نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟! …

ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻗﻮﻏﻼﺷﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﺎﺗﺮﺍﻗﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯘﺷﻤﯘ – ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ << ﺋﻮﻏﺮﻯ ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ، ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ >> ﺩﻩﭖ ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ. ﺳﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭘﻼ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯜﺯ – ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﭙﯩﺸﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ – ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﻪﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ  ….

- ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﻫﻪﻕ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻪ ﻫﺎﻻﻝ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎﯓ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﯔ ، ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﻪﭘﺴﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ….
ﺗﻮﺧﺘﺎ ! ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﯘ ؟! ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﻮﺭﻻﻳﻤﯩﺰ ؟! ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯘ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ؟! …
- ﺗﻮﺧﺘﺎﯕﻼﺭ ! – ﺩﯦﺪﯨﻤﻤﻪﻥ ، ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، – ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟!
- ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻮﺭﺗﻤﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ .
-ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟! ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻜﻪﻧﻐﯘ ؟
- خەقنىڭ يانچۇقىدا ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﻪﻕ بۇ گۇيلارغا …
-ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ 100 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﻩﻳﻠﻰ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ . ﺷﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﻣﺎﻱ، ﻳﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﭖ – ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻤﺎ ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻤﺎ ؟ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ ؟ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﻳﻮﻗﻤﺎ ؟! …
ﻫﺎﻳﺎﺟﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﺎﺯﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﺎﻻ ﺗﺎﻳﺎﻕ – ﺗﻮﻗﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﺎﯞﺍﺷﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
-ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﯕﮕﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻳﺎﭘﯩﺴﻪﻥ ؟! ﺷﯧﺮﯨﻜﯩﻤﯩﺘﯩﯔ ﻳﺎ ؟! …
-ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﻩﺕ ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﭖ – ﺗﻮﻗﻤﺎﻗﻠﯩﺴﺎﯓ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ….
….. …. ….. ….
ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ << ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ >> ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﭺ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﭼﺘﻰ ….
ﺋﻮﻏﺮﻯ – ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻼﺭﺩﺍ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟! … ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻫﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺴﻪﻙ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ – ﺩﯛﺷﻜﯜﻟﻠﯩﺴﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟! …
مېنىڭچە، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎنىي ھوقۇققا ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺩﯨﻠﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ؟! …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟! …

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!20 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئېرپان مۇنداق يازغان:

    بەك ياخشى يېزىپسىز، ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئائىلىسى بولسىڭىز سىز قانداق بوپكېتىسىز شۇنداقمۇ؟
    نۇرغۇن ئوغرى بوپقالغان بالىلارغا جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئوغىرلىقنى ئۆگەتكەن، شۇنداقمۇ، بولمىسا ھەرگىزمۇ بالا تۇغۇلۇپلا ئوغرى بوپقالمايتتى

  2. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    ئوغرى يانچۇقچىلارنى ئانچە مۇنچە ئەدەپلەپ قويساق ،تۇزۇلۇپ قالارمىكىن دەپ ،ساۋىداپ قويىمىز ،ھەم تۇزۇلۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ، لىكىن ساقچىغا ئاپىرىپ بەرسەك ،سىزنىڭچە ساقچى قانداق قىلار ؟؟!!! a :تازا دۇمبالاپ ،ئوغىرلىق قىلغىنىغا بۇرنى قۇلىقىغىچە تويغۇزىدۇ ، بۇ چاغدا بۇ بالا ياكى تۇزۇلۇپ كېتىدۇ ياكى جەمىيەتكە (ساقچىغا ، تاياقچىغا)ئۆچ بولۇپ كېتىپ ،يولنىڭ تىخىمىۇ يامىنىغا قاراپ ماڭىدۇ .b :ئككىسى ئاداش چىقىپ قىلىپ ، ئوغرى تاپقان پۇلىدىن ساقچىغا زاكات ئايرىيدىغان بولىدۇ ،بۇنداقلارنى سىز ئالدى ئشىكتىن ئەكىرىپ بەرسىڭىز ، كەينى ئشىكتىن يىنىپ چىقىۋىرىدۇ ، بەلكىم سىزدىنمۇ بۇرۇن چىقىپ قىلىشى مۇمكىن .c:قانۇن بۇيىچە ئش بىجىرەر …………..
    بۇ ئىش ئالدىدا ئائلە —-مەكتەپ —-جەمىيەتنىڭ —-تۇزۇم قاتارلىقلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇليىتى بار
    ئەگەر ھەر بىر ئادەم ،مەمۇرىي خادىم ئوز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىدىغان بولسا ، نە قەدەر ياخشى بولاتتى ھە .

    • بەندورا مۇنداق يازغان:

      مۇسۇلمان بولغان ئادەم باشقىلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك دەيدۇ.ئاددىيسى ئاتا-ئانىنىڭمۇ بالىسىنى ئۇرۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس. خەقنىڭ بالىسىدا ئانىمىزنىڭ ھەققى بارما ساۋىدايدىغان؟

  3. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    ىمېنىڭچە بولسا، ئۇنداق ئوغرىنىڭ قولىنى چېقىۋىتىش كېرەك، ئۆزى بىر ئەرنىڭ پۇشتى تۇرۇپ ھالال پۇل تاپماي، خەقنىڭ يانچۇقىغا قول سۇنغاندىكىن، ئۆلگۈچە ياتاق بەرسىمۇ ھەق. ئۇنداق گۇيلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ساقچىخانا تونۇش بولۇپ كەتكەن. ئۇلار پۇل ئوغۇرلىيالماي، قايىتقان تەقدىردىمۇ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خوجايىنلىرى تەرىپىدىن تاياق يەيدۇ. مەن بىر نەچچە قېتىم كونسۇل كوچىسىدا بىرنەچچە كاڭكىۋاشنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېتىلىپ بارغىلى تاسلا قالغانىدىم. ئەگەر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا شۇنداق بىر بەلگىلىمە بولىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قولىنى كېسىپلاۋەتسەك، ئاندىن بۇ ئىشتىن قول ئۈزىدۇ. بولمىسا، كۆنگەن خۇي بۇلارنى يەنە كوچىغا چىقىرىدۇ.
    ئۆزگەرمەس ئادەم يوق ، ئەمما بۇلارغا قۇرۇق نەسىھەت كار قىمايدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئۈرۈمچى كىچىكلىك قىلسا، ئىچىكىرىگە ماڭىدۇ، ئىچكردە ئامال بولمىسا يەنە دىۋانىدەك شىنجاڭغا قايتىدۇ. بۇرۇت-ساقاللىرى بىدىدەك تۇرغىنى بىلەن ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ۋىجدانىغا قۇرت چۈشكەن نېمىلەر … بۇنداق كۆرۈنۈش ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇنداق ئادەمدىن كۆپ نەرسىنى تەلەپ قىلىشمۇ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق.

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي،يېڭى كەلگەن بىرنەچچە قېرىندىشىمنى ئېلىپ سىرىتقا تاماققا ماڭدىم،شۇ يەرگە مېڭىش جەريانىدا ئالدىغا 10 ياشلاردىكى بالىنى سېلىۋېلىپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىشىپ يۈرگەن ئىككى ئۇيغۇر يىگىتىگە كۆزۈم چۈشتى،ئۇلار ھەدەپ ئالدىمدىكى ئايالنىڭ سومكىسىغا قول سېلىشىۋاتاتتى،يېنىمدىكىلەر ماڭا قاراشتى،مەن ئۇلارنىڭ يولنىڭ يەنە بىر بېشىغا باشلاپ ئېلىپ كەتتىم.كاللامدا مىڭ خىيال،مۇشۇنداق چوڭ شەھەردە قۇتا تىرىپ جان بېقىۋاتقان قېرى بوۋايلارنى ھەم ئۇچراتتىم،ئەمما…
      سەئۇدى ئەرەبىستاندا شۇنداق قىلارمىش،ئەمما،خۇسۇسەن ئۆزۈم قولىدىن كېسىۋېتىشكە قارشىمەن…

    • ئۆرلە مۇنداق يازغان:

      مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن ، مېنىڭچە يۈكسەل ئەپەندىگە كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئاشۇ ئىش بەك تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ ، مەن جەمئىيەتنى بەك چۈشەنمەيمەن ، ئەمما يۈكسەل ئەپەندىمۇ ھازىرقى جەمئىيەتنى چۈشەنمەيدىكەن ،
      سىز دىگەندەك ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرسە ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدۇ ، قىلمىشىغا قارىتا جازالىنىدىغان ئىش ھازىر كەم.
      ھېلىغۇ ئۇ ئوغىرلىق قىلغاندا ئۇرۇپتۇ بەزى ئوغرىلارنىڭ ئوغىرلىق قىلمىغان چاغدىكى ئەخلاققا سەت زىت ئىشلارنى قىلۋاتقىنىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ئۇرغىڭىز كېلىدۇ، يەنە بىرسى بىزنىڭ شەھەردە نامەرت ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ دائىم يېزىدىن كەلگەن بىچارە دېھقانلارنى قاقشىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، يۈرۈش-تۈرۈش ،كىيىملىرىگە قاراپ دىھقانلارنى ئەڭ ئاۋال قۇرۇتىدۇ ئۇلار.

  4. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    بۇ ھەقىقى بولغان ئىشمۇ؟ ئۈرۈمچىدە ئوغرى ئۇچراتمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ، ياكى مەن سىرتقا كۆپ چىقمايدىغان بولغاچقا شۇنداقمۇ بىلمىدىم.

    • رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

      بەلكىم 7.5 دىن كىيىن تۇزۇلۇپ كەتكەندۇ . مەن ئۇرۇمچىدە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا(2002-2008) تولا كۆرۇپ ، بەك قورقۇپ كەتكەن ،يا توسالمايمەن ،يا جىم تۇرالمايمەن ، قەلبىم بەك زىددىيەتلىك بولۇپ كېتەتتى .
      تەدبىركارغا چاقچاق :مەكتەپتىكى ئشلارغىلا تەدبىرلىك بولۇپ كەتمەي ،مۇندا تالادىكى ئشلارنىڭمۇ تەدبىرىنى قىلغاچ تۇرىلى ،ئۆردىكىنى يىسەڭ ،غىزىنىڭ پىيىدا بول دىگەن گەپ بارغۇ ،

  5. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    ئاشۇ بالىلارغىمۇ جەمىيەتتىن بىر كىشلىك ئورۇن بېرىلسە جېنىنى بېقىپ ئېشىنغىدەك مۇئاشتىن بەھرىمان بولالىسا شۇ يولغا كىرىپ قالماستى، مېنىڭچە ئوغۇرلۇق قىلسا تىلەمچىلىك قىلغاندىن ياخشىراق

  6. بىرسى مۇنداق يازغان:

    ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺴﯩﺰﻏﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ!!!!! ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯩﻘﯩﯔ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻤﯘ ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻏﺪﺍﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻣﺴﯩﺰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﻮﻗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯩﭙﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯩﻼﻧﯩﺘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ!!!! ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﻳﻠﻰ، ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ- ﺑﯩﺮ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﻛﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﯩﺘﯩﭗ ، ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﭗ 10 ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﻼ ،“ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ“ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ”ﭼﯩﯟﻩﺭ“ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻏﺪﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ،ﺑﯩﭽﺎﺭﻯ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻱ،ﺑﺎﻻ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﺯﯗﭖ-ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﺷﯘ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻤﯘ؟
    ﺳﯩﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﯘﯞﯗﺯﺩﺍ ﻳﻮﻧﺠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ”ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭ“ﮔﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ.
    ﻏﯘﺭﯗﺭﺩﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﻏﯘﺭﯗﯛﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯩﺸﻪﻛﺘﻪ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﺪﺍ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﻳﻮﻕ!!!! ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﻧﯩﻤﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ؟ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ!!!!

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯘﻡ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﻣﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻳﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻢ ، ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ! ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭﭼﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﻏﺮﻯ – ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ – ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﮕﻪ ﺯﯦﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻳﯘﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺯﯨﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.
      ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﻏﺮﻯ – ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ! ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﻮﻏﺮﻯ – ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﻩﻣﺪﯗ ؟ … ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ….

      < < ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻕ >> < < ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﻧﻮﻣﯘﺱ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﻣﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﻏﯘﯞﺍ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﯞﻩﺯ ﺳﯚﺯﻟﮕﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﯩﻐﺴﺎﻡ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ . ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻮﻏﺮﻯ – ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ! ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﯔ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﯖﯩﺰ ﻳﻮﻕ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻕ – ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ….

  7. قۇياش مۇنداق يازغان:

    رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بىر ئوغرى سەنشىخاڭزىدىكى بىكەتتە بىر دەمدىلا يانچۇقۇمدىن 2100 كوي پۇلنى ئوغۇرلىۋاپتۇ. ساقچىغا مەلۇم قىلدىم. يېزىپ قويۇپ كارى بولمىدى. پۇلنى يۈتتۈرگەن يەردىكى دائىملىق ئادەملەردىن ياردەم سوراپ ئۇچۇرىنى بەرگۈچىلەرگە مىڭ يۈەن بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئاخىرى يېقىن ئەتراپتىكى بانكىدىن يەنە نەچچە قېتىم پۇل ئېلىپ شۇ ئەتراپنى قۇرۇق چۆگىلەپ يەنە بىر قول سېلىشىنى كۈتۈپ بىر كۈن چۆگىلىدىم. خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىمەنكى ئەگەر بىرەرىنى تۇتىۋالغان بولسام ئۇ دۇنيانىڭ دوزىخىنى كۆرسىتىپ قوياتتىم. ئاندىن بېرىپ ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمىسىدا ياتاتتىم.
    ئوغرىنىڭ كىچىكىمۇ،چوڭىمۇ ئوغرى. كىچىكى چوڭ بولسا چوڭ ئوغرى بولىدۇ. بۇنداقلارغا رەھىم قىلماسلىق كېرەك. تۇتىۋالغان يەردە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ يۈرمەي.‹‹جېنىم ئانا………››دەپ توۋلىغۇچە ئۇرۇش. ئوغرىلىق قىلغان پۇت قوللىرىنى ئوشتۇپ تاشلىۋىتىپ ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلالمىغۇدەك قىلىۋىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغۇچى ئوغرىغا ئاللا يولىدا ياردەم قىلغان بولىدۇ.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻮﺭﯗﺭ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻕ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯜﺯﻩ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

      • ئۆرلە مۇنداق يازغان:

        ئەگەر قانۇن ئورگانلىرى ئاشۇ ئوغرىلارغا قانۇن بويچە جازا بەرگەن بولسا ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغان بولسا چۈشەنچىلىرىمىزنى يۈزە دىسىڭىز مۇۋاپىق بولاتتى ، ئاشۇ 2100 يۈەن يۈتكەن چاغدا ئۇنىڭ قانچىلىك ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئۆزىدىن باشقىسى بىلمەيدۇ . ئۇ بەلكىم ئاشۇ پۇل بىلەن پالان ئىشىمنى پۈتتۈۋالىمەن ئەمدى دەپ ماڭغان بولغىيتى ،2100 يۈەنغۇ چېغى كەلگەندە كۆپ پۇل ئەمەس ئەمما يېزىدىكى دېھقانلار ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل ،ئۇيغۇردا بىر يىل دېھقانچىلىق قىلىپ يەيدىغان ئاشلىقىدىن باشقا دەردى يوق نەق 2100 يۈەن قولۇمغا ئېشىپتۇ دىيەلمەيدىغانلىرى نۇرغۇن. ھازىر دېھقانلار باي بولدى دەيمىز ، ئەمما باي بولغانلىرى ، تېلۋۇزۇرلاردا كۆرسىتىلۋاتقان ئۈلگىلىك دېھقانلار پەقەت ،پەقەتلا بىر قىسمى خالاس . مۇشۇ نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئوغرىلاردا ۋىجدان ، غۇرۇر ناھايتى ئاز ،يوق دىسەكمۇ بولىدۇ. ئاشۇ بىچارە يۈتتۈرگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى ئۇلار خوجايىنىغا تاپشۇرىدۇ ، ئۆز ئالدىغا قىلغانلىرىچۇ ؟ ئاشۇ كۈنى كەچتە بىر نەچچىسى يىغىلىپ ئىچىپ ، چېكىپ ، ئويناپ بىر كۈندە تۈگىتىدۇ .

  8. قۇياش مۇنداق يازغان:

    يامان ئوغرىدىن بىرنى ئادەم قىلىپ بېقىپ ئاندىن يازسىىز بوپتىكەن بۇ تىمىنى

  9. قۇياش مۇنداق يازغان:

    رۇزى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى بىر ياخشى دوستىمىزنىڭ سانتانا ماشىنىسى ‹ماشىنىدا ئون بەش مىڭ يۈەن نەخ پۇل بار› يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغىلى باردۇق. نامازشام بىلەن ماشىنىنىڭ خەۋىرى كەلدى. ئوغۇرلانغان يەردىن ئەكەلگۈچە بىردەم ساقلاپ تۇردۇق. شۇ ئەسنادا ساقچىخانىنىڭ ھويلىسىدا 21-26 ياشقىچە ئۈچ بالا يالاڭلىياق تۇراتتى. ئۇلار بىرنىمىگە ئالدىراپ تۇراتتى. ئۇقسام بىر ساقچى تۇتۇۋېلىپ ئەكىرىپ قويۇپتۇ. ئەگەر ئۇلارنى تۇتىۋالمىسا نۇرغۇن ئادەمنىڭ پۇلىنى سىيرىۋىتەرمىش. راس دىگەندەك بىرى بۈگۈن ئىككى يۈز مىڭغا ئويناپ قوياتتۇق دەپ ئەپسۇسلاندى. ئاڭلاڭ! ئىككى يۈز مىڭ….. ئۈچ ئوغرىنىڭ بىر كۈنلۈك ئوغۇرلۇق قىلغان پۇلى. شۇ پۇللار سەۋەبىدىن نەچچە جان دوختۇرخانىدا پۇل يوق جان بېرىدۇ، نەچچە ئائىلىنىڭ ئىگىلىكى ۋەيران بولىدۇ،نەچچە ئائىلە ئوتتۇز كۈن رامىزان تۇتۇپ ئىنتىزارنىق بىلەن كۈتكەن روزا ھېيتنى پەرىشان،سېرىقتال،قەرىزدار بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ؟ نەچچە يۈزلىگەن ئائىلىنى قان يىغلىتىپ ئوغرىلىغان پۇلنى قايسى مەسۇم قىزغا خەجلەپ بېرىپ يولدىن چىقىرىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن قانچىلىغان قىزلار جالاپ بولىدۇ؟ پۇلى ئوغرىلانغان قايسى قىز يوقاپ كەتكەن پۇلىنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن يولدىن چىقىدۇ؟ بۇنىڭغا كىم مەسئۇل؟ ئەگەر ئاشۇنداقلار ئالدىڭىزغا سارغىيىپ كېلىپ قالسا قانچىلىك ياردەم قىلارسىز؟ ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويۇشقا قۇربىڭىز يىتەمدۇ؟ تورغا چىقىپ يازالىغان بىلەن ئەمىلىيەتتە قىلالىسا ھىساپ.

    ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻕ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ دەپ قاپسىز. قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق باشقىلانى قان يىغلىتىپ تۇرۇپمۇ قوغدىلىدىغان ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ. ئوغرىلار ئۆلسۇن! ھارامخورلارنىڭ ئاشۇ تاپقان ھارام دۇنيالىرى زەھەر بولۇپ ئاغزىدىن يىرىڭ ئېقىپ ئۆلسۇن……..

    سىز ئەخلاقلىق،زىيالى ئادەم. شۇڭا يازغانلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن. لېكىن بەزى زورلاپ يازغان يازمىلىرڭىز،قىسمەن يازمىلىڭىزدىكى سەنئەتسىز،تۇزسىز پاراڭلار سىزنىڭ ھەقنى سۆزلەيدىغان ئالىجاناپ يىگىت ئىكەنلىكىڭىزدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۆتكەن يىللىرىمۇ ئاجايىپ يازمىلارنى يېزىپ يۈردىڭىز. شۇڭا دەيمەن. ساددا بولساقمۇ بولايلى بىراق ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايلى.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئىككىمىزنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى كۆزىتىش نۇقتىمىز ئوخشىمايدىكەن. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان مەدەنىي ئەلدە جىنايى قىلمىشلارغا جازا بېرىش ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ خاس ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەك. باشقا شەخس ۋە ئورگانلار بۇنىڭغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. بولمىسا جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. سىز تىلغا ئالغان قولىنى كېسىدىغان ئىسلام شەرئىتىدىمۇ ئوغرىنى تۇتىۋالغانلا كىشى ئوغرىنىڭ قولىنى كېسەلمەيدۇ. ئۇنى ئالدى بىلەن مەھكىمە شەرئىيگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ، قازى ئۇنىڭ جىنايتىنى دەلىل – پاكىت ۋە گۇۋاچىلار ئارقىلىق دەلىللىگەندىن كېيىن ئاندىن شەرىئەت بويىچە قولىنى كېسىش ھۆكۈمىنى كېسىدۇ. ھۆكۈممۇ مەھكىمىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مال يۈتتۈرگۈچى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنمايدۇ.
      مەلۇم بىر جىنايى قىلمىشقا بولغان غەزەپ – نەپرىتىمىز بىزنىڭ ئەقىل كۆزىمىزنى توساپ قويماسلىقى لازىم. سىز ئېيتقاندەك ئوغرى دەپ گۇمان قىلىنغانلارنىڭ قول – پۇتىنى ئۇشتۇپ ‹‹ ئاللاھ يولىدا ئۇلارغا ياردەم ›› قىلغىلى تۇرساق ، جەمئىيەتتە تەرتىپتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولارمۇ ؟ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەنە شۇ ‹‹ ئوغرى ›› گۇمانى بىلەن قول – پۇتى ئۇشتىۋېتىلىپ ‹‹ ئاللاھ يولىدىكى ياردەم ›› ئېرىشكەن ئېنى – سىڭىللىرىمىز قانچىلىكتۇ ؟ … ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىزنى كوچىدا ئۇچرىتىپ قالسام يوق بىر باھانە بىلەن سىزگىمۇ ‹‹ ئاللاھ يولىدا ياردەم ›› قىلىپ قويسام بۇنىڭغا نېمە دەيسىز ؟! ….
      مەسىلە ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئەمما، مەن سىزنىڭ مەن ۋە يازمىلىرىم ھەققىدىكى تەنقىدلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن.

  10. قۇياش مۇنداق يازغان:

    قانۇن ئىدارە قىلىنىدىغان بۇ جەمىيەتتە ئوغرىلىق دىلولىرىنىڭ نەچچە پىرسەنتى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى سىزگە ئايان بولمىسا كېرەك. باشقىلارنى قويۇپ ئۆزەمنى مىسالغا ئالسام دۇكككىنىمغا كىرگەن ئوغرىنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بەرسەم ئەتىسى قويۇۋەتتى. تالادا يانچۇقچىنى تۇتۇپ بەرسەم يېرىم سائەتتىن كىيىن قويۇۋەتتى. ئوغرىنىڭ ئالدىدا دۈشمەنلىك بولۇپ قېلىپ بالاغا قالدىم. ئالدىدا مىسالغا ئالغان ماشىنىنى ئوغرىلىغان ئوغرى ماشىنىنى تاشلاپ قاچقاندا كىملىكىنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قېلىپ قېچىپتىكەن. شۇ ئوغرى ھازىرغىچە تۇتۇلمىدى. ئۈرۈمچىدە پۇلۇمنى ئوغرىغا بەرگەندە دىلو مەلۇم قىلغان. نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلدىم. ‹‹ئوغرىنى تۇتقاندا خەۋەر قىلىمىز››دەپ جاۋاپ بەردى. ساقچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تونۇش بالىلاردىن سورىسام ئوغرىلىق دىلولىرىنىڭ پاش بولىدىغانلىرى ئوغرىنى ئۆزى تۇتۇپ ئاپىرىپ بەرگەنلەر. ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئوغرىلىققا چۈشكەنلەر. قالغانلىرىنى دىلو مەلۇم قىلسىمۇ خاتىرلەپ قويۇپ كارى بولمايدىكەن.مانا بۇ سىز ئىشەنگەن قانۇن. ھېچكىمنىڭ قانۇن ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلغۇدەك يۈرىكىمىز يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ چوڭ قازى زىيانلانغۇچى بۇلۇشى كېرەك.چۈنكى جەمئىيەت تەرتىۋىنى بۇزىۋاتقانلار ئوغرىلار. ھەرگىزمۇ يولدا كېتىۋاتقان ئادەم ئەمەس.

    دۆلىتىمىزدە شەرىئەت ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. قانۇننىڭ ئەھۋالى مۇشۇ. ئوغرىنى قانۇنغا تاپشۇرسا قويۇۋەتسە، شەرىئەتكە تاپشۇرسا ئېتىراپ قىلىنمىسا، ئۆزى جازالاي دىسە كىشىلىك ھوقۇق دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىسا، ئوغرىلار مۇتەھەم، ئوغرىغا بەرگىنى بىچارە…… تازا ئوغرىلىق قىلىدىغان زامان بوپتۇ……… شۇنداقمۇ؟

    ئاخىرقى سوئالىڭىزغا مېنى ئەمەس ئوغرىنى مىسالغا ئېلىڭ. مەن ئوغرى ئەمەس. يەۋاتقان رىسقىمنى ھالال تېپىپ يەۋاتقان مۆمىن بەندە.

  11. مەھمۇتجان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلنىڭ دىگىنى توغرا، بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرسى قاتتىق تاياق يەۋاتقاندا ئىچ ئاغرىتىشى كىرەك.
    بولۇپمۇ ئۆز قىرىنداشلىرىمىزغا. بۇ ئوغرىلار ئەگەر پۇلغا مۇھتاج بولمىسا ھەرگىز ئوغۇرلىمايدۇ، ئوغۇرلىغان قىتىم سانى كۆپىيشىگە ئەگىشىپ، ئوغىرلىق كەسىپ بوپ قالىدۇ، يىنى بىرخىل پىسخىكىلىق كىسەلگە ئايلىنىدۇ.
    بىز بۇ خىل مەسلىلەرگە ئىلمى ۋە ئادىمىلىك بىلەن قارشىمىز كىرەك، يۈكسەل دىگەندەك ھەممىمىز ئادەم، بىر ئاللاھ ياراتقان. ئەگەر قوقاتقانغا ياكى، بىرە يىرىنى چىقىۋەتكەنگە تۈزىلىدىغان ئىش بولسا ئاشۇ ئوغرىلار ئاللابۇرۇن تۈزىلىپ بولغان بولاتتى، چۈنكى ئۇلارنى ساقچىلار ھەرقىتىم تۇتىۋالغاندا جىنىدىن چىقىپ كەتكىدەك ئۇرىدۇ، مەن بۇنى كۆگەن.
    ئادەم ھايۋان ئەمەس، قوقىتىپ كۆندۈرگىلى بولمايدۇ، ئاشۇ ئوغرىلار ھەر قىتىم تۈرمىدىن چىققاندا، مۇشۇندا تاياق يىگىنىگە چۇشلۇق كىيىن تىخىمۇ كۆپ ئوغىرلاشقا قەسەم ئىچىپ چىقىدۇ.
    بىز بىر بەندە، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق، ئۇنداق ئىشلارنى ھەربىر كىشى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى قىپ قىلىشى مۇمكىن، لىكىن مۇھىمى شۇنىڭدىن كىيىن ئاشۇ كىشىگە ئۇنداق قىلىشنىڭ قانچىلىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشى، ئۇرۇپ دۇمبالىساق، ئوتقا ماي چاچ قاندەك بولىدۇ.
    ئەمدى كەلسەك، ئۇلار نىمىگە مۇھتاج؟ ئۇلار بىر پىسخكا دوختۇرىغا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان،ئۈلگە قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى توختا، ئۇنداق قىلساڭ خاتا دىيىشىگە مۇھتاج،بىر روھى يىتەكچىگە مۇھتاج، بىر نورمال تۇرمۇش مۇھىتىغا مۇھتاج، كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىشىگە، سۆيىشىگە مۇھتاج، خۇددى بىز ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ بىزنى ھۆرمەتلىشىشىگە، پۈتۈن دۇنيانىڭ بىزنى بىلىشىگە ۋە بىزنى گە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولغاندەك. ئۇلار تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، باشقا باردىغان يىرى يوق، يەنە شۇ باشقا ئوغرى يانچۇقچىلارنىڭ قىشىغا قايتىدۇ،يەنە شۇ ھىچ كىشى كۆڭۈل بۆلمەيدىغان،سوغاق-قاراڭغۇ دۇنياغا قايتىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا ئۇلار قانداقمۇ ئۆزگىرەلىسۇن؟!!
    بۇ ئوغرىلارنىڭ، ياكى بىر قانچە كىشىلەرنىڭلا مەسلىسى بولماستىن بەلكى بىر چوڭ ئىجتىمائې مەسىلە، ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىشىمىز كىرەك. ئوغرىلارنى تۇتۇپ ئاپىرىپ تىخىمۇ ئەسكى كىشىلەر بىلەن بىللە سولاپ قويماستىن، ئۇلارنى مەخسۇس تەربىلەش ئورۇنلىرىغا ئاپرىشى كىرەك، بولۇپمۇ ئۆسمۈر ئوغرى-يانچۇقچىلارنى، ئۇلارنى سىستىمىلىق ۋە ئىلمى ھالدا تەربىيە قىلىپ داۋالاش كىرەك، دىننى بىلىملار چىڭ تۇتۇپ ئۈگۈتۈش كىرەك، ئىمان بولغاندا، ئاللاھقا چىن دىلىدىن ئېشەنگەندە، ئاللاھ قىلماڭلار دىگەن ئىشنى قىلمايدۇ.
    مەن يۇقىرىدا دىگەن نەرسىلەرنى بىز بىرەلەمدۇقمۇ؟ بىز قانچىلىك بىرەلىدۇق؟ جەمىتىئىتىمىز قانچىلىك بىرەلىدى؟
    بىز ھازىر ئەكسىنى بىرىۋاتىمىز، ھەم جەمئىتىمىزمۇ ئۇلارنى قويىغا ئالمىدى. يەنى بۇ ئىشلاردا بىزنىڭمۇ ۋە جەمىئىتىىزنڭمۇ چوڭ مەسئۇلىيىتى بار.
    ئەمدى بۇ ئىشلارنى تۈپتىن تەتقىق قىپ كەلسەم، جىنايەت ئىلمى، جىنايەت پىسخىكىسى، جەمىئەت ئىلمى، قانۇن قاتارلىق بەك كۆپ ئىشلارغا تۇتىشىپ كىتىدۇ.بىز يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىپ كىتىدىغانغا ئىمكان يوق،شارائىت يوق؛ ئەمدى بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماس كىلىدىغان بىر ياخشى ئامال تىپىپ ئاشۇلارغا ياردەم قىلالىساق، بارا-بارا ئۇ مەسلىلەرمۇ ھەل بوپ قالاتتى….

    ئامرىكىدا، جىنايەتچىلەر تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن، تۈرمىدىكى دوسلىرى ۋە بۇرۇنقى بىللە جىنايەت سادىرقىلغان شىرىكلىرى بىلەن كۆرشىشى چەكلىنىدۇ، يەنى قانۇن ئارقىلىق ئۇلارنى ناچار مۇھىتتىن ئارىپ تۇرىدۇ.
    مەن تۇرىۋاتقان يەدە(ياۋرۇپادا)، سىز ئەگەر ئوغرىنى تۇتىۋىلىپ ئۇرسىڭىز، ئوغرىنى سولىماي، سىزنى تۈرمىگە سولاپ قويىدۇ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ھەممە نەرسىگە سۇغۇرتا ئالىدۇ، نەرسىىسىنى ئوغرى ئالسا ئۇدۇل سۇغۇرتا شىرىكىتىنى ئىزدەيدۇ، يۈتكەن پۇلنى ۋە نەرسە كىرەكلىرىنى سۇغۇرتا شىىركىتى ئۆزباھا بويچە قايتۇرۇپ بىرىدۇ،كومپىيۇتىر قاتارلىق يۈتۈپكەتكەن نەرسىڭىز يىڭىلىنىپ قالىدۇ تىخى. شۇڭا سۇغۇرتا ئالماي، نەرسەمنى ئوغرى ئالدى دەپ قاخشىسىڭىز، ساقچى سىزنى نىمىشكە سۇغۇرتا ئالمىغان دەپ ئەيىپلەيدۇ، كۆپىنچى ۋاقىتلاردا ساقچى ئوغرىنى تۇتالماي قالىدۇ، تۇتسىمۇ كىمنىڭ نەرسىسىنى ئوغىرلىغانلىقىنى بىلىپ بولالمايدۇ، چۈنكى قىيناش قانۇنغا خىلاپ. غەرىپ ئەللىىردە ئاشۇنداقلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇكەممەل بىر سىستىمىسى بار، ئۇنى كىيىن ئايرىم تىما يىزىپ چۈشەندۈرەمەن.

    ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئاسانلىق بەرگەي!

  12. سۈرخان مۇنداق يازغان:

    ئەينى چاغدا ئامىرېكا ئەلباشىنى قەستلىگەن جىنايەتچىنىڭ نەق مەيداندا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىشى ھەممىڭلارنىڭ يادىدا بولسا كېرەك.
    پۇقرانىڭ ئېڭىدا قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇش قىسقا مۇددەتتىلا تامام بولدىغان ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ ئەخلاققا زىت بولغان قىلمىشنىڭ قانۇندا جىنايەت سانالمايدىغان چاغلىرى بولىدۇ. مەسىلەن زەھەر چېكىش، ئىپپىتىنى سېتىش دېگەنلەر (ئەمما مەمۇرىي باشقۇرۇش نىزامنامىسى دېگەندەك يەرلىك قائىدە تۈزۈملەر بۇنىڭ سىرتىدا).
    ئەلۋەتتە قانۇننىمۇ ئادەم تۈزگەن، سەۋەنلىكتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەگەر سىز 14ياشتىن يۇقىرى ئەركەكلەرنى ئالداپ ئېچىقىپ سېتىۋەتسىڭىز بۇ ھەرگىزمۇ جىنايەت سانالمايدۇ (قانۇندا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش دەپ جىنايەت نامى بار، ئەمما بايا دېگەندەك 14ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنى ئالداپ سېتىش قىلمىشى توغۇرلۇق بايان يوق). شۇ سەۋەپلىك قوغدىلىشقا تىگىشلىك ھوقۇقلار قوغدىلىشقا ئېرىشەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا مەۋجۇت.
    دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە. شۇ سەۋەپتىن جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەت ناملىرىمۇ زىكرى قىلىنغان. مەسىلەن قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايىتى دېگەندەك. (بۇ گىپىمگە يەرلىكتىكى قانۇن ئىجراچىلىرىنى تەمسىل قىلىپ رەدىيە بەرمىگەيسىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرنىڭ قانۇن ئېڭى ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ).
    ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ جىنايەت سوممىسىنى ئاساس قىلىدىغان جىنايەت(ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 5000سوم، بىزنىڭ رايونىمىزدا 2000-3000سومغىچە) دېمەك ئوغۇرلىغان پۇلى ياكى مالنىڭ قىممىتى شۇ چەككە يەتسە ئاندىن شۇ جىنايەت بويىچە جازالىغىلى بولىدۇ. بولمىسا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تورداش دېگەندەك ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدۇ خالاس. قانۇندىكى مانا بۇ ھالقىمۇ جەمئىيىتىمىزدە ئوغرى يانچۇقچىلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئامىلى بولۇپ قالماقتا.
    قانۇن بىلەن جازالىساق ئۆزىمىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەندىكىن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزى شەخسەن جازالاش ئېڭى شەكىللىنىدۇ ئەلۋەتتە. گەرچە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، قەدىر-قىممىتى بولسىمۇ يەنىلا مۇشۇ يولنى توغرا دەپ قارايدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ھەتتا ماڭا ئوخشاش قانۇن ساھەسىدە نان تېپىپ يەيدىغانلارمۇ مۇشۇ ئويدا

قۇياش 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟