نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

راھىپقا تارغاق سېتىش (Sell a Comb to the Monk)

ئەگەر سىزگە راھىپقا تارغاق سېتىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلسە، بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلايسىز ؟
راھىپلارغا تارغاق سېتىش ئۈچۈن قانداق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىش مۇمكىن؟
مەزكۇر يازمىدا 3 كىشىگە راھىپقا تارغاق سېتىش( Sell a Comb to the Monk ) ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. سىز بەلكىم بۇلارنىڭ راھىپقا تارغاق سېتىش كەچۈرمىشلىرىدىن يېڭىچە تۇيغۇ – تەسىراتلارغا كېلىشىڭىز مۇمكىن.

ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )

مەلۈم شىركەت مال ساتقۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ ئېلان بېرىپتۇ. ئېلاندا ۋەدە قىلغان مائاش ۋە باشقا تەمىناتلار خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا ، نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنى مەلۈم قىلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت بۇلارغا سىناق ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى بىر داڭلىق بۇتخانىغا تارغاق سېتىپ كېلىش كېرەكلىكىنى، مۇشۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىسا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھاڭ- تاڭ قېلىشىپ، غۇلغۇلا باشلىنىپتۇ، بەزىلەر بىمەنىلىك دېسە، بەزىلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ، بىر-بىرلەپ تارقاپ كېتىپ ئاخىرىدا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى خالايدىغان پەقەتلا ئۈچ ئادەم قاپتۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇتخانىغا تارغاق سېتىش باشلىنىپتۇ.

بىرىنچى ئادەم بىر يەشىك تارغاقنى بۇتخانىغا ئېلىپ بېرىپ، راھىپلار ئىبادەتتىن چۈشكەندە «تارغاق ساتىمەن تارغاق!» دەپ توۋلاپ سېتىشقا باشلاپتىكەن، راھىپلار قىزىقىپ كېلىپ كۆرۈپ بېقىپ ئارقىدىنلا «بىز يا چاچ قويمىساق، تارغاقنىڭ نېمە كېرىكى؟» دېيىشىپ، بۇ مال ساتقۇچى ئەتەي بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ خاپا بولۇشۇپ، ئۇنى بۇتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشىپتۇ.

ئىككىنچى ئادەم ئاۋال بۇتخانىغا كېلىپ شۇ يەردىكى ئىش-كۈشلەرنى بىر نەچچە كۈن كۈزىتىپتۇ ۋە باش راھىپنى تېپىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
-راھىپ ھەزىرىتىم، قارىسىلا، بۇتخانىلىرىغا كۈندە نۇرغۇن ساخاۋەتچى كېلىپ بۇتقا باش ئۇرۇپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ ۋە سەدىقە بېرىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىلى ئاشۇ بۇتنىڭ ئالدىغا بىر تال تارغاق بىلەن ئەينەك قويۇپ قويسىلىرى، ساخاۋەتچىلەر ئىبادەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇلۇپ كەتكەن چېچىنى تاراپ، ئۈستىۋېشىنى تۈزەشتۈرۈپ قايتىشسا، ھەر قايسىلىرىدىن تېخىمۇ رازى بولۇشقان ۋە بۇتخانىغا كېلىدىغان ساخاۋەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولار ئىدى…….
بۇنى ئاڭلىغان باش راھىپ بۇ تەكلىپنى توغرا تېپىپ، دەرھال تارغاقتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ.

ئۈچىنچى كىشىمۇ ئاۋال بۇتخانىدا بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپتۇ ۋە ئاخىرى بىر كۈنى باش راھىپنىڭ خانىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ھەزىرىتىم، بۇتخانىلىرى داڭلىق بولغاچ يىراق- يېقىندىن نۇرغۇن ساخاۋەتچىلەر كېلىپ بۇتقا تاۋاپ قىلغاچ سەدىقە- ئىئانىمۇ قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەگەر سىلى ئۇلارغا بىرەر خاتىرە بويۇم سوۋغا قىلغان بولسىلا، ئۇلار بەلكىم تېخىمۇ خوشال بولۇشى، كېلىدىغان ساخاۋەتچىلەر ئاينىپ، بۇتخانىلىرىمۇ راۋاج تاپقان بولار ئىدى. خاتىرە بۇيۇمغا كەلسەك، مەندە ياغاچ تارغاق بار. باھاسىمۇ ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىرىتىمنى خەتتاتلىققا ئىشتىياقى بار دەپ ئاڭلىدىم. ئەگەر سىلى ھەر بىر تارغاقنىڭ ئۈستىگە « شاپائەت تارغىقى» دىگەن خەتنى يېزىپ، پۇل ئىئانە قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە سوۋغا قىلسىلا، ئۇلارمۇ چۇقۇم ياقتۇرىدۇ ۋە خوشال بولۇشىدۇ، سىلىگىمۇ قىممەت توختىمايدۇ … …
باش راھىپ بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولۇپتۇ ۋە دەرھاللا 1000 تال تارغاق سېتىۋېلىپلا قالماي، تۈگىگەندە يەنە ئۇنى ئىزلەپ مال سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
- مانا بۇ سودا-سېتىقنىڭ ئېپى.

بۇ << راھىپقا تارغاق سېتىش ، ( Sell a Comb to the Monk ) >> ھېكايىسىنى يېقىندا ئىئانە توپلاش خىزمىتى ھەققىدىكى بىر تەربىيلەشكە قاتنىشىپ، شۇ يەردە ئاڭلىغان. قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك بىلىنىپ خاتىرلىۋالغانتىم. ئوقۇرمەنلەرگە ئازىراق پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەگەر سىز سودا- سېتىق بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، سىز يۇقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسسىنى قوللىنىۋېتىپسىز؟ يەنە قانداق يېڭىلىق ۋە ياخشىلاش ئاماللىرى باركەن؟ خالىسىڭىز بۇ ھەقتىكى ئوي – خىياللىرىڭىزنى بىز ۋە كەڭ يۈكسەل بلوگ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز ! ….

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: راھىپقا تارغاق سېتىش (Sell a Comb to the Monk)

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!8 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. dolkun731 مۇنداق يازغان:

    كۆرۈدىغانلار كۆپ ئەمما ئىنكاس قايتۇردىغانلار نىمانچە ئازدۇ؟[face03]
    [reply=Yuksel,2010-06-29 04:30 PM]يۈكسەل بلوگدا دەيسىز – ھە ؟!
    بىزمۇ مۇشۇ ھەقتە ئوي سۈرىۋاتىمىز. ئەمما، تۈزۈكرەك ئامالىنى تاپالماي ئاۋرىمىز. بەلكىم تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى تورداشلار يۈكسەل بلوگىدا پىكىر بايان قىلىشتىن يالتايسا كېرەك.
    1. ئېلان قىلىنغان تېمىنىڭ جەلبكارلىقى ياكى مۇنازىچانلىقى تۆۋەن بولۇش.
    2. ئېلان قىلىنغان تېمىلاردا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە كۆرگەنلا ئادەمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرالماسلىقى ، پىكىر قاتناشچىلىرىدىن مۇئەييەن سەۋىيە ۋە ساپا تەلەپ قىلىنىشى.
    3. بلوگ ئىنكاس يوللاش رايونىنىڭ سەل مۇرەككەپلىكى ، ھەر قېتىم ئىنكاس يوللىغاندا تەستىق كودى تەلەپ قىلىشى.
    4. زىيارەتچىلەرنىڭ ئىككى قۇر خەت ئۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشقا ئېرىنچەكلىك قىلىشى.
    5. يۈكسەل بلوگنىڭ بلوگباس سۇپىسىدىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەسلىدىكى قېرىنداش بلوگلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقى. بلوگگىر دوستلاردا تار دائىرىدىكى مەھەللىۋازلىق خاھىشىنىڭ يەنىلا ئېغىر بولۇشى. ( مەسىلەن، بلوگباس سۇپىسىدىكىلەر ئۆز – ئارا يوقلىشىش، ئۆز – ئارا ئىنكاس قالدۇرۇپ پىكىرلىشىش. پجى بلوگ ئىشلەتكەنلەرمۇ ئۆز – ئارا ئىچپەش تارتىشىش … دېگەندەك. )
    بۇندىن باشقا سەۋەبلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بىز يۈكسەل بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ دادىل كۆرسىتىپ بېرىشىگە مۇھتاجمىز![/reply]

  2. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ئابدۇكېرىم ئابلىزغا تارغاق سات دېسە قانداق قىلار ، نېمە دەر بولغۇيتتى ؟ دېگەن سۇئال كاللامغا كىرىۋالدى . بۇ تېمىنى ئوقۇپ، ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ < < تۇماق سېتىش >> دېگەن ئىتوتى ئېسىمگە كەلدى . ئابدۇكرېىمكام بۇ 3 كىشىدىنمۇ ئوبدان ساتامدىكى دەپ قالدىم … [face36]

  3. sabit مۇنداق يازغان:

    ئۇزي سېتىۋالغان بۇلسا دەم ئېلىشقا چىققاندا ئىشلىتەر ئېدي
    [reply=Yuksel,2010-06-29 05:55 PM]كىمنى دەيسىز؟ [/reply]

  4. sintash مۇنداق يازغان:

    پۇرسەتمۇ خۇددى تارغاق سېتىشقا ئوخشايدۇ،پۇرسەت ھەرۋاقىت يىنىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرۈيدۇ،گەپ سىزنىڭ بىلىپ يىتىشىڭىزدە.
    [reply=Yuksel,2010-06-30 03:07 PM]دۇرۇس ئېيتىسىز. كۆپ ھاللاردا يېنىمىزدا ئەگىپ يۈرگەن پۇرسەتلەرنى بايقىيالمايمىز، بايقىغاندا بولسا ئاللىقاچان كېچىكىپ قالغان بولمىز…[/reply]

  5. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ ھىكايىنىڭ( بۇ ئەسلى بىر فىليەتون ئدى ) باشقا بىر ۋاريانتىنى ( بەلكىم ئەسلى مەنبە بولۇشى مۇمكىن )خىلى بۇرۇن ئوقۇغان ئدىم .،بىرىنچى ۋە ئكككىنچى پىرسۇناژنىڭ تەقدىرى ئوخشاش ،لىكىن ئۇچىىنچى پىرسۇناژ مۇنداق قىلاتتى ،ئۇ بېرىپلا شۇيەردىكى دىننىيى ئشلار ئدارىسىدىكى ئاغىنىسىنى ئزدەپ بارىدۇ ،ۋە ئۇنى مىھمان قىلىدۇ .نەچچە كۇندىن كىيىن شۇ ئەتراپتىكى بۇتخانىلار ،مۇنداق بىر ئۇختۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ، يەنى تەۋەلىكتىكى بارلىق راھىبلار چوقۇم تارغاق سىتىۋىلىشى ،تارغاق سېتىۋالمىغان راھىبلارنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ ،مۇئاشى ئازايتىلىدۇ ،تويىنلارنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ ،ئۇنۋان باھالاشقا تەسىر قىلدۇرلىدۇ .
    تارغاقنى ناھىيلىك دىننىي ئشلار ئدارىسى مال مەنبەسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ سېتىۋىلىپ تارقىتىدۇ ،ھەرقايسى بۇتخانىلار تارغاق سېتىۋىلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تىزدىن ئەۋەتىپ بىرىشى لازىم .تۇگىدى .
    ھەيرانمەن ،بەزىلەر نىمىشقا ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋىدىغاندۇ ؟
    لىكىن يەنىلا يۇكسەل ئەپەندىنىڭ ھەيرىتىگە ئاپرىن . ئامان بولۇڭ !
    [reply=Yuksel,2010-07-03 05:57 PM]سىلىنىڭ ئوقۇغانلىرى راھىپقا تارغاق سېتىشنىڭ فىليەتۇن ( ئاچچىق، تەنە گەپ ) ۋارىيانتى ئىكەن. بوھران ئەپەندىنىڭ ئىشتكىنى تىجارەت ئېپى ( دەستۇرى ) ۋارىيانتى ئىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلى ئەسەرنى ئۆزگەرتكەنلىك ئەمەس، بىزدىمۇ نۇرغۇن تەمسىل – ھېكايىلەرنىڭ نەچچە خىل ۋارىيانتلىرى بارغۇ؟! …
    ئەمما، سىلى ئوقۇغان بۇ فېليەتون ۋارىيانتىمۇ قالتىسكەن. جەمئىيتىمىزدىكى بەزى ناچار ھالەتلەرنى ئەينەن پاش قىلىپ، ئاچچىق كىنايە قىلىپتۇ. ئۆزلىرىگىمۇ ھەشقاللا ![/reply]
    [reply=bohran,2010-07-08 00:06 AM]uyradiofan تىلغا ئالغان فىليەتوننى مەن ئوقۇماپتىكەنمەن، پەقەت بىر قېتىملىق كۇرستا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىسىنى ئېسىمدە قالغىنى بويىچە (ئىمكانقەدەر ئۆز مەناسى بويىچە) يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ تەھلىل قىلىشىغا سۇندۇم خالاس، ھەم سىز تىلغا ئالغان فىليەتون بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن جەھەتتىن ئانچە يېقىن كېلىپمۇ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئەسلى ئەسەرنى ئۆزگەرتىش گۇمانى قىلىشىڭىز ئارتۇقچە، يەنە كېلىپ بۇنى مەن يا ئۆز ئىجادى ئەسىرىم دېگىنىممۇ يوق. [/reply]

  6. sakina مۇنداق يازغان:

    ئىككىلەڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ زور ئەھىمىيەتكە ئىگە مۇشۇنداق تېمىنى بىزگە سۇنغانلىقىڭلاردىن سۈيۈندۈم .
    رەھمەت سىلەرگە !

  7. begtash مۇنداق يازغان:

    بۇ خۇددى، تىلگىراف يانفۇنىنى ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفۇنىنى دۆلەت خخزمەتچىلىرىگە زورلاپ سىتىشقا ئازراق ئوخشاپ كىتىدىكەن.

  8. begtash مۇنداق يازغان:

    2. ئېلان قىلىنغان تېمىلاردا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە كۆرگەنلا ئادەمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرالماسلىقى ، پىكىر قاتناشچىلىرىدىن مۇئەييەن سەۋىيە ۋە ساپا تەلەپ قىلىنىشى.
    3. بلوگ ئىنكاس يوللاش رايونىنىڭ سەل مۇرەككەپلىكى ، ھەر قېتىم ئىنكاس يوللىغاندا تەستىق كودى تەلەپ قىلىشى(تەستىق كودىدىكى ساننى ئوقوش تەسكەن، ساننىڭ يىزىلىشى غەلىتە بولغاچقا، ئادەمنى تىرىكتۈرۈپ قويدىكەن)
    5. يۈكسەل بلوگنىڭ بلوگباس سۇپىسىدىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەسلىدىكى قېرىنداش بلوگلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقى. بۇمۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى، بلوگباستا تىما يوللاش ۋە باشقا جەھەتلەردە PJblogقا يەتمىسىمۇ، لىكىن بلوگ ئىچىشقا ھىچقانداق دەسمايە كەتمەيدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىم تورداشلار بلوگباسنى ئىشلىتىپ يازما يوللايدۇ، يازمىغا چۈشكەن ئىنكاسمۇ بلوگباستىكى تورداشلار يازغان بولغاچ، شۇ ئىنكاسنى چەككەندە ئىنكاس قالدۇرغۇچىنىڭ بلوگى ئىچىلىدۇ، بۇئارقىلىق ئۆز ئارا باغلىنىشلىق شەكىللىنىدۇ شۇنىڭ بىلەن بلوگباستىىن باشقا تور بىكەتلەرگە تەدىرىجى سەل قارايدۇ. مەنمۇ ئادەتتە بلوگباستىكى يازمىلارنى كۆرۈپ بولسام ئاندىن باشقا تور بىكەتلەرگە چىقىمەن، بۇ ھەرگىزمۇ مەھەللىۋازلىق ئەمەس بەلكى بلوگلار ئارسىدىكى بىر خىل تەبىئىي باغلىنىشلىق دەپ قارايمەن.

begtash 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟