نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئالىم كاۋاپچىدىن كېيىن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

ئۆتمۈشتە، ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بارغان قۇربان تۇلۇم، سۇمبۇل چاچلىق داۋانچىڭ قىزى، پەم – پاراسەتلىك نەسىردىن ئەپەندى ، شاپ بۇرۇت مەمەت كاۋاپچى، مېھماندوست، جاپاكەش، ئاددىي چارۋىچى – دېھقانلارنىڭ سىياقىدا ئىدى. كېيىنرەك، ئوغرى – قاراقچى، زەھەر ئەتكەسچىسى، بۆلگۈنچى – تېررورچى دېگەندەك ‹‹ ياغلىق قاپاقلار ›› ئۇيغۇرلارنىڭ پېشانىسىگە تېڭىلىپ قالدى. ئىچكىردىكى بىر قىسىم قېرىنداشلار ئۇيغۇرلارنى كۆرسە ئۈركۈيدىغان، ئۇلارنى يەكلەيدىغان ئەھۋال ئەۋج ئېلىپ قالدى. بۇ خىل ناچار ئىجتىمائىي كەيپىيات ئۇيغۇرلاردا باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ، كەمسىتىلىۋاتقاندەك، مىللىي غۇرۇرى سۇندۇرۇلۇپ، كىشىلىك ئىززەت – ئابرۇيى پايمال قىلىنىۋاتقاندىكىدەك ئىنتايىن ناچار تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا مىسلىسىز روھىي بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۇنداق ناچار ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىدە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ شان – شەرىپىنى بۇلغىغانلىقى بىرىنچى سەۋەب بولغان بولسا، دائىرىلەرنىڭ تەشۋىقات تەپەككۇرىدا ئومۇمىيەتنى كۆزلەش ئىدىيىسىنىڭ ناھايىتى كەمچىل بولغانلىقى، ئاساسىي ئېقىمغا تەۋە ئېسىل تىپ، نەمۇنىلىك شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇشتىن، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى سازايى قىلىش سالمىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىككىنچى سەۋەب؛ ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىشى ۋە باھا بېرىشتە ‹‹ بىر تاياقتا ھەممىنى ھەيدەش ، ئاق قارىنى ئىلغىماسلىق ›› تەك بىر تەرەپلىمە ناچار تەپەككۇرى ئۈچىنچى سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە جۇڭگو تور ئاممىسىنىڭ دىققەت – ئېتىبارى يەنە بىر قېتىم ‹‹ شىنجاڭ، ئۇيغۇر ، كاۋاپچى›› دېگەن ھالقىلىق سۆزلەرگە ئاغدۇرۇلدى. بۇ قېتىم ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇ بولدىكى، ‹‹ شىنجاڭ ، ئۇيغۇر ›› دېگەن ھالقىلىق مەزمۇنلارغا باغلانغىنى ئوغرى، زەھەرچى، يەنە بىر نېمىچى بولماستىن ‹‹ پۈتكۈل جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن خەير-ساخاۋەتچى ›› دېگەن شان – شەرەپلەرنىڭ ساھىبى ئالىم كاۋاپچى ئىدى. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، گۇيجۇنىڭ بىجيې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كاۋاپچى ئالىمجان ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2010 – يىل›› لىق تور شەخىسى بولۇپ باھالاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەننىڭ ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىشى ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا بېلەت تاشلاشقا چاقىرىق قىلىشى، جاڭ شۇجىنىڭ ئالىمجان بىلەن ئاغا – ئېنە بولۇپ قول بېرىشىشى … دېگەنگە ئوخشاش بىر تالاي ئىشلار ئالىمجاننى بىردىنلا جۇڭگو تاراتقۇلىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بېشىدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى، ئېڭەكلىرىدىكى قويۇق ساقال – بۇرۇتى، ئىش – ئىزلىرى، ئېرىشكەن شان – شەرەپلىرى كىشىلەرنىڭ نېرۋىسىنى يەتكۈچە غىدىقلىدى. ئىلگىرىكى ‹‹ ئۇيغۇر، ساقال – بۇرۇت … ›› لارغا يانداشقان خاتا قاراشلىرىنى قايتىدىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى…
ئەمەلىيەتتە، كاۋاپچى ئالىمجاننىڭ ھاياتى تولىمۇ ئاددىي ھايات، قىلغان ياخشى ئىشلىرى دېڭىزدىن تامچە. كۈنىمىزدە ھەم ئالىمجان كەبىي نەمۇنىلىك كىشىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساماندىن تولا. ئالايلۇق، ھەرمىللەتتىن بولغان 20 نەچچە يېتىم بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ھەنىپە ئانا ( ئەلباش خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا زىيارەت بېرىش پەيتىدە، نيۇ يورك دەۋر مەيدانىدا قويۇلغان جۇڭگونىڭ ئوبراز تەشۋىقات فىلىمىدە مەزكۇر ئۇيغۇر ئانا ئالاھىدە كۆرسىتىلدى )، شىنجاڭدىكى يېتىملەرنىڭ ئانىسى رەيھان ئاپپاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ››، يېتىملەرنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان نۇرتاي ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئىزدىن مېڭىۋاتقان ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ››، تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ قىزىنى بېقىۋالغان بوۋاي ئابلىز نۇرەك، بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان خەنزۇ قىزنى مەردانىلەرچە قۇتقۇزىۋالغان غېنى جۈمە، توردا ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نى يولغا قويۇپ، ئوقۇش جەريانىدا قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۈن – تىنسىز ياردەم بېرىۋاتقان ئەيساجان ( ۋاپاداراىم ) … دېگەندەك.
جاڭ شۇجىنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە پەيتنى تۇتۇش ماھارىتىغا قول قويۇشقا ھەقلىقمىزكى، ئۇ ئۇيغۇر كاۋاپچى ئالىمجان ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەملىكەت مىقياسىدا ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەپ ›› ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغاندەك قىلىدۇ. دائىرىلەرنىڭ تەشۋىقات تەپەككۇرىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

خوش، ئالىم كاۋاپچىدىن كېيىن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

1. ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز ۋە قەددىمىزنى رۇسلىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كىشىنىڭ رىزقىغا چاڭ سالمايدىغان، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ھالال ياشايدىغان خەلق. ئاجىزلارغا يۆلەك، مىسكىنلەرگە تۈۋرۈك ، غېرىبلارغا باشپاناھ بولىدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىقلا ئەمەس بەلكى ئادىمىي بۇرچ ھېسابلايدىغان بىر قەۋىم. ئالىم كاۋاپچى مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدى . شۈبىھىسىزكى، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۆزىدىكى كەمسىنىش تۇيغۇسىنى، چۈشكۈنلۈكنى چۆرۈپ تاشلىشى، بېشىنى كۆتۈرۈپ، قەددىنى رۇسلىشى، ئۆزىگە ۋە مىللىتىگە تولۇپ تاشقان ئىپتىخار ۋە ئىشەنچ نەزىرى بىلەن قارىشى، ئىشلاردا مەردانە، دادىل بولۇشى لازىم.
ئۇيغۇردا ئەقىل- پاراسەت بار، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەت بار، ھەرجاپاغا چىدايدىغان پىشقان روھ بار. تارىم – خانتەڭرى گۇۋاھ بولۇپ، تارىخ داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، << قالاق، كاللىسى ئاددى، ئوغرى … >> دېگەندەك تۆھمەتلەر ئۇيغۇرغا ھەرگىز، ھەرگىزمۇ يار ئەمەس.
2. ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ھۈنەر – كەسىپنى قانات قىلىشىمىز لازىم.
ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ھۈنەر – كەسىپ _ مانا بۇ ئالىمجاننى بۈگۈنكى ھۆرمەت كۆكىگە ئۆرلەتكەن جۈپ قانات. بۇ بىر جۈپ قانات ھەر بىرىمىز ئۈچۈن زۆرۈر. بىرى كەم بولۇپ قالىدىكەن ھاياتتا يەتمەكچى بولغان مەنزىل ۋە ئېرىشمەكچى بولغان شەرەپكە نائىل بولالىشىمىز ناتايىن.
شەكسىز ھەقىقەتلەردىن بىرى شۇكى، ھەرقانداق ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئۇنىڭ ئەزالىرى گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتكە باغلانماستىن ئۆز ئارا بىر – بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇپ ۋە بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بەختلىك ھالدا ھايات كەچۈرىشى ۋە راۋاج تېپىشى مۇمكىن ئەمەس! تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى يۈكسىلىشتىن بولغان نېسىۋىسى ئۇلارنىڭ ئەخلاق- پەزىلەتتىكى يۈكسىلىش دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. قانداقلا بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى تەرەپتىن يىقىلىشى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي تەرەپتىن يىقىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بولىدۇ. ئەخلاق-پەزىلەت ھەر قانداق بىر مىللەت خەلقلىرى ئىچىدە يىمىرىلمەس تۇتقۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ھالقىدۇر. بۇ ھالقىنىڭ بىرەر شەخستە يوقىلىشى ياكى ئۈزۈلۈپ كېتىشى بىلەن شۇ شەخسنىڭ ئومۇم بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي يوقالغان ۋە ئۈزۈلگەن بولىدۇ. يىپتىن ئۈزۈلگەن لەگلەك، توپتىن ئايرىلغان ئوغلاقنىڭ ئاقىۋىتى ھەممەيلەنگەن ئايدىڭ.

ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر،
بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر.
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ

خەلقىمىزدە << قۇش قانىتى بىلەن ئۇچار، ئادەم ھۆنىرى بىلەن >>، << ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس >> دېگەندەك ماقال – تەمسىللەر ئارقىلىق ھۈنەر – كەسپنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ھۈنەرلىك كىشىنىڭ خار بولماي بەختىيار ياشايدىغانلىقى تەرىپلىنىپ كەلگەن. كۈنىمىزدە ھەم ئالىمجان كەبىي نۇرغۇن كىشىلەر ھۈنەر ئارقىلىق ئەلگە تونۇلۇپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولماقتا. دېمەك، << بىلگەننىڭ يۈزى يورۇق، بىلمىگەننىڭ يۈزى چورۇق >>. بىلىم ۋە ھۈنەر ئىنساننى جەمئىيەتتە مەرتىۋىلىك قىلىدۇ. كىمكى ھۈنەر – كەسىپتە كامالەتكە يەتسە، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە باشقىلارغا زوق، ھىممەت بېغىشلىيالايدۇ. شۇڭا، ئەقىدىلىك ، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇش بىلەن بىرگە، ئىلىم – مەرىپەت، ھۈنەر – كەسىپ ئىگىلەشتە ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماسلىق لازىم. ھۈنەر ئۆگەنمەسلىك ۋە تىرىشماسلىق مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىقتۇر.
3. ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز ۋە مىللەتنىڭ شەرىپىنى ساقلىشىمىز كېرەك.
ھەر باسقان قەدەملىرىمىز، قىلغان ئىشلىرىمىز ئۆزىمىزگە تەئەللۇق << شەخسىي قىممەت >> يارىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىز تەۋە توپ ئۈچۈنمۇ قىممەت قوشىمىز. ماڭغان يولىمىز دۇرۇس، قىلىغان ئىشىمىز ئەھمىيەتلىك بولسا، كىشىلىك قەدىر – قىممىتىمىز ئۆسۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىز تەۋە بولىۋاتقان توپنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلىرى تولۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر ماڭغان يولىمىز ئەگرى، قىلغان ئىشىمىز زەرەرلىك بولسا، قەدىر – قىممىتىمىز تۆۋەنلەش بىلەن تەڭ، ئۆزىمىز تەۋە بولىۋاتقان توپنىڭ قىممەت غەزىنىسىنى خورىتىپ، شۆھرەت دەرىخىگە پالتا ئۇرغان ھېسابلىنىمىز. شۇڭلاشقا، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆزىنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماسلىقى ، ئۆزى ۋە مىللەتنىڭ شەرىپىنى ساقلاشنى ھەرۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.

ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە، بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىدىكى قېرىنداش قەۋىملەر بىلەن، ئۇنىڭدىن ھالقىپ دۇنيادىكى بارچە مىللەت ، ئىنسانىيەت تۈركۈملىرى بىلەن تەخىرسىز دىئالوگلىشىش، تەسىرلىشىش تارىخىي باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئەمدىلەتتىن قايتىدىن تەرەققىي قىلىش، قەد كۆتۈرۈش پەللىسىدە تۇرىۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ، تۆھپىسى، پەزىلىتى، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن جۇڭخۇا ئېلىدىكى، جاھاندىكى باشقا قەۋملەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا، ھۆرمەت قىلىشىغا سازاۋەر بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كۈنىمىزدىكى مىللەت سۈيەر ئەۋلادلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك بولغان بىر مۇھىم نىشان بولۇشى كېرەك.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئالىم كاۋاپچىدىن كېيىن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!26 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    يولداش ئالىمجاندىن ئۆگىنىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشايلى!

  2. FinalFantasy مۇنداق يازغان:

    ئۇيەر-بۇيەرلەردە بۇ كىشى توغرىلىق ئۇنداقەي، بۇنداقەي دېگەندەك پاراڭلارنى كۆرگەن ئىدىم، لېكىن بۇ يازمىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇم.

    • نامەلۇم مۇنداق يازغان:

      بىز شۇ سۆز چۆچەك تارقىتىشقا ئامراق . بەك ناچا ئىللەت بار جۇمۇ بىزدە.

      • نامەلۇم مۇنداق يازغان:

        گۈلەننىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز قانداق؟ ئىللەت پۈتۈن مىللەتتە بولمايدۇ، مىللەت ئىچىدىكى شەخستە بولىدۇ، دېمەك ھەرقانداق مىللەتتە بار، سەلبىيلىكلەر…

  3. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2010 – يىل›› دىن بۇرۇنلا ئالىمجانغا دىققەت قىلغان ئىدىم. ئىنتېرنېتتا تارقالغان سىن ھۆججىتىدىن ئۇنى ئۇلۇغ شەخىس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كەمىنىگە بىر نەچچە قېتىم ئۇچرىغان، جان بېقىش كويىدا تىپىرلاۋاتقان تۆۋەن قاتلام كىشىسى سۈپىتىدە تونۇغان ئىدىم؛ ئۇنى ئۈرۈمچى بۇلاقبېشى كوچىلىرىدا دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان بازارچىغا ئوخشاتقان ئىدىم.
    بۈگۈنكى رېئاللىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، كەمىنە خاتالىشىپتۇ. ئۇنى پەقەت ئۆز جېنىنى باققۇچى ئاددىي شەخىس دەپ قارىساق بولمىغۇدەك. ئۇ ئاڭلىق ۋە ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان ئۇيغۇر ئوبرازىنى تازىلاۋېتىپتۇ، ئاندىن ئۆز جېنىنى بېقىۋېتىپتۇ. يۈكسەل بۇرادىرىمىزنىڭ «كۆڭۈل قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچى داتلاشمىسۇن» نامىدىكى يازمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىجراچىسى سۈپىتىدە ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ.
    جانابىي ئاللا ئالىمجاننىڭ دىيانىتىگە قۇۋۋەت، ھۈنىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي!

  4. بۇخارىي مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەيلى ۋاقىتلىق پۇل تاپقىلى بارغانلىرى بولسۇن ، مەيلى تىجارەت بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالغانلىرى بولسۇن، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ يا ئاق سېتىپ تۈرمىگە كىرگەنلىكىنى، يا دىيارىمىزدىن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئالداپ ئېلىپ كېتىپ دۇنيادىكى جىمى قەبىھ ئەسكىلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشى كىشىلەر بولسىمۇ، ياشاش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە ئامالسىز يامان يولغا كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى، نۇرغۇنلىرى يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمەي،جاننى ئالقانغا ئېلىپ ياشاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى دائىم ئاڭلاپ تۇراتتۇق.
    بەشقول ئوخشاش ( ئۇزۇن ) بولمىغاندەك، ئىچكىرىگە بارغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يامان يولدىكى كىشىلەر بولماستىن،بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشى نىيەتلىك بىجىرىم كىشىلىرىمىزنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىنىڭ نوپۇزلۇق مېدىيالاردا ئاڭلىتىلىۋاتقانلىقىنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭمۇ كۆپ قېتىم مەخسۇس زىيارەتتە بولغانلىقنى،ھەمدە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى….ئاڭلاپ، قىزىقىش ئىچىدە بەيدۇ ئىزدەش تورىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاسقاش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېپىپ، قايتا-قايتا كۆرۈپ چىقتىم،قېنى قېرىنداشلار، سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار، ئىچكىرىدە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقانلار ئىچىدە مۇنداقمۇ ئېسىل ئادەملىرىمىز باركەن!

  5. نازىي مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ كىشىنى كۆرگەن ئىدىم، قايسى يىلىلىقى ئېسىمدە يوق، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچى نامىدا بىر فىلىم ئىشلەپتىكەن، مەنمۇ بارغان ئىدىم، ئالىم ئۆزى 40 ياشلاردا بار، قويۇق قارا قاشلىرى، قويۇق كىرپىكلىك يوغون كۆزلىرى ھەم تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرمىسىمۇ ئۇيغۇرلۇقىنى مانا مەن دەپ ئىپادىلەپلا تۇرىدىكەن، ئۇ شۇ قېتىم ئۆز ئاغزى بىلەن ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەت ئوبرازىنى يوقىتىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرمۇ باركەن دېگۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن، بۇ ھەرىكىتىمنى ئاخىرىغىچە توختاتمايمەن، دېگەن ئىدى، ئۇ شۇ چاققىچە ئىچكىرىدىكى بىر نەچچە يوقسۇل بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋېلىپ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە باشقىلارغا ياردەم قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان خاتا چۈشەنچىلەرنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆلەپ بەرگەنىدى.
    مەنچە بولغاندا، ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە مىللىتىنى سۆيۈش بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك.

  6. 阿修罗 مۇنداق يازغان:

    信心点灯博客的阿修罗来看博主了,新年快乐!

  7. نۇرمۇھەممەد مۇنداق يازغان:

    بىر ياخشى ئىش قىلساق بىر كىشىنىڭ تۆھپىسى بولىدۇ . ئەمما ياتلارنىڭ ئالدىدا بىر يامان ئىش قىلساق بىر مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكىمىز بۇنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولىدۇ !

    ئالىمجاننى مەن نەچچە يىللار بۇرۇنلا كۆرگەن ، توردىن ئىش ئىزلىرىنى ئىزلەپ تېپىپ ئاڭلىغان ، شۇ چاغلاردىمۇ ئۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتىكەن ، ئەمما ھازىرقىدەك شۆھرەتكە ئېرىشىپ ئۆزىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى جوڭگۇ ئاتلىق بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا كۆتۈردى ، شۇڭلاشقا بىزدەك ئاددىي كىشىلەرمۇ ئاددىي ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق ئۆز مىللىتىمىزغا شەرەپ كەلتۈرەيلى ، يۈزىنى تۆكمەيلى !

  8. سۇچى مۇنداق يازغان:

    ئالىمجاننىڭ روھى بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.بەزىلەرنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلىدۇ.ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا!ئۇ شۇ زىمىندا جان باقتى،شۇ زېمىندا يۈكسەلدى،شۇ زېمىننىڭ ئاش-تۇزىنى يېدى.ئادىمىلىك،ئنسانپەرۋېرلىك،ئادىمىگەرچىلىك نۇقتىسىدىن ئەلۋەتتە شۇ يەرلىك خەلققە پايدىلىق ئىش قىلىشى كېرەك.بۇ خىل ئاڭ سەۋىيە ھەر بىر جۇڭگولۇقتا ھازىرلىنىشىنى ھەممىمىز ئۈمۈد قىلىمىز! ئۇ قانداقتۇر ئاددى كاۋاپچى ئەمەس بەلكى ئاق كۆڭۈللۈك،سەمىمىلىك،مەردلىك جەھەتلەردە مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى،تىپىك ئۇيغۇر بالىسى. بىز ئۇنىڭدىكى ئېسىل پەزىلەتنى كۆرىشىمىز لازىم.ئۇنىڭ چېھرىدىن مىڭلىغان جاپاكەش،ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئالىمجان سىزگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن! سىزدەك ئوزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئۆزى تىكلىيەلەيدىغان،مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۆپرەك تونۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

  9. كۆيۈك مۇنداق يازغان:

    بۇ ئاكىمىزنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پروگراممىسىدىكى زىيارىتىنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم ، ئاخىرىدا مۇخبىر بىر سوئال سورىغاندا ئالىمجان ئاكىمىز مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇلارنىڭ ھەممىسى شامال ، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ، مەن يەنىلا كاۋاپچىلىقىمنى قىلىۋېرىمەن . ››
    مۇشۇ سۆزىدىن بەك سۆيۈندىم.

  10. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    يېقىندىن بېرى يانفۇن گېزىتىدە ھەر قېتىم ئالىم ئاكىمىز ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كېتەتتىم، ئەمما بىر قانچە قېتىم باشقىلار بىلەن بولغان پاراڭدا بۇ ئاكىمىز ھەققىدە ئازراق سۆز ئېچىپ قويغىنىمغا باشقىلار گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ، سۆز ئاچقانغا تويغۇزغان ئىدى.
    بىز خەق بەزىدە تولىمۇ غەلىتە خەقكەنمىز. باشقىلار يامان ئىش قىلىپ مىللەتنىڭ ئوبرازىنى يەرگە ئۇرسا ھېچ ئىش قىلىماستىن تىللاپ قويۇپلا بولدى قىلىدىكەنمىز، بىراۋ ياخشى ئىش قىلىپ مىللەتنىڭ شان شەرىپىنى يۇقىرى كۆتۈرسە ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىكەنمىز.

  11. بابۇر مۇنداق يازغان:

    بۇماقالە بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ.نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ئالىمجاننىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ،ئالىيجاناپ ئىنسانىي پەزىلىتى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلنىۋاتىدۇ.مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. ئالىمجان بىز ئۇيغۇرلارغا ۋە پۈتۈن شىنجاڭ خەلىقىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى.شۇڭا بىز ھەر مىللەت خەلىقى ئالىمجاندىن ئۆگۈنۈپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ،جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ،يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  12. پەرزىزات مۇنداق يازغان:

    مەن تېلىۋۇزۇردىن ئۇنىڭ تۇرمۇش شارائىتتىنىڭ ئىنتايىن ئاددى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.ئاشۇنداق جاپالىق شارائىتتا پۇل تىپىىپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ روھى ھەقىقەتەن ئۈگىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئەتراپىمىزدا ئۇقىششىز قالغان سەبىلەرنى كۆرگەندە، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاجىزلارنى كۆرگەندە ھەممىمىز ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلىگەن بولساق تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.

  13. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئىچكىرىدىكى كاۋابچىلارنى كۆرسەك ئەيمىنىپ ئۆتۈپ كېتەتتۇق،بۇ كىشىدىن تەسىرىدىن ئىچكىرىدىكى ياغلىق قاپاقلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولسىكەن دېگەن ئۈمىددىمەن

  14. ئەسلىمە888 مۇنداق يازغان:

    ئالىم ئاكا رەھمەت سىزگە!جاپا چەكتىڭىز.

  15. سەھەر مۇنداق يازغان:

    جاڭ چۇنشيەننى ۋەزىر ‹‹ لىيۇ يۇڭ ›› دەپ ئاتىساق بۇلىدۇ . ئۇ ھەققىقى خەلىققە كۆيۇندىكەن ھەقىقەت يۇلدا چىڭ تۇردىكەن جاڭ شۇجى بار كۈچى بىلەن مىللەتلەر ئىتپاقلىقنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە تىرشىۋىتىپتۇ ئۇنىڭ ھەققانيەت يۇلدا مىڭپ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرشى ئۇچۇن كۈچ چىقىرۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە بىز چۇقۇم جاڭ شۇجى ۋە باشقا كادىرلارنىڭ خىزمىتىگە تەڭ ماسلىشىپ بىرەيلى .
    ئۇنىڭ ئىش -ئىزلىرنى بەلكىم كۆپچىلىك ئاڭلاپ تۇرۋاتقان بۇلشى مۇمكىن .

  16. ئېسيان مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ ماقالىنى بەك ياقتۇردۇم، يۈكسەل ئەپەندىگە رەھمەت!
    شۇنداق بىز ئۆزىمىزگە ئىشىشنىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز، قىلغان ئىشىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشىمىز، باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ، ئۇلاردا بىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا قىلىشىمىز كېرەك! بىزدە ھۈنەرۋەن خېلى بار، لىكىن شۇ ھۈنەرنى تىرىشىپ خېرىدارغا يارىتىپ قىلىدىغانلار تولىمۇ ئاز، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۆز كەسىپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  17. ئايشەم مۇنداق يازغان:

    قىسقىسى كەمىنۇمۇ ئالىمجاننىڭ ئىش ئىزلىرىنى ، ئادىل مىجىت ئالغان ئوبراز ئارقىلىق كۈرۈپ كۈزۈمگە ئىللىق ياش تۈكۈلدى ، ئادىل مىجىتمۇ ھەر قېتىم رول ئالسام ئىچىمدىن يىغلاپ كىتىمەن دىگىنىنى ئاڭلاپ ، ئالىمكامدىن تەسىرلەنگەن ئادەملەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم !
    مەن بىلەت تاشلاش مەزگىلىدە ئالىمكامغا بىلەت تاشلاپ ، ھازىرغىچە ئىچكىردىكى پائالىيەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا بىلەت تاشلاپ ئاخىرىدا ھەممىسى ياخشى بىلەت نەتىجىسىگە ئېرىشەلمەيتتى ، بۇ قېتىم تاشلىغان بېلىتىم ئالىمكامنى 1- قىلالىغانلىقىدىن خۇرسەنمەن ، خۇشالمەن :oops:

  18. بەگزاد مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن قەلەم قەغەزنى تەييارلاپ ئالىمجاندىن ئۈگۈنۈش ئۈچۈن تەسىرات يىزىشقا تەييارلىنىشىمىز كىرەك…..

  19. نامەلوم مۇنداق يازغان:

    مەندىن باشقىمۇ يەنە نامەلوم باركىنا بۇ يەردە

  20. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەن پايتەختىمىز بېيجىڭدا تەربىيەلىنىشتە . مەن دەسلەپتە ئۆزەمنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇراتتىم .كىيىن بىلدىم بىزنىڭ ئۇ يەردىكى نامىمىز ياخشى ئەمەسكەن . شۇڭا ئۆزەمنى تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدىغان بولدۇم. تۈركلەرنىڭ ئوبرازى بۇ يەردە خېلى بەلەنكەن.

    • تىلەك مۇنداق يازغان:

      ئۇنداق دىمەڭ. نامىمىز ياخىشى يامان بولۇشىڭىزدىن قەتئىې نەزەر مەن ئۇيغۇر دەپ تۇنۇشتۇرسىڭىز ياخشى بولارمىكىن دەيمەن. ئۇلار بەلكىم سىزدىكى ئوخشىمايدىغان ياخشى پەزىلەتنى كۆرسە «نامى ياخشى» لارنىڭ «ناچارلار»دىن جىقلىقنى بېلىپ قالار دەپ ئويلايمەن.
      ئالىمجانمۇ شۇندققۇ؟ نۇرغۇنلار «ساقاللىق»،«دوپپالىقلار»غا باشقىچە قارايدىغان بولدى.

  21. تىلەك مۇنداق يازغان:

    بۇ يازمىڭىزنى ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇپ ھۇزۇر ئالغان، ماندا قارىسام يەنە تۇرىدۇ، يېڭى بىر مۇلاھىزە ئوخشايدۇ دىسەم بۇرۇنقىسى شۇ ئىكەنغۇ؟ يازمىڭىز يازما بېشىغا ئۆتىۋاپتىغۇ؟ نادىرلاپ قويدىڭىزمۇ نىمە؟

  22. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    بۇندىن كېيىنكى قانداق قىلىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىز بەك ياخشى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. مېنىڭچە بولغاندىمۇ ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىرىمىز ئەقلى ئەمگەك ساھەسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ھۇنەر-كەسىپ ۋە سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىرىمىز ئۆزىمىزگە يارىشا توغرا يولنى تېپىپ شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلساق، باشقىلار ئالدىدا ياخشى ئوبرازىمىزنى تىكلەپلا قالماي، يەنە ئۆز-ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگىمۇ يىتەلەيمىز. بىلىم-ئىقتىدار، ھۈنەر -كەسىپ، ئىناق-ئىتىپاقلىق بىزنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىش يولىمىز ۋە گۈللىنىش يولىمىز بولۇپ قالغۇسى.

  23. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    تاراتقۇلاردىكى مەلۇم بىر سىن ماڭا خېلى تەسىر قىلدى… ئالىمكام رەپىقىسى بىلەن سەھنىگە چىقىپ رىياسەتچىسىگە رەپىقىسىنى تونۇشتۇغاندىن كىيىن، رىياسەتچى ئالىمكامنىڭ رەپىقىسىگە يېڭىباشتىن نەزەر تاشلاپ، ئېغىزىدىن شالۋاق ئىقىتقىلى باشلىغاندا ئالىمكام رەپىقىسىنى دەررۇ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتكۈزىۋالدى… ماڭا قىززىق تۇيۇلغىنى دەل مۇشۇ يەردىكى دىئالوگ:
    - ئايالىڭىز بەك چىرايلىقكەن
    -بىلىمەن
    -راستىنلا بەك چىرايلىقكەن…
    - بىلىمەن
    …ئۇ ئايالىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇراتتى… ھەتتا چىڭلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىر قاراپلا ئۇنىڭ رەپىقىسىنى قانداق قىلىپ قوغداشنى بىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىغۇ دەيمەن( تىل بىر بولمىسىمۇ)…
    جىگەرلىك بول! قەيسەر بول! … بۇنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ! ئەمما داۋاملاشتۇرالىغانلارغا ئۇنداق ئەمەس.
    بۇ يەردە شۇنى دىگۈم بار! تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ ئالىمكا!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟