شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى ئورگان تور بېكىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا كۆرە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى يېڭى نەشىرى، يانفون نۇسخىسىدىكى تور بېكىتى ۋە iOS ، Android ، WP ئەپلىرىنىڭ لايىھە خىزمىتى ئاخىرىقى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، خەۋەردە، ئەلداۋا ساغلاملىق ئەپىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنمە يۈزى ئاشكارىلانغان.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى دىيارىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كەسپىي ساغلاملىق بىلىملىرى تور بېكىتى بولۇپ، 2011 – يىلى 9-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ تور ئارقىلىق ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساقلىقىنى ساقلاشتا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلگەن ئىدى. تور بېكەت قۇرۇلغىنىغا 3 يىل توشقۇلىۋاتقان قۇتلۇق چاغلاردا، ئەلداۋا ساغلاملىق يانفون ئەپىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ساقلىق سۆيەر كىشىلىرىمىزنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل ئىشلاردىن بولۇپ قالغۇسى!…
مەزكۇر خۇشخەۋەرنى يېقىن-يورۇقلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ، تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. رەھمەت!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئەلداۋا ئەپ لايىھەسى ئاشكارىلىنىپ كەتتى
بەك ياخشى چىقىپتۇ