نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى ۋە 10 چوڭ بلوگ ھەققىدە دىلبايان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
بۇ يازما ئارقىلىق ھەرقايسىلىرىغا تونۇشلۇق بولغان «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» ۋە «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە ھەرقايسىلىرى بىلەن مۇڭداشقۇم كەپ قالدى. شۇ تاپتا قايرىلىپ كەينىمگە قاراپ باقسام، كەمىنە يۈكسەل 2008-يىلى ئۇيغۇر بلوگگېرلار سېپىگە قوشۇلغاندىن بېرى، گاھى ئوڭ گاھى سوڭ دەسسەپ دېگۈدەك، ھەرھالدا سەپتىن قالماي، تور دۇنيارىمىزدىكى مۇشۇ ئۆزگىچە توپ ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە بىر ئىشلارنى قىلىپ كەپتىمەن. نېمە دەيمىز، ئىشقما؟ ھەئە، بلوگ ئىشقى!
بلوگباس سۇپىسىدىكى چاغلاردا «ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ بېقپتىمەن، «رېشتە بلوگ ئۇلىنىشلىرى» نى ئېلان قىلىپتىمەن. مۇستەقىل بلوگ سۇپىسىغا كۆچكەندە بولسا «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى»نى ھەر يىلى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ، ھازىرغىچە جەمئىي 3 نۆۋەت ئۇتۇقلۇق تەشكىللەپ كەپتىمەن، «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى»نى ئېلان قىلىپتىمەن. ئېيتاۋۇر، ھەر ھالدا ئىزىمغا سەكرىمەي، ئاستا ماڭساممۇ ئالغا چامداپ، يۈكسىلىپ كەپتىمەن…
خۇش، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى گۈللىنىپ، تورچىلىقىمىزدا ئۆزىگە خاس كۆلەم ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان سۆيۈنەرلىك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تورداشلارنىڭ بلوگلاردىن ئېرىشىدىغانلىرى كۆپەيگەنچە، بلوگگېرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ ئېشىپ ماڭدى، بىزگە تىكىلىدىغان قاركۆزلەر جىقايدى. دېمەكچى، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يېڭى بىر تەرەققىيات پەللىسىگە قەدەم قويدى. بۇ خىل يېڭىچە مەنزىل، يېڭىچە تەرەققىيات مەن ئۆزۈم بىر قوللۇق تەشكىللەۋاتقان «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ۋە يۈكسەل بلوگى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇز بلوگلارنىڭ جەمگاھى «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى» غا يەنىمۇ يۇقىرى بولغان، يېڭىچە تەلەپلەرنى قويماقتا. ھالبۇكى، بۇ تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن يالغۇز شەخسنىڭ چىقىپ بولالىشى ناتايىن ئىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك قارارغا كەلدىم:

بىرىنچى، يۈكسەل بلوگى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نىڭ تەشكىللەش ھوقۇقى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى (XJCFAN) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. 2012-يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر پائالىيەتنى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ئىككىنچى، يۈكسەل بلوگى باشقۇرۇشىدىكى «ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى»نىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى « ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتماسلىق ۋە قوغلاشماسلىق، بلوگگېرلار ئۈچۈن خالس خىزمەت قىلىش» ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

تورداشلارنىڭ مەزكۇر ئىشتىن ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى، مۇشۇلارغا ئالاقىدار ئىشلار بولسا بىۋاسىتە XJCFAN بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ ئەمدى ئاراڭلارغا قايتىپ، تەڭرىم نىسىپ قىلسا ھەقىقى ئاددىي بلوگگېر سالاھىيىتىدە يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى ۋە 10 چوڭ بلوگ ھەققىدە دىلبايان

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!12 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    تەڭ ئىلگىرلىمەمدۇق . ئۈستىڭىزئۇنچە جىق يۈكىن ئارتىۋالماي ، يۈكسەل بلوگىدا تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ئېلان قىلىپ تۇرارسىز ، لېكىن سىزنىڭ شۇنچە ئىشلارنى بىر قوللۇق پىلانلاپ ، بلوگچىلىق ئىشلىرىغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىڭىزغا ھەرگىز كۆز يۇمۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرڭىزنىڭمۇ تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن .

  2. بىرزات مۇنداق يازغان:

    بۇ يىل 1-بولغان بلوگىرلارغا مۇكاپات بىرىشنى ئويلىشىۋاتقان شىركەت-كارخانىلار خىلى كۆپمىش، قورساق تويغۇدەك مۇكاپات بەرگۈدەك دەيدۇ. بلوگ يازىمەن دېگەنلىرى ئوبدان بوپتۇ. ئەلداۋانىڭ ئىشىمۇ ئۆز يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.

  3. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ئېموشىنلار كۆرۈنمەيدا ما بلوگدا؟

  4. كروران مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلكا جاپا چەكتىڭىز! سىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا قوشقان تۆھپىڭىزنى بىز بلوگگىرلار ئۇنۇتمايمىز، سىزنىڭ بۇ قارارىڭىزنىڭ سىزگە چۈشىۋاتقان بېسىملارنى ئاز-تولا يەڭگىللىتىپ، يۈكسەل بلوگىغا يېڭى-يېڭى مەزمۇنلارنى، يۈكسىلىشلەرنى ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىغىمۇ ئىشىنىمەن، «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولار» دېگەندەك، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

  5. تىلەك مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بىلوگى ئەمدى پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرغۇدەك دە……….
    بۇمۇ ئوبدان بوپتۇ.

  6. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    بۇنى مۇبارەكلەمدۇق يا ؟ ھەجەپ بىلەلمەي قالدىم دىسە ….. ئىشقىلىپ ئەمدى ئارامبەخىش يازمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ھە …

  7. ئۇستاز بىلوگى مۇنداق يازغان:

    سىز قانداق بۇلۇپ بۇنداق خىيالغا كىلىپ قالدىڭىز؟يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپاتنى ئويلاۋاتامسىز يا؟

  8. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    چەۋەندازلار بىلوگى بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  9. ھىكمەت مۇنداق يازغان:

    ياخشى ئويلاپسىز، ئەمدى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئىسىل يازمىلىرىڭىز بىلەن بىلوگنى تىخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

  10. Uydata مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    قىسمەتكام بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن تورغا چىقىپ بولالمىدى، مەن شۇ كىشىنىڭ ئورنىدا بۇ جاۋاپنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. يۈكسەلكامنىڭ بۇ ئىشنى يىللاردىن بۇيان ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.ئاللاھ خالىسا شىركىتىمىز ئىشلارنى ئاۋالقىدىنمۇ ياخشى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  11. بەگتاش مۇنداق يازغان:

    بۇ يىلقى 10داڭلىق بلوگنىڭ ئۇزبلوگدىكى ئۇلىنىشى ئۆزگەرمەپتىغۇ؟ داڭلىق بلوگ قاتارىدا بۇ يىلقى يىڭى بلوگلار تىزىلماپتىغۇ؟ مۇشۇنى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟