نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

خوتۇنلارنىڭ ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ؟

خوتۇنلارنىڭ ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ؟

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا ‹‹ ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى ›› ھەققىدە دەسلەپكى قاراشلىرىمىزنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. مەزكۇر ماقالە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر ۋە غۇلغۇلا قوزغىغان بولدى. مۇھاكىمە جەريانىدا بىر قىسىم پىكىرداشلىرىمىز ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ توي قىلىپ ئەرلىك بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشى كېرەك، دېگەن قارىشىمىزغا قوشۇلالمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل قاراشنىڭ ئاساسىنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يازمىدا خوتۇن كىشى توي قىلىپ ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەرنىڭ تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ياكى ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلاردا ئوي سۈرۈپ، چۈشەنچىلەرنى ئوچۇقلاپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

بىرىنچى سۇئال : ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشتىن مۇددىئا نېمە؟
ئىككىنچى سۇئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش نېمىدىن بېشارەت ؟
ئۈچىنچى سۇئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟

بىرىنچى سۇئال ھەققىدە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتىپ، نۆۋەتتىكى ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشىدىكى مۇددىئا ئەرگە بولغان ھۆرمەت – ئېھترامىنى ئىزھار ئەيلەش، يەنە بىر جەھەتتىن ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىن چىقىپ ئەرنىڭ ئائىلىسىگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكى ۋە مەنسۇبلۇق جەھەتتىن ئەر جەمەتىگە تەئەللۇق بولغانلىقىنى ئىشارە قىلىش ئۈچۈن دەپ ، قارايدۇ. ھالبۇكى بۇ سۇئال ھەققىدە بىزنىڭ چۈشەنچىمىز شۇكى، ئۆز تەگئاتىدىن ۋاز كېچىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىكى ياۋرۇپا كىشىلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىشتىكى ناچار ئادىتىدىن ، يەنى ئەرگە تەگكەن ئايالنى ھۆر ئىنسان سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئەرگە تەئەللۇق بولغان ئەسلىدىكى ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن، ئەرنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇمى سۈرىتىدە قاراش ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز جەمەتى مەنسۇبلىقىنىڭ ئاداققىي تامغىسى – نىشانى بولغان تەگئاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىيلىققا زىيادە يات بولغان ناچار ئادەتنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئاسارىتىدۇر. بەلكى بۇنى بىر قىسىم كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئايالنىڭ ئەرگە بولغان ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرى ماقامدا جارى ئېتىلىشىدۇر دەپ، بىلجىرلاشماقتا. بۇ كىشىلەرگە سۇئالىمىز شۇكى، ئەرگە بولغان ھۆرمەت – ئېھترامنى ئىزھار ئېتىشتە، ئۆز جەمەتىي مەنسۇبلىقى ، كىملىكىدىن نىشان بولغان تەگئاتىنى ئۆزگەرتىش نەھاجەت؟! ئەرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئىسىم – تەگئاتىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى پايمال قىلىمىزمۇ؟!… ئومۇمەن، بىز شۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ئايال كىشىنىڭ ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشىگە كىشىلەر ھەرزامان تارازىدا تۇرغۇدەك ھەق – ئادىل جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى سۇئال ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز شۇكى، ئايال كىشىنىڭ ئۆز تەگئاتىدىن كېچىپ ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەگەر بۇ خىل ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تەرك ئېتىشنىڭ بېشارىتى ( بېشارىتى دېگەن سۆزگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەيسىز ) ئۆز نەسەبىدىن چىقىپ، ئەر نەسەبىگە ئۆتۈش بولسا ( كۆرۈنۈشتە ھەم ئىش شۇنداق. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ تەگئات ئالماشتۇرۇشى سەۋەبلىك ئايال ئۆز نەسەب تامغىسى بولغان تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەرنىڭ نەسەبىگە تەئەللۇقلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي نەسەبىي مەنسۇبلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بەلكى كىشىلەردە ئايال مۇشۇ نەسەبكە ( ئەرنىڭ ) تەئەللۇق ئىكەن دېگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويىدۇ. ) ، ئۇنداقتا مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتقان ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى سەۋەبلىك بۇ خىل ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ ( ئەرمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە ) تەگئاتىغا ئۆتۈش مۇسۇلمان كىشىگە دىنىي نۇقتىدىن دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى ئېغىر قىلىپ ئېيتقاندا ھارامدۇر.
1. سەھىھ بۇخارى ، 3982- ھەدىس ، سەئىد ئەبۇ ۋەققاس رەيزۇللاھى ئەنھۇ ھەمدە ئەبۇبەكرى رەيزۇللاھى ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئەيتۇرلەر : << كىمكى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز نەسەبىدىن كېچىپ، باشقا نىسبەتنى بەرسە ئۇ كىشىگە جەننەت ھارامدۇر. >> مەزكۇر ھەدىس يەنە سەھىھ بۇخارى 6269 – ھەدىستە باشقا بىر ساھەبە تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ.
2. ئىمام مۇسلىم ، << ئۆز ئاتىسى نەسەبىدىن يۈز ئۈرۈشنىڭ ئەھۋالى >> بابى 96- ھەدىستە ھەم يۇقىرىقى ئىككى ساھەبە تىلىدىن ئۇشبۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ھەمدە ساھەبىلەرنىڭ << بىز ئۇشبۇ ھەدىسنى ئىككى قۇلىقىمىز بىلەن ئىشتىپ، قەلبىمىز تۆرىگە قويۇپ ئالدۇق >> دېيىشكەنلىرىنى ئىلاۋە قىلغان.
3.سەھىھ مۇسلىم ، ھەج كېتابى ، 2433- ھەدىس، ھەزىرەت ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىپ رەيزۇللاھى ئەنھۇ ئەيتىدۇرلەر<< رەسۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق دېدى، … … … كىمىكى ئۆز ئاتىسىدىن باشقىغا نىسبەتىنى بەرسە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ، فەرىشتىلەرنىڭ ، بارچە ئادەملەرنىڭ لەنەتلىرى بولسۇن … >>
بۇندىن تاشقىرى يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىكى ھەدىسلەر ئىمام تېرمىزى، ئەبۇ داۋۇدنىڭ كېتابلىرىدىمۇ ئوخشاش ساھەبە ياكى باشقا ساھەبىلەر تىلىدىن ھەم بېرىلگەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۈپتىكى، ئۆز نەسەبىدىن ، ئۆز ئاتىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا نەسەب ياكى باشقا ئاتىنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈش ئىسلام دىنىمىزدا ناھايەتتە ئېغىر ئېلىنىدىغان ھەتتا ئاللاھ ، پەرىشتىلەرنىڭ، بارچە ئىنسانلارنىڭ لەنەتلىشىگە لايىق ئېغىر گۇناھ ئىشتۇر.
ئۇنداقتا ئۆز تەگئاتىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئەرنىڭ تەگئاتىغا ئۆتۈش ئۆز نەسەبىدىن تېنىپ، باشقا نەسەبنى ئۆزىگە نىسبەتلىگەنلىك بولامدۇ؟ بىزنىڭ قارىشىمىزدا تەگئات كىشىلەرنىڭ نەسەبىنى ، ئۇرۇق- ئەجدادىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان جەمەتىي خاس نام. يەنى ئۇ شۇ كىشىنىڭ قايسى نەسەبكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نىشان – بەلگە. تەگئات گوياكى كىشىنىڭ جەمەتىي كىملىكىگە بېسىلغان مۆھۈرنىڭ ئۆزى. بىز كىشىلەرنىڭ تەگئاتىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى نەسەبتىن ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىمىز. شۇنداقكەن. ئۆز تەگئاتىنى ئالماشتۇرۇش، ئاتىسىنىڭ تەگئاتىدىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىش نىيەت جەھەتتىن ئۇنداق مەنا بېرەلمىسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە ئۆز نەسەبىدىن تېنىش ، باشقا نەسەبنى ئۆزىگە نىسبەتلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئېرىنىڭ تەگئاتىنى ئىشلەتكەن ئايالنى ئۆز ئېرى بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ قېلىشىمىز تەبىئىي.
يەكۈن شۇكى، خوتۇن كىشى ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز ئاتىسىنىڭ تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس. بەلكى ئۇ ئاللاھ ۋە پەرىشتە، ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە لايىق ھارام قىلىمىشتۇر.
( ئەلبەتتە يۇقىرىقى قاراشلىرىمىز ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش شەكلى مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى تەلقىنلىرىدۇر. شۇڭا دوستلارنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم سۈپىتىدە چۈشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى! كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ، سەۋەنلىكلىرىمىزنى ئىشارە قىلىپ، بىز بىلەن بىرگە مۇھاكىمە – مۇنازىرە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. بىلگۈچى ئاللاھ ).

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : خوتۇنلارنىڭ ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Tarim68 مۇنداق يازغان:

    بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئايالنىڭ < <20 يىلنىڭ ئىچىدە 12 قېتىم ئەرگە تەگكەنلىكىنى، ھازىر دەل 12-ئېرىنىڭ نىكاھىدا ئىكەنلىكىنى>> ئاڭلىغان ئىدىم. ھازىرقىدەك ئاجرىشىش دولقۇنى يۇقۇرى پەللىگە چىققان بۇ زاماندا ئاياللار ئەگەر ئاشۇ ئايالدەك ئەردىن چىقىپ ئەرگە تىگىپلا يۈرسە، ساقچىخانىنىڭ نوپۇس بۆلۈمىدىكىلەر چارچاپ ھالىدىن كەتمەمدۇ؟
    [reply=Yuksel,2009-05-22 01:32 PM]تارىم ئەپەندى تولىمۇ ئەمەلىي بولغان مىسالنى تىلغا ئاپتۇ. دېمىسىمۇ بىر ئايالنى ئۆمۈر بويى بىر ئەرنىڭ نىكاھىدە ئۆتىدۇ دەپ كەتكلى بولمايدۇ. بەزى خوتۇنلار ئۆمرىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەرگە نىكاھلىق بولۇشى تامامەن مۇمكىن. خوتۇنلار نىكاھلانغاندىن كېيىن ئەرنىڭ تەگئاتىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، كۆپ قېتىم نىكاھلانغان ئاياللار كۆپ قېتىم تەگئات ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا نوپۇس ۋە كىملىك بىجرىش ، تۈرلۈك رەسمىي ھۆججەت – پۈتۈكلەرنى پۈتۈشتە ھېسابسىز ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئىككى تەركىبلىك ئىسىم شەكلىمىزنىڭ خەنزۇچە ئىپادىلىنىشىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز كىملىكى ۋە ھۆججەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلالماي نوپۇس بېجرىش ئورۇنلىرى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئۇرۇنلىرىدا تەمتىرەپ يۈرۈشمەكتە. ئەگەر بۇ ھالدا ئۈچ تەركىبلىك ئىسىم – تەگئات قوللىنىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ تۇرۇقلۇق يەنە تەگئات يەڭگۈشلەش بولسا ئۇ ھالدا ئەھۋال نېمە بولۇپ كېتەر ؟! … تارىم ئەپەندى ئېيتقاندەك ساقچىخانىدىكى يولداشلارلا ئەمەس، ئەرگە تەگكۈچى ئايالمۇ يېڭى ئەرگە تەگكەنگە پۇشمان قىلىپ زارلايدۇ .[/reply]

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟