جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 29 – نويابېر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە، ئاقسۇ شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە بۈگۈن ئەتىگەن ( ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 ئەتراپىدا ) ئېغىر دەرىجىدىكى دەسسەڭگە ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، 170 نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ھازىرغىچە 41 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى دوختۇرخانىدا كۆزىتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر، يارىسى ئەڭ ئېغىر بولغان 1 نەپەر ئوقۇغۇچى ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىپ داۋالاش ئۆيىدە داۋالىنىۋېتىپتۇ. ھازىرغىچە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن .
دەسسەڭگە يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل 2 – سائەتلىك دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى گېمناستىكا ئويناش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقتەك سىرتقا – مەيدانغا يۈگۈرۈشكەن، ئالددىكى ئوقۇغۇچى يىقىلىپ كېتىپ ، ئوقۇغچىلار دۆۋلىشىپ – قىستىلىپ ، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق دەسسەڭگە ۋەقەسى يۈز بەرگەن، پەشتاق رىشاتكىسى ئېغىر دەرىجىدە ئىگىلىپ كەتكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى قىسىلىپ، بەزىلىرى يىقىلىپ زەخىملەنگەن. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بالىلارنى جىددىي داۋالاۋېتىپتۇ.
ئاقسۇ شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە 1800 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوقۇش توختىتىلغان.
بۇ ھەقتىكى كۆرۈنمىلىك تەپسىلات ئۈچۈن تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈڭ:
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : تېز خەۋەر: ئاقسۇ 5 – باشلانغۇچتىكى بوغۇنلارغا كۆز تەگدى
بۇ قىزىق ئىشكەنغۇ؟ بۇ يەردە ئاشكارىلانمىغان بىر سەۋەب بارمۇ نېمە؟ توۋا
CCTV ۋە ئىچكىردىكى باشقا تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر بېرىپتۇ. دىيارىمىز قاناللىرىدا قانداق بولدى ئۇقالماي قالدىم. ئەمما، ئاسىيا كىندىكى تورى قاتارلىق خەنزۇچە تورلار دەل ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپتۇ. شۇغىنىسى ئۇيغۇر تورلار بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشقا ئۈلگۈرمىگەن چېغى…
يۈكسەل بلوگى كېلەچىكىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بولغان بوغۇنلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى تىلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەكتەپلەردىكى بىخەتەر ئوقۇتۇشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىنى ، خەتەرلىك ئامىللارنى ۋاقتىدا بايقاپ تۈزىشىنى ، كونىرىغان ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا يېڭىلىپ، يۇقىرىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تەكلماكان بلوگدا بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلى مۇلاھىزە بار. كۆرۈپ بېقىڭلار.
http://baliq.blogbus.com/logs/85987448.html
يازمىڭىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟
ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ۋەقە بوپتۇ! بىخەتەرلىك كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئىش سادىر بولدى. ھەي!!! بىچارىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ھازىر. بۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر سۆرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن.