نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مانا ئەمدى يېزىڭە بلوگنى ! ( بلوگ يېزىشتىكى 10 ھۆنەر )

بلوگ يازامسىز؟

گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن شۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ قويۇش ھاجەتىكى، ئۇيغۇر تور جامەسى ئىچىدە بلوگ دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، نۇرۇغۇنلىغان كىشىلەر بلوگىرلار سېپىگە قېتىلىشقا باشلىدى. مانا شۇنداق پەيىتتە ، بەزى بلوگىرلار بلوگ يېزىش بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىرتەرەپ قىلالماي، بىرلىرى خىزمەتكە كۆڭۈل بەرمەي ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتسە، بىرلىرى كۈنبۇيى بلوگىغا ھاڭبېقىپ قاراپ، بلوگ يازىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكلەر ۋە دوست – يارانلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغان، ھېسىيات ئالماشتۇرۇدىغان ، پىكىرلىشىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلىپ قويىۋاتىدۇ. شۇڭا،  بلوگىرلار بلوگ يازغاندا ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ بلوگ يېزىش قىلمىشى تۈپەيلى ئۆزىگە يۈزلەنمەكچى بولغان بارلىق ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايرىم نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى، ھەر ئىشتا، نۇرمال يولىدا بولۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، بلوگ يېزىش ۋە ئۆز بلوگىنى ئەلقاتارى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئانچە زورۇقۇپ كېتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. پەقەت سىز تۆۋەندىكدەك بىرقانچە ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلىۋالسىڭىزلا بولغىنى:

1. بلوگ چوقۇم يېڭىلىنىپ تۇرۇلۇشى كېرەك. كۈندە بىر يازما يازمىسىڭىزمۇ چوقۇم قەرەللىك ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. سىزدە بىرقەدەر رېتىملاشقان بلوگ يېزىش ئادىتى بولۇشى كېرەك. زىيارەتچىلىرىڭىز سىزنىڭ قايسى چاغدا يېڭى يازما يوللايدىغانلىقىڭىزنى پەملىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلسە، بۇ سىزنىڭ بلوگ يېزىشتىكى چوڭ ئۇتۇقىڭىز بولۇپ قالىدۇ.

2. يازغانلىرىڭىزنىڭ بەك زور ئەھمىيىتى بولۇپ كەتمىسىمۇ چوقۇم مەلۇم قىممىتى بولسۇن، ھېچقانداق قىممىتى يوق نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى بلوگىڭىزغا يېقىن يولاتماڭ . ئەگەر زىيارەتچىلەر يازمىڭىزدا مەلۇم قىممەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلسا بەلكىم سىزنىڭ ئىملا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئۇششاق نۇقسانلىرىڭىنى ئەپۇ ئېتىشى مۇمكىن. يازمىلىرىڭىزنىڭ سۈپتى زىيارەت سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، سۈپەت ئاشسا زىيارەت سانى ئاشىدۇ، سۈپەت چۈشكەن كۈنىدىن باشلاپ زىيارەت سانىمۇ موللاق ئاتىدۇ…

3. يازغانلىرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوقۇش – ئوقۇماسلىقى بىلەن كۆپ كىرىشۋالماڭ. كىم يازمامنى ئوقۇغاندۇ، قانداق چۈشەنچىگە كەلگەندۇ، قانچىلىك ئوقۇغاندۇ، نېمىشقا ھازىرغىچە بىرەر كىشى ئوقۇمايدىغاندۇ دەپ يۈرسىڭىز ئۆزىڭىزنى يۈرەك سانجىقى قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ خىل پسىخىك كەيپىيات بلوگىڭىزنى ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن زور سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىز پەقەت ئۆزىڭىز قىززىققان ساھەلەر بويىچە ، قولغا قەلەم ئېلىش ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان تېمىلارنى يېزىۋېرىڭ …

4. ئۆزىڭىزگە خاس دائىرە بولسۇن، سىزنىڭ ھەممىلا ساھەدە يېتىلگەن بولۇشىڭىز ناتايىن، شۇنداقلا ھەممىلا ساھەدىن ئۇنى – بۇنى يېزىپ باشقىلارنى تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىڭىزمۇ ھەم يوق. شۇڭا، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ساھەنى بېكىتىپ ، شۇ دائىرە ئىچىدە ئىزدىنىڭ، شۇ دائىرە ئىچىدە يېزىڭ …

5.سەمىڭىزدە شۇ نۇقتا مەھكەم تۇرسۇنكى، بلوگ ئۆزىڭىزنىڭ بولغىنى بىلەن كۆرۈدىغان ئادەم كۈرمىڭ. يازمىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى چوقۇم ساغلام ، قانۇن – نېزاملارغا مۇغالىپ كەلمىگەن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىپ قوياي، يازمىكەشلىك قىلىش قەلەم تۇتۇپ داردا ماڭغان بىلەن ئوخشاش، قەلەمدىن ئىبارەت بۇ تەڭشەكنى ھەرۋاقىت ياخشى باشقۇرمىسىڭىز ھەر زامان داردىن غولاپ چۈشۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىز بار …

6. مەن بلوگ ياساپ، بلوگ يازغاندىن بېرى بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكى چوڭلار ئىزچىل تۈردە بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ ۋە تېگىشلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ ھەم ئۇلارنى مۇھىم زىيارەتچىلىرىم قاتارىدا كۆرۈۋاتىمەن. بولسا سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ، سىزنى ياخشى كۆرۈدىغان كىشىلىرىڭىزنى تەكلىپ بىلەن زىيارەتچى قىلىڭ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپلىرى چوقۇم سىز ئۈچۈن پايدىلىق. بۇنداق بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، بلوگىڭىز چاكىنا – چۇكىنىلىقتىن، ئەھمىيەتسىزلىكتىن يىراق بولىدۇ. سىزمۇ ھەربىر يازمىڭىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بولدىكەنسىز ..

7. بىزدە يولۋاس ئىزىدىن ، يىگىت سۆزىدىن يانماس دەيدىغان بىرگەپ بار، مەن بلوگىمىغا يازغان يازمىلىرىمنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈشنى قەتىئىي خالىمايمەن. سىزمۇ ئۆز بلوگىڭىزغا يازغان يازمىلىرىڭىزنى قالايمىقان ئۆچۈرمەڭ، كېيىن ئۆچۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار، پۇشايمان قىلىشقا مەجبۇر قىلىش ئېھتىماللىقى بار نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى يازماڭ. ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىڭ.

8. مەن بۈگۈن ئاق ئەتتىم ، كۆك ئەتتىم دېگەندەك قۇرۇق پاراڭلارنى ئەڭ ياخشىسى يازماڭ، ئەگەر سىزنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىڭىز ئالاھىدە ، سۆزلەپ بېرىش قىممىتىگە ئىگە بولسا بۇ باشقا گەپ .

9. يەنە شۇنداق بىر نۇقتىنى قايتا تەكىتلەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇكى، بلوگ شەخسكە تەئەللۇق تور خاتىرىسى بولۇپ، بلوگدا پەقەت ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ئىجادىي يازمىلىرىڭىز  بولۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇ سىزنىڭ قازىناق ئۆيڭىز ئەمەس، تور دۇنياسىدىكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن يازمىلارنى يىغىپ ئەكىلىپ دۈۋلەپ قويۇدىغان. ھېس قىلىشىمچە، ھازىر كۆپ قىسىم بلوگىرلار مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. كۆپىنچىسىگە خاسلىق يوق ، ھەممىسى دېگۈدەك تورلاردىن يىغىپ – تۆشىۋالغان تەرمەچ يازمىلار …  بۇنداق بلوگ يېزىشتىكى مۇددىئا نېمە ؟

10. بلوگ يېزىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، زىيارەتچىلىرىڭىز مەلۇم چەككە يەتكەندە، ئۆزىڭىزنى توختىتىپ، ئۇزۇندىن بېرى سىزنىڭ بلوگىڭىزنى سادىقلىق بىلەن زىيارەت قىلۋاتقان زىيارەتچىلىرىڭىزنى رەڭلەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سىزدىن كۈتكەنلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ، گېزى كەلگەندە ئۇلارغا بولغان سەمىمىيىتىڭىز ۋە تەشەككۇرىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: مانا ئەمدى يېزىڭە بلوگنى ! ( بلوگ يېزىشتىكى 10 ھۆنەر )

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. qawandazlar مۇنداق يازغان:

    سىزنىڭ بۇ تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ. سىز دىگەندەك بلوگلىرىمىز خاسلىققا يۈزلىنىشى كېرەك. سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنى ئۇلىنىشىقا قېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!
    http://qawandazlar.blogbus.com/
    [reply=Yuksel,2009-02-08 10:27 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    چەۋەندازلا بلوگى ئاللىقاچان يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتىدە ئۇلىنىش قىلىنغان ۋە نادىر بلوگلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. كۆرمەي قالغان چاغلىرى با !
    http://www.yukselblog.cn/bloglar//reply

  2. qawandazlar مۇنداق يازغان:

    مەن راستىنلا دىققەت قىلماپتىمەن. سىزنىڭ ئەسكەرىتكىنىڭىزگە تەشەككۈر. يۈكسەل بلوگىنىڭ تېخى تەرەققىي قىلىپ بلوگگىرلارغا ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

  3. huma مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام! يۈكسەل ئەپەندىم، بلوگىڭىز ماڭا نۇرغۇن بىلملەرنى چۈشىنىۋېلىشمغا ياردەم بەردى، مەن بلوگ ساھەسىگە يېڭىلا قەدەم قويدۇم، كومپىيوتۇر بىلىملىرىنىمۇ ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما ناھايىتى قىززىقىمەن ، شۇڭا، بۇ ھەقتە قىممەتلىك پىكىر، مەسلىھەتلەرنى بېرىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن.

  4. huma مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام! يۈكسەل ئەپەنەىم، بۈگۈن شەبنەم مۇنبىرىدىن < يەكەندىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە > دىگەننى كۆرۈپ قالدىم، سىزمۇ بىر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەن بولسىڭىز.

  5. تامچە مۇنداق يازغان:

    ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن. بۇ بەتنىڭ خېتى ئانچە نورمال ئەمەسمۇ قانداق؟رازمىسى بەك كىچىككەن.

huma 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟