نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

خەنزۇلارنىڭ تەگئاتى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ

خەنزۇلارنىڭ تەگئاتى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ

خەنزۇلار دۇنيادىكى تەگئات قوللىنىش تارىخى ئۇزاق، تەگئات قوللىنىش ۋە نەسەبنامە يېزىش مەدەنىيىتى بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن خەلقتۇر. شۇنداقتىمۇ خەنزۇ كىشى ئىسىم – تەگئاتلىرىنىڭ باشقا تىللاردا ئىپادىلىنىشىدە ئازدۇر – كۆپتۇر قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خەنزۇلارنىڭ ئىسىم – تەگئاتلىرىنىڭ ئېنگلىزچە ئىپادىلىنىشىدە قىزىقارلىق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
ئادەتتە خەنزۇلار ئۆز تەگئاتلىرنىڭ پىنيىن ( 拼音 ) بويىچە يېزىلىشىنى ئېنگلىزچە تەگئاتى سۈپتىدە قوللىنىدۇ. ئەمما، كۆرۈنۈشتە خەنزۇچە پىنيىن بىلەن ئوخشاش يېزىلغان سۆزلەرنىڭ ئېنگىلىزچىدە ئوقۇلۇش ئاھاڭى باشقىچە بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى خەنزۇلار كىشىنى تېلىقتۇرۇپ قويغۇدەك تېڭىرقاشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.

تەگئاتى ( 邢 ، X ing )بولغان بىر خەنزۇ دوستىمىز ئامېرىكىدىكى بىر بانكىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. باشقىلار ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىقلىق ئىسىم كارتوچكىسىدىكى << Mr . X ing >> دېگەننى توغرا تەلەپپۇز قىلىشالماي گاڭگىرىشىدىكەن. بەزىلىرى ئاغزىغا كەلگىنى بويىچە < ئېكىس ئەپەندى > دەپ ئاتىشىدىكەن. كىشىنىڭ تېخىمۇ كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى شۇكى، بىر قېتىم بىر موماي << Mr . Crossing >> دەپ چاقىرغان. Crossing ئەسلى ئېنگىلىزچىدا يولدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئاق سىزىقلار بار جاينىڭ ئېتى بولۇپ ، ئامېرىكىدا قىسقارتىپ << X ing >> دەپ يېزىلىدۇ. بەلكىم بۇ موماي شىڭ تەگئاتلىق بۇ دوستىمىزنىڭ تەگئاتىنىمۇ قىسقارتىلغان بولسا كېرەك دەپ قاراپ، تولۇقىنىلا چاقىراي دەپ << Mr . Crossing >> دەپ چاقىرغان بولۇشى مۇمكىن…

بەزى خەنزۇ تەگئاتلىرىنىڭ ئېنگلىزچە ئېيتىلىشى مەنا جەھەتتىن كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن، 李 ئەپەندى ( Li ) نىڭ تەگئاتى بەلكىم << يالغانچى ئەپەندىم ، MR. L ie >> دەپ چاقىرىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ جايدىكى i تاۋۇشى < ئى > تەلەپپۇز قىلىنماستىن ئېنگىلىزچىدا < ئاي > دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 李 ئەپەندىنىڭ تەگئاتى < لاي > دەپ چاقىرىلىپ( ئېنگىلىزچىدىكى مەنىسى يالغانچى )، ئىشتىقۇچىدا << يالغانچى ئەپەندىم ، MR. L ie >> دەپ چاقرىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.

تەگئاتى ( 戴 ، D ai ) بولغان كىشى << Mr.Die >> دەپ چاقىرىلىپ، باشقىلارغا << ئۆلۈم ئەپەندىسى >> دېگەن مەنانى ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى بۇ جايدىكى << دەي >> تەگئاتى ئېنگىلزچىدە <<داي ( ئۆلۈم ) >> دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ دەي تەگئاتلىق ئەپەندى ئامېرىكىدا دوختۇر بولۇپ قالسا، ئىسمىنى بىر ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆرۈنۈشى ناتايىن. شىپا تاپىمەن دېگەن كىشى << ئۆلۈم ئەپەندىسى >> گە كۆرۈنمەس ؟! …

ئامېرىكىلىق بىرەيلەننىڭ ئوغلىنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى جۇڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان ( He ، 何 ) خېنىم ئىكەن. بىر قېتىم بۇ كىشى بۇ دوختۇر خېنىمنى ئىزدەپ دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، خېلى ھەپىلىشىپمۇ ئۇنى چاقىرتالمىغان. ئاخىرى << دوختۇر ئۇ ( ئەرلەرگە ئىشلىتىدىغان ئۇ ) ، Dr. He >> نى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىلا ، باشقىلار دەرھال چاقىرىپ بەرگەن. دوختۇرخانىدا خې تەگئاتلىق بۇ خېنىمنى باشقا دوختۇر – سېسترالار ، بىمارلارمۇ << دوختۇر ئۇ ( ئەرلەرگە ئىشلىتىدىغان ئۇ ) ، Dr. He >> دەپ چاقىرىدىكەن. بۇ خانمۇ كۆنۈپ قالغان ئوخشايدۇ.

بىر قېتىم بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تېلېفون قىلىپ، قىزىنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرىنىڭ ئىسىم – تەگئاتى قاتارلىقلارنى سورىغان بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق دىئالوگ بولغان :
- ? W ho is y our son’s pediatrician
- Dr. He
- ? W hat is his phone number
- 。 Dr. H e is not he ,is she
- ? Y ou mean he is she
- No, no, her last name is H e, but she is female, although we call her He

كانادادا ( YOU ، 尤 ) تەگئاتلىق بىر جۇڭگولۇق بولۇپ دائىم باشقا جايدىن كەلگەن جۇڭگولۇق خەنزۇلارغا ناھايىتى قىزغىن ياردەم بېرىدىكەن. بىر قېتىم ئوغۇلنىڭ تەگئاتى شى ( 佘 ، She ) ، قىزنىڭ تەگئاتى (He ، 何 ) بولغان بىر جۈپ ئوغۇل – قىز ئاشىق مەشۇقلار كاناداغا ساياھەتكە كېلىپ 尤 ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر يىغىلىشقا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇرسەتتە 尤 ئەپەندى بۇ ئىككى جۇڭگولۇق دوستىنى كانادادىكى ئىنگلىز دوستلرىغا تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولۇپتۇ.
ئاۋۋال قىزنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاپتۇ .

- ! She is H e ,HE
بۇنى ئاڭلىغان كانادالىق
- ? So, She is he ،دەپتۇ.
ئاندىن ئوغۇلنى تونۇشتۇرۇشنى باشلاپتۇ。
- ! H e is She, SHE
بۇنى ئاڭلىغان كانادالىق نېمە ئىش بولۇپ كەتكىنىنى ئاڭقىرالماي
- ? W hat, H e is she دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ.
- ! Right < شۇنداق > دەپ جاۋاب بېرىپتۇ 尤 ئەپەندى.
ئاخىرىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ،
-! And I am Y ou, Y OU دەپتۇ
بۇنى ئاڭلىغان كانادالىق ? Oh, Y ou are me دەپ ئايلىنىپ كېتىپتۇ…

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : خەنزۇلارنىڭ تەگئاتى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Erkim مۇنداق يازغان:

    راسىتلا بەك قىزقارلىقكەن…لېكىن خەنزۇلارنىڭ شۇ يەرلەدە شۇنداق توسالغۇلارغا ئۇچىراپ تۇرۇپمۇ ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇۋالمىغانلىقى مېنى تەسىلەندۈردى…
    بىزچۇ ؟! ئىسمىمىز ئەرەبچە، جىسمىمىز ئۇيغۇر! بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىسملىرى باشقا مىللەت ئىسىملىرىغا ئۆزگىرەپ كېتىشكە تەييارلا تۇرىدۇ…

  2. iskender11 مۇنداق يازغان:

    ھا ھا ھا ھا …………..
    بەك قىززىق ئىشلار بوپتىغۇ بۇلار ئارىسدا ….
    مەنمۇ مۇشۇ خەنزۇلارنىڭ ئىسمىنى چەتئەللىكلەر توغرا ئاتىيالماي قالامدىكەنمەكىن دەپ ئەنسىرەيمەن ….
    ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار شۇكى، بىزنىڭ يۇرتلىرىمىز ۋە ئىسىملىرىمىز ئېنگلىزچىغا خەنزۇچە پىنيىن ئارقىلىق كىرىۋاتىدۇ. يەنە بەزى دورىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئېنگلىزچىسى پىنيىنچە يېزىلىپتۇ.

  3. infitar مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغانلارنى زاڭلىق قىلشقانلىرىنىچۇ ، قارشى چىققانلىرىنىچۇ ، نىمىشقا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بۇلالمايمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  4. خەنجەر مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ شۇنى دەيمەن . بىزنىڭ ئىسمىمىز ئېنگىلىزچىدا شۇنداق توغرا تەلەپپۇز قىلغىلى بولىدىغان تۇرسا ئاتايىن زولارلاپ پىنيىنچە يازدىكەنمىز . ھەي ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىغىمۇ ئىگە بولالماتىمىزدە … بولسا بىزنىڭ ئسمىمىزنىڭ ئېنگىلىزچە يېزلىشىنى ئۆزەڭ ياز ئاندىن بىز كىملىككە ئۇرىلى دىگەن بولسا بىكاردىن ئوقۇيالمىغان نەرسىگە پىنيىنچە يېزىپ قويماي . ھازىر بىز ئېنگلىزچە تولدۇردىغان يەرگىمۇ ئېنگلىزچە ئا لى مۇ ، ئەي لى ، گۇ لى مى رە دەپ تولدۇرۋاتىمىز دىسە … باكادىن بىرمۇنچە ھەرپنى قوشاپ يېزىپ …

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟