نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

<< يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتى ئېلان قىلىندى

<< يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتى ئېلان قىلىندى

ئالدى بىلەن، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى ئىختىيار قىلغان ۋە يۈكسەل بلوگىنى ئۆز بلوگلىرىدا ئۇلىنىش قىلغان بارلىق دوستلارنىڭ سەمىمىيىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز!

يۈكسەل بلوگىنىڭ نوپۇزى ۋە زىيارەت قېتىم سانىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى ئارزۇلايدىغان بلوگلارمۇ ئىزچىل كۆپەيمەكتە. ئۇلىنىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بەزى نۇقسانلار كۆرۈلمەكتە:

1. بلوگ باش بېتىدىكى ئۇلىنىش بۆلىكى بەك ئۇزراپ كېتىپ، بلوگنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يېتىشتىن باشقا يەنە بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگىمۇ زور تەسىر يېتىدىكەن.

2. بلوگ باش بېتىدە ئۇلىنىش بېرىشنىڭمۇ ھامان چېكى بولىدىكەن ، كۆپ ساندىكى بلوگىر دوستلارنىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئىشكەن.

شۇڭا، بۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەل بلوگىنىڭ خاس ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش بېتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ باشقا قېرىنداش بلوگلارنى زىيارەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى كۆركەم، ئازادە بولغان خاس بلوگلار ئۇلىنىش بېتى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىنى ئېلان قىلدۇق. بىز بۇ يەردە مەزكۇر ئۇلىنىش بېتىنى ئېلان قىلىشتا تېخنىكىلىق جەھەتتىن باشتىن – ئاخىرى ياردەمدە بولغان دوستىمىز تەدبىركار ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈرىمىزنى ئېيتىمىز!

مەزكۇر << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىنىڭ تور مەنزىلى:

www.yukselblog.com/bloglar

www.yukselblog.cn/bloglar

ئەسكەرتىش: يۈكسەل بلوگدا ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يۈكسەل بلوگى باش بېتىدە ئەمەس بەلكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىدە ئۇلىنىش بېرىلىدۇ. ( ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىز بىلەن ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يەنىلا باش بەتتە ساقلاپ قېلىنىدۇ ).

بۈگۈندىن باشلاپ << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىگە  ئۇلىنىش قوشۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار :

1. مەزكۇر بەتكە ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن يەنىلا يۈكسەل بلوگ باش بېتى ئوڭ ئاسما بۆلەك ئاستى تەرەپتىكى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش دېگەن جايدىن ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

2. ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغۇچى بلوگ چوقۇم تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.

ئۇلانما ئالماشتۇرۇش شەرتلىرى

1. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملىرىغا  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بلوگ بولۇشى كېرەك. يەنى مەزمۇنى چوقۇم ساغلام بولۇشى كېرەك.
2. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ئالدى بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> نى ۋە مەزكۇر << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىنى ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئۇلىنىش قىلغان بولۇشى كېرەك.
3. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم ئىجادىي مەزمۇندىكى بلوگ بولۇشى كېرەك. ئەگەر باشقا مۇنبەر – تور بېكەتلەردىن يىغىپ تۆشەپ كېلىنگەن مەزمۇنلاردىن تۇرغۇزۇلغان قازناقسىمان بلوگ بولسا مەڭگۈ ئۇلىنىش قىلىنمايدۇ.
4. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى بلوگ بولۇشى، خەت نۇسخىسى يۇنىكود ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان بلوگ بولۇشى كېرەك.

ئومۇمەن يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بلوگلار مەزكۇر بلوگلار ئۇلىنىش بېتىگە ئۇلىنىش بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىز ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى 3 كۈن ئىچىدە قاراپ چىقىپ، مۇناسىپ جاۋاب بېرىمىز، ئەمما، بارلىق بلوگلارغا چوقۇم ئۇلىنىش بېرىمىز دەپ ، ۋەدە بېرەلمەيمىز.

يۈكسەل بلوگىنى ۋە مەزكۇر << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىنى ئۆز بلوگىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىدا ئۇلىنىش قىلغان، تەشۋىق قىلىشقا مۇئەييەن ھەسسە قوشقان بلوگلارغا بىزمۇ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشقا ھەرۋاقىت تەييار.

كامالىي ئېھتىرام ئىلە

يۈكسەل بلوگى
www.yukselblog.cn

www.yukselblog.com

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتى ئېلان قىلىندى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. كوكتۇغ مۇنداق يازغان:

    بلوگىڭىز http://koktugh.blogbus.com/ غا ئۇلىنىش قىلىندى
    [reply=Yuksel,2009-02-16 11:13 PM]مانا بارىكاللا ! بىزمۇ تېز پۇرسەتتە ئۇلىنىش قىلغايمىز.[/reply]

  2. كوكتۇغ مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم بلوگىڭىزدىكى ئايلانما ئۇلىنىش كودى بولسا ماڭا يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ ؟
    [reply=Yuksel,2009-02-16 11:12 PM]بلوگىمىزنىڭ ئاستىدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلگەن. ئۆزلىرى مۇۋاپىق كۆرگەن بىرىنى تاللاپ ئۇچۇر قىلسا، مەن سىلىگە يوللاپ بېرەي![/reply]

  3. yurtum مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىلوگۇمنى ئۇلىنىش قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلاي دپتىكەنمەن. لىكىن شەرتىڭلار بەك يۇقۇرىكەن. مىنى بىلوگىمدىكى مەزمۇنلار بولسا ج دۆلىتىدىكى قانۇن بىلەن ش رايۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن زىت كېلىدىكەن. مەن ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلاي.

yurtum 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟