نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

‹‹ 给力 ›› دىن ياپونچىنىڭ خەنزۇچىغا بولغان تەسىرىگە نەزەر

شۈبھىسىزكى، ھازىر خەنزۇ تور ئاممىسىدا ئەڭ مۇدا بولىۋاتقان سۆز ‹‹ 给力 ›› دۇر. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ياپونچىدىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز ئىكەنلىكىنى تولا كىشىلەر بىلمەسلىكى ئېنىق. بۇنىڭغا 宅 ، 御姐 ، 正太 ، 控 … … دېگەندەك سۆزلەرنىڭمۇ ياپونچە ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ ھالدا نۆۋەتتىكى خەنزۇ تىلىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ياپون تىلى ‹‹ مۇھاسىرىسى ›› گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

‹‹ 给力 ›› نىڭ ئۆتمۈش – بۈگۈنى

تور ئارقىلىق مودا بولۇپ كەتكەن ياپونچە سۆزلەرنىڭ ئەڭ تىپىكلىرىدىن بىرى دەل مۇشۇ ‹‹ 给力 ›› دېگەن سۆز بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ياپونىيەنىڭ ھەزىل كارتون فىلىمى «غەربكە ساياھەت: سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ( 西游记:旅程的终点 ) »نىڭ خەنزۇچە ئاۋاز بېرىلگەن نۇسخىسىدىكى سۇن مايمۇننىڭ بىر جۈملە تەنە سۆزى «这就是天竺吗,不给力啊老湿» (مۇشۇمۇ ھىندىستان بولدىمۇ، ھەي ئېست….) بىلەن باشلانغان. يەنى بۇ يەردىكى «不给力» سۆزى نىشان بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىنى سۈپەتلەپ كەلگەن. ھالبۇكى، « 给力 » بولسا، «ياردىمى بار، ئۈنۈمى بار، يۈزخاتىرە قىلىش » دەپ چۈشىنىلگەن. 2010 – يىلىدىكى دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بۇ سۆز توردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ قالدى. تورداشلارنىڭ توردا ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى «توپ كىردى، كىرمىدى» ئەمەس، بەلكى «不给力» ياكى « 给力 » دېگەن مەسخرىلىك سۆز بولغان.
11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى» نىڭ باش بېتىدىكى چوڭ باش تىما «《江苏给力“文化强省”》» بىلەن، بىراقلا بەس مۇنازىرە قوزغىۋەتتى. كىشىلەر تورنىڭ تەرەققىياتى، توردىكى يېڭىلىقلار بەكمۇ تىز بولىۋاتقاچقا، ھۆكۈمەتمۇ تورغا ئەگەشتى، توردىكى سۆزلەر ئورتاق تىلغا قوشۇلدى دەپ قاراشتى. 2011-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە « 给力» سۆزى سەھنە سۆزى قاتارىدا ئېغىزدىن چىقتى. يەنى «گۈزەل دەۋر» ناملىق ئېتوتتىن كىيىن، رىياسەتچى سەھنىگە چىققاچ:« 刚才的小品给力吗?» (بايىقى ئېتوت بولامدىكەن؟) دىيىشى بىلەن، زالدا چاۋاك ساداسى ياڭرىدى. ( بۇ مەزمۇنلار كروران تورىدىن نەقىل ئېلىندى. )
دېمەك، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلارغا ئالاقىدار بولغان تور سۆزلەملىرىنىڭ ‹‹ رەسمىيلەشتۈرلۈشى ›› بەلكىم توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ‹‹ 给力 ›› سۆزىنىڭ ئاساسىي تاراتقۇلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بەلكىم ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسىي سۆزلەملىرى ( لۇغەت تەركىبى ) گە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ كۈچلۈك بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

ياپونچىنىڭ خەنزۇچىغا بولغان 3 قېتىملىق تەسىر كۆرسىتىش دولقۇنى

كىشىلەر ئەزەلدىن ئەنئەنۋىي خەنزۇ مەدەنىيىتى شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، دەپ قارىشىدۇ. ئەمما، ياپونچە سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىلىغا كىرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى پروفېسسورى 平井和之 نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ياپونچە سۆزلەرنىڭ زور كۆلەم بىلەن خەنزۇچىغا كىرىشى جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن رەسمىي باشلانغان. ئەينى چاغدىكى خەنزۇ زىيالىيلىرىدا ياپونىيىگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، زور مىقداردىكى ياپونچە ئەسەرلەر خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇ ئەسنادا ياپونچىدىن “哲学”،“文学”،“经济”،“社会”،“革命” … كەبىي سۆزلەر تۈركۈملەپ خەنزۇچىغا قوبۇل قىلىنغان. ئېنگىلىزچىدىكى Democracy بىلەن Science دېگەن سۆزلەرمۇ جۇڭگوغا كىرگەندە ئەڭ دەسلەپ ‹‹ 德先生 ›› ۋە ‹‹ 赛先生 ›› دېيىلگەن، ئەمما كېيىنچە ياپونچىدىن قوبۇل قىلىنغان ‹‹ 民主 ›› ۋە ‹‹ 科学 ›› دېگەن سۆزلەر ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالغان.
ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇن جۇڭگودا ئىسلاھات – ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ياپون مەدەنىيىتى ۋە تىل بايلىقى يەنە بىر قېتىم ئۈلگىلىك ئورۇنغا ئۆتكەن. “完胜”،“新干线”،“人气”،“新锐”،“友情出演”،“不景气”،“充电” ، (上班)族… دېگەندەك سۆزلەر قارا يامغۇردىن كېيىنكى سەلدەك يۇپۇرلۇپ كەلگەن ۋە ئەينى چاغدىكى خەنزۇلار تەرىپىدىن زامانىۋيلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كەڭ قوللىنىلغان.
يېقىنى 10 يىل مابەينىدە، پۈتۈن دۇنيا تورلىشىش – ئۇچۇرلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكۈسى ئارقىسىدا، ياپون كارتونلىرى ، تور ئويۇنلىرى “给力”،“御姐”،“控” … غا ئوخشاش ياپونچە سۆزلەرنى خەنزۇچىنىڭ ‹‹ يېڭى مودىسى ›› غا ئايلاندۇردى.
مېڭجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلىدە خەنزۇچىغا قوبۇل قىلىنغان ياپونچە سۆزلەر ئاساسەن ئىلىم – پەنگە ئالاقىدار كىتابىي سۆزلەر بولغان بولسا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا قوبۇل قىلىنغان ياپونچە سۆزلەر پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى زامانىۋىي تۈسكە ئىگە سۆزلەر بولغان. ھالبۇكى، نۆۋەتتە قوبۇل قىلىنىۋاتقان سۆزلەر ئاساسلىقى تور ئويۇنى ۋە كارتون فىلىم ئارقىلىق كىرىۋاتقان سۆزلەر بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلىرى ئاساسەن ياش تور ئاممىسىغا مەركەزلەشكەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك دولقۇندا قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئاساسەن خەنزۇ تىلىغا يەرلىشىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن ‹‹ تارىخنىڭ سىنىقى ›› غا بەرداشلىق بېرەلىگەن. ئەمما، ما يېقىندا قوبۇل قىلىنغان ياپونچە سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىل تۇپىرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ماكانلىشىپ قالالامدۇ يوق؟ بىر نېمە دېمەك تەس. ئالايلۇق ياپونچىدىكى ‹‹幼稚园 ›› سۆزى جۇڭگوغا دەسلەپ شۇ پېتى قوبۇل قىلىنىپ ، كېيىنچە ‹‹幼儿园 ›› دەپ ئۆزگىرىپ كەتكەن.
平井和之 تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانچە – مۇنچە خەنزۇچە تور – مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىگە “爆笑”،“写真集”،“汗” … غا ئوخشاش ياپونچە سۆزلەر دائىم چېلىقىپ تۇرغان، ئۇنىڭ قارىشىچە ‹‹ باشقا بىر تىلدىكى سۆزلەرنى بۇنداق قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىپ ، كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىۋېرىش جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە داغ چۈشۈرگەنلىك ›› تىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

خەنزۇ تىلىدىكى سۆزگە ناقىسلىق كىشىنى ئويغا سالىدۇ

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتېسنتى 施正宇 ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەنزۇچىدىكى يېڭى سۆز ياساش سۈرئىتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە يېتىشەلمىگەن، يېڭى سۆز ياساشتىكى سۆرەلمىلىك ئەسلىدە بار بولغان ‹‹小姐 ›› ، ‹‹同志 ›› ، ‹‹偶像 ›› غا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ بۇرمىلىنىپ كەمسىندۈرۈش مەنىسىنى ئاڭلىتىدىغان غەيرىي سۆزگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلىدىنلا بار بولىۋاتقان سۆزدىكى ناقىسلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. 施正宇 ئەپەندى بۇ ئەھۋاللارنى جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى ئىخترالاش – يارىتىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆرگەن. نۆۋەتتە، خەنزۇچە تورلاردا بىر قىسىم خەنزۇ زىيالىيلىرى ( ئارىسىدا بەزى ياپون زىيالىيلىرىمۇ بار ) ‹‹ خەنزۇ تىلىنى قۇتقۇزۇۋالايلى ! ›› دەپ چوقان سېلىشماقتا…

ئاخىرقى مۇھاكىمە

يۈكسەلنىڭ قارىشىدا، تىل گوياكى بىر ئېقىن دەريا ، ئېقىم مىقدارى قانچە كۈچلۈك بولسا شۇنچە يىراق جايلارغا يېتىپ بېرىپ سىڭىپ كېتىدۇ. تىللار ئارىسىدىكى ئۆز – ئارا ئالاقە – ئالماشتۇرۇش ناھايىتى نورمال ئىش. بەزى چاغلاردا ئىداراكلىق ھالدا بۇ ‹‹ ئېقىن ›› نى ‹‹ ساپلاشتۇرۇش ›› غا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى،كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ بىر خىل تەبىئىي ئايلىنىش، تاللىنىش، شاللىنىش جەريانىدىن ئىبارەت بولىدۇ خالاس.
خوش، ئەمدى كۆپچىلىك بىلەن يۇقىرىدىكى ياپونچە سۆزلەرنىڭ خەنزۇچىغا ئۆزلىشىش جەريانىدىن ئۇيغۇر تىلىمىزغا كىرىۋاتقان سۆزلەرگە نەزەر سالغاچ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ باققان بولساق ؟! …

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ‹‹ 给力 ›› دىن ياپونچىنىڭ خەنزۇچىغا بولغان تەسىرىگە نەزەر

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!16 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ئەييا .. بۇ ئىشلارغا نېمە دېسەك بولار ، راست ھازىر خەنزۇ تىلىنى قۇتقۇزۇۋالمىساق بولمايدۇ ، بۇنداق بولمىسا بىز خەنچىنى ئۆگىنەمدۇق ، ياپۇنچىنىمۇ..

  2. قۇتبىلىك مۇنداق يازغان:

    بىزلەرمۇ 给力汉语 قىلشىمىز كىرەك! :grin:

  3. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىدا بۇ خىلدىكى يازمىلارنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، 有木有!!有木有!!

  4. TuranTekin مۇنداق يازغان:

    «ياقىلار ئىتەك بولدى، ئىتەكلەر ياقا بولدى»؛ «ئۇينىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، مۇزاينىڭ بېشىغىمۇ كەلمەي قالمايدۇ». بۇ جاھاننىڭ مەنزىلى ئۈزۈن!

  5. نادان مۇنداق يازغان:

    :roll: بولىدىغان تىمىكەن مەنمۇ پات پات ئۇچرىتىمەن دە ”
    ھازىر قى ئۆزگەر گەن سۆزلەر بەك كۆپ دىسە ””

  6. ۋاسكېتبول بلوگى مۇنداق يازغان:

    ھازىرقى جوڭگونىڭ ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق!!! :shock:

  7. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ تېما راسلا 给力 تېما بوپتۇ :!:

  8. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    تەدبىركارنىڭ ئىنكاسى ھەقىقەتەن 不给力!

  9. ئۇيكېر مۇنداق يازغان:

    ھا ھا ھا! بۇ گەپ ھەقىقەتەن مودا بولاۋاتىدۇ ، يۈكسەل ئەپەندى بۇ يازمىڭىزغا 给力 جۇما . :mrgreen:

  10. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    خەنزۇلارمۇ تەرەققىيات جەريانىدا باشقا مىللەت يېزىقىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ئۆزنىڭ يېزىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. بىزمۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۆزىمىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرساق بولىدۇ.

  11. شاماللار مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن، بەك ياقتۇردۇم ، يۈكسەل بلوگىغا تۇنجى كىرىشىمدە بۇنداق ياخشى تېمىنى كۆرەرمەن دەپ ئويلىماپتىكەن . قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي . ھازىر رەھپىرى كادىرلارمۇ مودىلىشىپ ھەرخىل خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا ، دوكلاتلىرىدا مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى.

  12. رامىزان مۇنداق يازغان:

    خەنزۇچە مۇنبەرلەردە يەنە مۇنداقمۇ گەپلەر ئۇچرايدۇ

    顶!

  13. كروران مۇنداق يازغان:

    چولتا پىكىر خىياللىرىم يۈكسەلكامنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تېپىپتۇ. مۇشۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ تىل ھادىسىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدى دەو ئويلايمەن. يۈكسەلكامنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

  14. ساپ ھاۋا مۇنداق يازغان:

    بۈگۈنكى دۇنيادا تىللارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىششىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئازراق تەسىرلىشىشنى كۆرۇپلا، قورقۇپ ۋەھىمە يىيىش بىر قىسىم سەزگۈرلىكى بەك يۇقىرى، ئاجىز كشلەردە بەكرەك نامايان بۇلىدۇ. بىزدىمۇ ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا دىگەندەك تور ئەسەرلىرى يىزىلىپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەش خاھىشى بەك ئەۋىج ئىپ كەتتى. ئۇيغۇر تىلنىڭ ھاياتى كۈچىنى سەل چاغلاش بۇ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىلەن باراۋەر. مىڭ يىللاردىن بۇيان (ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسنى بىلمەيمەن) ئالدى بىلەن ئەرەب، ئاندىن پارس روس تىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا قىسمەن سۆزلەرنى قۇبۇل قىلش، ۋە قۇبۇل قىلدۇرۇش نەتىجىسىنى ھاسىل قىلغان ئۇيغۇر تىلى بۈگۈنكى كۈندە لۇفاڭ، دىيەنشى دىگەندەك ئىككى -تۆت تال سۆزنىڭ كىرگىنىگە شۈنچە ئاسانلا بەل قۇيۇۋىتىپ، مەۋجۇتلۇقتىن قالامدۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئۇيغۇر تىلنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە زارلاشتىن بۇرۇن پەقەت ئاددى ھەركەتلەر ئارقىلق ئۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئەڭ ئەۋزەل دەپ ئويلايمەن.

  15. بىغەم مۇنداق يازغان:

    يىقىندىن بىرى بۇنداق سۆزلەر كۆپىيىىپ كەتتىغۇ؟ 给力،神马، 很黄很暴力،有木有 دىگەندەك. ھازىرقى كىچىك بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ 个性 سىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قىلۋاتقان ئىشلىرى. ئەمما 给力،神马 دىگەن ئىككى سۆزنىڭ مەركىزى تىلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كىچىلىكىدە ئىشلىتىلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟