نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مۇنەۋۋەر پىداگوك، ئەل سۆيگەن يازغۇچى مەرھۇم ئەنەيتۇللا قۇربان توغرىسىدا

ياشنا بلوگى تەييارلىغان

ئەنەيتۇللا قۇربان 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى توقسۇن ناھىيسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966 -يىلى 9-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1966-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق يېزا گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1973-يىلى 7-ئايغىچە ئېلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 4-ئايغىچە توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1976-يىلى 4-ئايدا توقسۇن ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئىمتىھان بېرىپ دىكتور ھەم مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاخبارات ژانىرلىرى بويىچە ئاشۇ چاغدا باشلانغان. كېيىن ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىغا يۆتكىلىپ، 1978-يىلى 3-ئايغىچە ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن. 1977 -يىلى 3-ئايدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئەسلىگە كەلگەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.

ئەنەيتۇللا قۇربان 1983-يىلى 2-ئايدا ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. ئۇ ئۇنۋىرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ مۇنبەردىن ئايرىلماي كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ تولۇق كۇرس ۋە مەخسوس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئەمىلى يېزىقچىلىق»، «ئىقتىساد يىزىقچىلىقى»، «ئەدەبى يېزىقچىلىق»، «مەمورى خەت-ئالاقە يېزىقچىلىقى»، «كاتىپلىق ئىلمى»، «كاتىبات يىزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى تەتقىقاتى»، «سۆز قابىليىتى ۋە ناتىقلىق»، «ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە قائىدە يوسۇن ئىلمى»، «پىلانلاش ئىلمى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى. بەزى دەرسلەرنى ئۆزى يېڭىدىن ئاچتى. ئۇ يەنە «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «يېزىقچىلىق كونسىلتاتسىيە كىتابى»، «ئالىي مەكتەپ تىل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى.

ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ «يىللارغا جاۋاپنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى»، «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى»، «ئەقلىيە سۆزلەر ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ ئىلان قىلدى. بىر قىسىم ماقالىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى.

ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە رەسمى باشلاندى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق نەسر، شېئىر، ھېكايە بالىلار ئەسەرلىرى، تىپىشماق، چۆچەك، ئەقلىيە سۆز قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا مەلۇم ساندا تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلدى: «ھايات بەيگىسىدە»، «بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى»، «تاللانغان ماقالىلار»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق توپلاملارغا ۋە دەرسلىك كىتاپلارغا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ «ئىككى تامچە ياش»، «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ئويغانغان چۈش» قاتارلىق نەسر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.

ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى شىنجاڭ ئونۋىرسىتى «211 قۇرۇلىشى» نى ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمىتىدە ئىلغار شەخس بولۇپ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى پارتىكومى تەرىپىدىن «ئىلغار يازغۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق كىنو-فىلىم تارقىتىش قويۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئىلغار كىنو ئوبزورچىسى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئى ئىنكاسى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، «قېنىمىز ئوخشاشلا قىزىل، ئوخشاشلا قىزىق» ناملىق ئەسىرى ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «نۆل» ناملىق نەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.1996 -يىلى «شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى شىچۈەن لياڭيى ئىلغار ياش ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، «لىرىك سۇژىت ھەققىدە» ناملىق ئىلمى ماقالىسى جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىلمى ماقالە» مۇكاپاتىغا، «قۇياشقا تۇتاشقان ئويلار» ناملىق ئەسىرى «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.

ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 غا يېقىن ئۈرۈمچىدە 53 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

تۆۋەندە ، مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ بىرقانچە ئەسىرى بېرىلدى. مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن!

مۇقەددەس سۆيگۈ، شىرىن ئەسلىمە

(نەسر)

بۇ مىليون يۈرەكلەرنىڭ پاك ھەم پاكىزە قېتىدا ئۆزىنىڭ ئەبەدى ئۆڭمەس، ئۆزگەرمەس ئوبرازىنى قالدۇرغان سۆيۈملۈك ماكان؛ بۇ مىننەتسىز مېھنەت ئىگىلىرىنىڭ تىنىمسىز ئەمگىكىدە، بېغىشلاش روھىدا قېزىلغان مەرىپەت چەشمىسىدىن تەشنالارنىڭ چاڭقاق تىلەكلىرىگە زەم-زەم تامدۇرغان بۇيۈكلۈك بالقىغان ماكان، بۇ يۇلتۇز تۇغىدىغان، قۇياشقا ھارارەت بېرىدىغان، تاغلارغا چىدام، زىمىننىڭ يېشىل ياشىرىشى ئۈچۈن يىلتىز يايىدىغان خىسلەتلىك ماكان؛ بۇ يۈرەكلەردىن-يۇرەكلەرگە سىرغىش بېرىدىغان، سىڭىش بېرىدىغان، تىلەكلەرگە كۈلۈش بېرىدىغان، قېنىش بېرىدىغان، تەقدىر يولىنى ئاشۇنداق ئوڭلايدىغان، ئىستىقبال قەدەملىرىنى زەپەر قۇچاقلىرىدا گۈلگە ئورايدىغان ماكان. بۇ قانچىلارنىڭ ئۈمىد شامىغا ئوت ياققان جاي، قانچىلارنىڭ ئارمانىغا پەرۋاز بولغان جاي، شۇنداق، بۇ مېھنەت، مەرىپەت، سۆيگۈ مۇھەببەت قىيامىدىن قوپۇرۇلغان مەڭگۈلۈك پىرامىدا، بۇ، ئەڭ سەبى-سەمىمى كۆزلەردىن چاقنىغان ئۆچمەس نۇر ماياك؛ بۇ، يۈرەكلەردىن يۈرەكلەرگە كۆچىدىغان ئۆچمەيدىغان ئوت، سۇغۇلماس ئېقىن، سوۋۇماس يالقۇن…

بۇ، مەرىپەت مەشئىلى. ئۇنىڭدىن نۇر تارايدۇ، ھارارەت تارايدۇ؛ ئۇ تۈنلەرنى يۇتۇپ تاڭ چىللايدۇ؛ ئۇ ئەتراپىغا يېشىل-يېشىل بوستان ئورايدۇ؛ ئۇ سەبىيلەردىن تۇيۇمسىز تەلپۈنۈش-ئىستەك تىلەيدۇ، پىداكار قەلىبلەردىن مىننەتسىز مېھنەت سورايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئەڭ سەمىمى كۈيىدىغان يۈرەكلەر بار، ئەڭ تۇيۇمسىز كۈلىدىغان تىلەكلەر بار، ئەڭ بېسىلماي قىمىلدايدىغان ئىستەكلەر بار. ئىستىقبالنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇشۇ يەردە، تەقدىر قىسمەتنىڭ يىشىمى مۇشۇ يەردە، پارلاق كېلەچەكنىڭ ھۇلى مۇشۇ يەردە قوپۇرۇلغان، مېھىرلىك سايە تاشلايدىغان بوستانلارنىڭ يىلتىزى مۇشۇ يەردە بىخلىغان، ئالەمگە تۇتاشقان تارام-تارام يوللار مۇشۇ يەردىن باشلانغان. شۇنداق، بۇ بىلىم بالقىيدىغان بۇلاق، سۆيگۈ بېرىدىغان يۈرەك، ئەڭ ھالال ئەجىر مېھنەتتە ئەبەدى خازاڭسىز كۆكلەيدىغان گۈلۈستان.

مانا بۇ بىزنىڭ ئانا مەكتىۋىمىز ھەقدالىق ئىستىگىمىز، مەڭگۈلۈك مېھرىمىز، مۇھەببىتىمىز سىڭىپ كەتكەن سۆيۈملۈك ماكان، قەلب رىشتىمىز ئەبەدى ئۈزۈلمەيدىغان، يۈرەك بېغىشىمىز مەڭگۈ-مەڭگۈ باغرىغا باغاشلىنىپ قالىدىغان شىرىن ئارمانلىرىمىز قېنىش تاپقان، گۈزەل ئارزۇلىرىمىز چېچەك ئاچقان قۇياشلىق ماكان. ئۇ، ئۇستازلارنىڭ جاپالىق ئەجىر مېھنىتى بىلەن شاگىرتلارنىڭ قانماس ئارزۇ ئىستەكلىرى يۇغۇرۇلغان خاسىيەتلىك داستان، ئۇ، مىليون دولدۇللارغا جەڭگاھ بولغان، ئۇيغاق بۈركۈتلەرگە ئۇچۇم بەرگەن، يورۇق يۇلتۇزلارغا يەم بەرگەن، ھارارەت بەرگەن خىسلەتلىك بوستان. ئۇ، ھەممىگە مەڭگۈ نۇرى ئۆچمەيدىغان، جۇلاسىدىن كەتمەيدىغان تاج بېرىدۇ، ئۇ ھەممىگە مەڭگۈ غۇلىمايدىغان ھۇل بېرىدۇ، سەلتەنەتىدىن كەتمەيدىغان تەخت بېرىدۇ، ئۇ ھەممىنىڭ ھۇلىغا ئەبەدى چىرىمەيدىغان يىلتىز بولۇپ كۆمۈلىدۇ، ھەممىنىڭ ئارزۇلىرىدا سۇلمايدىغان، سۇغۇلمايدىغان، غازاڭسىز گۈل پەسلى بولۇپ ئېچىلىدۇ، ئۇ ھەر قەلبتە ھاياتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك مەنىلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ، ئۇ ھەر مەزگىلدە ھاياتنىڭ باھار پەسلى بولۇپ ئېچىلىدۇ، كۈزنىڭ مەھىشەت پەسلى بولۇپ تۈكۈلىدۇ. ئۇ، ھەر ئىنسان ئىستىكىن ئاشۇنداق قاندۇرىدۇ، ھەر يۈرەكتە ھايات يوللىرىنى يورۇتىدىغان ئۆچمەس مەشئەللەرگە ئوت ياقىدۇ، ئۇ ئاشۇنداق، ئىستىقبال جىيەكلىرىگە يېيىلغان پايانداز، ئۇ شۇنداق مۇھتاجلىققا ئاپتاپ سېپىدىغان، ئەبەدى گۈللىنىش پەسلى بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ياز.

ئادەم ئانىنى ئەڭ ئۇلۇغ بىلىدۇ، ئانا دەپ تۇغۇلىدۇ، ئانا دەپ تىلى چىقىدۇ، ئانا دەپ ئويغىنىدۇ، ئانا دەپ يىغلىغاندا يۈرىكىنى باسالمايدۇ. ئانا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ مەبۇدە. ئەزىم دەريالىرىنى ئانا بىلەن تەڭ ئاتايدۇ، ئانا دەريا دەپ. كىندىك قېنى تۈكۈلگەن تۇپراقنى ئانا بىلەن تەڭ يادلايدۇ، چۆل بولسىمۇ، جەزىر بولسىمۇ جەننەتنى تەڭ قىلمايدۇ، ئانا تۇپراق دەپ، ماكانىنى شۇنىڭ بىلەن تەڭ ساناپ، بىرگە ھىساپلاپ ئانا يۇرت-ئانا ۋەتەن دەيدۇ، يۈرىكىنىڭ نېرى-نېرىدىن سۆيۈنۈپ، يۈرىكىنى سۆزلىتىدىغان، يۈرەكلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇدىغان گۈزەل تۇيغۇلىرىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىدىغان، ئارمانلىرىنى ئاشۇنداق بوستان قىلىپ ياشنىتىدىغان تىلىنى-ئالەمدىكى ئەڭ گۈزەل ھەم يېقىملىق ئاۋازنى «ئانا تىلىم» دەپ پەخىرلىنىدۇ، ئىچ-ئىچىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇنى مەڭگۈلۈك كۆكلەش يىلتىزى، ئىقبالنىڭ پاياندازى، شان-شەرەپنىڭ تاجى ھىساپلاپ. بەلكى ئانا دېگەن نام بىلەن مۇھەببەت، چىن سۆيگۈ، بۇزۇلماس قەسەم ھەم مەڭگۈلۈك ئەقىدە ئورتاقتۇ؟ بەلكى «ئانا» دەپ ئىلتىجا قىلىش بىلەن ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلار، گۈزەل تىلەك ھەم ئوتلۇق ئىستەكلەر مەھكەم يۇغۇرۇلغاندۇ؟ شۇڭا ئادەم ھەر قېتىم «ئانا» دېگەندە ۋۇجۇدى شادلىقتىن ياكى ھەسرەتتىن سىلكىنىدۇ، شۇڭا ئادەم ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئىپتىخارلىق، ئەڭ بۈيۈك ھەم ئەڭ قەدىرلىك، ئەقىدىلىك تەرەپلىرىنى، تەركىبلىرىنى «ئانا» دەپ ئاتايدۇ، ئېتىقاد مەبۇدىسى ھىسابلايدۇ.

«ئانا» دەپ چىققان تىل، «ئانا» دەپ سۆيۈنگەن دىل ئانا مەكتەپنى «ئانا» دەپ ئاتايدۇ، «ئانا» دەپ ئەسلەيدۇ، «ئانا» دەپ نىدالايدۇ، قانمايدۇ. بىز بىر چاغلاردا ئۇنىڭ باغرىغا شادلىق قەدەملىرىنى ئالغان، بىز بىر چاغلاردا ئۇنىڭ مېھرىدە ئالەمچە سۈيۈنگەن، بىز بىر چاغلاردا ئۇنىڭ ئەجرىدە بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان. بىزنىڭ ئىستىقبالغا تاشلانغان ئىشەنچ قەدىمىمىز ئاشۇنداق باشلانغان، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز شۇ چاغلاردا، شۇ يەردە ھۇل سالغان، شۇنداق باشلانغان، ئانا مەكتەپكە ئانىلىق مىھرىنى، ئانىلىق چىن سۆيگۈنى، ئانىلىق ئەجرى ۋە تىنىمسىز بېغىشلاش روھىنى بەرگەن سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمىز شۇ چاغدا بىزنىڭ جاپالىرىمىزغا تالاي-تالاي كۈمۈلگەن، گۈزەل-گۈزەل ئارزۇلىرىمىزغا، تۇيۇنماس تىلەكلىرىمىزگە ئايانماي ئۆزىنى بېغىشلىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەرەپ بىلەن ئىككىنچى سەپكە چىقتى، گاھلىرى بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىلدى. مەن ھەر قېتىم ئانا مەكتەپنى يادلىغىنىمدا، بۈگۈنكى تۆھپىلىرىمدىن شادلانغىنىمدا، باسقان يوللىرىمنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمدە، تارىخىمنىڭ ھەر بېتىدىن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك نامىنى ئىزلەيمەن، خىزىردەك ئوبىرازىنى دېرەگدەيمەن. ئىچ-ئىچىمدىن «سالام ئانا مەكتىۋىم، سالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، مېھرىبان، جاپاكەش مۇئەللىم» دەيمەن، ئۆزەمنى باسالمايمەن…

بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ باغاشىدا قايتا تۇغۇلغانلار، ئەڭ قىممەتلىك ھاياتنىڭ، ئەڭ تېيىم مەنادىكى گۈزەل پارچىلىرىنى ئۇنىڭ باغرىدا يېزىپ چىققان، ئوزاق ئارزۇ ئىستەكتە، ھەريەر-ھەريەردىن توپلىنىپ، ئورتاق تۇيغۇلاردا تۇيۇمسىز تويۇنۇپ، بىر يىلتىزدا كۆكلەپ، بىر چەشمىدىن ئۇسسىزلىنىپ، بىر بەرگىدە رەڭ تۈزگەن ساۋاقداشلىق ھاياتىمىز ئۇنىڭ ئىللىق ھەم يېقىملىق قوينىدا يارالغان.

شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر، ئاشۇ تېتىملىق چاغلار بەلكى نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ، مەكتەپداشلارنىڭ، تەغدىرداشلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك نەقىشلەنگەن ئابىدە، ھەر قېتىمقى سىنتەبېر يۈرەكلەردە شىرىن-شىرىن ئەسلىمىلەرنى غىدىقلىغاندا بالقىيدىغان گۈزەل مەنزىرە، ھاياتىمىزدىكى بۇرۇلۇش شۇ چاغدا بولدى، ھايات مۇساپىمىزدىكى مەڭگۈلۈك باھار شۇ چاغدا يۈرىكىمىزدە ئۇيغاندى. بىز شۇنداق ئارزۇدا، ئاشۇنداق تىلەكلەردە جەم بولغانتۇق. بىزنى جەم قىلغىنى بىلىم ئىستىكى، بىزنى ئۇيغاتقىنى بىلىم ئېلىش، ئىلىم پەندە قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغۋار تۇيغۇسى، ھەممىمىزدە ئورتاق كەمتۈكلۈك، شۇ دەۋىرنىڭمۇ ئورتاق ئاجىزلىقى شۇ ئىدى. شۇڭا بىز ئانا مەكتەپتىكى ھەر بىر كۈنىمىزنى، ھەتتا چىراقسىز تۈنلەرنىمۇ ئۆگىنىش بىلەن، ئىزدىنىش بىلەن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن، بەسلىشىش، رىقابەتلىشىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق.

بىز ئۇ يىللارنى ئويۇن-كۈلكىمىز بىلەن ئەمەس، يىگەن-ئىچكىنىمىز، كەيگەن ئۈستى-بېشىمىز بىلەن ئەمەس، سەيلە-تاماشا ھەم ئاجايىپ شىرىن خىياللىرىمىز، قىنىشلىرىمىز بىلەن ئەمەس، ھاياتىمىزدا مەڭگۈ ئەسلەپ قالغۇدەك، يۈرىكىمىزدە مەڭگۈ ساقلاپ قالغىدەك ئۆتكۈزدۇق. كۈنلىرىمىز شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىلىرىدەك، نۇرغا ئاشىق كىپىنەكتەك-پەرۋانىدەك ئۆتتى. ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ھەقىقەت تامىدىغان سادالىرىغا پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن كۈمۈلدۇق، كىتاپلار قېتىغا ئىجتىھات بىلەن سىڭدۇق، كۈنلەپ-تۈنلەپ دەرسخانىدىن چىقمىدۇق، بىر مولۇق ئاچچىقسۇغا چىلىغان سامساق بىلەن ئىككى ھور نانغا كۆندۇق، داق يەرگە كىگىز-كۆرپىنى يېيىپ، يەنىلا ياسىداق دالان سارايدا ياتقاندەك ئۇخلىدۇق، تۈڭگە-ياغاچ بېشىغا چىقىپ، قوش گۈمبازا، يەنە نە-نەلەردە ئەمگەك قوينىدا ئاچ-توق ئىشلەپ چېنىقتۇق، ئىگىز-ئىگىز سىتولبىلارغا چىقتۇق. يورۇقلۇق قۇرۇلىشى ئۈچۈن، مۇزدەك-مۇزدەك ئۆستەڭلەرگە چۈشتۇق، سۇ قۇرۇلىشى ئۈچۈن، يەنە تالاي ئىشلار ئۆتتى بىزدە ئەسلىمىسىگە يۆگىنىپ ئۆتكىدەك، قەلىبلەرنىڭ ئەڭ پاكىزە قاتلاملىرىغا پۈتۈپ قويغۇدەك. بەلكى قوناق ئۈزگەن چاغلارنى داۋاتقاندۇمەن؛ بەلكى تۈمۈريول قۇرۇلۇش ئورنىغا چىققان چاغلارنى دېگەندىمەن؛ بەلكى تۇرپانغا ۋالىبول مۇسابىقىسىگە بارغان چاغلار، ياكى قۇدۇق بېشىدا چاخچاق بىلەن چىلەك كۆتۈرۈپ سۇ ئىچكەن چاغلار، بەلكى ئوغۇللارنىڭ يانچۇغىدىن چۈشكەن كىچىككىنە پوسولكا ئەينەك، يۈزماي پۇراتقان يىگىتكە قىلىنغان چاخچاق، بەلكى، كونا ھەم كېسەك ياتاقلاردىكى سەبى-سەبى چاخچاق بەلكى «گۈل غۇنچىسىدىن بەخت يىلتىزىغا» دېگەن ماۋزودىكى چىن يۈرەكتىن قىلىنغان خىتاب، بەلكى… بەلكى… يەنە قانداقتۇر مەڭگۈلۈك ئەستىلىك ئىشلار مېنى شۇنداق ئويلاندۇرغاندۇ، يۈرىكىمنى سۇغۇرۇۋېلىپ شۇ چاغلارغا تاشلىغاندۇ…

ئەينى چاغلاردا بىزنى ئۆزىگە رام قىلغىنى قايناق تۇرمۇشنىڭ تۇيغۇلىرىمىزنى سىرلىق ھەم سىلىق غىدىقلاشلىرى ئەمەس؛ ئانا مەكتەپنىڭ بوستان-بوستان مەنزىرىسى، ئىگىز-ئىگىز بىنالىرى ئەمەس؛ تۈگىمەس ئويۇن-تاماشا، كۈلكە چاخچاقلارغا غەرق بولۇش شىرىن تامالىرى ئەمەس؛ ئاسفالت يوللىرىدا تاتلىق پىچىرلىشىپ مېڭىش، جۈپ-جۈپ ئىزلارنى تاشلاپ سەيلە-سايائەت قىلىش مەقسىدى تېخىمۇ ئەمەس، بۈگۈنكى بوستان مەنزىرىلەر ئۇ چاغلاردا يوق، بۈگۈنكى گىلەمدەك يۇمشاق چىملىق ئۇ چاغدا يوق، بۈگۈنكى ئىگىز-ئىگىز ئوقۇتۇش بىناسى، رەت-رەت ئورمانلار، سىلىق يېيىلغان ئازادە يۇللار، كەڭ كەتكەن مەيدان، تولۇق ئەسلىھە، باغچا شەكىللىك مەكتەپ قورۇسى ئۇ چاغدا يوق. بىزنىڭ ئىزدىگىنىمىز بۇلار ئەمەس ئىدى، ئىستىگىمىزگە ئوتلۇق يېنىش بېرىدىغىنى، ئارمانلىرىمىزغا قېنىش بىرىدىغىنى، تىلەكلىرىمىزگە تېتىم بىرىدىغىنى بۇلار ئەمەس ئىدى.

شۇڭا بىز ئەينى چاغدا كونىرىغان، ئاددى دەرۋازىدىن كىرگىگىنىمىزدىمۇ خۇددى ئۆزىمىزنى زەپەر دەرۋازىسىدىن ھەقلىق ئاتلاپ ئۆتكەندەك، خۇددى پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ھالقىغاندەك شەرەپلىك سەزدۇق، ئېغىر يۈك تاقىمىزنى، ئاددى ياغاچ ساندۇقلىرىمىزنى يۈدۈپ، لاي لاتقىلىق يوللار بىلەن ياتاققا ماڭغىنىمىزدىمۇ، ئۆزىمىزنى خۇددى ئىللىق ئۇۋىغا ئېرىشكەن بەختىيار قۇش بالىسىدەك خۇشال سەزدۇق. ئاشىخانىلاردا سۇيۇقئاشلارنى،پ اگولارنى، ئاچچىقسۇغا چىلانغان سامساق بىلەن ھورنانلارنى تالىشىپ-تالىشىپ يىگەن چاغلاردىمۇ، ئۆزىمىزنى ئىللىق ئائىلىمىزدە، ئانىمىز ئەتكەن تەملىك تائاملارنى ئىشتىھا بىلەن ياۋاتقاندەك ھېس قىلدۇق. بىز تاماقنى سۇيۇقكەن دەپ قاقشىمىدۇق، ناننى قوناقكەن دەپ، قاتتىقكەن دەپ زارلىمىدۇق. چۇنكى بىز ھەممىنى كۆرۈپ كەلگەن، ئاچ قېلىشنىمۇ، يىرتىق-ياماق كىيشنىمۇ كۆرۈپ كەلگەن. ئۇزۇن قىش كۈنلىرىنى ھەممىمىزلا دېگۈدەك ياقىلىق چىپەرقۇت چاپانلار بىلەن، پاختىلىق تامباللار بىلەن، ھەتتا پاختىلىق لاتا ئاياقلار بىلەن ئۆتكۈزدۇق. بىر چاپان، بىر ئىشتان بىلەن، ئاددىيغىنا لاتا ئاياغلار بىلەن شۇنچە يىللارنى ئۆتكۈزگەن ساۋاقداشلىرىمىز كۆپ بىزدە. تۇرمۇش قىيىنلىقىدىن ئاتا-ئانىلىرىمىز ئوقۇتماسلىق ئەمەس، ئوقۇتالماسلىق ۋەجىدىن ئېلىپ كەتكىلىمۇ كەلگەن، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ماددى ھەم مەنىۋى ياردىمىدە بىز يەنە ئوقۇپ قالغان، تەغدىر يولىنى بىز ئاشۇنداق ئوڭلىۋالغان. بەزىلىرىمىز شۇ چاغدا ئىمتىھان بېرىپ سەنئەت مەكتەپكە چىقتۇق، گاھىلىرىمىز ئازراق ئىش ھەققىنى دەپ ئىشچى بولدۇق، گاھىلىرىمىز ھەربىيلىككە تىزىملاندۇق، بەزىلىرىمىز ھەتتا قان بەردۇق، قۇلىمىز، پۇتىمىز كەلمىسىمۇ ناھىيىلىك سەنئەت ئەتىرىتىگە ئىمتىھان بەردۇق…… يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن شۇنداق ئىشلىرىمىز بولغان بىزدە ئامالسىزلىقتىن، ئائىلىنىڭ بېسىمىدىن، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن، شۇلارنى ئويلىسام، يەنە يۈرىكىم قورۇلىدۇ، كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ.

بىز ئاخىرى ھەممىنى يەڭدۇق، مەنىۋى جەھەتتىن نامراتلاشمىدۇق، سېنىڭ-مېنىڭ دەپ تالاشمىدۇق، بارنى داستىخانغا تۈكۈپ تەڭ كۆردۇق، بىز ئەنە شۇنداق ئىناق-ئىجىل بولۇپ ياشىغان ئىدۇق، ساۋاقداشلىقنى ئەڭ گۈزەل مەنىلىرىگىچە بېزىگەن ئىدۇق. گوڭشاڭنىڭ قايناقسۇغا باسقان جۈسەي سېيى بىلەن جوتىڭىنى شۇ چاغلاردا ئىچكەن بىز، نەخۇلنىڭ قۇغۇنىنى شۇ چاغلاردا تەڭ تالىشىپ تۇيماي يېگەن بىز، غولبۇيىنىڭ خاسىڭلىرىنى، بوستان چوڭ پايزىنىڭ ئۆرۈكلىرىنى، يىلانلىقنىڭ تاتلىق گۆشىنى، ئوخشىغان قوشۇقلۇق نانلىرىنى…… ھەممە-ھەممىنى شۇ چاغدا كۆرگەن ئىكەنمىز، ئەمدى ئويلىسام، ئەڭ چىن دوستلۇق رىشتىنى شۇ چاغدا چەككەن ئىكەنمىز، ئەمدى ئويلىسام، مېھرى مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلگەن ئىكەنمىز، يۆلەكداشلىق سايىلىرىگە شۇ چاغدا چۆككەن ئىكەنمىز، ئۇستاز قەلبىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئاشۇ چاغدا ئەڭ قېنىپ سەزگەن ئىكەنمىز.

بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئەھمىيەتلىك چاغلىرىمىز ئانا مەكتەپ قوينىدا، مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولۇپ يۈرەكلەرگە سىڭىپ كەتكەن؛ ئانا مەكتەپ مىھرىگە، ئۇستاز مۇھەببىتىگە ئەڭ چوڭقۇر چۈمۈلگەن چاغلىرىمىزمۇ شۇ، بېسىلماس ئىستەكلىرىمىزدە، ئىستىقبال ھولىمىزنى ئەڭ مۇستەھكەم قۇرغان چاغلىرىمىزمۇ شۇ.

ئانا مەكتىۋىم-ئانا مەكتىۋىم، ئۇ، مىھنەتنىڭ يىلتىزىدا كۈكەرگەن غازاڭسىز دەرەخ، بىزنى سايىسىدا سەگىدەتكەن، ئۇ، مىھرى مۇھەببەت سۈيىدە يۇغۇرۇلغان مەلھەم، جاراھەتلىك قەلبىمىزنى ساقايتقان، ئۇ، ئۇستاز ئەجىرىدە، مىننەتسىز مىھنىتىدە بىنا بولغان سۇغۇلماس دەريا، تەشنا دىلىمىزنى سۇغارغان، ئۇ ئۇلۇغ ئانا، ئىنسانغا قايتا تۇغۇلۇش بېرىدىغان، ئارمانلىرىنى قاندۇرۇدىغان، ئارزۇلىرىنى ئارمانسىز كۈلدۈرىدىغان، ئىستەكلىرىنى قانات بولۇپ كۆكلىتىدىغان، ئۆرلىتىدىغان…

شۇڭا دەيمىز، ئانا مەكتەپ بىزنىڭمۇ ئانىمىز، بىزنىڭمۇ مەڭگۈلۈك پەخرىمىز، ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىمىز، ئەسلىمىز، ئۇنىڭ باغرىنى بىزمۇ بىر چاغ چىن سۆيگۈدە باغاشلىغان، ئۇنىڭ قوينىنى بىزمۇ بىر چاغ سەبىيلەرچە ماكان تۇتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدا بىزمۇ بىر چاغ ھەغدالىق تۇيغۇلىرىدا مەغرور ئىز سېلىپ ماڭغان، بىنالاردا بىزمۇ بىر چاغ قەدىناس ئورۇنلار تۇتۇپ ئوقۇغان، دەرەخ سايىلىرىدا قوش كىشىلىك ئورۇندۇقلاردا بىزمۇ بىر چاغ قىزغىن سۆھبەتلەر قۇرغان، ئاجايىپ گۈزەل خىياللارنى يۈرىكىمىزگە سىغداپ تويمىغان، بىزمۇ بىر چاغ ئۇنىڭ باغرىدا بەس مۇنازىرىلەرنى قىزىتقان، شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىپ، ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ قانمىغان، مۇشۇ يەردە بىزنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىمىز بار، مەڭگۈلۈك ئەسلىمىمىز بار، بىزگە ھەمراھ بولغان قەدىردان سىنىپلىرىمىز، قەدىناس ئۈستەل-ئورۇندۇقىمىز مۇشۇ يەردە. بىزگە ئىللىق ماكان بولغان، ھەممىمىزنى قېرىنداشتەك ئىجىل قىلغان، قىزغىن سۆھبىتىمىزگە، قىزىغان مۇنازىرىگە، شىرىن چۈشلىرىمىزگە، چۆچەكلەردەك تۇرمۇشىمىزغا سەھنە بولغان ياتاقلىرىمىز مۇشۇ يەردە.

شۇنداق، شۇنداق، ھاياتىمىزدا ئەڭ پەخىرلىنىپ ئۆتكەن چاغلىرىمىز شۇ، ھەر بىر كۈنىمىزدىن ئەڭ ئىپتىخارلىنىپ كۈلگەن چاغلىرىمىز شۇ، ئۇستاز ئەجىرىگە، مۇھەببىتىگە چۆمۈلۈپ، مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتسەك دېگەن ئارمانغا كەلگەن چاغلىرىمىزمۇ شۇ، شۇڭا شۇنچە يىل ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرساقمۇ رىشتىمىز ئۈزۈلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بولساقمۇ، يىراقلارغا ئۇزاپ كەتسەكمۇ يۈرىكىمىزگە ياققان ئوتى سوۋۇمىدى، قەلبىمىزگە تىزغان گۈلى قۇرىمىدى، ئىقبالىمىزغا سىرغىغان چەشمىسى سوغۇلمىدى. ئۇ، يەنىلا قەلب تۆرىمىزدە ئۇلۇغۋار ئوبراز؛ ئۇ يەنىلا ھۇلىمىزدا مەڭگۈلۈك يىلتىز، ئۇ يەنىلا تۇمۇرىمىزدا بېسىلماس دولقۇن …

جەننىتىم شۇ يۈرىكىم كۈلگەن

(ناخشا تېكىستى)

 

رىشتىم باركەن بۇندا ھەر ياندا،

بالىلىقىم يايرىغان دىلدا؛

تۇنجى سۆيگۈم، تۇنجى مۇھەببەت

كىندىك قېنىم تامغان ماكاندا.

قايتۇرما: مېھىرىم يىلتىز بۇندا ھەر دىلغا،

كىندىك قېنىم سىرغىغان جايغا.

بارمۇ شۇڭغۇپ بىز كىرگەن باغلار،

دۈم يېتىپلا ئىچكەن بۇلاقلار؛

بارمۇ غەمسىز-غۇبارسىز ئۆتكەن

خىياللاردىن كەتمىگەن چاغلار.

قايتۇرما: بارمۇ غەمسىز ئوينىغان باغلار،

خىياللاردەك گۈزەل گۈل چاغلار.

يىلتىزىم بار بۇندا كۆكلىگەن،

يوللىرىم بار دىلدىن تۆكۈلگەن.

قەدىناس جاي، قەدىردان خەلقىم

جەننىتىمدۇر يۈرىكىم كۈلگەن.

قايتۇرما: يىلتىزىم بار بۇندا كۆكلىگەن،

جەننىتىم شۇ يۈرىكىم كۈلگەن.

يۈرەكلەر بار بالام دەيدىغان،

ئانىلار كۆپ قۇچاقلايدىغان؛

چىن مۇھەببەت-سۆيگۈلەر كىرسىز

يۈرەك باغىرىم ساڭا دەيدىغان.

قايتۇرما: ئانىلار كۆپ قۇچاقلايدىغان،

سۆيگۈ-مېھرىم ساڭا دەيدىغان.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.

قۇياش تۇغۇلغان كۈن

 

بۇ يەرنىڭ باھارى نورۇز. ئۇ، رىۋايەتتەك گۈزەل مەنەلەردە، كۆڭۈللەردەك چەكسىز كەڭلىكلەردە، كەچمىشلەردەك ئۇزاق تارىخلاردا يارالغان. ئۇنىڭ بىر ئىسمى كائىنات – تەبىئەت؛ بىر ئىسمى نۇر – ھارارەت؛ يەنە بىر ئىسمى تەڭلىك، بىرلىك. چۈنكى ئۇ ھەممىگە تەڭ تارايدۇ، باھار يامغۇرىدەك ئىللىق تامىدۇ. ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە ئەگىزلەرنى تەڭ باشلايدۇ، قاقشال شاخلاردا تەڭ بىخلايدۇ، قېرى بىلەن ياشنى، ئەر بىلەن ئايالنى ئوخشاش كۆرۈپ تەڭ شادلانسۈن دەيدۇ، تەڭ ئويغانسۇن دەيدۇ. شۇڭا ئۇ قۇياش تۇغۇلغان كۈن. شۇڭا ئۇ تەبىئەت بايرىمى، كۆكلەم بايرىمى، كۆكنىڭ بايرىمى، يەرنىڭ بايرىمى، ئۇچارقۇش، جان – جانىۋار، گۈل – گىياھنىڭ بايرىمى.

بۇ يەردە ھاياتنىڭ يېڭى سەپىرى نورۇز، تەبىئەتنىڭ يېڭى ياسىنىشى نورۇز، سۇمبۇللارنىڭ يېڭى تارىنىشى نورۇز. يەر – جاھاننىڭ يېڭى ئىللىشى نورۇز. ئانامنىڭ ھالال سۈتىدەك، ئاتامنىڭ ئاق نىيىتىدەك، مۇھەببەتنىڭ خاسىيىتىدەك يۇلتۇزلارنىڭ يىغىلىشى – كۈلۈشى نورۇز. كۆڭۈللەرنىڭ ھىدلىشىشى، ئىزدىشىشى، سىڭىشىشى نورۇز.

بۇ يەردە نورۇز شۇنداق گۈزەل بولىدۇ. يىللىغان ئارزۇلار ئەگىزدەك ئۇلغىيىدۇ، قىشلىغان ئارمانلار گۈللەردەك ئېچىلىدۇ، ئۈزۈلگەن كۆڭۈللەر ئېقىنلاردەك قېتىلىدۇ، بۇزۇلغان ئۆيلەر باھار ھۆسنىدەك تۈزۈلىدۇ. چۈنكى ئۇ سەبىيلەر تىلىكىگە تايدەك چاپىدۇ؛ تۇلپارلار تۇيىقىنى چوغدەك قىزىتىدۇ؛ يىگىتلەر يۈرىكىگە مۇڭدەك ياقىدۇ؛ ئانىلارنىڭ مۇھەببىتىدىن تەم ئالسام، گۈل قولىدا ياسانسام دەيدۇ؛ ئاتىلارنىڭ ئەقىل – كۈچىدە جانلانسام، جاسارىتى، پاراسىتىدە جۇلالانسام دەيدۇ؛ يىگىتلەرنىڭ چىڭ چېگىلگەن پوتىلىرىدەك، ئەقىدىسىدەك، قەسەمدەك قەيسەر قىزلارنىڭ ئۆرۈم چېچىدەك زېمىن باغرىدا تارام – تارام ئېقىن بولسام دەيدۇ، ئۇلارنىڭ چاڭقاقلىقىنى قاندۇرسام دەيدۇ.

بىز نورۇزدىن كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭشىلىشىدىكى ئاجايىپ خاسىيەت – خىسلەتنى، تەبىئەتتىكى دەقىقىلىك ئۆزگىرىش – قۇدرەتنى، قۇياش بىلەن سۆزلىشىشنى – سىردىشىشنى، يۇلتۇزلارغا نام قويۇپ ئەگىشىشنى، تەبىئەت بىلەن ھىمىرلىشىشنى – بىرلىشىشنى، ئۆزئارا قالقا بولۇشنى، قانات بولۇشنى، ئىجىللىشىشنى، يىلتىزلىشىشنى، تاغلاردەك تىرەك بولۇشنى، ئاتىلار ئاغزىغا قاراپ، ئانىلار مېھرىدىن سۆيۈنۈشنى، بالىلارنى ئەجداد ئىزىغا ئۇلاشنى بىلدۇق، ھېس قىلدۇق، تونۇپ يەتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭغا زارىقىپ، ئۇنى قۇتلۇقلاپ يىللىغان ماي قاپاقلىرىنى كۆيدۈرۈپ مەشئەل ياقتۇق؛ تۈن نىسپىدىن تاڭغىچە قىشنى قوغلاپ باھار چىللىدۇق؛ سەھەر تۇرۇپ روھلارنى تاۋاب قىلدۇق، قەبرە يوقلىدۇق؛ ئۆلۈملۈك ئۆيلەرگە كىرىپ كۆڭۈل سورىدۇق، قىشتىن چىققان ئاغرىقلارغا مەدەت تىلىدۇق؛ ئەھلى مەھەللە يىغىلىپ يۇرتنى پاكلىدۇق، ھويلا – ئارام، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى ئېرىغداپ، ئېقىنلارغا ئېچىق راسلىدۇق، دەريالارغا تارماق راسلىدۇق.

نورۇز، ئۇ ئىسراپچىلىق ئەمەس تۆكمە – تۆكمە، كۆز – كۆز قىلىدىغان، بۇلاپ – تالاپ مەنلا دەيدىغان. ئۇ ئالۋاڭ – سېلىق ئەمەس، تەبىئەتنى بۇلغاش ئەمەس، خارلاش ئەمەس، ئادەملەرنى ئالداش ئەمەس، تۆۋەن كۆرۈپ، يوقسۇل كۆرۈپ ياتلاش ئەمەس. ئۇ بىرلىك دەيدۇ، تەڭلىك ئىزدەيدۇ، بەختنىڭ يىلتىزى ئوخشاشلىق دەيدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە – ھەممە تەڭ يىغىلىدۇ، تاپقىنىنى، ئاتىغىنىنى نورۇزلۇق دەپ داستىخانغا تەڭ تاشلايدۇ؛ تاپقانلىرى گۈل راسلايدۇ، تاپالمىغانلىرى بىر باش پىياز. ھاللىقلىرى قوي باشلايدۇ، ئاجىزلىرى چۈجە – خوراز. تۆگە چۆكتۈرگەن، تاغ بەرگەنلەرمۇ قىيادەك كېرىلىپ كەتمەيدۇ بۇ يەردە؛ ئامالسىز قۇرۇق كەلسىمۇ قورۇنۇپ تۈگۈلۈپ كەتمەيدۇ بۇ يەردە. كۆڭلىمىز ئورتاق دەيدۇ، يۈرىكىمىز ئوخشاش دەيدۇ. ھەر ئۆينىڭ مېھرى سىڭگەن، ھەر كىمنىڭ رىسقى يىغىلغان نورۇز ئېشىنى تەڭ يېيىشىپ، ئوخشاش ياشايدۇ.

نورۇز ئادەمنى ياشلىقىدەك ياشارتىدىكەن. بۇنى مومامنىڭ گۈل قىستۇرۇپ ئوقۇغان قوشاقلىرىدىن، ئاتامنىڭ ئات ئۈستىگە قونۇپ چېپىشلىرىدىن، ئانامنىڭ گۈل قولىدا رەڭ ئالغان لىباسلىرىدىن، گۈل قولىدا تەم ئالغان نېمەتلىرىدىن بىلدىم. نورۇز ھاياتنىڭ ھەقدادىكەن، ھۈنەر – كارامەت جەمگاھىكەن، بۇنى بەللەشكەن، بەيگىلەشكەن، بەسلەشكەن يىگىتلەردىن كۆردۈم. نورۇز ھاياتنىڭ قېنىشلىرىكەن، قۇياشتەك چوغلىنىپ يېنىشلىرىكەن. بۇنى ئانىلىق ئەقىدىنىڭ مېۋىسى، لاتاپەت – پەزىلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قىزلارنىڭ خۇش پىچىم تۇرقىدىن، بۇلاقنىڭ بۇلدۇقلىشىدەك خۇلقىدىن بىلدىم. نورۇز ھاياتنىڭ گۈل چېغى، گۈزەل پەسلىكەن. بۇنى تال – چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينىغان بالىلارنىڭ قىقاس – چۇقانلىرىدىن بىلدىم.

شۇڭا قۇياش تۇغۇلغان كۈن نورۇز تەبىئەتكە ئانا بايرامكەن، ئادەملەرگە ئانا بايرامكەن. ئۇچارقۇش، جان – جانىۋار، گۈل – گىياھلارغا ئانا بايرامكەن، بايراملارغا ئانا بايرامكەن.

 

بىلگەن چاغدا

 

ئانىلارنىڭ قۇچاقلىرىدىن

چوڭ بولغاندا قاچىدىكەنمىز.

بالىلىق بوپ بالا كەينىدىن

بىزمۇ شۇنداق چاپىدىكەنمىز.

بالىلارغا ئاتا – ئانىنىڭ

باغرى قانماي ئۆتەركەن شۇنداق.

بالام، قوزام، باغرىم، دەپ يۈرەك

كۆيۈپ توزۇپ كېتەركەن شۇنداق.

ئاتا قەدرى، ئانا دەردىگە

ئاشۇ چاغدا يېتىدىكەنمىز.

بىلگەن چاغدا بۇنى ئۇلار يوق،

پۇشايماندا ئۆتىدىكەنمىز…

 

يۇرتۇم

 

ۋەتەن — زەپەرلىك سەپ، ۋەتەن — ياڭراق سىمفونىيە؛ ۋەتەن — ئارمان بوشلۇقىدىكى پەرۋاز؛ يۇرتۇم سەن ئۇنىڭ قوينىدىكى ئۇچقۇر دۇلدۇل، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كۆۋرۈك بولغان؛ غەربنى ئېچىش باھار پەسلىدە بايلىق ئۈستۈنلۈكۈڭنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرغان؛ ئىسلاھاتنىڭ زەپەر مارشىنى يېڭى ئەسىردە شادىيانە ياڭراتقان.

يۇرتۇم، ۋەتەن باغ بولسا، سەن ئۇنىڭدىكى مېۋىلىك دەرەخ، ۋەتەن تاغ بولسا، سەن ئۇنىڭ گىگانت چوققىسى، ۋەتەن ئەزىم دەريا بولسا، سەن ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك قاينىمى، ئۆركىشى. ۋەتەن يۈرەك بولسا سەن سوۋۇماس قېنى…

يۇرتۇم سەن 60 يىللىق تەرەققىيات – گۈللىنىشتە، 30 يىللىق ئىسلاھات – يۈكسىلىشتە يېڭىچە رەڭلەندىڭ، قايتىدىن جۇلالاندىڭ. ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىڭ بىلەن، بايلىق كانى ئۈستۈنلۈكۈڭ بىلەن، تەبىئىي شارائىتتىكى گۈزەللىكىڭ بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئىللىق قوينىدا، توغرا سىياسەتنىڭ پارلاق نۇرىدا، باتۇر خەلقىڭنىڭ ئىشچان قولىدا يېڭى مەنزىلدە مۆجىزە ياراتتىڭ، ئىناقلىق – ئۆملۈكنىڭ قورغانى، مۇقىملىق – بىرلىكنىڭ بوستانى بولدۇڭ. ھەر مىللەتكە، ھەربىر يۈرەككە سەنمۇ ۋەتەندەك ئىللىق – مېھرىبان ئانا بولدۇڭ، باغرى كەڭ، كۆڭلى دەريا ماكان بولدۇڭ.

تارىخىڭنىڭ ھەر بېتىدە، ھەر مەنىسىدە ئاشۇ ئەنئەنە. تارىخىڭنىڭ ھەرقېتى، ھەر مەنىسى ئاشۇنداق تويۇندى يەنە، سۆيۈندى يەنە… يۇرتۇم، دۇنيادا ئەڭ گۈزىلى سەن ئىكەنسەن، ئەڭ ئېسىلى سەن ئىكەنسەن. كۆڭلۈڭ مامۇقتەك يۇمشاق ئىكەن، قەلبىڭ خىيالىڭدەكلا كەڭ ئىكەن، چەكسىز ئىكەن. سەندىكى ئەڭ زور بايلىق – كۆمۈر، نېفىت، پاختىلا ئەمەسكەن، سەنئەتلا ئەمەسكەن، ئىناقلىق ئىكەن، ئىتتىپاقلىق ئىكەن؛ سەندىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك — تەڭلىك – باراۋەرلىك ئىكەن؛ سەندىكى ئەڭ كۆركەم گۈزەللىك — باغرىڭدا يۇلتۇزدەك چاقنىغان سەيلە – ساياھەت ئورنىلا ئەمەس، خەلقىڭنىڭ غۇبارسىز، پاكىز كۆڭلى ئىكەن، يۈرىكى ئىكەن…. شۇڭا سەندە ھەممە نېمىنىڭ ئۆزگىچە تەمى بار، ئۆزگىچە رەڭگى بار، ئۆزگىچە گۈزەللىكى، ئەۋزەللىكى بار. بىر – بىرىنىڭ ئۇلىغا كۆمۈلگەنلەر كۆپ سېنىڭدە، بىر – بىرىنىڭ يىلتىزىغا سۇ قۇيغانلار كۆپ مېھرىڭدە؛ بىر – بىرىنى گۈلدەك كۈلدۈرگەنلەر كۆپ سېنىڭدە، بىر – بىرىنى تاغدەك كۆتۈرگەنلەر كۆپ سېنىڭدە.

بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى ئوخشاش باغرى بىلىپ باققان، مىڭبىر جاپادا قاتارغا قوشقان ھەنىپە ئانىدەك ئانىلار بار… بۇنىڭ ئىچىدە، ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ۋۇدىڭيۈن، جۇاڭ شىپىڭدەك ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر بار… خەنزۇ قىزنى ‹‹سىڭلىم›› دەپ يامانلار قولىدىن قۇتقۇزغان غېنى جۈمەدەك، ئۇيغۇر يىگىتىگە بۆرىكىنى بېرىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ۋاڭ يەننادەك دەۋرىمىز ستۇدېنتلىرى، ياشلىرى بار… بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگولۇقلارنى تەسىرلەندۈرگەن تالاي – تالايلار، ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان تالاي – تالايلار، تىنچ – ئىتتىپاقلىقنى قوغدىغان تالاي – تالايلار، ئەل – ۋەتەنگە، ھەر مىللەتكە ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشقان تالاي – تالايلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەرمىللەتنىڭ ئوخشاشلا قىزىق، ئوخشاشلا قىزىل قېنى بار، ھالال تەرى بار، ۋەتەننى ئورتاق قوغدىساق، گۈللەندۈرسەك دەيدىغان؛ ۋەتەننى قۇدرەت تاپقۇزساق، باراۋەر، ئىناق – ئىتتىپاق، ئەڭ بەختلىك ماكان قۇرساق دەيدىغان؛ تارىخ يىلتىزىغا شۇنداق كۆمۈلگەنلەر بار، ئىسلاھات گۈللىرىنى ئاشۇنداق ئېچىلدۇرغانلار، كۈلدۈرگەنلەر بار…

مانا بۇ مۇشۇنداق تارىخ — بىر – بىرىگە يۆلەنگەن تارىخ، بىر – بىرىگە يىلتىز بولغان تارىخ، بىر – بىرىگە قاياش بولغان، قۇياش بولغان تارىخ. تارىخنىڭ ھەر بېتىدىن، ھەربىر قېتىدىن، ھەممە چېتىدىن بۇنى كۆرەلەيسەن. ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدىن، ھەرخىل رەڭگىدىن، ھەربىر ئىشىدىن بۇنى بىلەلەيسەن. تارىخ بىر كۈنلا ئەمەس، ئۇ مەڭگۈلۈك. ھەقىقىي تارىخ ۋەتەنپەرۋەرلىكتە. ئۇ، ئەل ئۈچۈن تۆكۈلگەن ئىسسىق قاندا، ھالال تەردە، ۋەتەن ئۈچۈن بېغىشلانغان مۇھەببەتتە – يۈرەكتە…

بىز تارىخنى بىرلىك – ئىتتىپاقلىقتا تەڭ يېزىپ چىقتۇق. مۈشكۈل ئۇزۇن سەپەرلەرنى تەڭ بېسىپ چىقتۇق. مۆجىزاتنى تەڭ ياراتتۇق. 60 يىللىق تارىخ، 30 يىللىق ئىسلاھات ئاشۇنداق يېزىلغان. ئۇ قان – ياش، ئۇ، كۈرەش؛ جاپا – مۇشەققەت؛ ئۇ چىدام، ئۇ غەيرەت، ئەقىل – پاراسەت؛ بۇ كۈنلەر ئاسان ئۆتكەن ئەمەس؛ بەختلىك – باياشاد تۇرمۇش ئاسان كەلگەن ئەمەس. ھەربىر نەتىجە، شان – شەرەپ؛ ھەربىر بەخت، بايلىق ھەم ئامەت؛ ھەر قەدەم يۈكسىلىش، ئالغا ئىنتىلىش؛ قان –تەر بىلەن قولغا كەلگەن، جەبرى – جاپادىن، پاراسەتتىن پۈتكەن.

تاشلاندۇق كونا يوللار، بىر چاغلاردا دۈم يېتىپ – دۈم قوپۇپ يول ئاچقان، بوز يەر ئاچقان گەمىلەر بۇنىڭغا گۇۋاھ… ئېتىزلارنىڭ ئاچچىق چۈشىدە كالا مۆرىشى، ساپان سۆرىگەن دېھقان سۈرىتى يەرگە كىرىپ كەتكىچە ئېتىزدىن ئايرىلمىغان جاپاكەشنىڭ سۈرىتى. جوتو بىلەن كان كولىغان، تاغار يۈدۈپ قىغ – توپا توشىغان، بىنا ئۇلىغا بىر كېسەك – بىر كېسەكتىن يىلتىز بولغان مېھنەتكەشنىڭ سۈرىتى…

بۈگۈنكى ئىسلاھات مېۋىلىرىنىڭ يىلتىزى شۇنداق، ئۆتكەن تارىخنىڭ ھەر قەدەم مەنىسى – مەزمۇنى شۇنداق. دۇنياغا تۇتاشقان يوللار، دىللارنى ھەم يۈرەكلەرنى تۇتاشتۇرغان يوللار شۇنداق ئېچىلغان. سالا – سالا ئېتىزلار، ھەممىلا يەردە تېپىلغان، كەينى – كەينىدىن ئېچىلغان كانلار شۇنداق قېزىلغان.

بىر كۈندە تۆت پەسىل ئۆزگىرىشىنى كۆرگىلى بولىدىغان، بىر كۈندە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى بىر يولىلا كۆرگىلى بولىدىغان خىسلەتكار ماكان شۇنداق بىنا بولغان. دۇنياغا ياراپ قالغان ‹‹مۇقام››، ئالەمنى رام قىلغان مەدەنىيەت يېڭىلىقى، سەنئەت – مۆجىزاتلىرى شۇنداق يارالغان. ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان مائارىپ، ھۈنەر؛ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بازار ھەم دۇكان؛ سەمرىۋاتقان، بېيىۋاتقان شەھەر، يېزىلار شۇنداق يارالغان، ئاشۇنداق گۈللەنگەن. ئېغىزلار شۇنچە كۆپ ئېچىلدى سەندە، سەيياھلار شۇنچە كۆپ يىغلىدى سەندە، سەيلىگاھ – سورۇنلار مېھمان ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك گۈزەل ياسالدى، راسلاندى سەندە…

شۇنداق، شۇنداق، 60 يىل، 30 يىل مۇشۇنداق ئۆتتى سەندە، ۋەتەندە. ئسلاھات مۇشۇنداق يارالدى، ياساندى سەندە!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : مۇنەۋۋەر پىداگوك، ئەل سۆيگەن يازغۇچى مەرھۇم ئەنەيتۇللا قۇربان توغرىسىدا

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!14 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر ئۇستازنى بىلىۋالدىم

  2. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكى ئايان بولسىمۇ، لېكىن يېقىن – يورۇقلىرىمىزنىڭ ئۆلىمى بىز ئۈچۈن يەنىلا قوبۇل قىلىش ئىنتايىن تەس بولغان رىئاللىق. ئۇستازىم ۋە كەسپدىشىم، نەسىرچى ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتى بىز ئۈچۈن زور يوقىتىش. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى، ۋەزمىن ئاۋازى، قامەتلىك گەۋدىسى قانچىلىك قەلبلەردە قايتا زاھىر بولدى! ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم تۆھپىكار باغۋەن، تىرىشچان يازغۇچى، مەسئۇلىيەتچان پىداگوك، پەزىلەتلىك دادا ئىدى. خەلقنىڭ ھىسداشلىقى ۋە دۇئاسىنىڭ مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى ئۈچۈن تەسەللى بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      2011- يىلى 7- ئاينىڭ 7 –كۈنى ئۈرۈمچى جىگدىلىك مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇمنىڭ يەتتە نەزىرىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى مۇدىرى پراففىسور ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرىغا ۋاكالەتەن تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ كىشىلىك ئەخلاق- پەزىلەتلىرى ۋە تۆھپىسىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تەسەللى بەردى، سەبرە تىلىدى.
      بىز ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قايغۇرغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ھەم سەبرە تىلەيمىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىگى ۋە نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن خەلقىمىزگە بارىكاللا! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى ساھالەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقان تۆھپىكارلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۆتىنىمىز… پراففىسور ئارسلان ئابدۇللا تەھۇرنىڭ تەزىيە نۇتقىنى بۇ مەنزىلدىن كۆرۈڭ.http://www.nuh.me/?p=981

  3. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

  4. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.بۇ ئۇستاز توغرىلىق بىر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن بۇ يازمىنى كۆرۈپ بىلىۋالدىم .رەھمەت سىلەرگە.

  5. yashna مۇنداق يازغان:

    قەددى چىنار يىقىلدى

    بېلىقىز سۇلايمان

    (ساۋاغدىشىم ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ ۋاپاتىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)

    بىر تىزىقنىڭ ئىچىدە،
    ياقۇت كۆزى ئىدىڭىز.
    قىرانلىققا يەتكەندە،
    ئەجەلگە دۇچ كەلدىڭىز.

    ئۇچۇق – سۈزۈك ئاسماندا،
    تەتۈر چېقىن چېقىلدى.
    ئىلىم – ئېرپان بېغىدىن،
    قەددى چىنار يېقىلدى.

    سىز يېقىلغان مۇنبەردە،
    قالدى ئەبەد سۆزىڭىز.
    ئارمانلار قان يىغلىدى،
    يۇمۇلغاندا كۆزىڭىز.

    پەرزەنتىڭىز، جۈپتىڭىز،
    ھەسرەت بىلەن تىۋىندى.
    قارىغايدەك باشلىرى،
    ئەلەم بىلەن ئېگىلدى.

    ئەۋلادلارغا تەۋەرۈك،
    سىز قالدۇرغان نەسىرلەر.
    ياشار خەلقىم قەلبىدە،
    ھالقىپ نەچچە ئەسىرلەر.

    پەرزەنتىڭىز ۋارىس بوپ،
    داۋانلاردىن ئاشقۇسى.
    قەبرىڭىزدە لالىلەر،
    كۈلۈپ چېچەك ئاچقۇسى.

    2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى

  6. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    مەرھوم ئاكىمىز، ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! مەن مۇئەللىپنى « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تېتىملىق نەسىر، ھىكايە، شېئىرلىرى بىلەن تونۇشقان. دائىم گېزىتكە مۇئەللىپنىڭ ئەسەرلىرى كۆزگە چىلىقارلىق ئورنىدا ئېلان قىلىناتتى. ياش كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، 53 ياش. قىزىق ئىش، يېقىندىن بېرى ئۈلۈم-يېتىمنىڭ خەۋىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بوپ قالدىم. مەكتىپىمىزنىڭ قورۇسىدا ئاشخانا ئاچىدىغان بىر ئاتۇشلۇق ئاكىمىز بولىدىغان خۇشچاقچاق، 50تىن ئەمدىلا ئۆتكەن. ئۆتكەندە تۇيۇقسىز ئالامدىن ئۆتۈپتۇ ئەمەسمۇ…

  7. بابۇر مۇنداق يازغان:

    رەھمەتلىكنىڭ ياتقان جايى جەننۇتۇل فىردەۋىسنىڭ تۆرىدە بولغاي !

  8. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    قىززىق ئىش، يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇ بىلوگىدا «ئىدىقۇت» ئىسىملىك ئەزادىن ئىككىسى بار ئىكەن. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا «ئىدىقۇت» نامىدا تىزىملاتقان ئىدىم. بۈگۈن قارىسام مۇنۇ يازمىنىڭ كەينىگە يەنە بىر «ئىدىقۇت» ئىسىملىك ئەزا ئىنكاس يېزىپ قويۇپتۇ. ئەمدى يۈكسەل ئەپەندىدىن سوراپ باقسام، بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ مېنىڭچە بۇ مەسىلە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئويلىمىغان ئوقۇشماسلىقلار ياكى پىشكەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. قېنى يۈكسەل ئەپەندى بۇنىڭغا دەرھال بىر نېمە دەۋەتكەيسىز.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئاللاھ ما كارامەتنى ؟! …
      ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ياكى بۇ مەسىلىنى يۈكسەلدىكى 2 ئىدىقۇت ئۆزۈڭلار كېلىشىۋالامسىلەر؟ بىرىڭلار باشقا ئىسىم ئىشلىتىپ دېگەندەك.
      چۈنكى ، يۈكسەل بلوگىدا ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى يوق. ئىشتراكچىلار پۈتۈنلەي ئۆزىگە – ئۆزى ئىسىم قويۇپ، پىكىر قاتناشتۇراتتى…

  9. پەرھات مۇنداق يازغان:

    مەرھۇم ئۇستاز ئەنەيتۇللا قۇربان توقسۇن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەمەس ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.مەن شۇ مەكتەپتە ئىشلەيمەن.ئۆتكەن يىلى تېخى مەكتىۋىمىزنىڭ 50 يىللىق تويىدا مەرھۇم ئۇستاز ئانا مەكتىۋىگە ئاتاپ يازغان «يۇلتۇز تۇغقان بۇلاق» ناملىق شېئىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغان،شۇ شېئىر ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ……….
    ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!

  10. پەرھات مۇنداق يازغان:

    كەچۇرۇڭلار ، ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپ دىگەن يەرنى كۆرمەي ئالدىراپ يوللىۋېتىپتىمەن.
    راستىنلا كەچۈرۈڭلار

پەرھات 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟