نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگ ئويناپ قويمايلىما ؟!

بلوگ ئوينامسىز ؟

ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ << قاپىيە ئويناش >> دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن، ئويناش سۆزى تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ، مودا سۆزلەردىن بولۇپ قالدى. بىزمۇ شۇ ئويناش دېگەن سۆزنى ئارىيەت ئېلىپ تۇردۇق…

تورچىلىقىمىز تەرەققىي قىلىپ كۈنۈمىزگە ئۇلاشقاندا، بلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن دوقۇرشۇپ، بىزدىمۇ بىر تۈركۈم بلوگ ئوينايدىغان بلوگىرلار بارلىققا كەلدى. بەلكىم سىزنىڭمۇ بلوگڭىز باردۇ، بولمىسا بولسىكەن دەپ، ئارزۇ قىلپ قالغانسىز؟! بارلارمۇ تۈزۈك ئوينىيالماي ئىچىڭىز پۇشۇپ قالدىغاندۇ؟! … خوش، ئۇنداقتا مەن سىزگە قانداق ئويناشنى ئۆگىتىپ قوياي .

1. بلوگىڭىزغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ۋە ئېيتىلىشقا چىرايىلىق، ئەستە تۇتىۋېلىشقا قولاي ئات قويۇڭ. مەسىلەن ، يۈكسەل بلوگى دېگەندەك. بلوگنىڭ ئېتى خۇددىي سىزنىڭ كىملىكىڭىزدەك بلوگىڭىزنىڭ توردىكى كىملىكىدۇر. تور قۇرتلىرى ( تورداشلار ) دەل مۇشۇ سىزنىڭ تور كىملىكىڭىز بويىچە بلوگىڭىزغا ئولىشىدۇ. ئەگەر كىملىكىڭىز ئېنىق بولمىسا ياكى تۇتۇۋېلىشقا قولاي بولمىسا، ئۇلار سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.

2. سىزنىڭ بلوگڭىزغا كېلىدىغان زىيارەتچىلەر بولمىسا ياكى بەك ئاز بولسا، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مەن سىزگە زىيارەتچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قوياي، باشقىلار سىزنىڭ بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلمىسا ، سىز باشقىلارنىڭ بلوگىنى زىيارەت قىلىڭ، بولسا زىيارەتچىسى كۆپ داڭلىق بلوگىرلارنىڭ بلوگلىرىنى دائىم زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنڭ ئاكتىپ ئىنكاسچىسى بولۇڭ، دائىم ئىنكاس يېزىپ تۇرۇڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خەقنىڭ بلوگدا ئىسىمىڭىز چېكىلسە ئۇدۇل سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئۇلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشتا بۇندىن باشقا ياخشىراق ئامال يوق. خەق سىزنىڭ ئاكتىپ ئىنكاس يازغانلىقىڭىغا خۇش ، سىز ئۆزىڭىزنى ئېلان قىلغانغا خۇش ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك ، بىڭسىڭىز بولسا تېخىمۇ كۆپنى سۇقۇشىڭىزمۇ مۇمكىن… سەمىڭىزدە بولسۇنكى، دوستلۇققا ئۇلانما قىلىش ئاداققىي چىقىش يولى ئەمەس.

3. ئۇچىڭىزدىكى بۈگۈن كەيگەن كېيىمنى ئەتە ئالماشتۇرماي كەيسىڭىز كېيىڭىكى، بلوگىڭىزنى كۈندە يېڭىلاپ تۇرۇڭ ، بلوگڭىز ھەرگىز كونىراپ قالمىسۇن، يېڭىلىق بولمايدىكەن، زىيارەتچىڭىز مەڭگۈ ئاشمايدۇ.

4. بلوگ سىزگە تەۋە ھۇجرىغا ئوخشايدۇكى ھەرگىزمۇ قازناق ياكى ئامبار ئەمەس، توردىكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن بارلىق يازمىلارنى يىغىپ ئېلان قىلىپ قويىدىغان. بۇنداق بولغاندا، بىر كەلگەن زىيارەتچى ئىككىنچى كەلمەسلىكى مۇمكىن. بلوگىزدىن سىزنىڭ پۇرقىڭىز گۈپۈلدەپ تۇرۇشى كېرەك.

5. باشقىلارنى ئىنكاس يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ، ئىنكاس يازغانلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا جاۋەب يېزىڭ ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭ. شۇنىدىلا ئۇلار سىزنىڭ دائىملىق زىيارەتچىڭىزگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇنچە كۆڭۈل قويۇپ ، ئىنكاس يېزىپ، كۈتكەن ئەكس ساداغا ئېرىشەلمىسە ، بلوگىڭىزغا مەڭگۈ ئاياغ باسماسلىقى مۇمكىن.

6. يەنە دېسەم يەنە شۇ ، بلوگىڭىزدا ئۆزىگە خاس بولغان، باشقىلاردا يوق بولغان كوزىر بولسۇن. << باشقىلاردا يوقى مەندە، باشقىلاردا بارنىڭ يېڭىسى مەندە، باشقىلاردىكى يېڭىنىڭ نوچىسى مەندە>> سىز پەقەت مۇشۇنداق شۇئارنى ئىشقا ئاشۇرالىغان چىېغىڭىزدىلا ئاندىن زىيارەتچىڭىزنى كۆڭۈلدىكى چەككە يەتكۈزگىلى بولۇشى مۇمكىن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگ ئويناپ قويمايلىما ؟!

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. enwer مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئەنۋەر بىلوگىنىڭ دوستانە ئۇلىنىشىغا قېتىلدى،رەنجىمەي ئەنۋەر بىلوگىنى دوستانە ئۇلىنىشىڭىزغا قىتىپ قويسىڭىز،ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتكەن~~ئادرىس:http://enwer.blogbus.com/

  2. alfirat مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۈم.يۇكسەل بلوگىنى بۇرۇنلا«ئىلى رىيارى» بلوگى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالغان، سىزمۇ ئۇلىنىشىڭىزغا قوشۇۋالغان بولسىڭىز.ئادىرىس:http://alfirat.blogbus.com/

alfirat 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟