نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:

بۇ يازمىنى يازغاچ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئۆز ئىنىمنىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ‹‹ جىددىي خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى ›› دەپ، دىئاگنوز قۇيۇلۇشى ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى مەن قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن ، شۇ تاپتا ئىنىمنىڭ ھاياتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن ، 21ياش دېگەن نېمە ئۇقۇم؟! ئويلاپ بېقىڭ سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟! تولىمۇ ياش ۋاقتى ئەمەسمۇ ؟! …
مەن شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيمەن ، ئاق قان كېسىلىنىڭ خاراكتېرى ، ئاقىۋىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنىمەن ، ئاق قان كېسىلى قان غول ھۈجەيرىسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ توختىماستىن بۆلۈنۇپ نورمال قان ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قاندىكى راك ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ كېتىشى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى ، ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بالدۇرلا يورۇق دۇنيادىن خوشلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى . بۇلارنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە ئېنىق دېمەي ‹‹ ئىنىم تېخى ياش، ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ›› دەپ، تەسەللىي بېرىۋاتىمەن ، چۈنكى ئاپام بۇ دىئاگنوزنى كۇرۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ھازىر ئاكام ، دادام ۋە مەن ئىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمىز ، دادام بۇيىل 64 ياشلار ئەتراپىدا ، ھازىر ئىنىمنىڭ دەردىدە يېندىن ئايرىلماي قاراۋاتىدۇ ، بىر ئاز ئارام ئېلۋالسىلا دىسەكمۇ ئۇنمايۋاتىدۇ ، دادامنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ،ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ، دىيابىت قاتارلىق كىسەللىرى بار ، كۈندە يەيدىغان دورىسى ، ئۇرىدىغان ئىنسۇلىنى بار ئىدى ، ھازىر ئۆزى بىلەنمۇ كارى يوق ، دورىسىنى ، ئىنسۇلىنىنى تاشلاپلا قويدى، نەسىھەت قىلساقمۇ ئاڭلىمايدۇ ، تۇرۇپ ئىنمنىغا قاراپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىپ كىتىدۇ ، ‹‹ ئىنىڭ ساقىيىپ كىتەر ھە؟! … ›› دەپ نەچچە رەت سوراپ كىتىدۇ … ئاھ خۇدا، مۇشۇنداق كېىتىۋەرسە دادام ،ئىنىم ،ئاخرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن… ئۇلۇغ اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ، دادامغا بەرداشلىق بېرىشنى تىلەيمەن . ھېچ كىم ساڭا كەلدى ، ماڭا كەلدى دىيەلمەيدىكەن ، ئۆزىگە كەلگەندە كۆرمەي ئىلاج يوقكەن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە كەلگەن قازايى – قەدەرلەرنى قۇبۇل قىلماق بەك تەسكەن ، اللە ھەر قايسىمىزنى بالا- قازا ، كېلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن ! ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بارلىق كىشلىرىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن!!! …
ھازىر ئىنىم شىنجاڭ تېببى ئونىۋېرسىتېتى قان كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ 1- رايۇنىدا تۇرۋاتىدۇ ، كارۋاتنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن ، كېسەلخانىغا بىر قاتلىما كارۋاتنى سېلىپ ۋاقتىنچە داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىر قان تەكشۈرۈشتە ،ئاساسلىقى ئاق قان دانچىسى بەك يۇقىرى ، قىزىل قان تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەكلا تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) نىڭ قان توختىتىش رولى بار ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) تۆۋەن بولغانلىقتىن تۇيۇقىسىز چىقىپ كىتىپ ، ئىچكى ئەزالار قاناش ، مىڭىگە قان چۇشۇش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى، قان چىقسا قاننى توختاتقىلى بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى خېمىيلىك داۋالاشتا ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەك تۆۋەن بولسا داۋالاشنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، قان پىلازمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدا ھايات قېلىشى بەك قىسقا بولغاچقا قان پىلازمىسى ئادەتتە قان ئىسكىلاتىدا بولمايدىكەن ، پەقەت قان تىپى ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قېنىدىن 血小板 نى ئايرىپ ئېلىپ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سالىدىكەن ، ئاندىنلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئىنىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر كىشىدىن 200ml بىرلىك بويىچە ، 30 ئەتراپىدىكى كىشىدىن قان ئېلىپ، قېنىدىن چىققان قان پلاستىنكىسىنى تولۇقلىغاندىلا ئاندىن داۋالىغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئوخشاش قان تىپلىق بۇنچىلا ئادەمنى تېپىش ئۇنچىلا ئاسان ئەمەسكەن ، دوستلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق ، نەچچىسى ياردەم قىلدىغانلىقىنى ، قاچان دېسە شۇ ۋاقىتتا كېلىدىغان بولدى ، لىكىن يەنىلا كەمچىل بۇلۋاتىدۇ ، ئالدىمىزدا قاتمۇ – قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ ، دېگەن گەپ بار. دوستلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىنىمنىڭ ئىسمى: ئابدىراخمان ئىمىن
قان تىپى :   A
يۇرتىمىز كۇچا ناھىيسىدىن .
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمىرى: 18909972693 (ئاكامنىڭ)
18909972757 (مىنىڭ )

دوسلارنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ، قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى بېرىشىنى ،ئىنىمغا غەيرەت – شىجائەت ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۈكسەلنىڭ سۆزى

مانا بۇ بىر ئاكىنىڭ ئېنىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ، مەن ئەسلى بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ئىدىم ۋە شۇ ھامان ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئۇقۇشقان ۋە ياردەمگە ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا مەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشقان ئىدۇق. كۈتمىگەندە ، بۈگۈن ئىنىسى ئابدۇراخمانجان ئۆزى تېلېفون قىلىپتۇ : ‹‹ ئاكام ماڭا ماس كەلگۈدەك قان تاپالماي بەك تىپىرلاپ قالدى … مۇمكىن بولسا بىزگە ياردەم قىلىسىڭىز، تورداشلارغا مۇراجات قىلىپ باقسىڭىز، قان تىپى ماڭا ماس كېلىدىغان ، ماڭا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان تورداشلار چىقىپ قالسا ياخشى بولاتتى ، سىزگە تېلېفون قىلغىنىمنى ئاكام بىلمەيدۇ ، بىزگە چوقۇم ياردەم قىلسىڭىز … ›› بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنىشى، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشقا بولغان كۈچلۈك تەشنالىقى ، ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرى – مۇھەببىتى مانا مەنلا دەپ تۇراتتى. ئۆزەمنىڭ بىخۇتلۇق قىلغانلىقىم ۋاقتىدا مۇراجاتناما چىقارمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندىم. ئاللاھىم ، ھلىھەم كېچىكمەسمىز . قېنى كۆپچىلىك ياردەم قۇلۇڭلارنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنغايسىلەر ، بۇ قېتىم پۇل ئەمەس قان لازىم. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى ، ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن ! ئابدۇراخمانجاننىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن، ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرداشلىق ، ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن !
ئاخىرىدا ،  مەزكۇر ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى چامىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ، باشقا تور بېكەت – مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!33 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    قان تىپىم ماس كەلمەيدىكەن … دىمەك بىۋاستە ياردەم قىلىش شەرىپى ماڭا يەتمەپتۇ .. ئەمما مەن ئەتىراپىمدىكىلەردىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىزدەپ باقاي ، ھەم مەزكۇر يازمىنى بىلوگۇمدا تەشۋىق قىلىپ قوياي !

    • گوفرىت مۇنداق يازغان:

      ادادا گەرچە سىزنىڭ قىنىڭىز ماس كەممىسىمۇ مۇشۇ گىپىڭىز مىنى ۋە ئەممە كىشىلەرنى تەسىرلەندۇرىدۇ. رەخمەت سىزگە مەنمۇ كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىزدەيمە گەرچە كىچىك بوساممۇ!!!!! خۇدايىم شىپالىق بېرىدۇ !! ئې!ئاللا بۇ ئاددىغىنە بەندەڭگە شىپالىق بەگەيسە

  2. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    ھەي. ئۇلۇغ ئاللا شىپالىق بەرسۇن. مېنىڭ ئو تىپلىق ئىكەن، بولمىسا ياردەم قىلاتتىم .

  3. 冷血 مۇنداق يازغان:

    ئەپسۇس، مېنىڭ قىنىم ب تىپلىق ئىكەن، بولمىسا جان دەپ ياردەم قىلاتتىم،

  4. بوۋاق مۇنداق يازغان:

    قان تىپى A بولسا بولامدا مىنىڭA قان مەن ياردەم قىلىشنى خالايمەن .يەانە ياردەم قىلدىغانلا بولسا ئۇقۇشۇپ باقاي.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      قان تىپى A تىپلىق بولغاندىن باشقا يەنە، Rh تىپى مۇسبەت بولۇشى كېرەك. يەنى Rh (+) A مۇشۇ تىپقا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ھەر ھالدا سىزگە ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز تېما ئاستىدا قالدۇرۇلغان يانفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئۇلار بىلەن تەپسىلىي پىكىرلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭلى تەسكىن تېپىپ قالار ، روھىي مەدەت بولار !

  5. پەرى مۇنداق يازغان:

    ئەپسۇس ، مېنىڭ قان تىپىم ماس كەلمەيدىكەن . مەن باشقا تور بەتلىرىگە يوللاپ خەۋەر قىلىپ قۇياي .

  6. ئارغۇ مۇنداق يازغان:

    ئاللاھ بۇ بالىنىڭ كېسىلىگە شىپاتلىق بەرگەي! مېنىڭ قان تىپىم AB ئىدى، بىلوگىمغا بۇ تېمىنى يوللاپ قوياي.

  7. بىرزات مۇنداق يازغان:

    مەن 80خالتا بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم، بۇ تېمىنى كىچىكىپ كۆرگىنىمدىن ئەپسۇستىمەن. ئىلاھىم، بۇ ئىنىمىزغا ماس كەلەۈدەك ھەم يىتەرلىك قان تېپىلغاي!

  8. شىرىنىم مۇنداق يازغان:

    ۋاي ئسىت بىچارە ~ ئۇلۇغ ئاللا كىسىلڭىز گە شىپالىق بەرسۇن ~ ئەپسۇس مىنىڭ قان تىپىم ماس كەلمەيدىكەن.~

  9. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    مېنىڭ قان تىپىممۇ ماس كەلمەيدىكەن. بولمىسا جان دەپ بېرەتتىم بۇ ئىنىمىزگە. ئاللا شىپالىق بەرگەي… ياخشى كۆڭۈل، ئىزگۈ نىيەتلىك كىشلەر ئۈزۈلمىگەي….

  10. يۇسۇپجان مۇنداق يازغان:

    مەن بارلىق چ چ توپىغا يوللاپ قويدۇم لازىم قانتىپ ئا قانىمىكەن مېنڭ قانتىپىم ئو قانتىپى ماس كەلسە بېرەي چ چ رىم 837206756

  11. مۇتەللىپ مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ خەۋەرنى بارلىق چ چ توپىغا يوللايمەن مىنڭ قان تىپپىم ئا مىنىڭ ماس كەلگۈدەك

  12. مۇتەللىپ مۇنداق يازغان:

    بىراق مەن ھازىر قەشقەردە ئۆپكە تىبركىليۇز كىسلمنى داۋالىتىۋاتىمەن

  13. تېلەك مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن ئىنىمىزنىڭ كىسىلىنىڭ شىپا تېپىشىنى تىلەيمەن، ھەم قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن ئىنىمىزغا ياردەم بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    تور بېكىتىمىز بۇ خەۋەرنى ۋاختىدا بىلەلمەي قاپتۇ، شۇڭا ۋاختىدا مۇنبىرىمىزگە چىقىرىپ قويالماپتۇق، شۇنداق بولسىمۇ بېكىتىمىز بۇ خەۋەردىن خەۋەر تاپقان ھامان مەزكور تىمىنى بېكىتىمىزدە ئېلان قىلدۇق.

    تېلەك مۇنبىرىدىكى ئادرىسى:
    پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

  14. رىشتە مۇنداق يازغان:

    ئاللا ئېگەم ئېنىمىزنىڭ تىزراق ساقىيىشغا نىسىپ قىلسۇن!

  15. ئايچىۋەر مۇنداق يازغان:

    بۇ خىلدىكى مۇرەككەپ قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئارخىبى ، ئالاقىلىشىش ئادرىسلىرى چوڭ دوختۇرخانىلاردا بار بولىدىغان ، شۇ يەردىن ئالاقىلىشىشىپ باقسىمۇ بولىدىغۇ دەيمەن مېنىڭچە . مېنىڭكىمۇ مۈشۈك ئېيىق تىپىدىكى قان تىپىدىن ، بۇ ئىنىمىزغا ماس كەلمەيدۇ قان تىپىم . ماڭىمۇ ھەر يەردىن ، ھەر خىل ئاۋازلاردىن تېلفۇن كېلىدۇ . 2009 – يىل بېشى ، قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرى ئېدى . نامەلۇم بىر نومۇردىن تېلفۇن كېلىپ ، ئايالىغا جىددىي قان لازىملىقىنى ، تۇغۇتى ىەۋپ ئىچىدە قالسا، ئىككى جاننىڭ …. بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئارقىدىن دادام دېمەتلىك بىر ئەر يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا يالۋۇرۇپ كەتتى : «قىزىم ياردەم قىلغان بولسىلا ، يالغۇز قىزىمتى …. ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالساق ؟! …… » شۇ يىلى دادام تۈگەپ كېتىپ قارىلىقتا ئىدىم ، مەنمۇ دادامنىڭ تىكەندەك قىزى . دادىنىڭ قىزى ئۈچۈن يىغلىغانلىقىدىن بەك تەسىرلەندىم ،كۆڭلۈم يېرىم بولدى . يولدىشىمغىمۇ دېمەي (دېسەم ئۇنىمايدۇ ئەكسىچە ىاپا بولىدۇ ) قارامايدىن ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم . ئاپتونۇم رايونلۇق ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا تەستە كەلدىم . ئۇلار ئالدىمغا چىقىپ ماڭا ھەيران قېلىشتى ، چۈنكى قورسىقىمدا 7 ئايلىق بولغان ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى 3 ئاي مەزگىلى ئىدى .پىشقەدەم بىر ئايال دوختۇر مېنى كۆرۈپلا — مۇشۇ ھالىڭىز بىلەن قان بېرەمسىز خېنىم ؟ دەپ تەنە ئارىلاش سوغۇق كۈلدى . مېنىڭ بۇ تۇرقۇمدا قان بېرىشىم مۈمكىن ئەمەسكەن . يەنە قايتتىم قارامايغا . يول ئازاۋى ، چارچاش ، پۇت – قولۇمنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى …. مۇشۇ سەۋەبتىن باش سۈيى يېرىلىپ بالام يەتتە ئايلىق تۇغۇلۇپ قالدى . نىيىتىمنىڭ دۇرۇسلۇقىمۇ ياكى بالامنىڭ رىسقىدىنمۇ ، ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بالاممۇ ئىككى ياشقا كىردى ، ناھايىتى تىمەن . مۇشۇ تور بەتلەردە قانغا ئېھتىياجلىق بولغانلارنى ئاڭلىسام ، يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىدۇ . بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشچۈن ، ھاياتقا ئۈمىد بىلەن تىكىلىۋاتقان ئەشۇ كۆزلەرنى ئويلىسام ، تەن ساقلىققا مىڭ شۈكرىلەر دەيمەن . ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلغان بىمارلارنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ قالىدۇ .ھازىر سالامەتلىكىم بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس . ئۆيدىكىلەر ، تۇققانلار كايىيدۇ ماڭا : سەن ئاغرىساڭ بۇنداق قانننى كىم بېرىدۇ؟ دەپ .
    بۇنداق قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئارخىبى ، ئالاقە نومۇرلىرىنى دوختۇرلار بەك ئاسان تېپىۋالىدىكەن . شۇنىڭغا قاراپ ئارخىبى بولىدىغان چېغى~ دەپ ئويلايمەن ،مەن ئۇلارغا ئۆيۈمنىڭ ئادرىسىنى ، خىزمەت ئورنۇمنى ، تېل نومۇرۇمنى ئېيتىپ بەرمىسەممۇ ، ماڭا بۇنداق تېلفۇنلار كېلىپ تۇرىدۇ . شۇڭا ، سۈرۈشتۈرۈپ باققانىڭ زىيىنىمۇ يوق .
    بۇ ئىنىمىزغا شىپالىق تىلەيمەن ، چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ !

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئايچېۋەر ھەدىنىڭ ئىككى قات تۇرۇپمۇ بىراۋغا قان بەرمەك بولغانلىقى، ئوغلى ‹‹ كىچىك يۈكسەل ›› نىڭ 7 ئايلىقىدا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ، شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ناھايىتى تېمەن چوڭ بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئوقۇپ، ئايچېۋەر ھەدىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئەلسۆيەرلىك، ياردەمسۆيەرلىك روھىغا ، ئاياللىق خىسلىتىگە يانداشقان قەيسەرلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئېيتتىم. ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ نىيەتلەرگە قاراپ بولىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە مەرھەممىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە تەكرارلاپ ئىمان ئېيتتىم!
      ئىنىمىز ئابدۇراخمانجان ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭىز كەلگەي ! ئامىن…

  16. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئىنىمىز ئابدۇراخمانجاننىڭ قان تىپى ئادەتتىكى A تىپلىق قان بولۇپ ، A تىپلىق قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ %95 نىڭ تىپى Rh (+) A بولىدىكەن . ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ Rh مەنپىي بولىدىكەن ( ئەمەلىيەتتە كەم تېپىلىدۇ دەپ قارالغىنى دەل مۇشۇ خىل قان تىپى ئىكەن ) .
    ئەمما، ئابدۇراخمانجاننىڭ قان تىپى ئادەتتىكى A تىپلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، قان تىپى A بولغانلىكى كىشىلەرنىڭ قېنى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىكەن. شۇڭا، تورداشلارغا كۆپ دىلغۇلچىلىقنىڭ، ئۇقۇم خاتالىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېمىدىكى قان تىپى ئۆزگەرتىپ قويۇلدى.
    ئابدۇراخمانجانغا زۆرۈر بولغىنى ئادەتتىكى قان تىپى بولغان بولىسمۇ، ئۇچرىغانلا ئادەمدىن قان بېرىشنى تەلەپ قىلغىلى بولمىغانلىقى، يېقىنقى مەزگىللەردە جايلاردىكى قان پونكىتلرىدا قان قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، قان تولۇقلاش زور قىينچىلىققا ئايلىنىپ قالغان.
    ياردەمسۆيەر كىشىلەرنىڭ قاراپ تۇرماسلىقىنى پەقەتلا 200ml قېنى ئارقىلىق، ئىنىمىزگە قايتا ھاياتلىق بېغىشلاشقا ئورۇنۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  17. دولان مەكىت مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ قان تىپىم A لىكىن مەنپى مۇسبەت لىكىنى بىلمەي دىكەنمەن

  18. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    رۇخسەت قىلسىڭىز مەزكۈر مۇراجەتنامىنى مەنمۇ سىزدىن بىۋاستە كۆچۈرۈپ بلوگومغا ئېلان قىلىپ قوياي، تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر خەۋەر تاپسا ياردەم بېرىدىغانلار كۆپىيىشى مۇمكىن، ھە راست مېنىڭ قان تېپىم ئو تىپلىق، ئو تىپلىق قاننى كۆپلىگەن قان تىپىغا ماس كېلىدۇ دەپ ئاڭلىغان، (بۇ توغۇرلۇق بىلىپ كەتمىسەممۇ) ئەگەر ماس كېلىدۇ دەپ قارالسا مەن دەررۇلا يېنىغا بارىمەن

  19. ئۇسلۇبلار مۇنداق يازغان:

    قوشۇلسىڭىز بۇ يازمىنى كۆچىرىپ بىلوگۇمغا يوللاپ قويسام. ئۇلۇغ ئاللا كىسىلىگە شىپالىق بەرسۇن.

  20. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەجەپ مېنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى ئىنكاسىم يوق تۇرىدىيا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  21. ئەسسەلامۇئەلەيكۇم مىنىڭ o تىپلىك بولمىسا مەن چۇقۇم ياردەم قىلاتتىم ،ئاللا دوسلانىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ ئاتاقىلغاي.يەردەمقىلغانلانى،ئاللا ئۇزپاناھىدا ساقلىسۇن،

  22. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئاللاھ قېرىندىشىمىزغا شىپالىق ئاتا قىلسۇن!
    چەۋەندازلار بلوگىمۇ ھەم مەزكۇر تېمىنى ئۆز بلوگىدا پۈتۈن ھالەتتە ئېلان قىلدى. ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىللىرىنى يۇرۇتسۇن!

  23. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    مەزكۇر يازمىنى بارلىق مەكتەپداشلار تورىغا چىقىدىغانلارنىڭ خەۋەر قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ دىققىتىنى تارتسا ئەجەپ ئەمەس.

  24. دوختۇر مۇنداق يازغان:

    ئادەتتە ئا تىپلىق قانىڭ ئازسانلىق مىلەتلار ئارسىدىكى 95%قانA تىپلىق Rh مۇسپەت (+)تىپلىق بۇلىدۇ .پەقەت 5%ئەتراپىدىكى قان تىپلىق Rh مەنپى (_)تىپلىق بۇلىدۇ .يۇقارقى بىمارغا خۇداغا شۇكرى كۆپ ئۇچىرايدىغان خىلى كېرەككەن .مىنىڭ بىر ئىلگىرى بىر دوستۇم مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتا بۇلۇپ قالغان بۇ ئائىلدمۇ شۇنداق بەك قان ئىزدىگەن ئىدى .مەن شۇۋاقىتتا دوختۇرنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىنى ئاڭلىغان ،ئادەتتە بۇكېسەل بىلەن ئاغىرغانلارغا خېمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ .خېمىيىلىك داۋالاشتا بارلىق ھۇچەيرىلەر (يەنى ياخشى بولسۇن ياكى كېسەل بولسۇن بارلىق قان ھۇجەيرىلىرى تەلتۇكۇش دورا ئارقىلىق ئۆلتۇرلۇپ كېسەل مىكروپ ھۇجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى تىزگىلىنىدۇ ) ئىكىكىدىن يەتتە قېتىمغىچە خېمىيىلىك داۋاش ئېلىپ بېرىلىپ بىمارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ئىلكى قاييتا بىر قېتىم تەكشۇرلۇپ دورىنىڭ ئۇنىمى كۆرۇۇلۇپ بىمار نىڭ تىنىدىكى كېسەلىك ھۇجەيرىسى تۇراقلاشتۇرۇلغاندا ئاندىن ئىلىك كۇچۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلىندۇ .ئەمما ئىلىك كۇچۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلىشتىن بۇرۇن بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خېمىلىك داۋالاش ئۇچۇن 40تۇمەندىن 70تۇمەن يۇۋەنگىچە داۋالاش چىقىمى تۆلىگىن ۋاقىت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .بىر قېتىملىق خېمىيىلىك داۋالاشقا ئادەتتە 5تۇمەندىن 15تۇمەن يۇۋەنگىچە پۇل كىتىدۇ ،خېمىلىك دالاش باسقۇچىدا بىمارنىڭ تىنى خېمىيىلىك دالاشنى كۆتۇرەلمەي قىزىش ۋە باشقا يۇقۇملىنىش بولسا جېمىلىك داۋالاشنىڭ ئۇنۇمىنى يوققا چىقىش بىلەن بىرگە بىمار نىڭ سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ، ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئۇچۇن 70تۇمەن پۇل ھەرگىزمۇ ئاز پۇل ئەمەس ،ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن ، خېمىلىك داۋالاش مۇۋاقىپەتيەتلىك بۇلۇپ يىلىك كۇچۇرشكە كەلسەك ئۇ چىقمغا چىدىماق ئاسان ئەمەس ئادەتتە ئىلىك بىمارنىڭ ئۇرۇق تۇقان قېرىنداشلىرىدىن چىقىپ ئىلىك ماس كەلسە ئوپىرسىيە ھەققىگە 300مىڭ يۇۋەندىن 500مىڭ يۇۋەنگىچە پۇل كىتىدۇ ئەگەر يىلىك ئۆز قېرىنداشلىرنىڭكىدىن ماس كەلمەي خوڭگۇ قىزى كىرىس خەمىيتىدىن ماس كىلىدىغان يىلىك تېپىلسا 600مىڭ يىۋەندىن 1مىليۇن يۇەنگىچە كىتىدۇ يىلىكنىڭ ئۆز قېرىداشلىرىدىن سىرىت باشقىلارنىڭ ماس كىلىش نىسپىتى قرىق مىڭ دە بىر يەنى قىرىقمىڭ ئادەمنىڭ يىلىگىنى تەكشۇرگەندە بىر ئادەمنىڭ ماس كىلىشى مۇمكىن .يىلىكنىمۇ ئادەتتە قاندىن سۇزۋېلىنىپ قان ئارقىلىق يەتكۇزۇلىدۇ ھەگىزمۇ تەسەۋۇرمىزدىكى يىڭنىنى سۆڭەككە سانچىپ سوڭەك ئىچىدىكى يىلىكنى شۇمۇرۇپ بىنار تىنىگە يۆتكەپ بىرىش ئەمەس . مىنىڭ قان تىپىم ماس كەلمەيدىكەن بولسا شۇنداق بەرگىم بار ئىدى بىمارنىڭ ئائىلسىدىكىلەرگە مىنىڭچە قان پىلازمىسىلام لازىم بۇلىشى ناتايىن ئىقسادمۇ چۇقۇم لازىم بۇلشى مۇمكىن ھەمىمىز بىر نەيىتتى ئاز ئازدىن چىقارساقمۇ بىمارنىڭ ئائىلسدىكىلەرنىڭ يۇكى يىنكلىشى مۇمكىن بوسا مىنىڭ ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلۇم بار ئىدى يۈكسەل ئەپەندى سىز بىمارنىڭ ئاكىسى بىلەن ئۇقۇشۇپ ئۇلارنىڭ ئائىلسىدىكىلەرنىڭ كارتا نۇمۇرنىمۇ قۇشۇپ قويسىڭىز بۇلاركەن. مەن پەقەت خەنزۇچە تورلاردىكى مۇشۇ كېسەلگە ئائىت نەرسىلارنى تەرجمە قىلىپ يولارپ قويدۇم بىر ئۇقپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .

  25. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    يۇقارقى كېسەلنىڭ داۋالاش چىقىمى ھەقىيقەتەنمۇ يۇقىرى ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش ۋە ئەھۋال ئۇقۇشۇش ئارقىلىق قىسقىغىنە 20 كۈنگە يېقىن جەرياندا خېلىلا كۆپ ئىقتىسادنىڭ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بەزى كۈنلىرى 18مىڭ يۈەن 2 كۈنگە پايلايدىكەن. ئالدىنقى كۈنلىرى 2 كۈنلىكىگە 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كېتىپتۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى يەنى ئابدۇراخماننىڭ ئاكىسى ھەركۈنى دىگۈدەك كۈنى قان پونكىتىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ كىشىدىن قان پىلازمىسىنى ئايرىپ چىققاندا ساقلاش مۇددىتى 5 كۈنلا بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئېلىۋېلىشقىمۇ بولمايدىكەن. پەقەت بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئالغىلى بولىدىكەن. ھازىر كۆزەتسەم قان ئىسكىلاتىدا تۇرۇپ بەكلا تىپىرلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا بولغاچ قان تەقدىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەمىلىيلىشىشى مۇمكىن بولمايۋېتىپتۇ. ھەرقايسى يۇرتتىكى قېرىنداشلار تىلفۇن قىلىپ قان تەقدىم قىلىشنى ئېيىتقان بولسىمۇ قاننى يۇرتتىن ئەۋەتىپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن توسالغۇ شەكىللىنىپتۇ. ھازىر قان ئىسكىلاتىدا 2 كۈنگە يەتكۈدەك قان پىلازمىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرىت ئابدۇراخماننىڭ چوڭ ئاكىسى خوتەنگە تىۋىپ ئىزدەپ ئۇكىسىنىڭ كېسىلى ئۈچۈن شىپا ئىزدەۋېتىپتۇ. مېنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغىنى ئەشۇ ياتاقتا ئۈمۈد ئىسىملىك يەنە بىر ئۆسمۈرمۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپتۇ، رادىئولاردا قىيىنچىلىق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپتۇ. مەن كەلگەن ۋاقىتتا بىر ئايالمۇ ھەم ئۈمۈدنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغىلى كەلگەن ئىكەن. يەنە قىسقا ۋاقىتتىلا توردىن ئۇققان بىرجۈپ ياش يىگىت-قىز كىرىپ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئابدۇراخمانغا قان تەقدىم قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى. بۇ ھەقىيقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ئەلۋەتتە.
    يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىشقا توغرا كەلسە 500مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىكەن. شۇڭا بۇ ئوپراتسىيە زور ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىكەن. ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش دەپ قاراش كېرەك. قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يىراق يۇرتلاردا تۇرۇپ قان تەقدىم قىلالمىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئاتىغان ئىقتىسادلىرىنى ئاتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن. مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولۇڭ مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قىيىنچىلىق كۈنلەردىن ئۆتكۈزۈش ۋە ياش بىر جاننى ھاياتقا بولغان ئۈمۈدكە ۋە دۇنيادىكى مېھرىبانلىقنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ قوللىرىنى سۇنايلى! پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قېرىنداش!

  26. قۇربان غۇپۇر ئۇلباس مۇنداق يازغان:

    ئەپسۇس مىنىڭ قىنىممۇ ئو تىپلىق.بولمىسا ياردەم قىلاركەنمەن.

  27. ئۇيكېر مۇنداق يازغان:

    ئو تىپلىق قان تىپى ھەرقانداققا چۈشە مېنىڭ ئو تىپلىق ياردەم بېرىشنى خالايتىم . ئو تىپلىق بولارمۇ ؟؟؟

    • گۈلناز مۇنداق يازغان:

      مەن بۇنى بەك كىچىكىپ كۈرۈپ قاپتىمەن .مىنىڭ قان تىپىم ئىنمىز ئابدۇراخماننىڭ قان تىپى بىلەن ئوخشاش ئىكەن .مۇمكىن بولسا كىچىكىپ قالمىغان بولساملا چۇقۇم مەنمۇ قان بەرگەن بوللاتىتىم . تېلفۇن قىلسام ئالدىغان ئادەم يوق.

  28. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    بۇ بىمارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى قانداقراقكىن؟
    ماس كېلىدىغان قان تىپى تېپىلغانمىدۇ؟

  29. قاراقاشى مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بۇ يىل 1 ئايدا دۇختۇرخاندا يېتىپ ئۇپىراتسيە قىلغۇزىغان مىېنىڭ قېنىم ئۇ تىپلىق قېنمۇ مۇشۇ بالنىڭكىدەك تەس تپلىغان قان ئىكەنتۇق مەن سىلەرنىڭ كۆڭلىڭلارنى بەكمۇ چۈشنمەن

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟