-
بىر نامەلۇملۇق ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشتە مۇنداق 3 خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ:
(1) يىلتىزدىن چىقىرىش ئۇسۇلى:
ئومۇمەن، ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەزا بىلەن ئازاد ئەزانىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭلىمىلەرنى كۇب يىلتىزدىن چىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېشىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تەڭلىمە
-
بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ئوڭدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
بۇ ئۇسلۇپ يارىغان بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، يىلتىزدىن چىقىرىشتىن ئىبارەت 6 خىل ئەمەلنىڭ ئەمەل بېجىرىش تەرتىپى ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەر:
(1) تىرناق بولمىغان ئەھۋالدا:
بىر خىل دەرىجىلىك ئەمەللەردى... -
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
1921-يىل
جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟
جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
-
ئوۋ ئىتى ئۆزىدىن 10 مېتىر يىراقلىقتا بىر توشقاننىڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنى قوغلىدى. ئىتنىڭ سەكرەش ئارىلىقى چوڭ بولغاچقا، ئۇ 5 قېتىم سەكرەپ باسقان يولنى توشقان 9 قېتىم سەكرەپ باسالايدۇ، ئەمما توشقاننىڭ ھەركىتى تىز بولغاچقا، ئىت ئىككى قېتىم سەكرىگەن ۋاقىت ئىچىدە توشقان 3 قېتىم سەكرىيەلەيدۇ.
سىزچە ئوۋ ئىتى توشقاننى قوغلاپ يىتىشەلەمدۇ؟ ئەگەر يىتىشەلىسە، قانچىلىك يول ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يىتىشەلەيدۇ؟
-
بۇ ئۇسلۇپ بلوگىمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى ۋە «ئەتىرگۈل ئۇسلۇبى» نىڭ كودلىرىدىن پايدىلىنىپ، بلوگبۇس تارقاتقان «海星蓝» ئۇسلۇبىنىڭ تەگلىك رەسىملىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان. بۇ ئۇسلۇپنى ئىنىم يەنى باغۋەن بلوگى (http://baghwen.blogbus.com) نىڭ بلوگگىرى خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. قارىسام بەزىلەر باغۋەن بلوگىغا بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يېزىپتۇ. شۇڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
-
بۇ ئۇسلۇپ شەكىل جەھەتتىن ئايال (قىز) بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر (ئوغۇل) بلوگگېرلار ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.
-
«ئەتىرگۈل» ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئارامگاھ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كروران بلوگى ئەڭ بۇرۇن دەل مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇپنىڭ بىر قىسىم كام جايلىرىنى تولۇقلىغاچ، بەت كەڭلىكىنى سەل كېڭەيتىپ قويدۇم.
-
تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:
-
2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
-
بۇ سۇئاللار 2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان 5 قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا سۇئاللىرى بولۇپ، جەمئىي 168 يۈرۈش سۇئالنىڭ ھەممىسى تولۇق، ئىچىدە سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ بار. بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەكراردا بۇ سۇئاللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئەگەر يانفونىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان يانفون بولسا ھەم يانفونىڭىزنىڭ تورغا چىقىش مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى ئادرىس ئارقىلىق تارىم بلوگىنى يانفون ئارقىلىقمۇ زىيارەت قىلالايسىز.
-
لوگارىفمىلىق تەڭلىمىلەرنى ھەقىقى سانلار توپلىمىدا يېشىشتە، ئادەتتە مۇنداق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ:
(1) بىر خىل ئاساسقا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى:
بىر خىل ئاساستىكى لوگارىفمىلار بولسا، لوگارىفمىلانغۇچى سانلارنىڭمۇ ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، لوگارىفمىلىق تەڭلىمە ئالگېبرالىق تەڭلىمىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، بۇ ئالگېبرالىق تەڭلىمە يېشىلىدۇ، ئاندىن يىلتىزلار تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇل
-
دوستلار دىققەت قىلدىمىكىن، بلوگىمدىكى تېما ماۋزۇسى، ئىنكاس، تور بەت ئۇلىنىشلىرى قاتارلىق ئۇلترا ئۇلىنىش قىلىنغان ھەر قانداق بىر خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلسەك، خەت ھەر خىل رەڭدە پىلدىرلاپ يۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ...
-
ئاپتورى: ئىنتىل سەيناسىدىن بىلگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بىز ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرگەندە، بەزى بەتلەرنىڭ خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزىلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، يەنە بەزىدە كۆرۈنىدىغان بەتلەرمۇ نورمال كۆرۈنمەيدۇ، google (ئۇيغۇرچە بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىگەندەك خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس بېكەتلەرمۇ بار، بۇنى قانداق قىلغاندا نورمالسىزلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟