بۈيۈك << دىۋان >> – نۇرلۇق دەستۇر
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل ( م ئا يۈكسەل )
نۇرلۇق دەستۇر
بوۋام مەھمۇد ئۇلۇغ كىتابىڭ،
ئىلىم – پەنگە ئۈندەش خىتابىڭ.
تىلسىملارغا ئاچقۇچ جاۋابىڭ،
نۇرلۇق دەستۇر بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
تەۋەرۈك دەپ زاماندىن- زامان
ساقلاپ كەلدۇق ئەۋلادلار ئامان.
قىممىتىگە قايىلدۇر جاھان،
ئەڭگۈشتەردۇر بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
تىل ئىلمىدە بۈيۈك دۇردانە،
سۆز خەزىنىسى، دائىم نۇرانە.
ئالەمشۇمۇل گۆھەر يىگانە،
ئۇلۇغ مىراس بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
ئىجتىھاتنىڭ مەشئەل چىراغى،
ھېكمەتلەرنىڭ پۈتمەس بۇلاقى.
تىل ئىلمىنىڭ گۈلزارى – باغى،
كاتتا قامۇس بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
ھەر قۇرىدا ھېكمەت مەناسى،
خۇددى ئىرپان ئەزىم دەرياسى.
جۇڭخۇا ئىلىم ئىگە – ھەقداسى،
كەۋسەر بۇلاق بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
تىل كارۋىنى چىقسا سەپەرگە،
باش ئەگمەستىن مۈشكۈل خەتەرگە.
باشلاپ بارار ئۇتۇق – سەپەرگە،
ماياك بولغاچ بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
تەڭرىتاغدەك قەددىڭ ھەيۋەتلىك،
ئەجىر – تۆھپەڭ ئالىي، قىممەتلىك.
ئالەم ئارا داڭلىق – ھۆرمەتلىك،
ئۆچمەس مەشئەل بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
بارىكاللا مەھمۇد يىلىغا،
شەرەپ قۇچتۇڭ جۇڭخۇا ئېلىغا،
ئىلھام بەردىڭ خەلقىم دىلىغا،
قىبلىنامە بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
رەھمەت ساڭا مەھمۇد قەشقەرى،
رەھمەت ساڭا ئىرپاننىڭ پىرى،
رەھمەت ساڭا تىل ئەڭگۈشتەرى،
تىلتۇماردۇر بىزگە << دىۋان >> ىڭ.
ئاپىرىن
تىلچى مەھمۇد قەشقەرى << دىۋان >> – كىتابىڭ ئاپىرىن،
ئىلىم – ئىرپان دەستۇرى مەشئەل – چىراغىڭ ئاپىرىن.
ھۆرمەت ساڭا ئىلىمنىڭ ھۆددىگەر ئۇستاز – پىرى،
دىلغا ئۆرنەك – تۇتىيا، شېرىن كالامىڭ ئاپىرىن.
ئىجاد ئىشقى يولىدا شۇڭقار كەبى پەرۋاز قىلىپ،
ياراتقان مول ھىممىتىڭ، ئۆز كەشپىياتىڭ ئاپىرىن.
ئىجتىھاد دەرياسىدىن دۇردانە سۈزدۈڭ ئەل ئۈچۈن،
بىزگە قالدۇرغان مىراس مېھنەت – ئىجادىڭ ئاپىرىن.
ئالەمشۇمۇل قامۇستۇر ئۇلۇغ دىۋانىڭ، خىتابىڭ،
يۇلتۇز كەبىي چاقنىغان نۇرلۇق ھاياتىڭ ئاپىرىن،
ئەقىل – ئىدراك جەۋھىرى چاقنار ئۇنىڭدىن ھەرقاچان،
كۆكتىكى سۇمرۇغ كەبى قاققان قاناتىڭ ئاپىرىن.
ئانا ۋەتەننىڭ ئوغلىسەن، ئىپتىخار – غورۇرىسەن،
ئۆچمەس مىراس قالدۇرغان نەسەبى – زاتىڭ، ئاپىرىن.
ياڭرار ساڭا خەلقىمنىڭ يۈكسەك باھاسى، تەرىپى،
دىلدا مەڭگۈ يادلىنار مەھمۇدى ئاتىڭ، ئاپىرىن![/align]
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بۈيۈك << دىۋان >> – نۇرلۇق دەستۇر
سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق سەندىن باشلانغان ،
ھەم ئۈزۈلمەستىن جاھان ئەھلىگە تارالغان .
سەن باسقان مۈشكۈل يوللارنى بىز باسالمىدۇق ،
كۆزىمىز غەم -ئارزۇ قانلىرىدا ياشلانغان .