نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئامېرىكىلىقلار خەيرى- ساخاۋەتنى زادى قانداق قىلىدۇ؟

كۆكتاش
يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى

بىر جۇڭگولۇق ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ، ھەمدە يېشىل پاسپورتقا ئېرىشىپ، ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپتۇ. بىر قېتىم ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكىغا ئوغلىنى يوقلىغىلى بارغاندا، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. بىر مەھەل جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، خەتەردىن قۇتۇلۇپتۇ. دوختۇرخانىنىڭ بىر ئاخشاملىق ھەققى 5000 دوللار بولۇپ، جۇڭگولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىكەن. شۇڭا، ھېساۋات قىلىدىغان چاغدا، دوختۇر ئوغلىدىن «دادىڭىزنىڭ بىر ئاخشاملىق بالنىتسا ھەققى 5000 دوللار، سىز بۇ پۇلنى دادىڭىز ئۈچۈن تۆلەشنى خالامسىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئوغلى «ياق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئارقىدىن دوختۇرخانا بىر جەدىۋەلنى ئېلىپ، ئۇنىڭ تولدۇرۇشىغا بېرىپتۇ، ئارقىدىن دادىسىمۇ ئىمزا قويۇپتۇ. بۇ ئەسلىدە بىر ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش جەدىۋېلى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، 5000 دوللارنى بۇ ساخاۋەت تەشكىلاتى تۆلىۋېتىپتۇ. ئارقىدىن دوختۇرخانا يەنە بىر جەدىۋەلنى چىقىرىپ ئۇنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنۇپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ساخاۋەت تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئەگەر قاتناشسا، ئىمزا قويۇپ، بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولىدىكەن. ئاندىن شۇ كارتىدىن تاكى كارتا ئىناۋەتتىن قالغانغا ياكى كىرىمى يوقالغانغا قەدەر ھەر ئايدا 1 دوللار تۇتۇپ قېلىنىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن. 1 دوللار قانچىلىك پۇلتى؟ بۇ جۇڭگولۇق ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا، خۇشاللىق بىلەن بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
مانا بۇ ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك خەير- ساخاۋەت شەكلى. ياردەمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىرەرسىگە رەھمەت ئېيتىپ، تازىم قىلىش ياكى قايسىدۇر بىرەيلەننى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش كەتمەيدۇ، بەلكى ئۆزىمۇ خۇشاللىق بىلەن ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ قالىدۇ. تاما- تاما كۆل بولۇر دىگەندەك، ھەر بىر پۇقرا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى بىر تۈرلۈك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى دەپ قارىسا، جەمئىيەت ئەلۋەتتە ئىلگىرى باسىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ساخاۋەت سوممىسى ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان دۆلەت ئىكەن. دۇنيادىكى ساخاۋەت سوممىسى ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ياپۇنىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسيە، نورۋىگىيە ۋە كانادا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئامېرىكا ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ساخاۋەت مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2009-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىدا يىغىلغان خەيرى- ساخاۋەت سوممىسى 303 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەخىسلەر ئىئانە قىلغان سومما 227 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومومىي سوممىنىڭ %75نى، شەخسىي نامدىكى فوندلارنىڭ سوممىسى 38 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومومىي ساخاۋەت سوممىسىنىڭ %13نى، مىراسلىق ساخاۋەت سوممىلىرى 23 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومومىي سوممىنىڭ %8نى، شىركەتلەر ئىئانە قىلغان سومما 14 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومومىي سوممىنىڭ %4نى ئىگىلەيدىكەن.
يۇقارقى مەلۇماتلاردىن، ئامېرىكىدىكى خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ بىر نەچچە ئالاھىدىلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ: بىرىنچىدىن، ئامېرىكىدىكى خەيرى- ساخاۋەت كىرىمى ئاساسلىقى شەخسلەرنىڭ ئىئانىسىدىن كېلىدۇ. ستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ٪89 ئائىلە ھەر يىلى دىگۈدەك ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە بېرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 1620 دوللار ئىئانە قىلىدىكەن. ئامېرىكىدىكى شەخسلەر ئىئانىسى بىلەن مىراسلىق ئىئانىلەر قوشۇلۇپ، ئومومىي خەيرى- ساخاۋەت سوممىسىنىڭ ٪83 نى ئىگىلەپ، ئامېرىكا ساخاۋەت فوندىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى بولۇپ قالىدىكەن. ئىككىنچىدىن، مىراسلىق ئىئانەنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زۆر مىقداردا مىراس باجى يىغقىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىدا ساخاۋەتلىك ئىئانىلەردىن باج ئېلىنمايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار مىراسنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشنى خالايدىكى، ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، شەخسىي نامدىكى ۋە شىركەت نامىدىكى فوندلارنىڭ سومما نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس. 2009-يىلدىكى 38 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق شەخسىي نامدىكى فوندلارنىڭ ئىئانە سوممىسى ئىچىدە، 15 مىليارد 400 مىليون دوللار ئائىلە فوندى جەمئىيىتىدىن كەلگەن. ئومومەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى ساخاۋەت كىرىمى ئاساسەن پۇقراۋى ھەرىكەت ۋە شەخسلەر ئىئانىسى شەكلىنى ئالغان بولۇپ، ئاممىۋىلىق ۋە ئىختىيارىي تۈسكە ئىگە ئىكەن.

ئەسلى مەنبە: يېزا مەكتەپ پىدائىيىلىرى تور بېكىتى

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئامېرىكىلىقلار خەيرى- ساخاۋەتنى زادى قانداق قىلىدۇ؟

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ئۇ كۇنلەرگە يېتىشىمىزگە خېلى بار، ئەمما زاكات، پىتىرلەرنى تۇلۇق قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

  2. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    سېلىشتۇرغۇسىز پاكىت بۇ

  3. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    دۆلىتىمىزدىمۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغان پۇل ئاز ئەمەس. ھەر يىلى ئىدارە-ئورۇنلاردىكى خادىملار ئىئانە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ، ھەر بىر ئادەم يىلدا نەچچە يۈز يۈەندىن ئىئانە بېرىمىز، لېكىن يىغىلغان شۇ پۇللارنىڭ قانداق باشقۇرۇلىدىغانلىقى، قەيەرلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تازا ئېنىق بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە ھۆكۈمىتىمىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش خەير-ساخاۋەت قىلغۇچى ھەر بىر پۇقراسىنى شۇ پۇللاررنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدا تولۇق ۋە ئىشەنچىلىك ئۇچۇردىن بەھرىمان قىلالىسا، ئىئانە قىلىدىغانلارنىڭ سانى ۋە ئىئانە سوممىسى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇغىنىسى مەسئۇل تارماقلىرىمىزدىكى ئايرىم نەپسانىيەتچى كىشىلەردە شۇ پۇللارغىمۇ قارا سانايدىغان ئەھۋاللار بار.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      يېقىننىڭ ياقى جۇڭگونىڭ خەيرى – ساخاۋەتچىلىك ساھەسىگە كۆز تېگىۋاتىدۇ. بۇ ساھەدىكى سېسسىقچىلىق ئاۋامنىڭ بۇرنىغا پۇراپ، خەلقى ئالەمنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ خەيرى – ساخاۋەتكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ساخاۋەت تەشكىلاتلارغا بولغان ئىشەنچى ئۆلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال تولىمۇ خەتەرلىك ۋە قورقۇنچلىق، ئەلۋەتتە.

  4. بەخىت مۇنداق يازغان:

    ئەگەر بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىمۇ ئاشۇنداق ئاڭ بولغان بولسا يىقىندىن بۇيانقى توردىكى داۋالىنىش ئىختسادىي ياردەم ئىلانلىرى ئازراق بولاتتى!! ھەممىدىن مۇھىمى ھۆكۈمەتتە……………

بەخىت 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟