torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۈرۈمچىدە 1 يىلدا 1000 كىشى يېڭىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى

ئۈرۈمچىدە 1 يىلدا 1087 كىشى يېڭىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى

2009-03-31 . ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 31 – مارت ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى ئەيدىزيۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 – يىلدائۈرۈمچىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا يەنە 1087 نەپەريۇقۇمدار قوشۇلغان بولۇپ ، بۇ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ 2007 – يىلىغاقارىغاندا %4 دىن ئارتۇق ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

1995- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغاندىن بۇيان رويخەتكە ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 25615 غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 9000نەپەردىن ئارتۇقى ئۈرۈمچىدە رويخەتكە ئېلىنغان. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىزلەرئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %34.5 تىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۈستىدىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە قابىل بولمىغانلىقتىن،ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قانداق يوللار بىلەن قايسى دائىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز قالماقتا ھەم مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىشقا ئامالسىز ئىكەن.
دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %82 تىن ئارتۇقى ئاساسەن 20 ياشتىن 39 ياشقىچەبولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردا ئەر يۇقۇئۇمدارلارنىڭ نىسبىتى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقان بولسا 2007 – يىلىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ نىسبىتىدەچوڭ سان ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتىدىمۇ ئۆرلەش كۆرۈلگەن.
ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ئۈرۈمچىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىي بولماقتا.

ئۇيغۇرچە مەنبە: http://karamet.5d6d.com/viewthread.php?tid=1424&highlight
خەنزۇچە مەنبە: http://www.chinanews.com.cn/jk/ysbb/news/2009/03-30/1624851.shtml

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۈرۈمچىدە 1 يىلدا 1000 كىشى يېڭىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملاندى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. yolqi مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر يۇقۇمدارلار نەچچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغاندۇ؟ ئەگەر %85 دىن يۇقىرى دەپ مۆلچەرلەنسە، ئاۋۇ ياشلارنىڭ ئىگىلگەن نىسبىتى %83 گە بۇ نىسبەتنى باغلاپ ئويلىغىنىمزدا ئەھۋال نېمە دېگەن قورقۇنچلىق ؟؟؟! ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى كۈچى بولغان ياشلار ئەيدىز تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە نابۇد قىلىنۋېتىپتۇ. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خانىۋەيران بولۇپ، بارغانسېرى نامراتلىشىپ كېتىپ بارغانلىقى، خوتۇن – بالا چاقىلىرىنىڭ ھېمايىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ئەھۋال نەقەدەر ئېچىنارلىق – ھە ؟! ….

  2. anqar مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم بۇ بىلوگنى قانداققىلسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ مەن قىلالمىدىم تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قۇيغان بولسىڭىز.چ چ 10892170ئېمائىل altunanqar@gmail.comرەخمەت ئەمسە

    mining bilogim http://www.blogbus.com din idi
    [reply=Yuksel,2009-05-19 12:22 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    سىز بلوگباس سۇپىسىدىن بلوگ ئىلتىماس قىلغان ئوخشايسىز، بلوگباستىكى بلوگلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشى ئۇيغۇر تورداشلاردا خېلى ئادەتتىكى ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ قالدى. مېنىڭچە سىزمۇ قىلىپ كېتەلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم بلوگى، دۇنيا قارا بلوگى قاتارلىق بلوگلار ئىزچىل تۈردە بلوگباستىكى ئېسىل ئۇسلۇبلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تورداشلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە سىز يۇقىرىقى بلوگلاردىن چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز:

    تارىم بلوگى : http://tarim68.blogbus.com/
    دۇنيا قارا بلوگى: http://dunyakara.blogbus.com//reply

anqar 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟