torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئىسىم – تەگئات تاللا بازىرى ( Name supermarket )

ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( Uyghur’s last name ) تېمىسىغا بېغىشلانغان چاتما ماقالىلىرىمىز ۋە يېقىندا يوللىغان << چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىمنى قويۇش كېرەكمۇ؟ >> ماۋزۇلۇق تېمىمىزنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم تورداشلار ئۆز جەمەتلىرىگە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن تەگئات قويۇش، يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئات قويۇش ھەققىدە ئوي سۈرۈشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، بۇ ھەقتە پايدىلانغۇدەك مەنبەنى تاپالماي تېڭىرقاپ قېلىشقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. بىز ئۇشبۇ ئېھتىياج – تەلەپنى كۆزدە تۇتۇپ، قەدىمىكى ئۇيغۇر ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىز قوللانغان ئىسىم – تەگئاتلاردىن نەمۇنىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىز. بۇ ئىسىملارنى تەگئات قىلىپ قوللىنىشقىمۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ.
بىز ئىسىم – تەگئات قويماقچى بولغان قېرىنداشلارغا ئىسىم تەگئات قويۇش ئالدىدا << يۈكسەل بلوگى >> دىكى ‹‹ ئۇيغۇرلاردا تەگئات ›› سەھىپىسىنى بولۇپمۇ بۇ سەھىپىدىكى << بالىلارغا ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك؟ >> دېگەن تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار

( ئىسىملار ) _ ( مەنىسى )

ئابا _ دادا ، ئاتا ، شۇنداقلا ئاپا ، ئانا دېگەن مەنىسىمۇ بار
ئابام ئۇلۇغ _ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك
ئابامبەگ _ ئەبەدىيلىك بەگ
ئابىنچۇ _ خۇشاللىق ، كۆڭۈلنى ئالغۇچى
ئابىنچۇ قاتىن _ كۆڭۈلنى ئالىدىغان خېنىم ، خانىش
ئابىنىق _ بەختلىك ، تىنچ
ئاچارى _ ھەزرەت ، ئۇستاز
ئاچىق _ چوڭ ئاكا
ئاچۇق _ ئوچۇق
ئادام توغرۇل _ توغرۇل ( بىر خىل يىرتقۇچ قۇش )دەك چېۋەر ئادەم
ئادايۇ _ ئېزىز ، قىممەتلىك
ئادۇغ ( ئادىغ ) _ ئېيىق
ئاغارلاغ _ ھۆرمەتكە لايىق ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ
ئاغىر _ قەدىرلىك ، ئېزىز ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ
ئاغۇش _ ئۇرۇق ، جەمەت
ئاجھۇن _ دۇنيا ، دەۋر
ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان
ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا
ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان
ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر
ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە
ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر
ئالقا _ مەدھىيىلىمەك
ئالقىش _ بەخت ، خۇشاللىق ، تەنتەنە
ئالتۇن _ (1) ئالتۇن ، (2) زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى
ئالتۇن قارا : ئالتۇن : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
ئامساق _ ھەۋەس
ئامۇل _ تەمكىن ، ئېغىر – بېسىق
ئاناچ _ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئانىدەك تۇيۇلىدىغان قىز
ئانۇغ _ ئۈمىد ، ئارزۇ
ئاقاش _ ئاكا ، ئاكاش
ئاقى _ مەردانە ، جەسۇر ، مەرد
ئاقخان _ ئاق : ئىسمى ، خان : قوشۇمچىسى
ئارا بۇغا _ ئوتتۇرا ھال بۇغا
ئارغۇ _ ئىككى تاغ ئارىسى
ئارغۇن _ ئارغىماق
ئارىغ _ پاكىز ، ساپ
ئارىش _ تازا ، پاك ، پاكىزە
ئارقار _ ياۋا قوي
ئارقىش _ كارۋان باشلىقى ، خەۋەرچى
ئارقۇ _ باھالىق ، قىممەتلىك
ئارسلان _ شىر بالىسى
ئارتۇن _ زىرە ( ئۆسۈملۈك )
ئارتۇق _ ئارتۇق ، ئېشىپ كەتكەن ، جىق ، نۇرغۇن
ئاسغۇ _ مارجان ( بويۇنغا ئاسىدىغان )
ئاشان _ ھۆرمەتلەن ، غىزالان
ئاشان توغرۇل _ توغرۇلدەك غىزالان
ئاشاي _ غايە ، مەقسەت
ئاشتال _ كەنجى ئوغۇل
ئاسىغ _ نەپ ، پايدا ، مەنپەئەت
ئاسقىن _ ئېسىل ، ئالىيجاناب
ئاتابېك _ ئوردا تەربىيىچىس ، تەربىيىچى
ئاتاش _ ئاتەش ، ئوت
ئاتات _ تاي ، قۇلان
ئاتاي _ بالا ، باچكا
ئاتىم _ مەرگەن
ئاتىش _ ئېتىشماق
ئاتلىق _ ئابرۇيلۇق ، ئاتالغان ، مەشھۇر ، باشلىق
ئاتمىش قارا _ ئاتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
ئاي _ ئاسماندىكى ئاي
ئاي چەچەك _ ئايدەك چىرايلىق ( قىز )
ئاي سىلىگ _ ئايدەك پاك
ئاي تۇغمىش _ ئايدىن تۇغۇلغان
ئايكۈن _ ئاي ۋە كۈن
ئايتەڭرى _ تەڭرى : ئىسمى ، ئاي : سۈپىتى
ئايتولدى _ ئايدەك تولغان
ئايۇق _ ئايىغۇچى ، قوغدىغۇچى
ئايخان _ ئايدەك خان
ئازغىر ( ئادغىر ) _ ئايغىر
ئازىغ _ ھوشيار كىشى
ئازۇق _ ئوزۇق ، يېمەكلىك
ئازۇقلۇغ _ ئوزۇقلۇقى بار ئادەم
بابا _ بوۋا ، ئاتا
بادۇر _ ئۆلچەن
بالىغ _ (1) شەھەر ، قەلئە ، (2) بېلىق
بالتۇ _ پالتا
باقلان _ پاقلان
بارچا تۇغمىش _ ھەممىسى تۇغقان
بارچا تۇرمىش _ ھەممىسى تۇرغان ، ھەممىسى تەل
بارغۇت _ قەبىلە نامى
بارغۇت كۈن _ بارغۇت : ئىسمى ، كۈن : سۈپىتى
بارلىق _ باي ئادەم
بارمان _ دۆلەتمەن
بارس _ يولۋاس
بارسغان _ يولۋاستەك خان
باسا تەمۈر _ تەمۈر ( تۆمۈر ) : ئىسمى ، باسا ( ياردەم ) : سۈپىتى
باشلاغ _ باشلىغۇچى ، باشلىق
باسمىل _ قەبىلە نامى
باسۇت _ ياردەمچى ، يۆلىگۈچى
باخشى ( باقشى ) _ ئۆگەتكۈچى ، موللا ، ئۇستاز ، دوختۇر
باي تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، باي : سۈپىتى
باياغۇت _ دۆلەتمەن ، باي
بەدۈك _ بۈيۈك ، كاتتا ، يۈكسەك
بەگ _ بەگ ، خان ، شاھزادە ، ئەركەك ، ئەر
بەگ ئارسلان _ ئارسلاندەك ئەر
بەگ بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر
بەگ تەمۈر _ تۆمۈردەك بەگ ، تۆمۈردەك ئەر
بەگ تۇرمىش _ بەگدەك تۇرغان
بەگ تۇتۇق _ مەرتىۋىلىك ئەر
بەگى _ بەگدەك
بەگلەن _ بەگ بول ، بەگدەك بول ، قابىل ئەر بولۇپ چىق
بەگلىك _ بەگ ئەۋلادى ، ئالىيجاناب
بەگتاش _ تاشتەك مۇستەھكەم ئەر
بەكرىش _ مۇستەھكەم
بەكتۇر _ چىڭ تۇر
بەرك _ كۈچلۈك ، ساغلام
بىگۇ _ ئەقىللىق
بىكە _ خېنىم
بىلگە _ ئالىم ، دانىشمەن ، بىلىملىك
بىلگە بەگ _ دانىشمەن بەگ
بىلگە ئەر _ بىلىملىك ئەر
بىلگە قاغان _ دانىشمەن خان
بىلگە قاتىن _ بىلىملىك مەلىكە
بىلگە تۇتۇق _ بىلىملىك ، مەرتىۋىلىك ، ئىدارە قىلغۇچى بەگ
بوغۇ _ بۇغا
بۆگۈ _ بىلىملىك ، ئەقىللىق
بۆگۈ بىلگە _ ئەقىللىق ئالىم
بۆگۈ خان _ دانىشمەن خان
بۆگۈش _ ئەقىلدار ، دانىشمەن
بۆكە ( بۇكا ) _ (1) جەسۇر ، پالۋان ، باتۇر ، (2) ئەجدىھا ، ياۋۇز
بۆكەخان _ باتۇر ، پالۋان خان
بۆرە تېگىن _ بۆرىدەك باتۇر شاھزادە
بوتۇق _ بوتىلاق
بۇغرا _ ئەركەك تۆگە
بۇغۇغ _ ئالىم ، دانىشمەن
بۇلان _ بىر خىل ھايۋان ئىسمى
بۇلاق _ (1) بۇلاق ، (2) قەبىلە نامى ، (3) ئېقىن دەريا
بۇقا _ بۇقا
بۇقاخان _ بۇقىدەك كۈچلۈك خان
بۇرسلان _ قاپلان
بۇرخان قۇلى _ بۇدداھنىڭ قۇلى
بۇيان _ ساۋاب ، بەخت ، ياخشىلىق
بۇيان قار _ بەخت ياغدۇرغۇچى قار
بۇيرۇق _ ئەمەلدار
بۇزاغۇ _ موزاي
چاغرى _ (1) لاچىن ، (2) بۈركۈت
چاغرى بەگ _ بۈركۈتتەك ئەر
چاۋىش _ يول ، تەدبىر ، تەدبىرچى
چەبەر _ چېۋەر ، قابىل
چەچەك ( چېچەك ) _ گۈل ، غۇنچە ، چېچەك
چىگىل _ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى
چىگىل ئارسلان _ چىگىللارنىڭ ئارسلانى
چوبەن _ چوپان ، پادىچى
چوغلۇق _ (1) نۇرلۇق ، ئىسسىق ، (2) بىر خىل گۈل ئىسمى
ئەدگۈ ( ئەزگۈ ) _ ياخشى ، ئېسىل ، چىرايلىق
ئەكە _ ئۇكا ، سىڭىل
ئەلكۈن _ خەلق ، قەبىلە
ئەر بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر
ئەردەم _ ئەدەپ ، ئەخلاق ، پەزىلەت
ئەردەنى _ گۆھەر ، مەرۋايىت ، ئۈنچە
ئەردەنى قاتىن _ گۆھەر خېنىم
ئەرەن _ يىگىت ، ئەركەك ، ئەر
ئەرك _ ئەركىنلىك ، سەلتەنەت
ئەركەچ _ تېكە
ئەسەن _ ئېسەن ، ساق – سالامەت
ئەسەن قارا _ بۈيۈك ساقلىق ، كاتتا ئېسەنلىك
ئەۋلىك _ خوجايىن ، ئۆيلۈك ، ئۆي ئىگىسى
ئىدىقۇت _ مۇقەددەس بەخت
ئىل _ ھۆكۈمدار ، مەملىكەت ، دۆلەت ، خەلق
ئىل ئالمىش _ دۆلەت ئالغان
ئىل ئاشمىش _ ھۆكۈمدارلىقتا يۈكسەك
ئىل بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى
ئىل ئەردەم _ (1) خەلقپەرۋەر ، (2) دۆلەتنىڭ ئەدەپ ، ئەخلاقى
ئىل ئەتمىش _ دۆلەت قۇرغان ، ئەلنى ئىدارە قىلغان
ئىل ئەتمىش بىلگە قاغان _ ئەلنى ئىدارە قىلغان دانىشمەن خان
ئىل ئىككەرمىش _ ئەلنى ئىدارە قىلغان ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغان
ئىل ئىنانچ _ دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ، ئەل ئىشىنىدىغان
ئىل ئىنانچ تىرەك _ دۆلەتنىڭ ئىشەنچلىك تىرىكى
ئىل قۇتادمىش _ ئەلنى بەختىيار قىلغان
ئىل تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى
ئىل تۇتمىش _ دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى
ئىل تۈزمىش _ ئەلنى تۈزگۈچى
ئىل ئۈگەسى _ دۆلەتنىڭ دانىشمىنى ، ئەلنىڭ ئۇستازى
ئىل يىغمىش تەڭرىم _ ئەلنى توپلىغان تەڭرىم ( پادىشاھىم )
ئىلچى _ ئەلچى
ئىلچى قارا _ كاتتا ئەلچى
ئىلىك ( ئىلىك ) _ (1) خان ، خاقان ، (2) ئەل ، قۇل ، (3) ھۆكۈمدار
ئىلىك بەگ _ (1) شاھزادە ، (2) ھۆكۈمدار بەگ ، (3) خان
ئىلىك قان _ پادىشاھ
ئىلىكتا _ يەر ئىگىسى
ئىنال _ ئانىسى ئېسىلزادە ، ئاتىسى ئاددىي خەلقتىن بولغان كىشى
ئىنانچ _ (1) ئىشەنچ ، ئىشەنچلىك ، (2) ۋەزىر
ئىنانچ بۇيرۇق _ ئىشەنچلىك ئەمەلدار
ئىناق قۇلى _ دوستلۇق قۇلى
ئىنىگە _ ھىڭگان تۆگە
ئىنىك _ ئۇكا
ئىش بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىش ( دوست ) : سۈپىتى
ئىش قارا _ ئىش ( چاچ ئۆرۈمى ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
ئىسىگ تارخان _ مۇلايىم خان
كەنچ ( كەنج ) _ كەنجى ، كىچىك ، كېيىنكى ، ئاخىرقى
كەنچ ئوغلان _ كەنجى ئوغۇل
كەنچ تۇغمىش _ كېيىن تۇغۇلغان
كىشى _ ئۇستاز
كىشى قارا _ چوڭ ئۇستاز
كۆل _ كۆل ، دېڭىز
كۆلتىگىن _ ئەقلى كۆلدەك شاھزادە
كۆركلۈگ _ كۆركەم ، چىرايلىق
كۆۋشەك _ گۈزەل ، چىرايلىق ، يۇمشاق
كۆزۈن _ كۈچ ، قۇۋۋەت
كۈچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، كۈچ ( كۈچلۈك ) : سۈپىتى
كۈچ تىگىن : كۈچلۈك شاھزادە
كۈچلۈك _ كۈچلۈك ، قۇدرەتلىك
كۈگەلىك _ مۇقەددەس ، مەشھۇر
كۈل بىلگە قاغان _ بىلىملىك ، ماختاشقا لايىق خان
كۈل قاغان _ خۇش چىراي خان
كۈلچىرە _ خۇش چىراي
كۈمۈش تىگىن _ تېنى كۈمۈشتەك ئاق شاھزادە
كۈن _ كۈن ، قۇياش ، شەرق
كۈن بەرمىش _ كۈن بەرگەن ، بەختكە ئېرىشتۈرگەن
كۈن سىلىگ _ كۈندەك ئىللىق
كۈن تەڭرى _ كۈندەك تەڭرى
كۈنتۇغدى _ كۈن چىقتى
كۈنخان _ كۈندەك خان
كۇرشاد _ قەدىمكى ئۇيغۇر شاھزادىسىنىڭ ئىسمى
كۈسەمىش _ ئارزۇ قىلغان
كۈسەن _ كۇچارنىڭ قەدىمكى نامى
كۈسەنچ _ ئارزۇ ، تىلەك
كۇشان _ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى
لاچىن _ لاچىن ، بۈركۈت
مەڭلىك ( مەڭلىك ) _ (1) بەلگىلىك ، (2) مەڭلىك ، (3) بەختلىك ، خۇشال
مەڭلىك سەنگۈن _ قۇتلۇق باتۇر
مەڭۈ تەمۈر _ ئەبەدىي تۆمۈردەك مۇستەھكەم
مىڭ قارا _ مىڭ : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
مىڭ تەمۈر _ مىڭ : ئىسمى ، تەمۈر : سۈپىتى
مۇڭسۇز _ غەم – قايغۇسىز ، خاتىرجەم
نىكۇ _ ياخشى
نوم قۇلى _ دىن قۇلى
ئوغلاغۇ قاتىن _ دۆلەتمەن خوتۇن
ئوغلان _ ئوغۇل بالا ، ئەزىمەت
ئوغۇل _ ئوغۇل بالا
ئوغۇل تىگىن _ ئوغۇلدەك شاھزادە
ئوغۇز _ (1) ئوغۇز سۈتى ، (2) تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى
ئۆگرۈنچ _ خۇشاللىق ، شادلىق
ئۆكۈش قارا _ ئۆكۈش ( يىلقا ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
ئوماي _ (1) بىر خىل ھايۋان ئىسمى ، (2) يولداش ، ھەمراھ ، (3) تەڭرى
ئوردۇبەگ _ ئوردىدا خىزمەت قىلغۇچى بەگ
ئوتاچى _ تېۋىپ ، دورىگەر
ئۆتەمىش _ ئۆتكۈر ، ئۈزۈپ ماڭغۇچى
ئۆتكۈر _ ئىتتىك ، تېز ، كەسكىن
ئۆتكۈرمىش _ ئۆتكۈرلەشكەن
ئۆتۈنچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئۆتۈنچ ( قەرزدار ) : سۈپىتى
ئوزمىش _ قۇتۇلغان ، نىجات تاپقان
قابان _ تاۋاق
قاچڭار _ توشقان
قاغان _ خاقان ، خان ، پادىشاھ
قانتۇرمىش _ قاندۇرغان ، رازى قىلغان
قاپان _ قاۋان
قاپلان _ يولۋاس
قارا _ (1) قارا رەڭ ، (2) پۇقرا ، خەلق ، مىللەت ، (3) ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ
قارا باقشى _ چوڭ ئۇستاز
قارا بۇغا _ چوڭ بۇغا
قارا قۇش _ بىر خىل چوڭ قۇش
قارا تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
قارا تويىن _ چوڭ راھىب
قاراخان _ پۇقرانىڭ خانى ، ئۇلۇغ خان
قارغىلاچ _ قارلىغاچ
قارلۇق _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى
قارۇغچى _ مۇھاپىزەتچى
قاسۇق _ مىق
قاتمىش _ قاتقان ، مۇستەھكەم ، چىڭ
قاۋشۇت _ كېلىشتۈر ، ئۇيۇشتۇر
قاۋۇش _ كېلىشمەك ، ئۇيۇشماق
قاي _ قەبىلە نامى
قاياق _ قايماق
قەدىر _ قەيسەر ، كەسكىن
قەيسەر _ رۇم شاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى
قىنىم _ جەسۇر
قىرا _ ئېتىز
قىرچەچەك _ قىردا ئۆسكەن گۈل
قىيىمتۇ _ ھوشيار
قىز _ قىز بالا ، قىزچاق
قوغۇرسۇ _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىن بىرى
قوغۇرسۇ ئالتۇن _ ئالتۇن : ئىسمى ، قوغۇرسۇ : سۈپىتى
قورۇمچى ئوغۇل _ چوڭ ئوغۇل
قوزى _ (1) قوزا ، (2) سۆيۈملۈك
قۇلان _ قۇلان ( ياۋا ئېشەك )
قۇلۇن _ قۇلۇن ( ھايۋان ئىسمى )
قۇلۇن قارا _ قارا رەڭلىك قۇلۇن
قۇنچۇي ( خۇنچۇي ) _ مەلىكە
قۇنشى _ قوشنا
قۇنتۇز ( قۇندۇز ) _ قۇندۇز ( بىر خىل ھايۋان ئىسمى )
قۇرسۇز _ يۈز – ئابرۇي ، سالاپەت
قۇرتۇلمىش _ قۇتۇلغان ، يەڭگىللىگەن
قۇشتر _ مۇئەللىم ، ئۇستاز
قۇت _ بەخت ، دۆلەت
قۇتادمىش _ بەخت كەلتۈرگەن
قۇتغان _ بەختلىك ، بەخت تاپقان
قۇتلۇق _ قۇتلۇق ، بەختلىك
قۇتلۇق بەگ _ بەختلىك ئەر
قۇتلۇق بىلگە قاغان _ بەختلىك ، دانىشمەن پادىشاھ
قۇتلۇق بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، قۇتلۇق : سۈپىتى
قۇتلۇق بۇقا _ بۇقا : ئىسمى ، قۇتلۇق : سۈپىتى
قۇتلۇق ئوغۇل _ بەختلىك ئوغۇل
قۇتلۇق تەمۈر : تەمۈر : ئىسمى ، قۇتلۇق : سۈپىتى
قۇتلۇق تەڭرى _ بەخت بەرگۈچى تەڭرى
قۇتلۇق تىگىن _ بەختلىك شاھزادە
قۇتلۇق تۇرمىش _ بەختلىك تۇرغان ، خۇشال تۇرغان
راتنا _ ئۈنچە ، گۆھەر
راتنا قار _ ئۈنچىدەك قار
ساچۇ _ چۇچا ( ياغلىق چۇچىسى )
ساغۇن _ قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان
سالچۇق _ قەبىلە نامى
سانگۈن ( سەنگۈن ، سانغۇن ) _ سەركەردە ، قوماندان
سانمىش _ سانالغان
سارىغ _ سېرىق رەڭ
سارىغ خان _ سارىغ : ئىسمى ، خان : سۈپىتى
سارمۇساق _ سامساق
سارسال _ سۆسەر ( بىر خىل ھايۋان )
ساۋ _ شۆھرەت ، خەۋەر
سەۋىگ _ ئەزىز
سەۋىگلى _ سۆيۈملۈك
سەۋىنچ _ شادلىق
سەۋۈگ _ سۆيگۈ
سىلىگ _ سىلىق ، پاكىز ، زېرەك ، مۇلايىم
سىلىق _ سىلىق ، مۇلايىم
سىم _ كۈمۈش
سىنان _ سىنالغان
سوغۇن _ تاغ تېكىسى
سۆڭو _ خەنجەر ، نەيزە
سۇنغۇش _ نەيزىۋازلىق
سۇڭقۇر _ شۇڭقار
سۈپۈرگۈ _ سۈپۈرگە
سۇقاق _ بۆكەن ( ھايۋان ئىسمى )
تابدۇ _ تاپار
تاڭسۇق _ نەپىس ، قىممەتلىك ، كەم ئۇچرايدىغان
تاردۇش _ مەرتىۋە ، دەرىجە
تارىقچى بەگ _ دېھقان يىگىت
تارخان _ خان ، بەگ
تاش _ تاشتەك مۇستەھكەم
تايانچ _ تىرەك ، يۆلەك
تايانغۇ _ تايىنىدىغان ، ئىشىنىدىغان
تايۇق _ تۇيغۇن ، زېرەك
تەگىن ( تىگىن ، تېكىن ) _ (1) قۇل ، (2) شاھزادە
تەگىن ئۈگە _ بىلىملىك شاھزادە
تەكىش _ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى
تەمۈر _ تۆمۈر
تەمۈر بۇقا _ تۆمۈردەك بۇقا
تەڭىرلى _ تەڭرىلىك ، خۇداگۇي ، مۆمىن
تەڭىز _ دېڭىز
تەڭىزخان _ دېڭىزخان
تەڭرى _ تەڭرى ، ئىلاھ ، ئاسمان
تەڭرى تۇغمىش _ تەڭرى تۇغقان
تەڭرىدە بولمىش _ تەڭرى ياراتقان
تەركەن _ خاقان ، پادىشاھ ، ۋىلايەت ھۆكۈمدارى
تېتىك _ تېتىك ، جانلىق ، ماھىر
تىگىن بەگ _ شاھزادە يىگىت
توغرۇل _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش
تۆلىك _ جاسارەت ، غەيرەت
تولۇن _ تولغان ، تولۇق ، يېتىلگەن ، پۈتۈن
توقۇش _ جەڭ ، ئۇرۇش ، توقۇنۇش
تورۇم _ بۇتا ( ھايۋان ئىسمى )
تورۇمتاي _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئىسمى
توسۇن _ مىنىلمىگەن ئات
تويىن _ راھىب
تويىن قۇلى _ راھىبنىڭ قۇلى
تويزۇن _ يېزا ئاقساقىلى
توزۇن _ كېلىپ چىقىشى ياخشى ، ئېسىل ، ئوچۇق – يورۇق
تۇدۇڭ _ باشلىق
تۇدۇش _ ئۇرۇش ، سوقۇش
تۇغمىش _ تۇغۇلغان ، ئەۋلاد
تۇڭا _ قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان
تۇڭاخان _ قاپلاندەك خان
تۈركان قاتىن _ تۈرك خانىشى
تۇرمىش _ تۇرغان ( ئورنىدىن تۇرغان )
تۇتۇق _ (1) مەرتىۋە ، (2) ئىدارە قىلغۇچى
تۇتۇق ئەر _ (1) مەرتىۋىلىك ئەر ، (2) ئىدارە قىلغۇچى بەگ
تۇتۇش _ كايىماق ، قاتتىق سۆزلىمەك
تۈزمىش _ تۈزۈلگەن ، توغرا ، قۇسۇرسىز
تۈزۈن – تۈزۈتلۈك ، كەمتەر ، مۇلايىم
ئۇچقۇر _ بىلىملىك كىشى
ئۇدغۇرمىش _ ئۇيۇشقان ، غەلىبە قىلغان
ئۇدمىش _ شەپقەتلىك
ئۇغراق _ ئارزۇ ، نىيەت
ئۇىغۇر _ ئۇيغۇر
ئۇلۇغ _ ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ
ئۇلۇغ بەگ _ ئۇلۇغ ئەر
ئۇلۇغ خان _ ئۇلۇغ پادىشاھ ، كاتتا خان
ئۇمۇن _ ئۈمىد
ئۇسۇن _ ئۇزۇن ، ئۇزاق
ئۇسۇق _ ئۇسسىغان
ئۇتار _ ئۇتۇپ چىقىدۇ
ئۇتۇش _ يەڭگۈچى ، ئۇتقان
ئۇز _ چىرايلىق ، گۈزەل
خان _ (1) خان ، ھۆكۈمدار ، (2) قان
خانبابا _ خاندەك ئاتا
ياچانقىر _ ئۇياتچان ، ھايالىق
ياغان _ پىل
ياغما _ تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى
يانداق _ يانتاق
ياپغۇ _ بىر خىل ئۇنۋان نامى
ياراغ ( ياراق ) _ قورال
ياران _ دوست ، ھەمراھ
يارىچى _ ياردەمچى
يارۇغلۇ _ ئوتلۇق ، نۇرلۇق
يارۇق _ يورۇقلۇق ، يورۇق
ياشقان _ ياش يىگىت
يەتمىش قارا _ يەتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
يىدلاغ _ خۇشپۇراق
يوللۇق تىگىن _ يولى بار شاھزادە
يۇرتۇغ _ ھەمراھ
زەمۇران _ زۇمرەد

ئىسىم – تەگئات تاللا بازىرى ( Name supermarket ) ئاتلىق بۇ يازمىدا گۈزەل ۋە مەنىلىك ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتلىرىنى توپلاشنى نىيەت قىلدۇق. تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان ، ئاڭلىغان يېقىملىق ، ئۇز مەنىلىك ئىسىملارنى بۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى مەزكۇر يازما تورداشلارنىڭ ئۆز جەمەتىگە تەگئات تاللاش ۋە تاتلىق پەرزەنتىگە ئىسىم تاللاشتا كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىل بولۇپ قالغۇسى !

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئىسىم – تەگئات تاللا بازىرى ( Name supermarket )

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!7 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ziltar مۇنداق يازغان:

    مەخسۇس تەگئات ئىزدەيدىغان ۋە يوللايدىغان تور بېكەت قۇرۇپ قويساقمۇ بولغۇدەك جۇمۇ
    [reply=Yuksel,2010-07-07 04:21 PM]بۇ جەھەتتە ئوكيان تورى مەلۇم بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ. يۈكسەل بلوگىنىڭمۇ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقۇسى بار. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تور بېكەت بولسا ئالقىشلايمىز ! [/reply]

  2. Bektur مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يازما بوپتۇ . ئەينى ۋاقىتتا ئىزدىنىشتىكى ۋاقتىمىزدا سىزنىڭ مەخسۇس "تەگئات" سەھىپىسىدىكى يازمىلىرىڭىزنىڭ تەسىرىدە تەگئات قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ، بىز ئۇيغۇرلارغا قانداق رولى بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەنتىم . كېيىن دوست-بۇرادەرلەردىن ، كىتابخانىلاردىن ئىزدەپ سوراپ تەگئات توغرىسىدىكى يازمىلارنى كۆرىدىغان ، ئۆزۈمنىڭ مىجەز-خۇلقىغا ماس كېلىدىغان ، ئۆزۈمگە ئىلھام بولغۇدەك ، باشقىلارغىمۇ ياخشى تەسىر بېرىدىغان يېقىشلىق تەگئات ئىزدەپ يۈردۈم . بىزدىكى كونا يېزىقتا يېزىلغان تەگئات توغرىسىدىكى كىتابلاردىن بىلىشىمچە (فامىلە دەپ ئالغان كىتابلارمۇ بار ) تەگئات تەتىقاتى ۋە زۇرۈرلىكى خېلى بۇرۇنلا بىر قىسىم ئەقلى ئويغاق زىيالىلىرىمىزنىڭ دېققەت ئېتبارىنى قوزغىغان . ئەمما تا بۈگۈنگە قەدەر ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىنىمىز يوق . شۇنداقتىمۇ زىيالىلىرىمىز مۇشۇ توغرىسىدا تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەرنى ئازراقمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق . شۇلارنىڭ قاتارىدا يۈكسەل ئەپەندىممۇ بۇرۇن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ، كېيىن گېزىت-ژۇرناللاردا ، مانا ھازىر بلوگىدا يازما ئېلان قىلىپ بىزلەرنى بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ . كۆپ تەشەككۈر .
    مانا مەنمۇ ئاخىرى ئۆزۈمگە قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ساپ ئىسىملاردىن "بەكتۇر" تەگئات قىلىپ تاللىدىم . ئەلۋەتتە يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋاتقان " رەيھانگۈل بەكتۇر " ھەدىمىزنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ خېلى بۇرۇنلا "بەكتۇر" نى فامىلە قىلىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بولسىمۇ يەنىلا " بەكتۇر" نى تەگئات قىلىش قارارىمدىن يانمىدىم . بۇ ھەرگىزمۇ دورامچىلىق ياكى رەيھانگۈل ھەدىمىز باشلىق بەكتۇر ئائىلىسىدىن تەگئات تالاشقانلىقىم ئەمەستۇر . ھەممىمىزگە مەلۇم ، نوپۇسى ئون مىليۇندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-فامىلە ، تەگئاتنىڭ تەكرارلىقىىن ھەرگىزمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ . مەسىلە تەگئات تالىشىپ يۈرۈش ئەمەس ، ئەڭ مۇھىمى بالدۇرراق خەلقىمىز ئارىسىدا تەگئەتنى ئۇمۇملاشتۇرۇش.
    [reply=Yuksel,2010-07-12 00:10 AM]پېقىر ۋە پېقىرنىڭ ئۇيغۇر تەگئاتچىلىقى ھەققىدە قىلغان ئەمگىكىگە بەرگەن تەرىپلىرىڭىزگە ھەشقاللا! سىزگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاشلىرى، ئىلھام – مەدەتلىرى، سۆزىمىزنى ئىلىك ئېلىپ تەگئات قوللىنىشلىرى بىزگە ھېسابسىز كۈچ ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ ۋە بىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشىمىز ، تىرىشچانلىقىمىزنى توختىتىپ قويماسلىققا ئۈندەيدۇ …
    بەكتۇر دېگەن بۇ تەگئات ھەقىقەتەنمۇ ئۇز مەنىلىك، ئېيتىلىشقا قۇلاي، ئاڭلاشقا يېقىملىق باش بارماقتەك تەگئات بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!
    دۇرۇس ئېيتىسىز، دەرۋەقە تەگئات قوللىنىشتا تەكرارلىقتىن ساقلانماق تەس. شۇڭا، ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.[/reply]

  3. باش ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ھارمىغايسىز قېرىندىشىم. «تەگئات» نىڭ مەناسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزكەن.(باشقىچە غەرىزىم يوق بۇ جەھەتتىكى بىلىم چەكلىك بولغاچقا ئەدەبىي تەخەللۇسمىكىن دېسەم ئەمەستەكلا).
    مەنمۇ ھازىرچە بىر ئسىمنى تۇلۇقلاپ قۇياي تۇغلۇق — بايراقدار، ئەلەمدار.(بۇ ئىسىمنى ئوغلۇمغا قويغان)

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ‹‹ تەگئات ›› سۆزى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇمكى، بىراۋنىڭ تېگى – تەكتىنى، ئەسلى نەسەبىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئات. يەنى، نۆۋەتتىكى ئىستېمالدا قوللىنىۋاتقان كىرمە سۆز ‹‹ فامىلە، Family Name ›› دېگەن سۆزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچىسىدۇر. بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن يۈكسەل بلوگىدىكى ‹‹ تەگئاتمۇ ، تەكئاتمۇ ؟ غا جاۋاب ›› دېگەن يازمىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
      ئىنتايىن ئۇزمەنىلىك، ئېسىل ئىسىمدىن بىرنى تولۇقلاپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ! خۇسۇسەن، تور ئىسمىڭىزمۇ ئېسىل ئىكەن.

      • باش ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

        ئىنشئاللا دوستۇم رەخمەت سىزگە، مېنى بەك تەسىرلەندۈرگىنى سىزنىڭ جاۋاپ بېرىش سۈرئىتىڭىزنىڭ تىزلىگى. رەخمەت!~

  4. يىڭىسار مۇنداق يازغان:

    ئىنال دىگەن سۇزنىڭ مەنىسى توغرىمۇ؟؟بىلىدىغانلار ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟؟؟؟

  5. نۇرسوغدى مۇنداق يازغان:

    قىزلارغا ماس كىلدىغان ئىسىملار بەك ئازدەك تۇردۇ؟

باش ئۇيغۇر 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟