نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئوبامانىڭ قورسىقىدىكى جىن

ئوباما نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىدۇ ؟

<< مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى >> نىڭ مۇئەللىپى Sammuel Huntington ئۆزى ئېيتقان << مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىغان دۇنيا >> بىلەن كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمدىلا خوشلاشقان كۈنلەردە، دۇنيادىكى 5 – چوڭ ھەربىي دۆلەت بولغان ئىسرائىلىيە 60 يىلدىن بېرى قوللىنىپ باقمىغان ئەڭ ۋەھشىيانە ۋاسىتە بىلەن پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ غەزززە ( گازا ) رايونىنى قانغا بويىدى. ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. ئىسرائىلىيە يالغۇز خاماسنىڭ قۇرال – جابدۇقخانىلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىنى زور تالاپەتكە دۇچار قىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار – زامانىۋىي قۇرال – ياراغ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئاددى پۇقرانى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ بولغان بۇ ۋەھشىيانە قەتلىئام دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نېمىنىڭ ھەقىقى << دۆلەت تېرورىزىمى، State terrorism ، 国家恐怖主义 >> ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرى يۈكسەك دەرىجىدە غەززەگە يەنى غەززەدىكى ئىسرائىلىينىڭ << تېرورلۇق >> ىغا مەركەزلەشكەن، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرساھە كىشىلىرى ئۇشبۇ قەتلىئامغا قارىتا بەس – بەستە ئۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەيدانى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈۋاتقاندا ، پەقەت بىرگىنە ئادەم تاھازىرغىچە قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ، << تۈگە كۆردۇڭمۇ؟ ياق >> دەپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالماقتا. بۇ كىشى دەل دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈمىدىنى زىيادە چوڭ باغلىغان ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان ئەلباشى باراك ئوبامادۇر.

دەرۋەقە، ئوباما رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى تېكساسلىق پادىچى ( بۇش ) نىڭ ئامېرىكىغا ۋەكىل بولۇپ زۇۋان سۈرىدىغىنى ، ئوبامانىڭ ئېغىز غېرىچلاپ ، لۇقما سېلىشىنىڭ ئورنى يوقلىقىمۇ راست. ئەمما، بۇ مەنتىقە بۇندىن بۇرۇن ئاللابۇرۇن بۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. چۈنكى ئوباما ئەلباشلىققا سايلانماي تۇرۇپلا خەلقئارا ئىشلاردا ئۇنى – بۇنى دېيىشكە ، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەشكە كۆنۈپ قالغان ئىدى. ۋە شۇ ئادىتى بويىچە تېخى يېقىندىلا ھېندىستاندا يۈز بەرگەن << بومباي تېرورلۇقى >> غا نىسبەتەن بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە ئۆزگىچە قارىشىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلغان ئىدى. خۇش ، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قېتىم نېمە ۋەجىدىن تۇمشۇقىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ؟
مەيلى ئوبامانىڭ قاياشلىرى نېمىلا دېمىسۇن ، ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى، بىزدە ئۇنىڭ رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئادىل بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشالىشىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلماي قالمايدۇ.
ئوباما سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشنى كۆپرەك تەكىتلەيدىغانلىقنى، ھەتتا ئامېرىكا ئەلباشىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىراننىڭ ئەلباشى بىلەن رەسىمىي كۆرۈشىشىنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ئادىل پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى. كىشىلەر بۇلارغا قاراپ ئوباما ئەلباش بولسا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرىققە تۇتىدىغان پوزىتىسىيىسى بۇش دەۋرىگە قارىغاندا ئادىل ، تېخىمۇ مۆتىدىل بولىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈشكەن ئىدى.
بىراق، ئوباما ئۆتكەن يىلى 7 – ئايدا ئىرۇسالىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى، خاماسنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر گەپنى قىلغان ئىدى. ئۇ : << ئەگەر بىرى تۈن كىچىدە ئىككى قىزىمنىڭ ھۇجرىسىغا بومبا تاشلىماقچى بولسا، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇنداق ھەرىكەتنى توسقان بولاتتىم … مۆلچەرىمچە ئىسرائىلىيەمۇ ماڭا ئوخشاش قىلىدۇ… >> .
بۇندىن باشقا، ئوباما تەشكىللىگەن دىپلوماتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ دىققىتىمىزنىڭ ئاغدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ ئاقساراينىڭ باش مەسلىھەتچىسى Rahm Emanuel بولسا يەھۇدى پۇشتىدىن بولۇپ، 1991 – يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسرائىلىيگە قايتىپ پىدايى ئەسكەر بولغان. بۇندىن باشقا ئوبامانىڭ دۆلەت ئىشلار باش كاتىپى بولماقچى بولغان ھىلارى كلىنتونمۇ ئىسرائىلىيە تەرەپدارى. بىر توپ ئىسرائىلىيەپەرەسلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغان ئوباما نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە قارىتا بۇش ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۆتىدىل ۋە ئۈنۈملۈك بىر ھەل قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالامۇ ؟!
گەرچە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئوباما ۋەزىپىگە ئوتتۇرۇپلا ھەل قىلىۋېتىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، ئۇ ھامان قولىنى تىقمىسا بولمايدىغان << تونۇر > >. ئوباما زادى كەپتەر باشلىغان يولىغا ماڭامدۇ ياكى ئوخشاشلا بۈركۈت ئۇچقان يولغىمۇ ؟ بۇنى يەنىلا سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئوبامانىڭ قورسىقىدىكى جىن

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تارىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. يېڭى بلوگىڭىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن. PJBlog نى ئىلتىماس قىلىش جەريانىڭىزنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. تەدبىركار بلوگنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىنى كۆرگەن بولساممۇ، تازا چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىدىم.
    [reply=Yuksel,2009-01-16 05:57 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
    ئېيتقانلىرىڭىز كەلسۇن ( ئىنشائاللاھ ) . مەزكۇر بلوگنى نەشىر قىلىشتا دوستۇم تەدبىركار ئەپەندى باشتىن – ئاخىرى كۆپ ياردەمدە بولدى. بۇنىڭ باسقۇچلىرىنى قىسىقىچە مۇنداق دەپ بېرىشىم مۇمكىن:
    1. بوشلۇق ئېلىش
    2. مۇستەقىل تور ئىسمى ئېلىش ۋە ئۇنى ئەنگە ئالدۇرۇش
    3. بلوگ پروگىراممىسىنى بوشلۇققا يوللاش ۋە قاچىلاش
    4. بلوگ ئېلان قىلىش[/reply]

تارىم 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟