نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

100 پارچە بلوگ يازمىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز

100 پارچە بلوگ يازمىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز

مانا ھەش – پەش دېگۈچە، يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۆز ئالدىغا تور نامى ۋە تور بوشلۇقى ئېلىپ، تەدبىركار ئەپەندى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەمىنلىگەن PJBLOG نى ئىشلىتىپ، مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىۋاتقانلىقىغىمۇ يېرىم يىل توشۇپتۇ. دەل مۇشۇ پەيىتلەردە يېڭى نەشىردىكى يۈكسەل بلوگدا ئېلان قىلىنغان يازمىلارنىڭ سانىمۇ 100 پارچىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش قەستىگە چۈشۈپتۇ. ئۇشبۇ 100 – پارچە يازمىدا يېرىم يىللىق بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزغا نەزەر تاشلاپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئاز – تولا خۇلاسە قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن كەلگۈسى ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىرلىشىشنى نىيەت قىلدۇق.
يۈكسەل بلوگى 2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، 2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4- كۈنى ‹‹ ئۇيغۇرلاردا تەگئات ›› ماۋزۇلۇق تۇنجى بلوگ يازمىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. دەسلەپ يۈكسەل بلوگىنى نەشىر قىلىشتا دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇقراق بلوگ سۇپىسى بولغان BlogBus تىن پايدىلىنىپ بلوگ نەشىر قىلغان ئىدۇق. ئىشلەتكىنىمىز Yuksel.blogbus.com دەيدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك تور ئادرېسى ئىدى.
بلوگ نەشىر قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى چاغلار ھېلىمۇ ئېسىمدە، يۈكسەل بلوگنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ تۇنجى بلوگ يازمىسىنى ئېلان قىلغۇچە 4 كۈن سەرىپ قىلغان، بۇ جەريانىدا ئۇيقۇ – تاماق دېمەي ، بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، بۆلەكلەرنى تەڭشەش، ئۇسلۇپ تاللاش ، بلوگ يېزىشنى ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارغا باش چۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدىم. تېخىمۇ قىززىق يېرى شۇكى تۇنجى بلوگ يازمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يازمىنىڭ قاش – قاپىقى ئۆزگىرىپ قالىدىغاندەك ھېلىدىن ھېلىغا قايتا  – قايتا ئېچىپ ئوقۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇ كۈنكى زىيارەت سانى 65 بولغان ئىدى ( ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭدىن تولىسىنى ئۆزۈم چېكىپ ھاسىل قىلغان ) ، مۇشۇ سان قاچان 100 گە يېتەر دەپ خىيال سۈرۈپ كەتكەن ئىدىم.
يۈكسەل بلوگىنىڭ قۇرۇلۇشى قانداقلا بولمىسۇن، توردا بولسىمۇ ئۆز پىكىرمىزنى خاھىشىمىز بويىچە بايان ئەيلەيدىغان، كەڭ ئەھلى – جامائەت بىلەن ئۆز – ئارا پىكىرلىشىدىغان، ئۆز – ئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزىمىزنى پىكرى جەھەتتىن داۋاملىق تاۋلايدىغان، نۆۋىتى كەلسە ئەل ئۈچۈن لايىقىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىمكان تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
شۇنداق قىلىپ 2008 – يىلى  ئىزدىنىش – ئۆگىنىش خاراكتېرىدىكى بلوگ نەشىرى قىلىش يولىدا مېڭىپ، مۇئەييەن نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرگەن بولدۇق. مەسىلەن، يۈكسەل بلوگى تورداشلار تەرىپىدىن 2008 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنىڭ بىرى دەپ باھالانغان بولسا، يىللىق زىيارەت مىقدارى 100 مىڭلىق ئۆتكەلدىن ئاشقان ئىدى. ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلاردا تەگئات – ئىسىمشۇناسلىق، ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز – سەھىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە يازما يېزىپ، كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا تېگىشلىك خىزمەت قىلغان ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئېتراپ – ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدۇق.
2008 – يىلنىڭ ئاخىرىقى پەيتلىرىدە، يۈكسەل بلوگنىڭ ئۆتمۈشىنى خۇلاسىلىگەچ، بۇندىن كېيىن ماڭماقچى بولغان يولىمىز ھەققىدە ئوي سۈردۇق. كۆڭلىمىزنى غەش قىلىۋاتقان نۇقتىلار شۇ بولدىكى، ھەقسىز بلوگ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ بلوگ نەشىر قىلغاندا كىشى يەنىلا ئازادىلىك ھېس قىلالمايدىكەن. كۆپىنچە ھاللاردا بلوگ سۇپىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇشقا توغرا كېلىدىكەن. ئاندىن داۋاملىق بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش، بۆلەك تەڭشەش دېگەندەك بىر قاتار ئىشلارغا ئادەمنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتى ئۇپراپ كېتىدىكەن. ھەممىدىن مۇھىمى شۇ سۇپىدىكى بىرەر بلوگدىن مەسىلە چىقسا ھەممە بلوگ تەڭ دەردىنى تارتىشقا ، گاھىدا ئېچىلماي قېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىشكەن. ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى مۇرەككەپ، ئەستە تۇتۇشقا قولايسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغاچقا ، بلوگ نەشىر قىلىشىمىزنى ھېچقانداق قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا، بىز كەسكىن قارارغا كېلىپ مۇستەقىل تور نامى ۋە مۇستەقىل بوشلۇق ئېلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا تۇتۇش قىلغان ئىدۇق. تەدبىركار ئەپەندىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىشى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە 2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى يۈكسەل بلوگى يىپ يېڭى قىياپەتتە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يەنى يۈكسەل بلوگنىڭ PJBLOG نەشىرى جۇڭگو ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل تور ئادرېسلىرى(www.yukselblog.cn ۋە www.yukselblog.com )  بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى.
يېڭى نەشىرگە كۆچكەندىن كېيىن ، يۈكسەل بلوگنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. زىيارەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى بولغان زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. ( PJBLOG ھەققىدىكى تەپسىلات )

ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىغا قارىغاندا مۇستەقىل تور نامىنىڭ ھەقىقەتەن ئەۋزەل تەرەپلىرى كۆپ ئىكەن. بىر جەھەتتىن مۇستەقىل تور ئادرېسى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ئوڭاي قالىدىكەن. ئىزدەش ماتۇرلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئادرېسنى ئەنگە ئالدۇرۇپ قانۇنلۇق تور پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز ھوقۇق – مەنپەتىمىزنى قوغداپ، بلوگ يېزىقچىلىقىمىزنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن.
مۇستەقىل بوشلۇق ئىشلەتكەندە تور سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولىدىغان ئىشكەن. بوشلۇقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزدە بولىدىكەن. خالىساق ئاچساق، خالىساق تاقاپ قويساق بولدىكەن. ئىلگىرىكىدەك باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىغان ئىش بولمايدىكەن.

ئىلگىرىكى نەشىردە بلوگ يۈزىدە تېمىلاردىن سىرت كەڭ تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۆز – ئارا مەسلىھەت – ياردەم سورىشىدىغان سورۇن يوق ئىدى. يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرىدىكى پىكىر دەپتىرى بىزنى تورداشلار بىلەن بلوگ يازمىلىرىدىن مۇناسىۋەتسىز بولغان ساھەلەر بويىچە كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىدىغان سورۇن بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئىلگىرىكى نەشىرىدە پەقەت بلوگ تۈرلىرى، يېڭى تېمىلار، يېڭى ئىنكاسلار ، خەتكۈچ دەيدىغان ئاساسىي زىيارەت يېتەكچى بۆلەكلىرى بولغان بولسا، يۈكسەل بلوگىنىڭ ھازىرقى نەشىرىدە يېڭى تېمىلار، يېڭى ئىنكاسلار، كۈچەيتىلگەن خەتكۈچ بېتى، تەۋسىيە تېما، ئەڭ كۆپ ئىنكاس قايتۇرۇلغان تېما، ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېما قاتارلىق بۆلەكلەر بولغاندىن سىرىت، ھەر بىر يازمىنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىدە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار، بېكەت ئۇچۇرى، مۇشتەرى بولۇش يېتەكچىسى، بېكەت ئىزاھاتى دېگەنگە ئوخشاش كۈچەيتىلمە ئىقتىدارلار ۋە يەنە بلوگنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ۋە گۇگۇل ئىزدەش ماتۇرىغا ئوخشاش ئىزدەش كۆزنەكلىرى بار بولۇپ، تورداشلارنىڭ بلوگنى زىيارەت قىلىشغا مىسلىسىز قولاي ئىمكانىيەت يارىتىلدى.
ئىلگىرى بلوگ يازمىلىرىنى ئۆزىمىز يالغۇز يازغان بولساق، مانا ئەمدى بلوگنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەزالارنىڭ ھوقۇقىنى جانلىق تەڭشەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، مۇھەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل ( م ئا يۈكسەل )، ئوبۇل ھىمىت شاۋقۇنى، ئابدۇكېرىم راھمان ئالىپقا ئوخشاش ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىرى بار ۋە يېتىلىۋاتقان قەلەم ئەھلىلىرىنى يۈكسەل بلوگنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن يۈكسەل بلوگىنىڭ يازما مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بلوگ يازمىلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ئاشتى.
يۇقىرىقىدەك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يۈكسەل بلوگنىڭ بۇ يېرىم يىللىق زىيارەت ئېقىم مىقدارى تېز، مۇقىم ئاشتى. ئۆتكەن يىلى 1 يىلدا ئاران 100 مىڭلىق زىيارەت ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولساق، بۇ يىل يېرىم يىل توشماستىلا 100 مىڭلىق ئۆتكەل بۇزۇپ تاشلاندى. يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنىپ PR قىممىتى بىراقلا 0 گە چۈشۈپ قالغان ئىدى ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا 2 گە ، مانا ئەمدى 3 كە چىقتى. بۇمۇ بىزنىڭ شادلاندۇرىدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى. يۈكسەل بلوگنىڭ ئالىماما ئېلاندىن قىلغان كىرىمىمۇ ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا بلوگ ئۆزىنىڭ بوشلۇق ۋە تور نام ھەققى بۇندىن باشقا يەنە  VIP ئەزالىق بەدەل پۇلىسىنىمۇ ئۆزى تېپىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئىلگىرىكىدەك تېخنىكىلىق ئىشلارغا ۋاقىت ۋە زېھىن ئۇپراتىمايدىغان بولغاچقا، بلوگ يازمىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بەكرەك كۈچىدۇق. شۇنىڭ بىلەن يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلارنىڭ تورداشلار ۋە دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىش ئەھۋالى مۆلچەرىمىزدىكىدىن كۆپ ياخشى بولدى. ‹‹ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى – نەسەبنامە ›› دېگەن ماقالىمىز ‹‹ قەشقەر ›› ژۇرنىلىنىڭ 2009 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان بولسا، ئارقىدىنلا بۇ ماقالە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىلدى. ‹‹ ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىشى مەسىلىسى ›› دېگەن ماقالىمىز ‹‹ قەشقەر ›› ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىدا، ‹‹ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى ›› دېگەن ماقالە ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ›› ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.  بۇ ئەلۋەتتە بىز ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.
ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر تور ساھەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ›› نى باھالاش پائالىيىتىنى مۇۋاپەقىيەتلىك تەشكىللىگەن بولساق، بۇ يىل 5 – ئايدا ‹‹ يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار ›› تېمىسىدىكى يەركەندىن كەلگەن بىمار سىڭلىمىز مۇكەررەمگۈلگە مېھرى – مۇھەببەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ھەر قايسى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر بلوگگىرلار ئارىسىدا ئۇتۇقلۇق تەشكىللىدۇق. نۆۋەتتە ، مۇكەررەمگۈلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق داۋالىنىشى ئۈنۈملۈك بولۇپ، كۆزىتىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ( مۇكەررەمگۈلگە ئائىت  يېڭى ئۇچۇر )
مانا مۇشۇ پەيتلەردە يۈكسەل بلوگى يەنە، تەدبىركار بلوگى يولغا قويغان VIP ئەزا مۇلازىمىتىگە ئىشتراك قىلىپ، يۈكسەل بلوگىنى كۈچلۈك بولغان تېخنىكىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. بىز ئەمدى بلوگ تور تېخنىكىسىغا ئائىت ئىشلارغا قىلچىمۇ باش قاتۇرمىساقمۇ بولىدىغان ، پۈتۈنلەي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ بلوگ يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانساق بولىدىغان بولدى. بۇ جايدا بىزنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان تەدبىركار بلوگىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز.
بىز بۇندىن كېيىن يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۇيغۇرلاردا تەگئات، ئۇيغۇرلاردا تارىخ – مەدەنىيەت، ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز – سەھىيە مەسىلىلىرىگە ئائىت تېمىلارغا بېغىشلانغان بلوگ بولۇشتەك ئۆزىگەخاس بولغان تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، تېخىمۇ نادىر بولغان، ئىجادىي بلوگ يازمىلىرىنى ئېلان قىلىپ، بلوگگىر دوستلار ئارا ھەمكارلىققا ئېتىبار بېرىپ، تورداشلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىپ، يۈكسەل بلوگ تەرەققىياتىنى يېڭى تەرەققىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئاخىرىدا ، يۈكسەل بلوگىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان بارلىق دىلكەش ئوقۇرمەنلىرىمىزگە، بلوگگىر دوستلارغا چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 100 پارچە بلوگ يازمىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلايمىز

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. xx مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ سىزنىڭ يازمىلرىڭزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلۋاتقانلارنىڭ بىرسى ، سىزنىڭ قىلۋاتقان ياخشى ئىشلىرىڭزغا رەھمەت ئىتىش بىلەن بىرگە تىخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى قازنىشىڭزغا تىلەكداشمەن. قولۇمدىن كىلشچە قوللايمەن……

  2. Tedbirkar مۇنداق يازغان:

    بلوگ دېگەن ئادەتتە بىر شەخسكە تەۋە نەرسە، يەنى بلوگدىكى بارلىق يازمىلارغا شۇ بلوگگېرنىڭ قان-تەرى سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ، بلوگدىكى ئەسەرلەرنى تامامەن شۇ بلوگگېرنىڭ ئىجادىيىتى دېيىشكە بولىدۇ.
    بىر بلوگنىڭ ئىجادى يازما بىلەن 100-يازما ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈشى ھەقىقەتەن قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىش، يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى، 1000-يازمىسىنى تەبرىكلەشكە نېسىپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

  3. dunyakara مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىنىڭ 100پارچە يازما ئۆتكىلىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن.
    بلوگبۇستىكى قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ تۇرغانلىقىدىنمۇ مىننەتدارمەن، قانداقلا بولمىسۇن بلوگبۇستىن ئىبارەت ئاشۇ "قازان"دا تەڭ قاينىغان ئىدۇق ئەمەسمۇ؟!

dunyakara 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟