BlogBus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار سەمىگە
خەلق تورى ( 人民网 ) نىڭ خەۋرىگە كۆرە، مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان توردىكى قانۇنسىز قىلمىشلار ۋە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەش بويىچە 6 – تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان شەھۋانيىلىققا چېتىلىپ قالغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىچىدە Blogbus مۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن جىددىي شەھۋانىي مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش – تۈزەشكە بۇيرۇلىپتۇ. بەلكىم ، بۇندىن ئېغىرراق چارە كۆرۈلۈشى ھەتتا ، مەزكۇر تور بېكەتلەرنى تاقىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
شۇڭا، مەزكۇر بلوگ سۇپىسىدىن بلوگ ئالغان بلوگىر دوستلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن قۇلاق سېلىپ تۇرغاي ۋە بلوگ يازمىلىرىنى زاپاسلىۋېلىشقا سەل قارىمىغاي! كۈتمىگەن ئىش بولۇپ قالسا ، ئاپلا دېگەن بىلەن ئىزىغا كەلمەيدۇ.
جىددىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ھۆرمەت بىلەن
يۈكسەل بلوگى
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ( جىددىي ) BlogBus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار دىققەت
يۈكسەل، ئەسلى مەنبەسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز، كۆرۈپ باقايلى
[reply=Yuksel,2009-02-02 00:39 AM]ئەسلى مەنبەسىنى قالدۇرمىغىنىم چاتاق بولۇپتۇ ھە !
http://news.ifeng.com/mainland/200902/0201_17_989492.shtml/reply