نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھەققىدە پاراڭلار ( Football IN UYGHUR )

بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق بىر تەسىرات بولۇشى ئېنىق. دىيارىمىزدا مەيلى مەكتەپ ، كارخانا، سەھرا – قىشلاق ، كەنت – مەھەللىلەردە بولسۇن، ئالىقانچىلىكلا بوش يەر بولسا بالىلارنىڭ، ياشلارنىڭ پۇتبول ( Football ) تېپىۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرۈمىز . مېنىڭچە ‹‹ شىنجاڭ ھەقىقى پۇتبول سەرۋازلىرى يېتىشىپ چىقىدىغان ماكان … ››
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ( Football ) ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ 1851 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﻫﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟانى ›› دا، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 1000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻣﭽﯩﻼﭖ ﺳﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻫﺎﯞﺍ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﻣﯘ ‏- ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ‹‹ ﺗﻪﭘﯜﻙ ›› ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ئاتۇش ئېكساق كەنتى كەنت تارىخىدا مۇنداق قۇرلار خاتىرىلەنگەن: 1885 – يىلى بۇ يۇرتتا پۇتبول قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. ئاكا – ئۇكا مۇسابايوفلار بۇ يۇرتتا مەكتەپ قۇرۇپ 1908 – يىلى تۇنجى رەسمىي پۇتبول مەيدانىنى سالغان. بۇ يۇرتلاردىكى پۇتبول قىزغىنلىقى ئەينى چاغدا قەشقەردە تۇرۇشلۇق چەتئەل كونسۇللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1927 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ئايدا ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺋﯧﻜﺴﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ قەشقەردىكى ئەنگلىيە ، شۋېتسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن قەشقەر بېھىشكېرەمدىكى بىر ئەلسۆيەر دېھقاننىڭ بېدىلىكىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪىلىرى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ئەنگلىيىنى 1 ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ 2 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، شۋېتسىيىنى 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ھەﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ.
ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺵ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪﺭ ﻛﯜﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﻪﺯﻯ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﭘﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. بىلىشىمچە ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﻓﯧﻨﻪﺭﺑﺎﻏﭽﻪ ( Fenerbahce ) ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﻧﯩﻴﺎﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﻰ ﺑﺎﺭ. دۆلەت ئىچىدىكى گەپنى قىلساق، بۇ يىل بېشىدا مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر جۇڭگو پۇتبول دۆلەت كۇماندىسى ( 中国国家足球队 ) غا كىردى. تېخى يېقىندىلا ، جۇڭگو لىنىڭ لوڭقىسى سىتىيۇدىنتلار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ( 李宁中国大学生足球联赛 ) نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 15-ئىيۇل شېنياڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ مەيدانىدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى بىلەن تەييۈەن تەبىئىي پەنلەر ئونۋىرىستىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى ئۆزىنىڭ پىداكارلىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، 2-1 نەتىجە بىلەن چىمىپىيۇن بولدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 24- نومۇر پەرھات ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ، تىرنىرى ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرنىر ، 10- نومۇرلۇق ئەسقەر ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ، 22-نومۇرلۇق ۋارتا نەسرۇللا ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى…
تەڭرىتاغ تورىدىكى ئوبزور ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، مەلۇم بىر يىلى شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەن مەركەزنىڭ مائارىپ – مەدەنىيەتكە مەسئۇل رەھبىرى ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ‹‹ شىنجاڭدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار پۇتبول تېپىدىكەن، پۇتبول قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. ئەمما، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى نېمىشقا يۈكسىلەلمەيدۇ ؟ ›› دېگەن ئىكەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ( CCTV ) نىڭ داڭلىق پۇتبول ئوبزورچىسى 刘建宏 شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ‹‹ بەلكىم، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا بولۇشى مۇمكىن! ›› دېگەن ئىدى.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ، ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ئەل ئارا پۇتبول قىزغىنلىقى ﺑﺎﺭ . ئەمما، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى جۈملىدىن ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؟ پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى كىشىلەر تەرىپىدىن بولۇشىغا مازاق قىلىنىۋاتقان، جۇڭگو توپ مەستانىلىرى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى جۈملىدىن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى بىزنىڭ ئۈمىد كۈتۈشىمىزگە ئەرزىمدۇ ؟! …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھەققىدە پاراڭلار ( Football IN UYGHUR )

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!9 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Yuksel مۇنداق يازغان:

    مەن ئۆزەم پۇتبولنى تازا ياخشى تېپەلمەيمەن ( ئەمما، بېكتە بۇدۇشقاقتەك خېلى چىڭ تۇرالايمەن [face49] ) . شۇنداق بولسىمۇ ئاقساقاللىق قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ھەققىدە ئۇنى – بۇنى پاراڭ قىلىپ باقتىم. قالغىنىنى يۈكسەل بلوگ زىيارەتچىلىرى ئارىسىدىكى توپ ھەۋەسكارلىرى چۈشۈرگىسىنى چۈشۈرمەمسىلەر دەيمە ؟! [face01]

  2. ziltar مۇنداق يازغان:

    مەبلەغ يوق ، ھەم مەبلەغ سالىدىغانلار يوق.
    پوتبولچىلىقتا كەسپىيلىك تېخى بىزدىن يىراق ئوخشايدۇ.
    گۇڭخۈينىڭ ۋاسكېتبولى گۇڭخۈيدەك بىر ئىقسادى تېرەكنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ ھەم نەتىجە قازىنىپ تۇرالىغان. پوتبولغىمۇ يىلدا نەچچە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجىرتىلىپ سېستىملىق مەشىق قىلىنسا ئاندىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ( CCTV ) نىڭ داڭلىق پۇتبول ئوبزورچىسى 刘建宏 شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ‹‹ بەلكىم، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا بولۇشى مۇمكىن! ›› دېگەن گېپى ئاندىن ئەمەليەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن ، ئارمان ئىخلاسلارنىڭ يوقلاپ بارغان 10~20 يېشىك سۈتى ۋە 20~30 قۇر كىيمى يىلدا بەك ياردەم قىلسا 7~8 تۈمەن يۈەن پۇل بىلەن بىزنىڭ پوتبولچىلىرىمىزغا ئارتۇق يۈك ئارتىپ قويۇشقا تېخى بولمايدۇ ، پوتبولچىلىرىمىز ئاۋال تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولىشى كېرەك ، ئاندىن ئۇلار پوتبول ئۈچۈن پوتبول تېپەلەيدۇ ، بولمىسا تۇرمۇش ئۈچۈن باشقا يوللاردا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ

  3. pengiyar مۇنداق يازغان:

    شۇنداق بىزنىڭ مىللىتىمىز ئاۋال ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندا(تۇرمۇشتىن خاتىرىجەم بولغاندا) ئۇلار خاتىرجەم ھالدا پۇتبول تېپەيلەيدۇ.

  4. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    مەن يىقىندا يۇزبەرگەن جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدىكى سەتچىلىكىنى ئاڭلىدىم ،ھەم شىياڭگاڭ سۇمۇرۇغ تېلىۋىزىيسىنىڭ تەھلىلىنى ،بۇھەقتىكى مەخسۇس قىلىمىنى كۆردۇم .چەتئەللىكىنىڭ جۇڭگو كوماندىسىغا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلىدىم .ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان گەپ :جۇڭگۇلۇقلار توپ مەيدانىىدا توپنى ئەمەس بەلكى ئادەم تىپىدۇ .中国人踢的不是球,是人。
    ئۇيغۇرلارغا كەلسەك ،قورساق تويغاندا ئاندىن پۇتبولنى ياخشى تەپكىلى بولىدۇ !!

  5. Yuksel مۇنداق يازغان:

    مەن بىلىدىغان داڭلىق دۆلەت كۇماندىلىرىنىڭ ھەممىسى پاخشى بولۇپ كېتىپ قېلىشتى. ئەمدى ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە ئېشىپ قاپتۇ لۇڭقا تالىشىدىغانغا…
    بۇ قېتىملىق دۇنيا لۇڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ پەقەت مەززىسى بولمىدى ھەي ! [face46][face46]

  6. tumaris520 مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن جۇمۇ پۇتپۇلنى!!!! گەرچە ئايال بولساممۇ!!!! ……….[face25][face25][face50][face50]
    [reply=Yuksel,2010-07-10 01:52 AM]پۇتبولنى ئەگەر قىز – ئاياللار ياخشى كۆرمىگەن بولسا ، ئەركەكلەر پۇتبول تەپمىگەن بولارمىكىن دەيمەن …
    دۇنيا پەقەت سىز كەبىي ئاياللارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر ( ئەرلەر ئۈچۈن ). [/reply]

  7. abdulla مۇنداق يازغان:

    خاخا، بىراق ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز كىرەك دوسلار! مەن سىلەرنى قوللايمەن.

  8. abdulla مۇنداق يازغان:

    پۇتبولغا ۋۇررا!

  9. tumaris520 مۇنداق يازغان:

    ۋاي ۋۇي !!!! رەخمەت جۇمۇ يۇكسەل!! پو ئاتقىنىم ئەمەس مەن ئوتتورا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا 5يىل پۇتبۇل تەپكەنىدىم . ھازڭرمۇ توپنى كۆرسەم دېلىم يايراپ كېتىدۇ دىسە!!!![face01][face25]
    [reply=Yuksel,2010-07-11 02:09 PM]ئەسلى سىز ئىسمى – جىسمىغا لايىق پۇتبول ھەۋەسكارى ئىكەنسىز !
    يۈكسەل بلوگنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ، خالىغان تېمىلاردا پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز![/reply]

tumaris520 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟