نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

12 – ماي ۋە جۇڭگو ياشلىرى

12 – ماي ۋە جۇڭگو ياشلىرى

بۇ يازمىنى بۇلتۇر 5-ئاينىڭ 12-كۈنى يۈز بەرگەن قاباھەتلىك يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن.

بۈگۈن باشلىق – ئەمەلدارلار، مۇخبىر – فوتۇگرافلار، ھەرساھەدىكى چولپان – داڭدارلار ، ساياھەتچى – سەيياھلار، تەشكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىدايىلار … ھەممىسى بېرىشتى. سىچۈەندىكى ئاپەت رايونى بۈگۈن چوقۇم ئالامەت قىزىپ كەتتى. مېنىڭ خىيالىمدا بولسا بۈگۈن ئەسلى جىمجىتراق، سۈكۈت ۋە قايغۇ ئىلكىدە ئۆتكەن بولسا ياخشىراق بولاتتى. چۈنكى بۈگۈن قانداقتۇر مەلۇم كۈننى قۇتلۇقلاش ياكى نەتىجىلەرنى داغادۇغىلاش كۈنى بولماستىن، بىر يىل ئاۋالقى قاباھەتلىك كۈننى خاتىرلەش، ئۆلگەنلەرنى سېغىنىش كۈنى. شۇ تاپتا ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوي خىيالىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. ھەرھالدا داغا دۇغا قىلىنغىنىمۇ ياخشى ، بەك جىم ئۆتۈپ كەتسە ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ قېلىنىشىدىن ئەنسرەيدىغان گەپ.

<< قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال >> دەپ، بۈگۈن ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندىكى ئىشلارنى ئازراق ئەسلەپ ئۆتۈشنى، مۇھىمى ئاپەت ئالدى – كەينىدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ پىسىخكىسىغا چۆكۈپ بېقىشنى نىيەت قىلدىم.

2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى جۇڭگونىڭ كىندىك رايونى بولغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋىن چۈەن ناھىيىسىدە 8.0 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش شۇ دەرىجىدە قاتتىق بولدىكى، بۇ قېتىملىق تەۋرەشنىڭ تەسىرى جۇڭگونىڭ يېرىمىغا باراۋەر دائىرىگىچە يېتىپ، ئومۇمى دائىرىسى 10 كىۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى. بۈگۈنگىچە بېرىلگەن مەلۇماتتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 8 تۈمەندىن، يارىلانغانلارنىڭ سانى 360000 دىن، ئىز دىرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 23 مىڭدىن ئاشتى.
جۇڭخۇا ئوغۇل – پەرزەنتلىرى رەھىمسىز يەرتەۋرەش ئالدىدا ئاجايىپ قەيسىرانە ، ئۇيۇشۇشچانلىق، پىداكىرانە رھىنى جەۋلان قىلدى. بارچە ساھە كىشىلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىك ھالدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۆرۈشىگە تۇشمۇ – تۇشتىن ئاتلىنىشتى. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان تەسىرلىك ئىش ئىزلار يۈرۈكى تۆمۈردىن پۈتمىگەن ھەرقانداق ئادەمنى ھاياجانغا سالدى. قەلىبلەر لەرزىگە كەلدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەتنىڭ زورلىقى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، دۆلەت بويىچە 3 كۈن ماتەم تۇتۇش قارارىنى چىقاردى. بۇ جۇڭگودا 5000 مىڭ يىلدىن بۇيان پۇقرا ئۈچۈن دۆلەت ماتەم تۇتۇشنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى بولۇپ قالدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنى جۇڭگونىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشىدىكى زور يۈكسىلىش، دەپ يۈكسەك باھا بېرىشتى.
ماتەم كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتە 14 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، پۈتكۈل جۇڭگو 3 مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. جايلاردىكى خەلق مەيدانلىرى، مەكتەپ ھويلىلىرى ماتەم قايغۇسىغا چۈمگەن كىشىلەرگە تولدى. تىيەنمىن مەيدانىدىن تاكى قەشقەردىكى ھېيتگاھ – خەلق مەيدانىغچە بارچە كىشى سۈكۈتتە تۇرۇپ، قازا تاپقانلارغا چىن كۆڭلىدىن ماتەم قايغۇسىنى بىلدۈرۈشتى.
مەيدان – مەيدانلاردا يىغىلىغانلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ياشلار ئىدى. ئۇلار ئاجايىپ بىر خىل مۇرەككەپ ھېسلار بىلەن بىرتەرەپتىن ئۆلگۈچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقلىرىنى ئىپادە قىلىشماقتا ئىدى. ياشلار ئەگىپ توختىمىغان قارا كۆزلەردىن ئارىلاپ قەيسەرلىك، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ئۇچقۇنلىرى يالت – يۇلت قىلىپ چاقناپ تۇراتتى…

…. …. ….

ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا كەچۈرمىشى ، ئۆسۈپ – يېتىلىش ھېكايىسى بولىدۇ.
جۇڭگو ياشلىرى كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ ئېچىپ، ئەتراپقا، ئۆز مىللىتى، ۋەتىنى ۋە تاشقى دۇنياغا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى. جۇڭگو ئاھالىسى كۆپ، زىمىنى چوڭ، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەد كۆتۈرۈش، روناق تېپىش يولىدا دائىم چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلرى ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنداق چوڭ ئىشلارنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسلەپ تۇرۇشى كۆپۈنچە مىللىي ھىسىيات، دۆلەتنىڭ شانۇ شاۋكىتى ياكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاسىتە چېتىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ياشلار بۇنداق ئىشلاردا دەرھال ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى تاللاپ، قارىشىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىدۇ. بۇ تېخىمۇ كەڭ مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئومۇمىي تۇرقى ۋە دۇنياغا بولغان قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مەيلى 80 – يىلىدىن كېيىن ياكى 90 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار بولسۇن، ئومۇمەن ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار، بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى ياشلارنىڭ خىيالىدىكى دۆلەت خاراكتېرلىك ئاپەت چۈشەنچىلىرى پەقەت يازما ماتېرىيال ياكى سۈرەتلىك ماتېرىياللاردىن كەلگەن بولۇپ، 50 – يىللاردىن 80 – يىللارغىچە بولغان ھەرخىل ھەرىكەت، تەبىئىي ئاپەت، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك ئومۇمىيەت مەنىسىدىكى ئازابلارنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرمىگەن ياكى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.
ئۆتكەن يىلى ، ئۇلىمپىك مۇقەددەس مەشئىلىنىڭ يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا بەزى دۆلەتلەردە توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، بىر ئۇچۇم تېبەت بۆلگىنچىلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار ئۆز ئېلىدىن ئالەمچە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا چۈمكەگلىك جۇڭگو ياشلىرىنىڭ قەلبىگە تارتۇق سېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسىياتىغا ئازار بەردى، مېڭىسىنى چوقچىلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئەۋلاد ياشلاردا مىسلىسىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتى ۋە كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك تۇيغۇسىى قوزغالدى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ياشلار تۇشمۇ – تۇشتىن ئۇلىمپىك مەشئىلىنى قوغداش، تېبەت بۆلگۈنچىلكىگە قارشى تۇرۇش سېپىگە قېتىلدى.
بىز شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىمۇ ئوخشاشلا ياشلارنىڭ قەلبىگە مىسلىسىز ئازاب ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ، مىللىي مۇھەببەت، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسىياتىنىڭ پارتىلشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولدى. ياشلار مىسلى كۆرۈلمىگەن قىزغىنلىق بىلەن ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش كۆرۈشىگە ئاتلىنىشتى، نۇرغۇن ياشلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ پىدايى بولۇشۇپ، ئاپەت رايونىغا بېرىپ، خەتەردىن قورقماي، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ئۈچۈن خالس خىزمەت قىلدى. بىز ئاپەت رايونىدا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىڭىگە ئاتلانغان ھەرقايسى جايلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەن پىدايىلارنى، ھەرقايسى ۋوگزال – بېكەتلەردە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تۇشۇشقا ياردەملىشىۋاتقان پىدايىلارنى كۆردۇق… بىز يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن ئىئانە بېرشىكەن، ئىئانە يىغىۋاتقان ساخاۋەتچى ياشلارنى كۆردۇق …

قىسقىسى نۆۋەتتىكى بىر ئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرى تۇنجى قېتىم ئومۇمىيلىق تۈسىدىكى ئاپەتنىڭ تەمىنى تېتىدى ۋە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىنكاسىنى قايتۇردى. ئۇلار ئۆز مەيدانىنى قانداق تاللاشنى، ئۆز قاراشلىرىنى قانداق ئىپادە قىلىشنى ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى، پىدايىلىق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى، خەيرى – ساخاۋەت قىلىشنى ئۆگەندى. ھەممىدىن مۇھىمى ، ئالاھىدە ۋاقىتتا يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇيشۇشچانلىق روھىنى نامايەن قىلىپ، مىللەت سۆيەرلىك، ۋەتەن كۆيەرلىك روھىنى تاۋلىدى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 12 – ماي ۋە جۇڭگو ياشلىرى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. erki مۇنداق يازغان:

    سالام يۈكسەل ئەپەندى ، سىز ئىزدىنىشتىكى يۈكسەل شۇمۇ ؟ [face41]

    سىز مېنىڭ بلوگىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋىلىشىمغا ياردەم قىلارسىزمۇ ؟ باشقىلارنى تەييارلاپ قويغان نەرسىلىرىنى ئىشلەتسەم مېنىڭ بلوگىمدا بەشقىلارنىڭ بىلوگىنىڭ ئىلانىمۇ قوشۇلۇپ چىقىدىكەن . مەن يازمىلىرىمنى ئىلان قىلدىغانغا بىر شەخسى بىلوگقا ئىھتىياجلىق بولدۇم . ياردەم قىلسىڭىز .
    كوت كوت 619965757

  2. infitar مۇنداق يازغان:

    شۇنداق ، بۇخىل روھ ھەرقانداق ماكان ، زاماندىمۇ ئوخشاشلا دائىم ئۇرغۇپ تۇرۇشى كېرەك ، ئەڭ ياخشىسى شەكىل جەھەتتىنلا ئەمەس ، چىن دىلىمىزدىن بولسۇن !

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟