نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئىقتىسادقا باغلىقمۇ ؟

دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئىقتىسادقا باغلىقمۇ ؟

ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئالىپ

( يۈكسەل بلوگىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك يازغۇچىسى )

پەن -تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى ھەمدە كىشلەر ئۆزلىرىنى كۈتۈشكە ، تەن -سالامەتلىكىنى ئاسراشقا كۆڭۈل بۈلىدىغان بولدى ، بۇخىل يۈزلىنىش بىزنىڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلىرىمىزگە ياخشى ئامەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى -ئەلۋەتتە . ئاز بىر قىسىم دوختۇرلىرىمىز ئىنساپ بىلەن ياشاپ بۇ ئېسىل نامنى ساقلاپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچە دوختۇرلار بۇ نامنى نەپىسنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن ؟! كېسەلگە كېسەلنىڭ ماھىيتى بۇيىچە مۇئامىلە قىلماي ، بىمارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ئاز-كۆپلۈگى ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش ئازىرقى دوختۇرخانىلىرىمىز ۋە دوختۇرلىرىمىزنىڭ تۈپ ھەرىكەت قىبلىنامىسى بۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن . مەن بۇ يەردە دەل مۇشۇ ئامەتلەرنى كۆرەلمەي ، دوختۇرلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت قىلماقچى بۇلۇپ قالدىم . ئەيىپكە بۇيرىمايسىلەر :

دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارساق رەسمىيەت يۈزىسىدىن سورايدىغان “ نەرىڭىزنىڭ مىجەزى يوق ؟“ دىگەن بىرىنجى جۈملە سۆزىدىن كىينلا سورايدىغىنى قايسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ؟ ئۇنداقتا شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكىلەرنى قانداق ئويلىشىمىز؟ بۇ يەردە كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلامدۇ ياكى سۇغۇرتىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلامدۇ ؟
نىمە دىگەن بىمەنىلىك -ھە ! كېسەلنىڭ ئەھۋالى قانداق بولسا شۇنداق داۋالاش كېرەكقۇ دەيمەن . ھۈكۈمەت ئاتچوت قىلسىمۇ قەغەز زاۋۇتىدا پۇل بېسىپ ئاتچوت قىلمايدۇ ، يەنىلا شۇ خەلىق ئاممىسىنىڭ قان تەرىدىن ئالغان باجدىن چىقىرىپ ئاتچوت قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتچوت قىلىدىكەن دەپ بىھۇدە تەكشۈرۈش ۋە ئارتۇقچە دورىلارنى قۇبۇل قىلغان بىلەن شەخسىنىڭ ئۆزى كۆتۈرىدىغان سوممىسىمۇ شۇنىڭغا ماس ئېشىپ بارىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ ھازىر قاقۋاشلىشىپ كەتتى ، ئامال بار ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئاتچوت قىلمايدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىۋالدى ، بۇ زىيان ئاخىرىدا بىمارغا بولىدىغان گەپ .
دوختۇرخانلارغا كىرگۈزۈلگەن ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ھۈكۈمەت ئېلىپ بېرىدىغاندۇ ياكى ئۆزلىرى سېتىۋېلىپ ئەكەلتۈردىغاندۇ ، لىكىن بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن بىمارلارنى قارىغۇلارچە قاقتى- سوقتى قىلىشنىڭ زۈرۈريىتى بارمۇ ؟ ئالايلى ، بىر زۇكام بولغان كىشىنى چوڭ -كىچىك تەرەت تەكشۈرتەيلى ، قان تەكشۈرتەيلى ، ئۆپكىسىنى رەسىمگە ئالايلى ، ئەمما ب-تىپلىق تېز تەكشۈرۈش قىلغىنىنى دوختۇرنىڭ بەك ئەستايىدىللىقى دەيمىزمۇ ؟
ئايلىقىدىن سىرىت دوختۇرخانىدىنمۇ ئالسا بۇ ھاياننى ، دورا زاۋۇتلىرى ۋە دورىپۇرۇشلاردىنمۇ ئالسا بۇ ھاياننى ، بىمارلاردىنمۇ ئالسا بۇ ھاياننى بىزنىڭ بۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلىرىمىز شۇنچىلىك كەمبەغەلمۇ ياكى ئىقتىسادقا بەكلا ئېھتىياجلقمۇ ؟
كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتكە تايىنىش . بۇنداق بولغاندا بىھۇدە تەكشۈرۈش ياكى نورمىدىن ئارتۇق دورىلاردىن خالىي بولغىلى بۇلىدۇ .
يېزىلغان دورا ئۇكۇللارنىڭ نامىنى ياكى رۇلىنى سورىسا بىزار بۇلۇش . ئەمىلىيەتتە بىمار بۇلۇش سۈپتىڭىز بىلەن بۇلارنى بىلىش ھۇقۇقىڭىز بار تۇرسىمۇ ، مەن دىگەندەك قىل ، تۇلا سورىما ، دورا چۈشەندۈرىشگە قارىساڭ بۇلىدۇ ، دىگەندەك گەپلەر بىلەن سوغاق مۇئامىلەگە ئۇچرايسىز .
ئالاھىدە بىمارلارغا ئالاھىدە مۇتەخەسىس ، ئالاھىدە سېستىرا ، ئالاھىدە مۇئامىلە ، ئالاھىدە كېسەل كارۋىتى ۋە ئۆي دىگەندەك ئايرىمچىلىقلار . ئەلۋەتتە بۇ ئالاھىدە بىمارلار ئەمەلدارلار ، كاتتا بايلار بۇلىدۇ ، نامراتلارغا ،پۇقرالارغا بۇنداق ئامەت ھەرگىز كەلمەيدۇ . جوڭگولىقلارنىڭ باشلىقنى ياكى پۇلى بارلارنى كۆرسە كۇچۇكلىنىپ كىتىدىغان بۇخىل ”ئېسىل “ ئەنئەنىسى ، بىمارلارنىڭ كېسىلىنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قۇلىغا ئالالايدىغان دوختۇرلىرىىزنىڭ قان قېنىغا سىڭىپ كەتكىنى قىززىق ، كېسەلگە قارىتا ”ئالاھىدە “ بولماي ، ئادەمگە قارىتا ”ئالاھىدە “ بۇلۇش ،مۇشۇ مەنىدىنلا دۇختۇرلىرىمىز ئاق خالاتلىق پەرىشتە بۇلۇشقا قەتئي لايىق ئەمەس .
مۇتەخىسىس ۋە ئادەتتىكى دوختۇر دەپ ئايرىش ، نۇمۇر باھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ، تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ باھا پەرقى ،كىشلەرنىڭ ئېڭىدە باراۋەرسىزلىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى .
يىغىپ ئېيتقاندا ، كېسەلگە كېسەلنىڭ ماھىيتى بويىچە مۇئامىلە قىلساق ، يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ كۆرۈپ قانداق داۋالاش توغرا كەلسە ، قانداق مۇئامىلە قىلىش توغراكەلسە شۇنداق قىلساق ، ئەسلىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتە ھالىتىمىزغا قايىتساق دىمەكچىمەن .

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئىقتىسادقا باغلىقمۇ ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Yuksel مۇنداق يازغان:

    دوختۇرلار ئاغرىققا شىپا، ئۆلۈمگە ئامال ئىزدىگۈچىلەر بولۇپ، تېببىي كەسىپ قەدىمدىن بېرى ئنىسانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان كەسىپتۇر. دوختۇر – بىمارلار ئەزەلدىن ناھايىتى يېقىن – قويۇق مۇناسىۋەتتە، ئۆز – ئارا ھۆرمەت، كۆيۈنۈش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، دوختۇر – بىمارلار ئارىسىدىكى يۇقىرىقىدە ئىناق مۇناسىۋەت ئاللىقاچان بۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مەنپەت ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەت ئىگىلىگەن. ھەتتا، گاھىدا ئۆز – ئارا كەسكىن توقۇنىشىدىغان، قارشىلىشىدىغان مۇناسىۋەت خاراكتېرىنى ئالغان. كىشىلەرمۇ دوختۇر دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشقىنىدا بۇرۇنقىدەك < < ئاق خالاتلىق پەرشتىلەر >> دېگەن چىرايلىق نامنى ئېسىگە ئېلىشتىن بالدۇرراق < < ئاق خالاتلىق بۆرىلەر >> دەيدىغان ۋەھشىيانە سۈپەت سۆزىنى ئېسىگە ئالىدىغان بولۇپ قېلىشقان…
    تېخى يېقىندىلا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن چىقىرىلغان ستاتىستىكىلىق خۇلاسىگە قارىغاندا، %64.7 كىشى دوختۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇي – ئىناۋىتىنى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. % 30.2 كىشى دوختۇرلارنىڭ زىيادە ئىقتىسادىي مەنپەتنى قوغلىشىشى ئۇلارنىڭ ئابرۇي – ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى بارغانسىېرى < < ناچار >> لىشىپ كېتىۋاتماقتا.
    ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ دوختۇرلارنىڭ ئەخلاقى ۋە كەسپىي ئىستېلىدا چېكىنىش بولىۋاتامدۇ ياكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەسىلە بارمۇ ؟
    مېنىڭچە ھەر ئىككى خىل ئامىل تەڭ مەۋجۇد. ئەمما، كېيىنكىسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بازارلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن كىشىلىرىمىزدە پۇلغا چوقىنىش ئېڭى ، ماددىي بايلىق ھېرىسمەنلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي. دوختۇرلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تۆلىگەن بەدەللىرىگە مۇناسىپ ئېرىشكەن يوللۇق ماددىي مەنپەتلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ، بىمار ۋە دورا تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن دوختۇرلاردا قىزىل بولاق ئالىدىغان، يازغان رېتسىپتىن شىرىنكانە ئېلىشقا ئوخشاش قىلمىشلارمۇ ھە دېگەنچە ئەدەپ كېتىپ بارىدۇ.
    بۇ مەسىللەرنى تۈزەشتە دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى مۇھىم ئامىل بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. ھەل قىلغۇچ ئامىل دەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدۇر. دېمەك ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىدە ئېغىر دەرىجىدە يۇچۇق مەۋجۇد. بۇ يوچۇقلار دەل يۇقىرىقىدەك چىرىكلىشىشنىڭ تۈپ مەنبەسى.
    دوختورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، تېلېۋۇزۇردا ئېلانى چىقىدىغان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر جىنسىي كېسەللىكلەرنى مەخسۇس داۋالايدىغان دوختۇرخانا گوياكى بۇلاڭچىلارغا ئوخشايدىكەن. ئۇ بۇرۇن بۇ دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ پايدا تېپىشتىكى كۆڭلى قارىلىقىدىن بىزار بولۇپ خىزمەتنى تاشلاپ باشقا دوختۇرخانىغا ئالماشقان ئىكەن. سىز بەلكىم دورا يېزىپ شېرىنكانە ئالغاننى ئاڭلىغانسىز، ياكى داۋالاش خىراجىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ پۇل شۇلغاننى ئاڭلىغانسىز . ئەمما، ساق ئادەمنى كېسەل چىقىرىپ، داۋالاپ ساقايتىپ پۇل تاپقاننى ئاڭلىغانمىدىڭىز ؟ بۇ دوختۇرخانا دەل شۇنداق قىلغان. يەنى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىكىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ساق – نورمال چىقسىمۇ ، كېسەل چىقىرىپ ، بىمارغا سىز مۇنداق كېسەل چىقىپسىز، قاراڭ نەتىجىسى 3 پلوس ئىكەن، دەرھال ياتاققا ئېلىپ داۋالمىساق بولمايدۇ دەپ ياتاققا ئالىدكەن. ئاندىن 3 كۈن داۋالاپ بىر تەكشۈرۈپ ، قاراڭ ئەمدى 2 مۇسبەتكە چۈشۈپتۇ، داۋالىشىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولىۋېتىپتۇ. يەنە داۋاملىق داۋالايلى …. مۇشۇنداق قىلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ، سىز تولۇق ساقايدىڭىز ، دەپ يولغان سالغان. بىر تەرەپتىن بۇ كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئالسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇلارنىڭ ھەشقاللىرىنى ئالغان ۋە ئۇلار جامائەتچىلىككە پالانى دوختۇرخانا قالتىسكەن دەپ ، داڭلاپ يۈرگەن …
    ئەجىبا بۇ دوختۇرخانىلارنى نازارەت قىلىدىغان ئورۇن يوقمۇ؟ …
    بەزى دوختۇرخانىلار دوختۇرلارغا بەزى تەلەپلەرنى ئاشكارا قويىدۇ. يەنى بىمارلارنى تەكشۈرگەندە بۇ تۈرلەرنىمۇ قوشۇپ تەكشۈرۋېتىش كېرەك ( ھاجىتى بولمىسمۇ ) ، داۋالاش جەريانىدا مۇنداق دورىلارنى ئاز ئىشلىتىپ، مۇنداق دورىلارنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. بار ئاماللار بىلەن داۋالىنىش خىراجىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك … دېگەندەك. يەنە تېخى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش خادىملىرىغا ئايدا بېرىدىغان مۇكاپاتلىرىمۇ شۇ دوختۇر تەۋە بولىۋاتقان بۆلۈمنىڭ شۇ ئايلىق داۋالاشتىن تاپقان كىرىمى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. يەنى كۆپ بولسا كۆپ ئالىدۇ، ئاز بولسا ئاز ئالىدۇ. شۇنداقكەن تەبىئىي ھالدا بۆلۈملەر ھەر ئاماللار بىلەن داۋالاش كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشمەيدۇ – دېگىلى بولامدۇ ؟! … بۇنداق مەسىلىلەرنى دەپ كەلسەك بەك كۆپ .

    چەتئەللەردە داۋالاش ساھەسىنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش تولىمۇ قاتتىق بولۇپ، چەتئەلدىكى دوختۇرلار ئامما ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە. مەسىلەن ، ئامېرىكىدا بىر دوختۇرنىڭ قىزىل بولاق ئالغانلىقى مەلۇم بولسا، بۇ دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە ئۆمۈر بويى دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنشىغا يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا، ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق قىلىدىغانلار ئاساسەن بىمارلار تەرىپىدىن ئېرىشىلىش مۇمكىنلىكى بولغان مەنپەتلەرگە قىزىقمايدۇ، قىزىقسىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئامېرىكا خەلقى ئامېرىكا دوختۇرلىرىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىلەر دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا دوختۇرلىرى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش توغرا كەلسە ئىنجىل تۇتۇپ قەسەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار جامائەتچىلىك تەرىپىدىن يالغان گەپ قىلمايدىغانلار ، دەپ ئېتراپ قىلىنغان.

    بىز بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ تۈزۈملىرىنى كۆچۈرۈپ كېلەيلى دېمەكچى ئەمەسمىز. ئەمما، داۋالاش ساھەسىدە تۈزۈم جەھەتتە يوچۇقلارنىڭ كۆپلىكىنى بالدۇرراق ھېس قىلىپ ، بالدۇرراق ئەتسەك بولاتتى. بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەتىگە تاقىشىدىغان ناھايتى سەزگۈر ۋە مۇھىم مەسىللەردىن ئىدى.

  2. zaytunxehi مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ بارلىغىم بولغان رەخمەتلىك ئاپامنى داۋالىتىش <4-ئاينىڭ ئىچىدە>جەريانىدا بۇلارنى ئەڭ ھىس قىلدىم….
    ئاپامنى < <داۋالىغان >> شۇ ئاچكۆز ،مەسئۇليەتسىز مىللىتىمىزدىن چىققان مەلئۇننىڭ ئككى دۇنيا ۋىجدان ئازابىغا قېلىشىنى تىلەيمەن!!!

    شۇنداقلا باشقا ئاخكۆڭۈل ،ساددا،ھالال مېھنەتكەش خەلىقىمىزنىڭ x-< <دوختۇرخانە>>دىكى مەلئۇنلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىگىنى ئۈمىد قىلىمەن…..< بۇ يەردە مەن دىمەكچى بولغان <<دوختۇرخانە>> نى بىلدىڭلار دەپ ئويلايمەن>

  3. mihnet مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىلەر،مەن ئوقۇش پۈتتۈرۇش ئالدىدا تۇرغان داۋالاش كەسىپى ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازراق ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.ماقالىدە يىزىلغاندوختۇرلاردىكى بەزى ناچار ئەخلاق مەسلىسى ھەققىتەن مەۋجۇت،لىكىن "ئاز بىر قىسىم دوختۇرلىرىمىز ئىنساپ بىلەن ياشاپ بۇ ئېسىل نامنى ساقلاپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچە دوختۇرلار بۇ نامنى نەپىسنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن "نى ئانچە قوللىمايمەن،"ئاق بۆرە"لەر ھەرگىز "ئاق پەرىشتىلەر"دىن كۆپ ئەمەس.ھازىر داۋالاش مەسلىسى بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتتى ،سەۋەبى دوختۇر ۋە بىمارلار ئارىسىدا چۇشىنىش يىتەرسىزلىكىدىن باشقا ئاساسلىقىى دۆلىتىمىز تۈزۈم قۇرۇلمىسىنىڭ بەكلا مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە دوختۇرنىڭ بىماردىن كىرىم ۋە سۇغۇرتا توغرىلىق سورىشى پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپىئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس،ئەگەر سۇغۇرتىغا كاتناشقان بولسا ئامالنىىڭ بېرىچە ئاتچوت قىلغىلى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن،ئەگەر ئىقتىساد ئەھۋالى ياربەرسە ئۈنىمى تىز ,ئەكىس تەسىرى ئاز بولغان ئۇسۇل بىلەن بىمارنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىش ئۈچۇن،يەنىلا ئاساسلىقى بىمارغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن.سىلەر ئېيتقان ئارتۇقچە تەكشۈرۈشنى دىسەك راستلا مەۋجۇت،بۇمۇ بەزىدە ئامالسىزلىقتىن،يات كەسىپتىكىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن،ھازىرقى تەكشۈرۈش ھەم داۋالاش سەۋىيىسىدە نۇرغۇن تىخنىكىلېق مەسلىلەر ھەل بولغىنى يوق،بىزگە شۇنداق تونۇشلۇق بولغان نۇرغۇن كىسەللەرنىمۇ ئۈزۈل كىسىل ساقايتقىلى بولمايدۇ،پەقەت ئېغىرلىشىپ كىتىش سۈرئېتىنى ئاستىلىتىش مۇمكىن،بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارۋە دوختۇرلارنىڭ يىقىندىن ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ(داۋامى بار )

  4. mihnet مۇنداق يازغان:

    (ئۇيغۇرچىنى بەك ئاستا باسىمەن،كاشىلا چىقىپ ئۆچۈرلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۆلۆپ يازدىم)
    تاۋار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ كىشلەر داۋالىنىشقىمۇ شۇ ئۇسلۇبتا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ،لىكىن تەرەققىيات ۋە نۇرغۇن سەۋەپلەردىن داۋالاش ئۈنۈمى كىشلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ،شۇڭا دوختۇرلار ئۈستىدىن ئەرز شىكايەتلەر كۇپىيىپ كەتتى،سىلەر بەلكىم "دوختۇرلارنىڭ بىر پۇتى دوخىتۇرخانىدا بىر پۇتى سوت-مەھكىمىسىدە ."دىگەننى ئاڭلىغانسڭلەر،بۇ جوڭگۇدا دوختۇر بولۇشنىڭ نەقەدەر تەس ھەم مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ،بىرەر سەۋەنلىك بىلەن ئاخىرقى ئۆمرى نابۇت بولىشى مۇمكىن. يەنە ئوخشىمىغان ئادەمدە داۋالاش ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن فىزېئولىگىيەلىك ۋە ئاناتونىمىيەلىك تەركىپلەر مەۋجۇت،بۇنى بىمارلار چۇشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرلار باشقا تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بەلكىم يۈز بىرىش نىسبىتى بەك كىچىك بولغان ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشىدۇ.ئاڭلىشىمچە جەمېئىتىمىزدە مەخسۇس داۋالاش مەسلىسىگە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان ئەسكى گورۇھلار باركەن(چۈنكى بۇنداق كىرىم خېرويىن ساتقاندىنمۇ جىقكەن.)مەن پاراكتىكا قىلىش جەريانىدىمۇ بەزى ئائىلە تاۋاباتلىرىنى كۆردۈم،قىرىندىشىنىڭ ساغلاملىق بەدىلىگە پۇل ئۈندۈرۈشكە ئاران تۇرغان،شۇڭا دوختۇرلار بەزى ئۈنىمى ياخشى يىڭىچە ئاماللارنى قوللۇنۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغۇ دەيمەن.
    مىنىڭ تىخى تۈززۈك خىزمەت تەجرىبەم يوق،يۇقارقىلار مىنىڭ چەكلىك تەجرىبەمگە ئاساسلانغان قارىشىم،مىنىىڭچە تۈپ مەسلە يەنىلا دۆلىتىمىز تۈزىمىدە،بىلىشىمچە چەتئەللەردە سۇغۇرتا بەكلا مۇكەممەل بولۇپ بىمالار خىراجەتتىن كۆپ غەم قىماي ئەڭ ياخشى داۋالاشقا ئىرىشەلەيدۇ. مىنىىڭچە دۆلەت دوختۇرخانا ۋە باشقا دورا زاۋۇتلىرى،داۋالاش ئەسلىھە كارخانىلىرى،ھەتتا خام ئەشيا لارنى بىر تۇتاش كونتۇرۇل قىلسا بولاتتى………
    ئاخىردا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم دوختۇرلار بەك جاپالىق، ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە سىازاۋەر،ئاز سىاندىكىلەر سەۋەبىدىن كۆپچىلىكنى ئىنكار قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

  5. Adil621 مۇنداق يازغان:

    ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻣﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﯩﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ 3ﺋﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ 4ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ،ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﻪﻥ.ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﻳﻠﻰ:

    ﻣﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ 1ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯗﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﺗﺘﻰ،ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﯗﻡ ﻳﻮﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻼ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺘﺘﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻛﻪﺳﻤﻪﻳﺘﺘﯩﻢ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺘﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ:ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺋﯘﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻤﯩﻨﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺋﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ،ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﺘﻰ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﻥ(ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭﻳﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻤﻪﻛﭽﻰ،ﺟﻪﻣﺌﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥئاستىبېزى ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ)،ﺳﯜﻳﺪﯗﻙ(ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯗ)،ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ(ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ)،ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺱ ﺕ (ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ،ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻣﯘﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﯛﻡ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ 1000ﻳﯘﻩﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﻼ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪﻗﻮﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘ ﺩﻩﭖ ﻛﺎﻳﯩﺪﻯ،ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻕ ﺧﺎﻻﺗﻠﯩﻖ ﺑﯚﺭﯨﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺘﻰ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﺳﯩﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ،ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ (ﺏ ﭼﺎﯞ )ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺸﻨﯩﻼ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺕ ﺳﻪﻝ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ(ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺕ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ)ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﺕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻜﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺋﯘﺭﺳﺎﯕﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﯦﺪﻯ،ﻣﺎﻗﺎ ﺧﻮﭖ ﺩﯦﺪﯨﻢ،ﺋﻮﻛﯘﻟﻨﻰ ﺋﯩﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ،ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﺯﯛﺗﯩﻠﻰ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﻮﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﺪﻯ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ئاستى بېزى ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ﺩﯦﺪﯨﻢ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺷﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ،ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻕ6ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﺪﻯ،ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯﯨﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ :ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ+ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻗﻰ+ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺷﻮﻙ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ﺋﻮ

  6. infitar مۇنداق يازغان:

    دوختۇرخانا دوختۇرلار بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ ، ئۇنداقـتا مەسئۇلىيەتنى كىمگە ئىتتىرىپ قۇيىمىز ؟ تۈزۈلمىگىمۇ ؟ بۇ تۈزۈلمىمۇ ئادەملەر تەرىپىدىن بارلىققا كىلىدۇ ، كۈندىن -كۈنگە ناچارلىشىپ كىتىۋاتقان كىشىلىك ئەخلاققا دۆڭگەپ قۇيايلىمۇ ؟
    يۇقىرىدا خەلق قۇرۇلتىيى ، تۈۋەندە ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى بار ، قېنى كىم يۈرىكىنى مۇجۇپ بېقىپ مەسئۇلىيەت توغرۇلۇق سۆز ئاچالايدۇ ؟ ئاش -تاماق يىمىسەك بولمايدۇ -دە ، توغرىمۇ !!!!!!!!؟
    ھەرقانداق بىر دوختۇر ئاق خالاتلىق پەرىشتە دىگەن نامغا لايىق بۇلالايدۇ ، لېكىن بۇ نام ھۇقۇق -مەنپەئەت بىلەن ، ئىقتىساد بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئىكەن ، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلار ئىڭىدىكى مەۋجۇت پەرىشتىلەرگە نىسبەتەن ئېغىر ھاقارەت ، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى كەچۈرگۈسىز جىنايەت ھىساپلىندۇ . بۇ مەنىدىن دوختۇرلارمۇ ئوخشاش ئادەم ، سودىگەرگە ئوخشاش دورا ئېلىپ ساتىدۇ ، قوسىقىدىكى بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدۇ – ئەلۋەتتە .

infitar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟