نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مىللەت سۆيەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز

مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟

مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟ ….


يېقىندىن بېرى، كاللامغا مىللەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز مىللىتىمىزنى قانداق سۆيۈشىمىز كېرەك ياكى قانداق قىلساق بىز مىللەتنى سۆيگەن بولىمىز ؟ … دېگەنگە ئوخشا ئويلار كىرىۋالدى.  سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدىغان ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچتۇر.  بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق خەلقمىز. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ، بۈگۈنكى زامان جاھان سەھنىسىدىكى ھەرقايسى قەۋملەر ، جۈملىدىن جۇڭخۇا بۈيۈك ئىلىدىكى 56  قېرىنداش مىللەت بىلەن بىرگە تەڭ ئولتۇرۇپ قوپۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ 56 خىل خۇشپۇراق گۈلدىن ئاپىرىدە بولغان گۈلستانلىقنى ئاباد ئېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىنى قوشۇپ كېلۋاتقانلىقىنى، ھەرزامان ئۆز مەۋجۇدىيىتى ۋە ھاياتى كۈچىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىمىز. ئەگەردە، بىز مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق مىللەت بولمىغاندا ئىدۇق، تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا، دەۋرنىڭ قايناملىرىدا كۆمۈلۈپ ، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇق بولغان تارىخقا ئايلىنىپ كېتىشكەن بولاتتۇق.

خوش، ئۆز گېپىمىزگە يانساق، مىللەتنى قانداق سۆيۈش كېرەك؟


ئەلۋەتتە، سىز بۇ سۇئالغا ئابدۇكېرىم ئابلىز خەلقنى سۆيگەندەك قۇلاقتىن تۇتۇپ چوككىدە سۆيۈش كېرەك …. دېسىڭىز قاملاشمايدۇ.  ئەمسە سىز جاۋاب بېرىڭ ، دېسىڭىز ، – راست سۆزنى قىلسام مەنمۇ مىللەتنى قانداق سۆيۈش كېرەكلىكى ھەققىدە چوڭ – چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەشنى ، ۋەزخالىق قىلىشنى بىلمەيمەن. ئەمما، بۇ ھەقتە ئايرىم نۇقتىلاردا ئۆز ئالدىمىغا ھېس قىلغانلىرىم بار ، خالىسڭىز شۇلارنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام بولىدۇ.

يېقىندىن بېرى، مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىبتىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك نامايەندىمىزنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە كۆپ تالاش تارتىش بولدى. بىر قىسىم تورداشلار ئىلىمي قائىدە ، پاكىت سۆزلەشنىڭ ئورنىغا قازاق – قىرغىز خەلقىنى بولۇشىغا تىللاپ ھاقارەتلىدى، ئۇلار بۇ خىل قىلمىشىنى مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىپادىسى تەرىقىسىدە تەسۋىرلەشتى ، ئىلمىي يۇسۇندا پىكىر قىلغۇچى تورداشلارنى بولسا مىللەتنىڭ ئاسىيلىرى قاتارىغا تىزىپ قويۇشقا ئورۇنۇشتى ….

بىر قىسىم تورداشلار خەنزۇچە ئوقوغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يەكلەپ، ئۇلارنى 57 – مىللەت دەپ ، نام بېرىپ، ئۇلارنى مىللىي ئەنئەنە ۋە تىل – يېزىقنى بىلىشمەيدۇ… دېگەن بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن مىللەت ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقابىلىگە قويۇپ قويۇشتى…

بىر قىسىم پىكرى ئويغاق ، كاللىسى ئوچۇق زىيالىيلىرىمىز ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئايرىم كۆز – قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەت ۋە زامانغا سېگنال بەرمەكچى بولۇشقانلىرىدا، بىر قىسىم كىشىلەر مىللەت ۋە دىننىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى كالتەكلەپ، ھېلىدىن كۇپىرىغا ، ھېلىدىن مىللىي خائىنغا چىقىرىشقا ئورۇندى…

يەنە بىر قىسىم كىىشلەر بار، نېمىلا بولسا ئۇيغۇرنىڭ دەپ خىيال قىلىشىدۇ ، پالان – پۇستانچى نەرسىنى ئۇيغۇرلار ئاپىرىدە قىلىپتىكەن، پالان – پۇستانچى ئۇيغۇرنىڭ ئۇكىسىكەن، پالان – پوكۇنى جايلاردا ئۇيغۇرلار ياشىغان ئىكەن، ئايغا چىققىنى ئۇيغۇركەن … دېگەندەك بۇنداق << ئۇيغۇرنىڭ >> بولۇپ ئېيتىلىۋاتقان نەرسىلەر كۆپ، ئەمما، دەلىلى، ئىلىمىي ئاساسىنى سۆزلەيدىغان ئادەم يوق ياكى ئاز، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن قارىسىغا سۆزلەشكە كۆنۈپ كەتكەن، گېزى كەلگەندە مۇشۇنداق سۆزلەشمۇ مىللەتنى سۆيۈشتە كۆۋەجەپ كەتكەن ھېسياتنىڭ بۇلدۇقلاپ تېشىشى دەپ ، شەرھىيلىنىدۇ …

بىزدە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاھىشى ئېغىر، كۆپ ھاللاردا سۆزنىمۇ ، ئىشنىمۇ چەكتىن ئاشۇرۇپ قويىمىز، چەكتىن ئېشىپ ئېيتقانلىرىمىزدىن نەمۇنە شۇكى، بەزىلىرىمىز ھەتتا بىزدىن سەن ئاۋۋال ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ ؟ سەن ئەرەبكە تۇرامسەن ، تۈرككىمۇ ؟ …. نېمە تېتىقسىز سۇئاللار ؟! … بۇ سۇئاللارنىڭ يەكۈنىگە بىر بولسا ئەرەبنىڭ ئىتى، بىر بولسا ئەشەددىي كاپىر – جەدىت ، دەيدىغان ھۆكۈملىرىمىز تەييار … ھالبۇكى، مۇشۇ خىل مىجەزىمىزنىمۇ كۆپ كىشىلەر مىللەت سۆيۈش لىباسى بىلەن ئوراپ ئېلىشىدۇ.

بىزدە ئوتتۇرسا قوپسا مىللەتنى << خىيال >>ىدىن نېرى قىلمايدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار مىللەت ئۈچۈن سۆزلەيدۇ، مىللەت ئۈچۈن كۈلىدۇ، مىللەت ئۈچۈن يىغلايدۇ، مىللەت ئۈچۈن يەيدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئىچىدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلىدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئاق ساتىدۇ، يەنە مىللەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ… خۇلاسە، بىزدە شۇنداق خاھىش باركى، بارچە ئىشلىرىمىزنى مىللەتنى سۆيۈش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىمىزنى بەزلىشىمىز. ئەمما، ئۆز قىلمىش – ئەتمىشلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ گۈللەپ – ياشنىشى ، يۈكسىلىشى ئۈچۈن قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىدىغان كىشىلىرىمىز ئاز بەكمۇ ئاز . ھەتتا، بەزىلەر ئۆزىمىزنىڭ دەل ئەشۇ << مىللەت سۆيەرلىك >> مىزنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى بوغۇپ، خالتا كوچىغا باشلاپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىشمايمىز.

يۇقىرىقى كۆز قاراشلار ھەققىدە، بىرمۇ – بىر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، بىر – بىردىن ئۆز يەكۈنۈمنى ئوتتۇرىغا قويغۇم يوق. مۇھاكىمىسىنى كۆپچىلىكنىڭ مەيلىگە قوياي. ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇكى، مىللەتنى سۆيۈشتە جان – جەھلى بىلەن ئاق – قارىنى ئىلغىمايدىغان سۈيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مىللەت قارغۇلارچە سۆيۈلۈشكە ئەمەس ئىدراكى سۆيۈشكە مۇھتاج!

مىللەت سۆيۈشتە، مىللەت ئۈچۈن بارلقىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالايدىغان ئەسەبىيلەرچە سۆيۈش تەبئىيىتى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئىدىتلىيالايدىغان، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ مىللەت سۆيەرلىكىنى ئىدارىكى يۇسۇندا ئىپادىلىيەلەيدىغان روھمۇ بولۇشى كېرەك.  بىر مىللەتنىڭ ساغلام بولغان خاراكتېرى ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە تالىق بولغان تەبئىيىتى بىلەن  ئەقلىگە تالىق بولغان ئىدارىكىيلىقنىڭ ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەقىل – پاراسەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلدىغان مىللەتتۇر. مېنىڭچە ، بىزدە بۇ خىل ئىدراكىي ئامىلنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، گەپ ئۇنى قانداق سۇغۇرۇش ، قانداق پەرۋىش قىلىش، ئۇنى مىللەت سۈيۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت گۈلزارلىقتا خۇشپۇراق چاچقۇزۇپ، مېۋە بەرگۈزۈشتە !


ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە، بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىدىكى قېرىنداش قەۋىملەر بىلەن ئۇنىڭدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى بارچە مىللەت ، ئىنسانىيەت تۈركۈملىرى بىلەن تەخىرسىز دىئالوگلىشىش، تەسىرلىشىش تارىخىي باسقۇچىدا تۇرماقتا، بىزنى كۈتىۋاتقىنى ھويلىسى كەڭ ئۇلۇغ جۇڭخۇا قۇچىقى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ، ئۇنىڭ تاشاينىدىكى يەرشارىلىشىش باسقۇچىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقان يەرشارى كەنتىدۇر. ئەمدىلەتتىن قايتىدىن تەرەققىي قىلىش، قەد كۆتۈرۈش پەللىسىدە تۇرىۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ، تۆھپىسى، پەزىلىتى، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن جۇڭخۇا ئېلىدىكى، جاھاندىكى باشقا قەۋملەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا، ھۆرمەت قىلىشىغا سازاۋەر بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كۈنىمىزدىكى مىللەت سۈيەر ئەۋلادلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك بولغان بىر مۇھىم نىشان بولۇشى كېرەك. شۇ نۇقتا ئەستە مەھكەم تۇرۇشلىرى كېرەككى، ھاياجان تىپىدىكى مىللەت بولۇش تارىخىغا تېزراق خاتىمە بېرىپ، ئىدراكى مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتۈش ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلىماق زۆرۈردۇر.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : مىللەت سۆيەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!7 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەينى چاغ، يۇلدۇز ئوسمانوۋانىڭ <>دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاشدىن بۇرۇن،مەنمۇ <>،<>،<>دىسە،ئاغزىمدىن شۆلگەيلەر ئېقىپ،تەتۈر قويۇن بولۇپ ماختايتىم.ئۇزاققا ئۆتمەي بۇ خەۋەرلەر يالغانغا چىقاتتى،مەن سۇلىشىپ قالاتتىم.
    ئۆتمۈش-مىللەتپەرلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېمىسى.ئورقۇن ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىدىن تاكى يېقىنقى زامان دەۋرىگىچە بولغان مەزگىللەردىكى بىرقىسىم زور ۋەقەلەرنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئېلىشىپ،ئەجدادلىرىمىزدىن يەتكۈچە پەخىرلىنىپ،ھازىرىمىزدىن ئۆلگۈچە ھەسرەتلىنىپ،يا تۈزۈك ئەمەلىي ئىش قىلماي،كەلگۈسىمىزدىن ئەنسىرەپلا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق.تارىخ ئۆگەنمىگەن(تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت)ھالاك بولغۇسى دەپ جار توۋلايتۇقيۇ،مۇشۇ تارىخ ئۆگىنىشنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ،توردا ئۇيغۇرلارنىڭ يالغان ياكى ئاشۇرۇۋەتكەن <>تارىخلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ تېخىمۇ مەست بۇلىشاتتۇق…
    بىلگىنىمىزدەك،چېچىلاڭغۇلىقىمىز ئەركىن پىكىر بېرىش ھوقۇقىمىز نامايەن قىلىنىۋاتقان ئېنتېرنېت تورىدا تېخىمۇ ئۆزىنىڭ ئەكسىنى تاپتى.توردا ،ھەتتا مىللەتنىمۇ دىنىي چۈشەنچە بىرلىكسىزلىكىدىن بىركىچىك مۇنازىرىدە مۇنازىرە قىلىشنى تۈزۈك بىلمەيدىغان تورداشلىرىمىز ھاياجانلىنىپ كېتىشىپ، <> ياكى <>(تور موللىسى )دىگەندەك ئەسەبىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ چەتكە قېقىشىش،ھەتتا بىر ئورتاق ئىدىيىدىكىلەرمۇ كىچىككىنە پەرق تۈپەيلى يەنە بىرنەچچە گورۇھلارغا بۆلۈنۈپ،بىر-بىرىگە ئاجايىپ قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ،جاھاننى بېشىمىزغا كىيدۈرۈشدۇق،بىرنەچچە ئەقىل ئىگىلىرى بۇنداق مۇنازىرىلەردىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ ھەسرەتتە قېلىشتى،مىللەت دۈشمەنلىرى بۇ مۇنازىرىلەردىن كۆڭلى ئېچىلىپ خۇشال يۈرۈشتى،ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا <>ئاتلىق بۇ خەلق بولۇشتى…

  2. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    مىللەتنى سۆيۈشنىڭ قېلىپى يوق، خۇددى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئېيتقاندەك مىللەت سۆيۈش ئۈچۈن دىبلوم كەتمەيدۇ. مىللەتنىڭ سۆيۈشنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق، مىللەتنى سۆيۈش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەربىر بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا يۈز بېرىدۇ.
    مەسىلەن، مىللەت سۆيەر ئالىم ئەھەت مۇئەللىم كۈن بويى مۇشۇ مىللەتنىڭ تىلىنى مۇشۇ ماشىنىغا تۇنۇتۇش بىلەن چاچلىرىغا بالدۇرلا ئاق چۈشۈرىۋالدى. مانا بۇمۇ بىر مىللەت سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى. بەلكىم بەزىلەر ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئالىي ئونۋان (دىبلومى) بار دېيىشى مۇمكىن، لېكىن مۇشۇنداق دېگەندىمۇ ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بۇ دىبلومنى توغرا ئىشلىتەلىگەن.
    ئۈرۈمچىدەك بۇنداق «پۇلۇڭ بولمىسا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟»دەيدىغان شەھەرلەردە ئەتراپقا كۆز تاشلىساق نۇرغۇن تازىلىق ئىشلىرىنى كۆرىمىز، ئۇلارمۇ دەل مىللەت سۆيەرلەر، ئاشۇلار شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلىمىسا بۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشىنىڭ رېتىملىق، خوشال-خۇرام ئۆتۈشى ناتايىن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تازىلىق ئىشچلىرىدا دىبلوم يوق، ھەم بۇ چوقۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى مىللەت سۆيۈش قېلىپ، ئەندىزىسى بويىچە بولغىنى يوق، شۇڭا ئۇلارنىڭ مىللەت سۆيۈش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ.
    يەنە ئازراق مىسال ئالساق، مەن دائىم كوچا ئابدۇبۇسلىرىغا چىققاندا كوچا ئابدۇبۇسلىرىدا ئادەم سەل كۆپ بولسا، بەزى ياشلارنىڭ ياشانغانلارغا ئورۇن بەرمەي بەخارامان ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئۇمىدسىزلەنسەم، يەنە بەزى ياشلارنىڭ ياشانغانلارنى كۆرگەن ھامان ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىمەن. يەنە بەزى ياشلىرىمىز (مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى خەنزۇ ۋە ياكى باشقا مىللەت) بولسۇن، ئۆز مىللىتىدىن بولسا ئورۇن بوشىتىپ بېرىپ باشقا مىللەتتىكى ياشانغانلار بولسا پەرۋا قىلمايدۇ. مانا بۇ يەردىمۇ مىللەت سۆيۈش مەسىلىسى مەۋجۈت، ئەگەر سىز مىللىتىڭىزنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز ئۆز مىللىتىڭىزدىكى ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىپلا قالماي بەلكى، باشقا مىللەتلەردىن بولغان ياشانغانلارغىمۇ ئوخشاش ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق باشقا مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئوبرازىنى يارىتىسىز، ئەگەر سىز ئۆز مىللىتىڭىزدىكىلەرگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىپ باشقا مىللەتتىكىلەر بىلەن كارىڭىز بولمىسا، ئۇ ھالدا سىز مىللىتىڭىزنىڭ ئوبرازىنى ياخشى ئوبرازىنى يارىتىش ئەمەس بەلكى باشقا مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا شەخسىيەتچى مىللەت دېگەن قالپاقنى مىللىتىڭىزگە كىيگۈزۈپ قويىسىز. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇمۇ بىر خىل مىللەت سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى، بۇنىڭغا دىبلوم كەتمەيدۇ.
    يەنە بەزى ياشلىرىمىز بىكار بولسا توردا تور ئويۇنى ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزىشى مۇمكىن، بۇلار بىزنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. لېكىن يەنە ئادەمنى شۇنداق سۆيۈندۈرىدىغان ياشلىرىمىز باركى، ئۇلار ۋاقتى بولسىلا كومپىيوتىرنىڭ ئالىدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈن تىنسىز ئىشلەيدۇ. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەر خىل مىللىي يېزىقتىكى دىتاللارنى ياسايدۇ، مىللىي يېزىقتىكى ماتىرىيال مەنبەسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ. مىللىي يېزىقتىكى كىنولارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋەھاكازالار….
    شۇڭا ئاخىرى تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا شۇ گەپ: ئىسىڭىزدە بولسۇن، مىللەت سۆيۈشنىڭ قېلىپى يوق، مىللەت سۆيۈش ئۈچۈن دىبلوم كەتمەيدۇ.

  3. گۈزەل مۇنداق يازغان:

    نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچىمنى قۇرت يېگەندەك بولۇۋاتقان، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۈلگۈرمىگەن پىكىرلەرنى يۈكسەل توردىشىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ يۈزەكى بولسىمۇ، كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي.
    مىللەتنى سۆيۈش دېگەن بۇ ئۇقۇم بىر قارىماققا شۇنداق ئاددىي، بىر قارىماققا تولىمۇ مۇرەككەپتەك تۇيۇلىدۇ. ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى مىللەت سۆيۈش ئېڭىنى كۆزىتىپ باقساق، ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ. مەسىلەن، مەن ئۆزۈمدىن باشلاپ باقاي:
    مەن ھازىر پاي بازىرىدا مەشغۇلات قىلىۋاتىمەن، بۇ بازارغا كىرگىلى 5 ئاي بولدى، پايدا ئالغاندا ئارتۇقچە ھاياجانلانماي، زىيان تارتقاندا ئارتۇقچە قايغۇرماي… دېگەندەك، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ كېلىۋاتىمەن. شۇ تەجرىبە-ساۋاقلىرىمغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يېقىنقى 2 ئايدىن بېرى ئىككى خەنزۇ تونۇشۇمغا پاي تەۋسىيە قىلدىم، تەۋسىيە قىلغان پايلىرىمدىن 90% پايدا كۆردى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قولىدىكى پايلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىمۇ ئۆزۈمنىڭ تەجرىبە، يەكۈنلىرىمگە ئاساسەن مەسلىھەت بەردىم… دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇ ئىككى يولداش ماڭا(ئۇيغۇرغا) قايىل بولدى. ھەتتاكى ماڭا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن سوۋغات تەڭلەپ ياكى مېھمان قىلماقچى بولدى، ئۇنىڭدىن سىرت بىر نەچچە خەنزۇ يولداش(ئوغلۇمنىڭ يەسلىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى) مېنىڭ پاي مەشغۇلاتى قىلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، ماڭا باشقىچە نەزەردە قارىغاندىن سىرت، ئانچە-مۇنچە تېل قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرىدۇ…

    ئوغلۇمنى مىسال ئالسام، يېقىندا يەنى 1-ئىيۇن بالىلار بايرىملىق قول ھۈنەر بۇيۇمى ياساش مۇسابىقىسىدە ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇمى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ گەرچە ئۇنچىۋالا چوڭ ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن سىنىپىدىكى 38 ھەر مىللەت كىچىك دوست(ئۇيغۇردىن پەقەت مېنىڭ ئوغلۇم ۋە يەنە بىر ئوغۇل بار)نىڭ ئارىسىدا مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن بىردىن-بىر كىچىك دوست بولدى. يەسلى قورۇسىدا نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانا، مۇخبىرلار، كىچىك دوستلار ئوغلۇمغا مەستلىكى كېلىپ، باشقىچە نەزەردە قاراشتى، ھەتتاكى ئوغلۇم شۇلارنىڭ تىلىدا تارتىنمايلا :
    ”阿姨,叔叔,这个手工是我自己作的“دەپ چۇۋۇرلىغاندا، ئۇلار قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، ماختىشىپ كېتىشتى، ھەم ئۆزئارا پىچىرلاپ“ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى بەك ئىشلەيدۇ زادى، قارا، بۇ بالىنىڭ ئەمدى 5 ياش تۇرۇپ، مۇشۇنداق قول ھۈنەرنى ياساپتۇ، بەك ئۆلچەملىك تىلدا سۆزلەيدىكەن، بىز بولساق بۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنەلمەيتتۇق…“ دېيىشىپ كەتتى.(يۇقارقىلىرىنى مىسال ئۈچۈن تەپسىلىي يازدىم، بۇ يەردە ماختانچاقلىق قىلىۋاتقان ئىش يوق قېرىنداشلار)
    يېقىندا بىر دوستۇم بىلەن بازار ئارىلىدۇق، شۇ ۋاقىتتا دوستۇم بىر كۆينەكنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى، لېكىن يېڭى يوق ئىدى. يېنىدا يەنە بىر كىچىك پىنجەك باركەن، ئۇ شۇنى ئالماقچى ئىدى، لېكىن مېنىڭ بىلىشىمدە ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ شۇنىڭدەك كىچىك پىنجەك بار بولغاچقا، ئۇنىڭغا شۇنى كىيىشنى، ئارتۇقچە پۇل ئىسراپ قىلىپ بۇنى ئالماسلىقنى ئېيتتىم، ئەمما ئۇ : ”بولدىلا ئاداش، مۇشۇنى ئېلىپ چىقكېتەي، بۇ خوجايىننىڭ باياتىنقى گېپىنى ئاڭلىدىڭ، سىلەر ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ كىيىمنىڭ يېڭى بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلمايدىغان بوپسىلەرغۇ، ئېلىۋەرگىن…دەۋاتىدۇ، شۇ گېپىگە بولسىمۇ، بىزنىڭ بۇنداق كىيىمنى كەيمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قوياي…“دەپ ھېلىقى پىنجەكنى يەڭسىز كۆينەك ئۈستىگە ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋالدى…
    يۇقارقىلار مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەڭ ئاددىي بولغان مىللەت سۆيۈش ئېڭى.

  4. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    تىمىغا مۇناسىۋەتسىز پىكىر بايان قىلىپ قالىدىغان بولدۇم…
    مەھمۇد قەشقەرى-توغرىسى مەھمۇد كاشىغەرىي
    يۈسۈپ خاس ھاجىب-توغرىسى يۈسۈف بالاساغونىي
    :oops:

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      بەگ ئېنىم پىكرىڭىزنىڭ يېرىمى توغرا ، يېرىمى خاتا. مەھمۇد كاشغەرى ئەسلىيسى ئىكەنلىكى، ئەينى دەۋر تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە ئۆلچەملىكى ئىكەنلىكى دۇرۇس.
      ئەمما، يۈسۈپ خاس ھاجىب بوۋىمىزنىڭ ئىسمىدە يېڭىلىشتىڭىز. ھەرگىزمۇ يۈسۈپ بالاساغۇنىي ئەمەس. يۈسۈپ بالاساغۇنىي دېگەن بۇ ئىسىم كېيىنكى دەۋرلەردە ‹‹ قۇتادىغۇبىلىك ›› تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. ئەمما، بوۋىمىز يۈسۈپ ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئۆزىنى يۈسۈپ خاس ھاجىب دەپ ئاتىغان ئىدى، شۇڭا، بىزمۇ شۇنداق ئاتىشىمىز كېرەك. بىزدە بالىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ قويۇش بار، ئەمما ھېچقاچان بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ باقىمىغان …

      • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

        توغرا،بىز ئولۇغ بوۋىمىزنى ‹‹خاس ھاجىپ››دەپ ناھايىتى ھۆرمەتلەپ ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز،ھەمدە سىز دىگەندەك‹‹وۋىمىز يۈسۈپ ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئۆزىنى يۈسۈپ خاس ھاجىب دەپ ئاتىغان ئىدى››لىقىغىمۇ بەرھەق،ئەمما، خاس ھاجىپ دىگەن بۇ ئىسىم ھەرگىزمۇ تەگئات ياكى بىر ئىسىم ئەمەس،بەلكى بىر ئۇنۋان نامى.بىزدە،كىشىلەرنىڭ ئۇنۋانىنى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىنمۇ قۇشۇپ ئېيتىدىغان ئادەت يوق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،‹‹يۈسۈپ بالاساغۇنىي دېگەن بۇ ئىسىم كېيىنكى دەۋرلەردە ‹‹ قۇتادىغۇبىلىك ›› تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ›› قارىقۇيۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولماسدىن،بەلكى،ئالاقىدار تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ،دەلىللەپ چىقارغان ھۆكۈم ئىدى.پەقەت،بىز ئۇيغۇرلارلا،يەنى،ئولۇغ بوۋىمىز يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ ھەق پۇشتىلىرىلا بوۋىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹خاس ھاجىپ››دەپ ئاتاپ كەلدۇق،بىزدىن باشقىلار يەنىلا ‹‹يۈسۈف بالاساغونىي››دەپ ئاتاپ كېلىشدى…

  5. تۇتېم مۇنداق يازغان:

    مىللەتنى ھېسسى سۈيۈش بىلەن ئەقلى سۈيۈشتە پەرىق ھەقىقەتەن ئوخشاشمايدۇ.ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىنى سۈيەلمىگەن كىشى باشقا مىللەت ۋە قەۋىملەرنى سۈيۈپ كىتىشى ناتايىن.بۇ خۇددى ئېقتىسادى ئۆز ئائىلىسىدىن ئىشىنالسا ئاندىن باشقىلارغا ياردەم بېرەلگەندەكلا ئىش.مىللەتنى ئەقلىي سۈيۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ فولىكلور مەدەنيەت زاپاسلېرىنى،تارىختا ئۆتكەن داڭلىق شەخىسلېرىنىڭ ئىش-ئىزلېرىنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.بەلكى ئەجدادنىڭ ئىزىنى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان يەنى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالغاندا ئاندىن ئەقلى سۈيۈشكە ئۇيغۇن بۇلىدۇ.تارىختىن بېرى ئەڭ ئېغىر كىرزىسكە دۈچ كەلگىنىمىز بىر رىئاللىق.تىل،مەدەنيەت،ئۆرۈپ-ئادەت،ئەنئەنە،ئېقتىساد،مائارىپ…جەھەتلەردىن مىللىتىمىزگە جىق ئىش قىلىپ بېرەلشىمىز نۇرغۇنىمىزنىڭ قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ.ئەمما ئۆزىمىزنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇشىمىز بىزدىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان بىر ئالى ئىمتىيازىمىزدور.ئۆزىمزنىڭ ئائىلىسىدىكى پەرزەنىت تەربىيىسى،خۇتۇننى باشقۇرۇش…جەھەتلەردىن ئۆزىمىزگە خاس بولغان جەمئىيەتتىكى كۇپۇنچە لەيلىمە كىشىلەرگە ئوخشاشمىغان ھالدىكى ئەھۋالغا كەلتۈرۈش تامامەن سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىكى ئىش.ئەڭ ئاددىسى ئوموميۈزلۈك جەھەتتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامراتلار قاتارىغا كىرىدۇ.پۇتۇن ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى يىغسىمۇ بېل گايتىسنىڭ پۇلىدىن ئىشىپ كىتىشى ناتايىن.ئادەمنىڭ ھايات كەچۈرىشىدىكى ئىنىرگىيە دەل يىمەك-ئىچمەك.نامراتلىقتىن جىنايەت كىلىپ چىقىدۇ،دىگەن جۈملىمۇ بار.شۇڭا ماگىزىن،سودا-ساراي لاردىن نەرسە كېرەك سىتىۋالغاندا مىللى مەھسۇلاتلارنى قوللاشمۇ،ئاددىسى موزدوز،كىرا ماشنىسى،مىۋە-چىۋە سىتىۋىلىشلارغىچە سىزنىڭ مىللەتنى ئەقەللىي ياكى ھېسسى سۈيۈشىڭىزنىڭ بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ بۇنداق ئالىمىمىز بار،ئۇنداق كىتاۋىمىز بار…دىگەندەك شۇئارسىمان گەپلەردىن ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلېرىڭىزنى قوللاشمۇ سىزنىڭ خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
    قىسقىسى،ئۆز قەۋىمىڭىزگە بىلىپ-بىلمەي،سىزىپ-سەزمەي ئاسىيلىق،مۇناپىقلىق قىلىپ تاشلىمىسىڭىزلا 56مىللەت ئىناق ئۈتۈشتىن غەم قىلمىساقمۇ بۇلىدۇ.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟