىزنىڭ بۇ دادىل قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. تەكلىۋىم بولسا ئارقا مەنزىرسىنى(背景 )نى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك.ئىشىنىمەن تور بېتىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئامان بولۇڭ.
http://qawandazlar.blogbus.com/
[reply=Yuksel,2009-01-19 01:00 AM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بەرگەن رىغىبىتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ! بىزمۇ ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ئىنشائاللا ![/reply]
[بۇ باھاغا پىكرىم بار]
قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ قىبلىگاھى ! قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى ! قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي باشكەنتى … قەشقەر ھەققىدە قانچە مەدىھىيە ئوقۇساقمۇ ئاز !
شائىرىمىزنىڭ قەلەم تۇلپارى ھارمىغاي …
[بۇ باھاغا پىكرىم بار]