torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا، خادىمنىڭ يۈرىكى چاتاق بولۇر

باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا، خادىم يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئوڭاي گىرىپدار بولىدۇ

شىۋىتسىيە، ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ستوكوھلىمدىكى 3000 نەپەر ئەر ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە ئوڭاي گىرىپدار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ ( British Broadcasting Corporation ، 英国广播公司 ) خەۋرىگە قارىغاندا، شىۋىتسىيە Karolinska ئىنستىتۇتى ( Karolinska Institute ) ۋە ستوكوھلىم ئۇنىۋېرسىتېتى ( Stockholm University ) نىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى يېشى 19 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 3000 نەپەر ئەر ئۈستىدىن 10 يىلغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتتا ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساغلاملىق ئەھۋالىغا باھا بېرىپلا قالماي يەنە ئۇلاردىن ئۆز باشلىقلىرىغا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئىقتىدارسىز باشلىقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەنلەرنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇشى نىسبىتى باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 2 – 5 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئىقتىدارسىز باشلىقنىڭ قۇلىدا ئۇدا 4 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇشى نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 4 – 6 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : باشلىق ئىقتىدارسىز بولسا، خادىمنىڭ يۈرىكى چاتاق بولۇر

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟