نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنىڭ 7 ئۆلچىمى

بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنىڭ 7 ئۆلچىمى

بلوگچىلىق تېخنىكىمىزنىڭ تىلغا ئالغۇدەك تايىنى بولمىسىمۇ، يۈكسەل بلوگىنى نەشىر قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بېشىمىزدىن كەچۈرگەن تەجرىبە – ساۋاقلارنى، ئۆگىنىش ئاساسىدا چىقارغان يەكۈنلىرىمىزنى قەلەمگە ئېلىپ بلوگگىر دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز. نۆۋەتتىكى يازمىدا بلوگگىر دوستلار تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ‹‹ دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ›› مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى 7 ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز.
خوش، ئالدى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە ئىككى ئېغىز قىستۇرما قىلىلى :

دوستانە ئۇلىنىش دېگەن نېمە؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بلوگ ياكى تور بېتىڭىزدىكى مەلۇم بىر بۆلەك خەت ياكى بىر پارچە رەسىمنى چەكسەك، يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىپ ئۇنىڭدا يۇقىرىقى خەت ياكى رەسىمگە ئالاقىدا بلوگ ياكى تور بەت ئېچىلسا ، بىز دەۋاتقان دوستانە ئۇلىنىش ئىشقا ئاشقان بولىدۇ.

دوستانە ئۇلىنىشنىڭ قانداق رولى بار؟
بلوگ ياكى تور بەتلەرنى پايانسىز ئېتىزلىقتىكى پارچە ئېتىزلارغا ئوخشاتساق، دوستانە ئۇلىنىش دەل شۇ ئېتىزلار ئارىسىدىكى ئېچىقتۇر. يەنى بىر ئېتىزدىكى سۇ ئېچىق ئارقىلىق يەنە بىر ئېتىزغا ئاققاندەك مەلۇم بىر بلوگدىكى زىيارەتچىلەر دوستانە ئۇلىنىش ئارقىلىق سىزنىڭ بلوگڭىزغا سەلدەك ئېقىشى مۇمكىن. دوستانە ئۇلىنىش قانچە كۆپ ، سۈپىتى قانچە يۇقىرى بولسا بلوگىڭىزنىڭ Google ۋە 百度 غا ئوخشاش ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن سۈزۈۋېلىنىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. نەتىجىدە كىشىلەر يۇقىرىقى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئۇچۇر ئىزدىگەندە، ئىزدەش ماتورلىرى ئالدىنقى قاتاردا سىزنىڭ بلوگىڭىزنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ بلوگ زىيارەت ئېقىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، دوستانە ئۇلىنىش ئېتىزلار ئارىسىدىكى كىچىك ئېچىق بولسا، ئىزدەش ماتورلىرى يوغان ئۆستەڭنىڭ ئۆزى.

بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنىڭ 7 ئۆلچىمى:

1. ئالدى بىلەن ئۇلىنىش قىلماقچى بولغان بلوگ ياكى تور بەتنىڭ Yahoo , Google ۋە 百度 غا ئوخشاش ئىزدەش ماتۇرلىرى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان ياكى قوشۇۋېلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بۇ ئاساسىي ئۆلچەم بولۇپ، يۇقىرىقى ئىزدەش ماتۇرلىرى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنمىغان بلوگ ياكى تور بەتلەرنى ئۇلىنىش قىلغاننىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس. بەلكى بۇ ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بلوگلارنى ئۇلىنىش قىلىپ قالسىڭىز، بلوگىڭىزمۇ قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.
سىز ئۇلىنىشقا قوشماقچى بولغان بلوگ ياكى تور بەتنىڭ ئىزدەش ماتۇرلىرىغا قوشۇلغان ياكى قوشۇلمىغانلىقىنى بۇ جايدىن تەكشۈرۈڭ:

http://tool.chinaz.com/Seos/Sites.aspx

2. قارشى تەرەپنىڭ قىلغان ئۇلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. يەنى قارشى تەرەپ قىلغان ئۇلىنىشتىن بلوگىڭىزنى ئۈنۈملۈك زىيارەت قىلغىلى بولامدۇ يوق ، مۇشۇنىڭغا قاراش كېرەك. بەزى بلوگلاردا ئۇلىنىشىڭىز كۆزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى چەكسەك بلوگىڭىزغا ئۇلانمىسا ياكى خاتا بەت چىقىۋالسا بۇ خىل ئۇلىنىشنىڭ سىزنىڭ بلوگىڭىزغا نىسبەتەن ئەمەلىي قىممىتى يوق.

3. قارشى تەرەپ ئۇلىنىشنىڭ سۈپىتىگە قاراش كېرەك. PR قىممىتىنى ھېسابلاش قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، مەلۇم بىر بەتتىن چىقىرىلغان ئۇلىنىش قانچە كۆپ بولسا، قارشى تەرەپكە بېرىلىدىغان PR قىممىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. يەنى، مەلۇم بىر بەتكە جەمئىي 100 دانە ئۇلىنىش، يەنە بىر بەتكە 50 دانە ئۇلىنىش قويۇلغان بولسا، ھەر كۈنى بۇ ئۇلىنىشلاردىن زىيارەت ئېقىمى ھاسىل بولۇپ تۇرسا، شۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭمۇ بلوگىڭىز بار دېيىلسە، سىزنىڭ ئاۋالقى بەت ئارقىلىق ئېرىشىدىغان PR قىممىتىڭىز كېيىنكىسى ئارقىلىق ئېرىشىدىغان PR قىممىتىدىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، بىر بەتتە 100 دىن ئارتۇق ئۇلىنىش قويۇلغان ( بەت ئىچى ئۇلىنىشلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) بلوگ ياكى بەتلەرنىڭ ئۇلىنىش قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.
ئۆزىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بلوگىنىڭ PR قىممىتىنى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ جايدىن تەكشۈرۈڭ:

http://www.prchecker.info/check_page_rank.php

4. قارشى تەرەپنىڭ PR قىممىتىگە قاراش كېرەك. PR قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا بۇ شۇ بلوگ ياكى تور بەتنىڭ ئۇنىۋېرسال سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقىغا، ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت. شۇنداقكەن، دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا PR قىممىتى قانچىكى يۇقىرى بلوگلار بىلەن ئالماشتۇرۇلسا سىزنىڭ بلوگڭىزغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما ، شۇ نۇقتا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، PR قىممىتىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۈگۈن PR قىممىتى 1 بولغان بلوگ ئاز ئۆتمەي PR قىممىتى 3 بولغان بلوگقا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، PR قىممىتىگە باھا بېرىشتە، نۇقۇل سان كۆرسەتكۈچىگىلا قارىۋالماي ، بلوگنىڭ SEO سۈپىتىگىمۇ قاراش كېرەك. SEO غا ياخشى كۈچىگەن بلوگ بولسىلا ئاز كۈندە كۆڭۈلدىكىدەك PR قىممىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇلسا بلوگڭىزنىڭ PR قىممىتىنىڭمۇ ئېشىشىغا پايدىلىق.

5. ALEXA دىكى قاتارىغا قاراش. بەزى دوستلار مەلۇم بىر بلوگ ياكى تور بەتنى ئۇلىنىش قىلىشتا ئۇنىڭ ALEXA دىكى قاتارىغا قاراپ ئاندىن ئۇلىنىش قىلىش ياكى ئۇلىنىش قىلماسلىقنى بېكىتىدۇ. بەزىلەر ئېنىق قىلىپ مانچە مىڭنىڭ ئىچىدە بولسا ئۇلىنىش قىلىمىز دېيىشىدۇ. ALEXA دىكى قاتارى قانچىكى ئالدىدا بولسا شۇ بلوگ ياكى تور بەتنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىمۇ راست، بۇ خىل بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا بلوگىمىزنىڭ PR قىممىتىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىمۇ راست. ئەمما، ALEXA دىكى قاتارى 100 مىڭنىڭ ئىچىدىكى بلوگ بىلەن 100 مىڭنىڭ تېشىدىكى بلوگنىڭ SEO سىدا چوڭ پەرقنىڭ بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ALEXA قاتارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك تۈمەن قورال – ئۇسۇللار چقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ALEXA دىكى قاتارغىلا قاراپ مۇئامىلە قىلىشمۇ تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس.

6. ئوخشاش تۈردىكى بلوگلار بىلەن ئۆز ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى. دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشتا بلوگ مەزمۇنى ئوخشاش تۈردىكى بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭدا بەلكىم زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولسا ئېقىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارالسا كېرەك. مېنىڭچە، ئوخشاش تۈردىكى بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى بلوگلار ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمۇ ئۇلارنىڭ سۈپىتىگە توغرا باھا بېرىش كېرەك. ياق مەن چوقۇم بلوگىم بىلەن ئوخشاش تۈردىكى بلوگلار ئۇلىنىش قىلىتىم ، دەپ تۇرىۋالسىڭىز ئۇمۇ مەيلى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە Google ياكى 百度 تورلىرى بلوگڭىز بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرماقچى بولۇپ قالسا، يەنىلا مەزمۇن ئوخشىمايدىكەن دەپ ، ياق دەمسىز ياكى ؟! …

7. يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرلەردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھازىر نۇرغۇنلىغان بلوگ ۋە تور بەتلەردە ھەرقاچان تاقىلىپ قېلىش ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ‹‹ ئىناقلاشتۇرۇۋېتىش ›› كە ئۇچراش خەۋپى ساقلانغان. مەسىلەن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا مۇغالىپ ئۇچۇرلار ساقلانغان، قۇتراتقۇلۇق ۋە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، شەخس ياكى ئورۇننىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلار يوللانغان، سىياسىيغا چېتىلىدىغان ‹‹ ئوت تېمىلار ›› يوللانغان بلوگ ياكى تور بېكەتلەر. بۇنداق بلوگلارنى ئۇلىنىش قىلسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلاردىن مەسىلە چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىپ قالسا، سىزنىڭمۇ ئۇلانما مەسئۇلىيەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قېلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا بۇ نۇقتىلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ۋاقتىڭىز يەتسە بلوگىمىزدىكى ‹‹ ئېنتېرنېت ۋە ياشلار ›› دېگەن بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇڭ. بۇندىن كېيىنكى تور ھاياتىڭىزغا جەزمەن پايدىسى تېگىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بلوگىڭىزدىكى دوستانە ئۇلىنىشلارنى باشقۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىڭىز. قەرەللىك ھالدا سىز ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان بلوگلاردىكى ئۇلىنىشىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىڭىز، ئۇلىنىشىڭىز سەۋەبسىز چىقىرىۋېتىلگەن بولسا قارشى تەرەپ ئالاقىلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىز ياكى مۇناسىپ ھالدا بلوگىڭىزدىكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇلىنىشىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشىڭىز كېرەك.
تورداشلارنىڭ بلوگگىرلار ئارا دوستانە ئۇلىنىشقا قارىتا باشقا چۈشەنچە – پىكىرلىرى بولسا مۇشۇ تېمىدا كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشساق بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنىڭ 7 ئۆلچىمى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەنھا بۆرە مۇنداق يازغان:

    بلوگ بىلىملىرىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن!

تەنھا بۆرە 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟