نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

تۇرپاندىكى بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى

تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا < بەگلەر مەھەللىسى > دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەھەللە بولۇپ، ( ئەمەلىيەەتتە – يار يېزىسىنىڭ يار كەنتىنى دىمەكچى —- HALKQIL ). تۇرپان شەھىرى بويىچە بىردىنبىر مۇشۇنداق ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان مەھەللە ھىساپلىنىدۇ. بۇ مەھەللە تارختىن بۇيان نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ ؟ بەگلەرنىڭ نەسەپ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى قاچاندىن باشلانغان ؟ دىگەن مەسىلىگە پەقەت مەشھۇر ئۇيغۇر تارخچىسى موللا موسا سايرامى يازغان < تارىخى ھەمىدى > دىگەن كىتابتىن بەزى بىر مەنبەلەرنى تېپىشىمىز مۇمكىن. كىتاب مەنبەسىدىن قارىغاندا، بەگلەرنىڭ نەسەب تارىخى غەربىي دىياردا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن ياقۇپ بەگنىڭ تۇرپاننى
ئىستىلا قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەگلەر ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پەيدا بولغان بولۇپ، بەگلىك نەسەبى ۋە بەگلىك سۇيۇرغاللىق تۈزىمى شەكىللەنگەن.
< تارىخى ھەمىدى > دىن مەلۇم بولىشڭچە، < بەدۆلەت > دەپ ئاتالغان < ياقۇپ بەگ > مۇھەممەت ياقۇپ بەگ ئاتلىق ئاتلىق غازى ئۆزبېكىستاننىڭ تاكەنت ۋىلايىتىنىڭ < جېمكەنت > دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان . قوقان خانلىقىدا قوشبېگى بولغانلىقى ئۈچۈن < ياقۇپ بەگ قوشبېگى > دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 1864 – يىلى قىشتا بۇزرۇكخان بىلەن قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرگەن. قەشقەردە يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كۇچار قاتارلىق جايلارنى قارام قىلغان < يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى > نى قۇرغان ۋە ئۆزىنى < بەدۆلەت >، < ئاتالىق غازى > دەپ ئاتىغان. ئۇ ئاخىرقى ھىساپتا تۇرپان، قۇمۇل، ئۈرۈمچى، ماناس شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ ، پۈتكۈل غەربى دىيارنى ئىگەللەش مەقسىتىدە 1870 – يىلى قوشۇن تارتىپ تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىگە يولغا چىقىدۇ. قوشۇن باشلاپ كىلىۋاتقان ياقۇپ بەگنىڭ 2 – ئوغلى ھەققۇل بەگ دەسلەپ قوشۇنلىرىنى تۇرپان بىلەن تۇقسۇننىڭ ئارلىقىدىكى مول ئوت – چۆپلۈك جاي دادۇڭ دىگەن يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ يەر شامال، بوران ئېغىزى بولغاچقا ئۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇش ئەپلەشمەي قوشۇنىنى تۇرپاندىكى ھازىرقى يار يېزىسىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
( 1870 – يىلىدىن 1952 – يىلىغىچە شەھەرنىڭ سېپىل دەرۋازىلىرى مۇكەممەل ساقلانغان ھازىرقى كونا شەھەر بازىرى مەۋجۇت بولۇپ، شەھەر ئىچىدە ھۆكىمەت ئورگانلىرى ۋە شەھەرنى قوغدايدىغان چېرىكلەر تۇراتتى. ھازىرقى تۇرپان يېڭى شەھەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. ) ياقۇپ بەگ قوشۇنلىرى كونا شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرنى 9 ئاي مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. ياقۇپ بەگ قوشۇنلىرى جەنۇبى شىنجاڭدىن تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىگە كىلىشىدە 1 – دىن بۇ جايلارنىڭ يەر شارائىتىنى بىلمەتتى، 2 – دىن ئوزۇق – تۈلۈك ۋە ئات – ئۇلاقلىرىغا يەم – خەشەكتىن كۆپ قىيىنچىلىق تارتتى. 3 – دىن قوشۇن تۇرغۇزۇشقا ئىشەنچىلىك، مۇستەھكەم جاي تەييارلاشقا توغرا كىلەتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئالدى بىلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھىسداشلىقى ۋە ئەمەلىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. ياقۇپ بەگ قوشۇنلىرى تۇرپاننىڭ مۆتىۋەر ئاقساقاللىرىدىن ئابدۇقاھار بەگ ۋە خوجابدۇللا بەگلەرنىڭ ئوزۇق – تۈلۈك، يەم – خەشەك ۋە باشقا جەھەتلەردىن بەرگەن ياردىمىگە ئېرىشتى. ياقۇپ بەگ قوشۇنلىرى بىر تەرەپتىن جىددى ئوزۇق – تۈلۈك، يەم – خەشەك توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى يېڭى شەھەرنىڭ ئورنىنى تاللاپ ئەتراپىغا خەندەك كولاپ، سېپىل سوقۇپ، پوتەي ياساپ، غەرىپ – شەرىق تەرەپلەرگە دەرۋازا بېكىتىپ چىقتى. ئابدۇقاھار بەگ، خوجابدۇللا بەگلەر ئەسلى يار يېزىسىلىق بولۇپ، ياقۇپ بەگ تۇرپاننى ئىستىلا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا < بەگ > لىك مەنسىبىنى ئىنئام قىلغان.
ئۇلۇق مۇتەپپەككۈر ئالىم، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان < قۇتادغۇ بىلىك > تىن مەلۇم بولىشىچە، < بەگ > دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى : ئەلنىڭ بېششى، يۇرت بېششى، ھۆكۈمدار دىمەكلىكتۇر. يۇقۇرقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى بەگلەرنىڭ تۇنجى ئەجدادى ئابدۇقاھار بەگ بولۇپ، بەگلىك نەسەبى ئەنە شۇ كىشىدىن باشلانغان. شۇڭلاشقىمۇ بەگلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنى < قاھارىيە نەسلى > دەپ ئاتايتتى. ( ئەمما بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى تۇرپاندىكى ھازىرقى بەگلەر جەمەتى ئاتىلىپ كىلىنىۋاتقان جەمەت ئىچىدىكى بىر قىسىم مويسىپىتلار يەنە شۇنداقمۇ ئېيتۇدىكى ئۇلارنىڭ ئەسلى نەسەبى ئىمىن ۋاڭغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىمىن ۋاڭنىڭ بىردىن – بىر قىزى خەلىچە < بۈۋې خەلىچەمۇ دىيىلىدۇ > بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى قۇرۇل پالۋان < ئىمىن ۋاڭنىڭ لەشكەر بېشى > نىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ، قۇرۇل پالۋان ئىمىن ۋاڭنىڭ مۇڭغۇللار بىلەن بولغان بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشلىرىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن ۋە ئېغىر يارىدار بولۇپ ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغىمۇ پىسەنت قىلماي ئىمىن ۋاڭنى ياۋ ئوقىدىن قوغدىغان تۆھپىسى ۋە ئۆزىگە چەكسىز ساداقەتمەنلىگىدىن تەسىرلىنىپ يالغۇز قىزى بۈۋى خەلىچەنى قۇرۇل پالۋاننىڭ نىكاھىغا بېرىش بىلەن بىرگە تۇرپاندىكى يار يېزىسى < شۇ چاغلاردا ئايدىڭكۆلمۇ يار يېزىسىغا قارايتتىكەن > نى كۈيئوغلى قۇرۇل پالۋان بىلەن قىزى بۈۋى خىلىچەگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. ئۇلار بۇ يەرلەرگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كىيىن بۇ يەر بەگلەر مەھەللىسى دەپ ئاتالغان دىگەننىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ ). ئابدۇقاخار بەگدىن باشلانغان بۇ بەگلىك نەسەپ تۈزىمى 1870 – يىلدىن تاكى شىنجاڭ ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

ئابدۇقاھار بەگنىڭ نەسەبى تۆۋەندىكىچە
ئابدۇقاھار بەگنىڭ بۇرۇنقى بوۋىسى قۇرۇل پالۋان بولۇپ ( ئىمىن ۋاڭنىڭ كۈيئوغلى، ئىمىن ۋاڭ بۇ كۈيئوغلىنىڭ باتۇرلىقىدىن ئۇنى قۇرۇل بەگ دىمەي قۇرۇل پالۋان دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرەمىش )، ئۇنىڭ ئوغلى خۇدانەزەر بەگ. ئۇنىڭ ئوغلى خۇدابەردى بەگ، ئابدۇقاھار بەگ ئەنە شۇ خۇدا بەردىنىڭ ئوغلىدۇر. خۇدا بەردى بەگنىڭ بىر ئۇرۇقى ئابدۇقاھار بەگ، يەنە بىر ئۇرۇقى زۇنۇن بەگ، باقى ھاجى بەگ ( باقىر ھاجى بەگمۇ دىيىلىدۇ. )
تۆمۈر بەگ شاڭيۇ ( ئاپامنىڭ ئاتىسى يەنى تىللا بەگنىڭ ئاتىسى )، پەرھاد ئاخۇنۇم، ئاسىپ بەگ. خۇدابەردى بەگنىڭ يەنە بىر ئۇرۇقى ھىساپلانغانلار : نەغەم بەگ، مەھمۇد بەگ ھاجىم، مامۇتخان بەگ ھاجىم ، مىزراپ بەگ،
نۇجۇۋۇللا بەگ ھاجى، مۇجۇپ بەگ. قاھار بەگنىڭ 9 ئوغلى، 1 قىزى بولۇپ، ئۇلار : ئەسلا بەگ، سەدۇللا بەگ،
ئاۋامىسلىم بەگ، سەتتار بەگ ھاجىم، مۇنۇر بەگ، ئىسكەندەر بەگ، خېلىل بەگ قازى ئاخۇنۇم، مۇتەللىپ بەگ ھاجىم، نەيىم بەگ ھاجى، قىزى ئايسىمخان خېنىم. ئابدۇقاھار بەگدىن باشلانغان بەگلەرنىڭ نەسەبىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق، ھازىر 225 ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكى قۇلۇمدا ساقلانماقتا. ( ھېمىت نىياز ) ئابدۇقادىر بەگنىڭ پەرزەنتلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ نەۋرە – چەۋرىلىرىنىڭ بىرقىسمى ئالەمدىن ئۆتكەن
بولسىمۇ، كۆپ قىسمى يەنىلا ھازىرقى تۇرپان شەھىرى يار يېزا يار كەنتىنىڭ 4 – ، 5 – ، 6 – ، 7 -، 8 – ، 9 – مەھەللىرىدە ئۇمۇملىشىپ ياشاپ كەلمەكتە.

بەگ جەمەتىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش ئادەتلىرى
بەگ جەمەتى ناھايىتى ئۇيۇشقاق بولۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى يار كەنتى، يارغول كەنتى،
جاي كەنتى، گوبى كەنتى، قازانچىلار كەنتى، قانقا كەنتى ۋە ئايدىڭكۆل يېزىسى، ئۈزۈمچىلىك يېزىسى قاتارلىق يېزا – كەنتلەرگە تارقالغان. ئەمما بۇلاردىن بىر قەدەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقانلىرى يەنىلا يار كەنتىنىڭ 4 – ، 5 – ، 6 – ، 7 – ، 8 – ، 9 – ، مەھەللىرىدە ئولتۇرىدۇ ( ئەسلىدە ھەقىقى بەگ مەھەللىسى يار كەنتىنىڭ 7 – مەھەللىسى ئىدى، ئازاتلىتىن كىيىن ھۆكىمەت 7 – مەھەللىدىكى بەگلەر جەمەتى ئائىلىلىرىنى باشقا مەھەللىلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ باشقا مەھەللىلەردىكى كىشىلەرنى بۇ مەھەللىگە ئەكىلىپ ئولتۇراقلاشتۇرغان HALKQIL ) . بەگلەر جەمەتى كىشىلىرىنىڭ پىسخىك تۇرمۇش ئادىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلار : پاكىز، سىپايە، مۇلايىم كېلىدۇ. ئۆي ئىچى ۋە ھويلا ئاراملىرىنى پاكىزە تۇتۇشقا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىدۇ. ئاددىغىنە ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان كەمبەغەلرەك كەلگەنلىرىدىن تارتىپ، ئىككى قەۋەتلىك ئايۋانچە ئۆيلەردە ئولتۇرىغانلىرىغىچە ئۆي ئىچىنى ئۆزگىچە بېزەيدۇ. ئۆي ئىچىنى خۇددى ھازىرلا مىھمان كىلىدىغاندەك رەتلىك، پاكىزە تۇتىدۇ. ئادەتتە ئۇلارنىڭ شارائىتى يار بەرگەن ھالدا ھەممىسى باغ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بەگ جەمەتى يۈرۈش تۇرۇش ۋە كىيىم كېچەككە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەرلىرىنىڭ چوڭلىرى چاچلىرىنى پاكىزە قىردۇرۇپ يارىشىملىق ساقال – بۇرۇت قويۇشۇپ يۈرىشىدۇ. ياشلىرى بولسا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا چاچ – ساقاللىرىنى مەدەنى زامانغا لايىق قويۇشۇپ يۈرىشىدۇ. قىز – چوكانلىرى بولسا چاچلىرىنى يارىشىملىق ئۆرۈشۈپ يۈرىشىدۇ.
ھەرگىزمۇ غەلىتە ياسىنىپ يۈرۈشمەيدۇ. بەگ جەمەتىدە بىر يۈرۈش قاتتىق تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، بىر بىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىشىدۇ. چوڭلىرىدىن – كىچىكلىرىگىچە بىر – بىرىنى ئۆزلىرى دەپ ئاتىشىدۇ. ئوغۇللىرىنى < بەگزادە > ، قىزلىرىنى
< پۇجۇڭ، خېنىم > دەپ ئاتىشىدۇ. ئاتا – ئانا بىلەن ئوغۇل – قىزلىرى، كۈيئوغۇل ، كېلىنلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق پەدىشەپ بولىدۇ. بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئائىلىلەردە ھەر ئەتىگىنى كېلىن قىزلار چوڭلار ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ. بەگ جەمەتىدە ناشايان ئىشلارغا يول قويۇلمايدۇ. تاپتىن چىققانلارغا پۈتۈن جەمەت بىردەك نەپرەت ياغدۇرىدۇ. شۇڭىمۇ بۇ جەمەتتە ئوغرىلىق، لۈكچەكلىك ۋە باشقا بولمىغۇر يامان ئىشلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بەگ جەمەتى بالىلىرىنى تەربىيەلەشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. باللىرىنى دەسلەپتە مەدرىسكە بېرىپ دىنىي ساۋادلىق قىلىدۇ. ئاندىن پەننىي مەكتەپلەرگە بېرىدۇ. پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا چىققانلىرىنىڭ نىسبىتى كۆپرەك بولۇپ، كۆپلىگەن زىيالىلار، دىنىي ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقىپ ھەر ساھە، ھەر كەسپتە نۇرغۇن ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئىشلەپ تۆھپە يارىتىپ كەلمەكتە.

ئىگىلىك جەھەتتە
بەگ جەمەتى ئاساسەن دىھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىرىمۇ ئاز نىسبەتتە بار بۇنىڭ ئىچىدە باغۋەنچىلىك بىلەن شوغىللىنىدىغانلار كۆپرەك، ئازاتلىقتىن بۇرۇن يار مەھەللىسى باغۋەنچىلىكتە نام چىقارغان بەگ جەمەتى ئۇموملىشىپ ئولتۇرىدىغان – ، 5 – ، 6 – ، 7 -، 8 – ، 9 -مەھەلىلەردىكى ھەممە ئائىلىنىڭ باغلىرى بار بولۇپ ئاساسەن ھەر خىل ئۆرۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ھەتتا شەھەر ئىچى ۋە باشقا جايلارنى مۇشۇ باغلار ئۆزىنىڭ داڭلىق داڭلىق سورتلۇق ئۆرۈكلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۆزگىچە ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى
تۇرپان خەلقىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇش ئادىتى جايلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئەمما بىز دەۋاتقان بەگ جەمەتلىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇش ئادىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ كەلگەن. مەسەلەن : ئىنئامىدىن بەگ ( ئاتامنىڭ ئاكىسى، ھازىرمۇ ھايات 80 گە يېقىنلىشىپ قالدى HALKQIL ). ھەققۇللا بەگ، خۇدانەزەر بەگ، ئۇشاد
بەگ ، ئەينىزات بەگ، غەنىزات بەگ ( قېيىن ئاتامنىڭ دادىسى HALKQIL )، مەھدى بەگ، مۇغىنەم بەگ، گۈدۈت بەگ، مەشھۇت بەگ، تاگاپ بەگ، مىنىن بەگ، بەدرىدىن بەگ، زىلاۋۇدۇن بەگ، بەدىئوزامان بەگ، سەدىردىن بەگ، قەمەرىدىن بەگ، شەمەرىدىن بەگ، خانزاد بەگ ( بۇكىشى ئۈرۈمچىدىن، قىيىن ئاتامنىڭ نەۋرە ئاكىسى HALKQIL )، نەغەم بەگ، بورھان بەگ، مۇجۇپ بەگ ( مىنىڭ ئاتا تەرەپ دادام HALKQIL )، تىللا بەگ ( مىنىڭ ئاپامنىڭ ئاتىسى HALKQIL )، كامالىدىن بەگ، ھىلالىدىن بەگ، مىرغىياسىدىن بەگ، مۇھەممەد بەگ، مىزراپ بەگ، مۇرتىزا بەگ، مۇستافا بەگ ( بۇ كىشى ئاپامنىڭ كىچىك ئاتىسى، شىڭ شىسەي دەۋرىدە ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ 3 ۋىلايەت ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونى لى خۇڭيۈن تەرەپىدىن تۇرپان يەمشىدە ئۆلتۈرۈلگەن ). شاھى مەھرەم بەگ، سۇلتان بەگ، سالاھىدىن بەگ، مۇزاپ بەگ، زەينۇللا بەگ، قاتارلىقلار بولۇپ، بەگ جەمەتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇمومەن، بەگ جەمەتىنىڭ تۇرمۇش، ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.

بەگلەرنىڭ ئىمتىياز ھوقوقى
1870 – يىلى ياقۇپ بەگ ئابدۇقاھار بەگكە < بەەگ > لىك ئەمىلى ئىمئام قىلغاندىن باشلاپ، بەگلىك تۈزىمى تاكى شىنجاڭ < ئازات > بولغانغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. بەگلىك تۈزىمى سۇيۇرغاللىق تۈزىمى ئاساسىدا بولۇپ بەگ ئاقساقاللىرىنى ھۆكىمەت تەيىنلىمەستىن، ئۆز ئىچىدىكى بەگ جەمەتى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرەرسىنى بەگ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلەيتتى. بەگ ئاقساقىلى پۈتۈن تۇرپان ناھىيىسىنىڭ ھۆكىمەت، سوت ئورۇنلىرى شەرىئەت مەھكىمىسى، دىنىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرگەندىن باشقا، قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەسەلەن : ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، جىدەل – ماجراغا ئوخشاش جامائەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇراتتى. بەگ ئاقساقىلىنىڭ مەخسۇس ئوردا ھەرىمى بولۇپ، بىر قانچە ئون نۆكەرلىرى بولاتتى. شۇ دەۋىرلەردە ئۆلكە ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ بەگ ئاقساقىلىنىڭ ئىمتىيازىنى بىلەتتى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلاتتى. شۇڭلاشقا ھەر قېتىم ناھىيىگە يېڭىدىن شەنگۇەن ( ناھىيە ھاكىمى ) ئالمىشىپ كەلسە، شۇ ھامان بەگ مەھەللىسىگە دەب – دەبىلىك چىقىپ بەگ ئاقساقىلىنى يوقلاپ، بەگ ئاقساقىلىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ناھىيىگە يېڭى كەلگەن ھاكىم ئىكەنلىگىنى بەگ ئاقساقىلىغا بىلدۈرۈپ قايتاتتى. بەگ ئاقساقىلى ئۆز ئوردىسىدا قەرەللىك سوراق ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلاڭچى، ئوغرى – قىمارۋاز، نەشىكەش، لۈكچەك، خۇلىگەنلەرنى سوراقتىن ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس جازا قوراللىرى بىلەن جازالايتتى. مەسەلەن : بەگ ئاقساقاللىرىدىن — ئابدۇقاھار بەگ، ئەسلا بەگ، ئاۋامىسلىم بەگ، مۇتەللىپ بەگ، ئاخۇن بەگ قاتارلىقلار خەلق ئىچىدە تا ھازىرغىچە يادلىنىپ كىلىنىۋاتقان بىر قەدەر داڭلىق بەگ جەمەتى ئاقساقاللىرى بولۇپ، تا ھازىرغىچە بەزى ياشانغان كىشىلەر ئۇلارنىڭ تەرىپلىرىنى قىلىشىپ كەلمەكتە.

بەگ جەمەتىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر
1 – دىنىي ئۆلىمالار : (1) خېلىل بەگ قازى ئاخۇنۇم 1930 – يىللاردا تۇرپانغا قازى بولغان.
(2) نەجمىدىن بەگ ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇم، 1940 – يىللاردا تۇرپان ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، مۇئاۋېن رەئىس بولغان. (3) سۇۋۇر بەگ مۇپتى ئاخۇنۇم، مەشھۇر تەرەققى پەرۋەر ئالىم كىشى، 1938 – يىلى جاللات شىڭ شىسەي تەرەپىدىن قولغا ئېلىنىپ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. (4) ئابدۇللا بەگ داموللا نەئىمى، بۇخارادا ئوقۇغان مەشھۇر دىنى ئالىم، 1933 – يىلى تۇرپان دىھقانلار قوزغۇلىڭىغا قاتنىشىپ مەھمۇد مۇھىتىغا كاتىپ، باش مەسلەھەتچى بولغان. (5) نەيىم بەگ ھاجى تۇرپانغا مۇپتى ئاخۇن بولغان.
2 – مەشھۇر زىيالىلار : (1) مۇنۇر بەگ مەشھۇر تىبابەت ئالىمى، ئۇيغۇي تىبابەتچىلىك ساھەسىدە نۇرغۇن شاگىرت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. (2) ئابدۇللا قاۋۇز پىشقەدەم مائارىپچى، داڭلىق تىۋىپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى مۇنۇر بەگ يېتىشتۈرگەن 1 – ئەۋلات دوختۇر. (3) سۇلتان بەگ، تەرەققى پەرۋەر زات، ئۇنىڭ ئوغلى رەخمىتۇللا سۇلتان يېرىم ئەسىرگە يېقىن مائارىپ بىلەن شوغۇللانغان پىشقەدەم زىيالى، ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئازات سۇلتان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋېن شۇجىسى، مۇئاۋېن مۇدىر، فىراپپىسور. يەنە بىر ئوغلى نىجات سۇلتان < ئەدەبىي تەرجىمىلەر > ئالى مۇھەررىرى، ئاتاقلىق تەرجىمان. (4) بەگ جەمەتىنىڭ مەشھۇر ئاقساقاللىرىدىن ئاخۇن بەگ ھاجىمنىڭ كۈيئوغلى مۇھەممەد جەيدى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئالىم. (5) رەقىپ ۋاھاپ ( رەقىپ بەگ ) مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ ئالى مۇھەررىرى، ئاتاقلىق تەرجىمان. (6) ئەلى سۇۋۇرۇپ ( ئېلى سۇۋۇرۇپ بەگ )، ئوتتۇرا ئاسىيا سەمەرقەنت دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغان، تۇرپاننىڭ خەلق ئۆستىڭى، قاريۈزى سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلىشىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان مەشھۇر سۇ ئىشلىرى مۇتەخەسىسى . (7) ئابدۇللا بەگ نەئىمىنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئىمىن بەگ نەئىمى 1960 – يىللاردا، ئۈچتۇرپان، شايار ناھىيەلىرىگە ھاكىم، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇۋېن شۇجىسى بولغان. (8) ئابدۇرېشىت بەگ خېلىلى ( خېلىل بەگ قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى )، ئاپتونۇم رايونلۇق كىنو – فىلىم تارقىتىش – قويۇش شىركىتىنىڭ ئىختىساسلىق خادىمى. (9) ئۆمەرجان بەگ ( مۇجۇپ بەگنىڭ ئوغلى، مەرھۇم سەيپۇللايوپنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى )، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن خادىمى. (10) ئابدۇسالام بەگ سەدۇللا، تۇرپان ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ كەسىپكە مەسۇل مۇئاۋېن دوختۇرخانە باشلىقى. (11) ئىلھام بەگ سەدۇللا، تۇرپان ۋېلايەتلىك ئەدەبىيات – سەئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى.
پىشقەدەم مائارىپچىلاردىن : ھاجى سەدۇللا نەجىبى، زەينۇللا بەگ، قەيۇم بەگ، مۇھەممەد سىدىق بەگلەر يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللانغان. ئۇندىن باشقا تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر ( قەشقەر 1- ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ پىنسىيەگە چىققان ئەركىنجان – ئەسلى ئىسمى ئەززەم بەگ )، خوتەن ( خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدا ئىدارە باشلىقىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان ئابدۇلبەر ) قاتارلىق جايلاردىمۇ مائارىپ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ ئۆتكەنلەر ئاز ئەمەس.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: تۇرپاندىكى بەگلەر ۋە بەگلەر مەھەللىسى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. dunyakara مۇنداق يازغان:

    بۇ تېما توغۇرلۇق ئۆز ۋاقتىدا مۇنبەردە بىرنەچچە تورداش تازىمۇ تالاش-تارتىش قىلىپ كەتكەن دىسە.

dunyakara 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟